ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ۋە رېئاللىقىمىز

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ۋە رېئاللىقىمىز

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى بۇ دۇنيادا ئەزىز، كۈچلۈك قىلىپ ئوبدان ياشىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ۋەدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا ۋە كېيىنكى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. بۇ ۋەدە تا قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىلىرى كوللېكتىپقا قارىتىلغان ۋەدە ۋە شەخسىيلەرگە قارىتىلغان ۋەدە دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

﴿وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنْكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَى لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُمْ مِنْ بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا وَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ﴾ « ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنى يەر يۈزىدە ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن  چىققۇچىلاردۇر»[1]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە كوللېكتىپقا ۋەدە قىلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىبادەتنى تولۇق ئورۇندىغان ۋاقتىدا بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئايەتتە، بىر قانچە تۈرلۈك ۋەدە بايان قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئۇ مۇسۇلمانلارنى «ئۇلار ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن.

مەلۇمكى، دىنىمىزدا ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى مۇئامىلىۋىي ئىبادەت، يەنە بىرى سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر.

 مۇئامىلىۋىي ئىبادەت— دۇرۇسلۇق ۋە ھەققانىيلىق دېگەنلىك بولۇپ، مۇئامىلە بىلەن ئەخلاققا مەركەزلىشىدۇ، يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ۋە مەخلۇقاتقا دۇرۇس ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم»  دېگەن سۆزىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئىبادەت مانا مۇشۇ مۇئامىلىۋىي ئىبادەتتۇر. ئىسلام دىنىمىزنىڭ غايىسى مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەردە ئەكس ئەتكەن.

سىمۋوللۇق ئىبادەت— ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇئان ئوقۇش، زىكىر ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرگە مەركەزلىشىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ. مۇئامىلىۋىي ئىبادەت سىزدىن راست گەپ قىلىشنى، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى، ھەر ئىشتا دۇرۇس ۋە توغرا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەت سىزدىن ناماز ئوقۇشنى، روزا تۇتۇشنى، زاكات بېرىش قاتارلىق پەرزلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇئامىلىۋىي ئىبادەت غايە، سسىمۋوللۇق ئىبادەت ۋاسىتەدۇر. بۇنىڭ مەنىسى سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. 

مۇسۇلمانلار ئاممىسى بۇ ئىبادەتلەرنى جايىدا ئورۇندىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى يەر يۈزىدە «ھۆكۈمران قىلىش»، «ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىش» ۋە «ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىش» قاتارلىق ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

قارايدىغان بولساق، ھازىز بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى، مۇسۇلمانلار «ھۆكۈمران» ئەمەس، «دىنى مۇستەھكەم ئەمەس»، «قورقۇنچلاردىن ئامان» ئەمەس. مانا بۇ ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەھۋالى. ئىبادەت ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان سەۋىيەدە ئورۇندالمىغۇچە بۇ ئەھۋال ئۆزگەرمەيدۇ. ئويلاپ باقايلى! دۇنيادا ئىككى مىليارد مۇسۇلمان بارلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغانلىرى قانچىلىك؟ ئىبادەتنىڭ بېشى بولغان نامازنى ئادا قىلىدىغانلىرى قانچىلىك؟ ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ناھايىتى كۆپ دەپ پەرز قىلىپ، بىر مىليارد مۇسۇلمان ناماز ئوقۇيدۇ دەيلى، بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە كۆرسەتكەندەك، ئوقۇلغان نامازلارنىڭ تولىسى ئىخلاستىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ياكى نىيەت دۇرۇس بولماي، پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئوقۇلغانلىقى سەۋەبلىك قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلىۋەتسەك، ئوتتۇرىدا ئىنتايىن ئاز كىشىلەرنىڭ نامىزى قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبادەت ناماز بىلەنلا ئادا تاپمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا بىزدىن تەلەب قىلغان ئىبادەت سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەرنىمۇ بەجا كەلتۈرۈش بىلەن ئادا تاپىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، ئايەتتىكى «ئۇلار ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدۇ» دېگەن سۈپەتكە لايىق بولغىلى، ئاندىن ياردەم ۋە نۇسرەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئايەتتىكى «ئىبادەت» ناماز، زاكاتقا ئوخشاش سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنى ئىپادىلىگەندەك، دۇرۇسلۇق، تىرىشچانلىق، ئىشلەمچانلىق، ھەققانىيلىق قاتارلىق مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەرنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. 

ئەپسۇسكى، كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنى ئىبادەتنى مەسجىدلەر بىلەن ھەرەمگە مەھبۇس قىلىپ قويغان. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈ ئىبدەت ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆمرە قىلىشتۇر.  ناماز بىلەن ئۆمرە قىلىشنىڭ كاتتا ئىبادەت ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. ئەمما ئىبادەت بۇ ئىككىسىلا ئەمەس، دۇرۇسلۇقتىن ئىبارات مۇئامىلىۋى ئىبادەت ئورۇندالمىسا، ناماز بىلەن ئۆمرەنىڭ مېۋىسى كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى مۇئامىلىۋىي ئىبادەت سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم ئىبادەتتۇر.

 ئۆلىمالار: بىر  قەۋمگە تائالانىڭ ياردىمى كېلىشى ئۈچۈن، شۇ قەۋمنىڭ تەڭدىن كۆپرەكى ئىسلاھ قىلىنغان  بولۇشى شەرتتۇر، دەپ قارايدۇ. ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان ئاد، سەمۇد قەۋملىرى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋملىرى ئىچىدىكى كۇفرىلىق، بۇزۇقلۇق ۋە زالىملىق ئاھالىنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىگەن. شۇڭا ئۇلارغا ئازاب تېگىشلىك بولۇپ قالغان.

ئەمما پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى كەلگەن چاغلاردا، ئىران پادىشاھلىقى بىلەن شەرقىي رىم ئېمپىراتورلۇقى دۇنياغا خوجايىن ئىدى. يەر يۈزى ئۇلارنىڭ سىايىسدىن قورقۇپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا، بۇئىككى چوڭ ھاكىمىيەتنىڭ مۇكەممەل بىلىم ـ ھۈنەرلىك، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن، كۈچلۈك ئەسكەرلىرى مەككە تاغلىرىدىن چىققان، ئەسكەر كۈچى ئاز، دۇنيالىق  بىلىم ـ ھۈنەردە تېخى يېتىلىپ بولالمىغان ئەرەب ئىسلام كۈچلىرىگە تەڭ كېلەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بونىڭ سەۋەبى شوكى، رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلاردا زىنا ـ پاھىشە ئومۇملىشىش نەتىجىسىدە ئەخلاق بۇزۇلغان، ئەمما ئەرەبلەردە ۋەھيىنىڭ تەربىيەسى بىلەن ئەخلاق تۈزەلگەن، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئۆزى كۆرسەتكەن بويىچە ئىبادەت قىلغان، ئىبادەتنى ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ياشاتقان ئىدى.

ئەمدى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلاردىن ھەربىر شەخسكە بەرگەن ۋەدىسىگە كەلسەك، نەل سۈرىسىدە مۇنداق كەلگەن: ﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ «ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە كۆڭۈللۈك بىر ھاياتتا ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلايمىز»[2]. مۇسۇلمانلاردىن قانداقلا بىر ئادەم ئىسلامغا تولۇق ئەمەل قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن «كۆڭۈللۈك بىر ھاياتتا ياشىتىمىز» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىدا شەك يوق.

شەخسلەردىن تەلەپ قىلىنغىنى ئاۋۋال ئۆزىدە، ئاندىن ئائىلىسىدە ۋە جەمئىيىتىدە ئىسلامنى تولۇق ياشىتىشىدۇر. چۈنكى، ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئۆزىدە قۇرماي تۇرۇپ، دۆلەتتە ياكى جەمئىيەتتە قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ زات مەككىدىكى 13 يىللىق دەۋەت مۇساپىسىدە، دەۋىتىنى ئەقىدە ۋە ئەخلاققا مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئەڭ ئاۋۋال مەككە ئەھلىنىڭ قەلبىدە قۇرۇپ چىققان، ئاندىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا، ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان.


[1] نۇر سۈرىسى:55- ئايەت.
[2] نەل سۈرىسى: 97- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار