ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ كرېدىتى

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ كرېدىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«پەرزەتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق ئەسىرىدىن

بانكىدا پۇل قويغان ئادەم ئۇنى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئىشلىتىش ۋە زۆرۈر ھاجەتلەردىن چىقىش ئۈچۈن قويىدۇ. ئىشەنچ كرېدىتىمۇ خۇددى بانكا كرېدىتىغا ئوخشاش مۇھىم ھاجەتلەردىن چىقىش ئۈچۈن سېلىنىدۇ. بانكا كرېدىتىدىكى ئامانەت تۇرمۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغاندەك، ئىشەنچ كرېدىتىدىكى ئامانەت كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىز ھەرقانداق بىر ئادەمگە، خۇسۇسەن بالىلارغا توغرا، سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشىمىز بىزدىكى ئىشەنچ كرېدىتىنى بېيىتىدۇ. ئىشەنچ كرېدىتى باشقا ھېسسىيات سېلىنمىلىرىنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. «ئىشەنچلىك ئادەم» دېگەن ئىشەنچ كرېدىتىغا ئىگە بولۇش بانكىدا مىليون دوللارلىق پۇل كرېدىتىغا ئىگە بولغاندىن يۇقىرىدۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىشەنچ كرېدىتىدا بولىدۇ.

ئىنساندا ھەر خىل كرېدىتلەر بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك كرېدىت ئىشەنچ كرېدىتىدۇر. بۇنداق كرېدىتى بولغان ئادەم ناۋادا خاتالاشسىمۇ ياكى باشقىلار تۆھمەت قىلىپ قارىلىسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئۇنى ئاقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئىشەنچ كرېدىتى ئۇنى شۇنداق ئىشەنچلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان بولۇپ، ئائىلىدىكى ئايال بالىسىنى «بېرى كەل، ساڭا بىر نەرسە بېرىمەن» دەپ چاقىرىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالدىن: «سىز بالىڭىزغا نېمە بەرمەكچى؟» دەپ سورىدى. ئايال: «بەلكى خورما بېرەرمەن» دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەگەر سىز بالىڭىزغا بىر نەرسە بەرمىسىڭىز، سىزگە يالغان ئېيتقانلىقنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەربىر پۇرسەتتە كىشىلەرگە تەلىم بېرىشنى قولدىن بەرمەيتتى. ئايالنىڭ بالىسىغا ۋەدە قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە بەرمەسلىكى ئۆزىدىكى ئىشەنچ كرېدىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈپ قويۇش ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئايالغا شۇنداق دېگەن. ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ئىشەنچ كرېدىتىنى نۆلگە ئايلاندۇرۇشى بىرەر قېتىم يالغان ئېيتىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان شۇنچىلىك ئوڭاي ئىش. ئەمما نۆلگە ئايلانغان كرېدىتىنى ئون دەرىجىگە ياكى يىگىرمە دەرىجىگە كۆتۈرۈش ئوڭاي ئەمەس، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. بۇ چېقىۋەتكەن چىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغاندەك ئىشتۇر. چۈنكى سىز بالىڭىزغا بىر قېتىم يالغان ئېيتىپ قويۇپ، ئارقىدىن ئون قېتىم، ئەللىك قېتىم، ھەتتا يۈز قېتىم راست سۆزلىسىڭىزمۇ، پەرزەنت سىزگە تولۇق ئىشەنچ قىلالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە «دادام ماڭا بىر قېتىم يالغان سۆزلىگەنتى، بەلكى بۇ قېتىممۇ يالغان ئېيتىدىغاندۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر پەرزەنت سىزدىن بىرەر قېتىممۇ يالغان سۆز ئاڭلىمىغان بولسا، بىرەر قېتىممۇ ۋەدىڭىزنى بۇزمىغان بولسىڭىز، پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىرلىشىپ سىزنى يالغانچى دېسىمۇ، پەرزەنت ئۇلارغا قەتئىي ئىشەنمەيدۇ ۋە سىزنى جېنىنى تىكىپ قوغدايدۇ.

ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچلىك ئادەم بولۇشى لازىم. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا، ئۇ ئادەم ھەرقانچە ئۆلىما ياكى زىيالىي بولۇپ كەتسىمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە غەلىبە قىلالمايدۇ. سەمىمىي بولۇش دېگەن لەۋزىدە تۇرۇش، راستچىل بولۇش، ئېيتقانلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ كرېدىتى ئۇلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ھالقا ھېسابلىنىدۇ. ئىشەنچ كرېدىتى كۆپەيگەنسېرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ، ئۇ تۆۋەنلىگەنسېرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاجىزلىشىدۇ. ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ كرېدىتىنىڭ نۆلگە چۈشۇپ قېلىشى ئىشەنچنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى

ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغان خاتالىقتۇر. ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنچ قىلمىغان بالا، قانداقمۇ ئۇلارنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلسۇن؟

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى، بالىغا قىلغان تەھدىدلىرىنى ئىجرا قىلماسلىقى، يالغان سۆزلىشى ۋە ساختىپەزلىك قىلىشى قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردۇر.

ئاتا-ئانا بالىسىغا تۈنۈگۈن بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بالىلار بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنۇتمايدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاددىي ساناشنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىدە بالىلارنى قورقۇتۇش نىيىتى بىلەن «ئۆلتۈرىمەن»، «بوينۇڭنى ئۈزىمەن» دېگەنگە ئوخشاش تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشى بالىلارنى تېخىمۇ ئىسيانكارلىققا مايىل قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە بوينىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ. شۇڭا ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەلىك لازىم.

 

بۇ خاتالىقنىڭ زىيانلىرى

1. بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ قىلغان چىرايلىق نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەھدىدلىرىدىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. نەتىجىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

2. بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇ ئىشەنچنى كوچىدىكى دوستلىرىغا، ياكى مۇئەللىمىگە، ياكى ساۋاقداشلىرىغا باغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ دوستلار، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلار ئۈلگە بولۇشقا تېگىشلىك دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بولسىغۇ مەسىلە يوق. ناۋادا ئۇلار ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز، ھەتتا ئىمانسىز كىشىلەردىن بولۇپ قالسىچۇ؟ بۇ چاغدا ئەھۋال نېمە بولماقچى؟

شەكسىزكى بۇ ئەھۋالدا، بالىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەڭلا زىيان تارتقىنى تارتقان. بۇ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش بەكمۇ قىيىن، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس.

3. ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ۋە ئۇلاردىن ياردەم سوراشنى خالىمايدىغان بالىلار باشقىلاردىنمۇ ئاغرىنىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان، كىشىلەردىن قاچىدىغان بولۇپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇ بارىدىغان دوستى، مۇئەللىمى ۋە ساۋاقدىشى ھەمىشە ئۇنىڭ دەرتلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بولىدۇ.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى

1. ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش لازىم، ئۇلار ئاتا-بالا ئەمەس، گويا دوستلاردەك سىرداش بولۇپ كېتىشى كېرەك.

2. بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئائىلىنىڭ بەزى ئىشلىرى ۋە پىلانلىرى توغرىلىق ئۇلارغا مەسلىھەت سېلىش، ھەمدە ئۇلارغا يېشىغا ۋە سەۋىيەسىگە مۇناسىپ ئائىلە مەسئۇلىيەتلىرىنى يۈكلەش.

3. ئاتا-ئانا بالىلارغا قىلغان ۋەدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىشى، ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئىشقا ۋەدە بەرمەسلىكى لازىم. مۇبادا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغاندەك بولۇپ قالسا، دەرھال بالىلارغا ئۆزرىسىنى ئېيتىپ چۈشەندۈرۈش بېرىشى لازىم. (پېقىرنىڭ «پەرزەتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق ئەسىرىدىن).


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار