شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى

شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى
شەيتان ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىش ۋە گۇناھ، يامان ئىشلارنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىشتىن باشقىسىنى قىلالمايدۇ. شەيتانغا ئەگەشكەن ئىنسان خاتالىقلارنى، گۇناھ _ مەسىيەتلەرنى ۋە بارچە يامانلىقلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ قىلغانلىرىدىن پەقەت ئۆزىلا جاۋابكار بولىدۇ، شەيتانغا بۇلاردىن ھېچ نەرسىنى يۈكلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئازدۇرغان شەيتان بولسىمۇ، گۇناھنى ئىشلىگەن ئىنساننىڭ ئۆزىدۇر.

ئىسلام مەنبەلىرىدە شەيتان ھەققىدە كۆپلىگەن ھەقىقەتلەر بار. ئۇلارنىڭ قىسقىچە بايانى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى ھەقىقەت
شەيتان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. پەقەت شەيتانغا ئەگىشىپ، ئىختىيارىي ھالدا ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى شەيتاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىسقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن:

﴿إِنَّ عِبَادِيْ لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ إِلاَّ مَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْغَاوِيْنَ﴾ يەنى ﴿مېنىڭ بەندىلىرىم ئۈستىدە سېنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقىڭ يوق. پەقەت ئازغۇنلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾([1])

﴿إِنَّ عِبَادِيْ لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ وَكَفَى بِرَبِّكَ وَكِيْلاً﴾ يەنى ﴿شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.﴾([2])  

﴿فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ فَاسْتَعِذْ بِاللّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ { إِنَّهُ لَيْسَ لَهُ سُلْطَانٌ عَلَى الَّذِيْنَ آمَنُواْ وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُوْنَ { إِنَّمَا سُلْطَانُهُ عَلَى الَّذِيْنَ يَتَوَلَّوْنَهُ وَالَّذِيْنَ هُمْ بِهِ مُشْرِكُوْنَ﴾ يەنى ﴿سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلەرنىڭ ۋە رەببىگە ئىشەنچ بىلەن  يۆلەنگۈچىلەرنىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ. شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.﴾([3])

يۇقىرىقى ئايەتلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا شەيتانغا ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىش ۋە يامان ئىشلارنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا قۇدرەت بەرمىگەن. شەيتانلارنىڭ كۈچى پەقەت ئىختىيارى ھالدا تىزگىنىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلار ۋە ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن رەھبەر ئورنىدا تۇتقانلارغىلا يېتىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن شەيتان قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىدۇ ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلىدۇ:

﴿وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الأَمْرُ إِنَّ اللّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُم مِّنْ سُلْطَانٍ إِلاَّ أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِيْ فَلاَ تَلُوْمُوْنِيْ وَلُومُواْ أَنْفُسَكُمْ مَّا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ إِنِّيْ كَفَرْتُ بِمَآ أَشْرَكْتُمُوْنِ مِنْ قَبْلُ إِنَّ الظَّالِمِيْنَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيْمٌ﴾ يەنى ﴿(ھېساب ئېلىش ئىشى ئاخىرلىشىپ) ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ۋەدىنى قىلغان ئىدى، مەنمۇ سىلەرگە  ۋەدە قىلغان ئىدىم، ئەمما مەن (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم. زادى مېنىڭ سىلەرنى (كۇفرىغا زورلىغۇدەك) كۈچۈم يوق ئىدى. مەن پەقەت سىلەرنى دەۋەت قىلدىم، سىلەرمۇ (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملارغا قاقشاتقۇچى ئازاب باردۇر» دەيدۇ ﴾([4])

ئىككىنچى ھەقىقەت
شەيتاننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ۋەزىپىسى پەقەت ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن كۆپرەكىگە شەيتاننىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئىنسان شەيتاننىڭ ئۇنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ۋەسۋەسە سالغانلىقىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىنسان ئۆز _ ئۆزىنى بىر باھانىلەر بىلەن قاندۇرىدۇ-دە، شەيتان قىزىقتۇرغان گۇناھقا يۈزلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:

﴿قُلْ أَعُوْذُ بِرَبِّ النَّاسِ{ مَلِكِ النَّاسِ { إِلَهِ النَّاسِ { مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ { الَّذِيْ يُوَسْوِسُ فِيْ صُدُوْرِ النَّاسِ { مِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ﴾ يەنى ﴿«ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ)قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن﴾([5])

﴿إِنَّ الَّذِيْنَ ارْتَدُّوْا عَلَى أَدْبَارِهِمْ مِّنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَى لَهُمْ﴾ يەنى ﴿توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلارغا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى(يالغان ۋەدىلەر بىلەن) تىندۇردى﴾([6])

شەيتان ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ تەدبىر قوللانسىمۇ، بەرىبىر ئۇنىڭ تەدبىرى ئاجىزدۇر:

﴿إِنَّ كَيْدَ الشَّيْطَانِ كَانَ ضَعِيْفًا﴾ يەنى ﴿شەيتاننىڭ ھىيلىسى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر﴾([7])

ئۈچىنچى ھەقىقەت
ئاللاھ تائالا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تۈرتكىلىرى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن شەيتاننى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا بەلگىلىگەن.([8])

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ دىنىي چارىسى
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللّهِ إِنَّهُ سَمِيْعٌ عَلِيْمٌ { إِنَّ الَّذِيْنَ اتَّقَواْ إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِّنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُواْ فَإِذَا هُمْ مُّبْصِرُوْنَ﴾ يەنى ﴿ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ھامان ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە بىلگۈچىدۇر. تەقۋادارلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ - دە، ھامان ھەقىقەتنى كۆرىۋالىدۇ﴾([9]) (پېقىرنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن).([1]) 15- سۈرە ھىجر 42- ئايەت
([2]) 17- سۈرە ئىسرا  65- ئايەت
([3]) 16-سۈرە نەھل 98~100- ئايەتلەر
([4]) 14- سۈرە ئىبراھىم 22- ئايەت
      ([5]) 114- سۈرە ناس
([6]) 47- سۈرە مۇھەممەد 25- ئايەت
([7]) 4- سۈرە نىسا 76- ئايەت
([8]) مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مەيدانىينىڭ «الأخلاق الإسلامية» يەنى( ئىسلام ئەخلاقى) ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
([9]) 7- سۈرە ئەئراف 200-، 201- ئايەتلەر


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار