ياخشى سۆز ۋە يامان سۆز

 

ياخشى سۆز ۋە يامان سۆز

مۇھەممەد يۈسۈپ

ياخشى سۆز ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان، ئىنسانلارنى خۇش قىلىدىغان، كۆڭۈللەرنى راھەتلەندۈرىدىغان، قەلبلەرنى ئاچىدىغان، روھنى كۆتۈرىدىغان، دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان، مۇھەببەتنى ئاشۇرىدىغان، گۈزەل تەسىرى مەڭگۈ قالىدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. كىشىلەرگە ياخشى ۋە گۈزەل سۆزلەرنى قىلىش دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:  ﴿وَقُل لِّعِبَادِى يَقُولُوا۟ ٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ ﴾«بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار (گەپ قىلغاندا ۋە مۇنازىرىلەشكەندە) ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان[1].

كۈندىلىك ھاياتىمىزدا مىڭلارچە گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ گەپلەرنىڭ ئىچىدە بىز قەتئىي ئۇنتۇيالمايدىغان، كۆڭلىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. بىز ئۇنتۇيالمايدىغان ۋە كۆڭلىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدىغان ئاشۇ گەپلەر يا بىزنى ئۇنتۇلماس خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان، روھىمىزنى كۆتۈرىدىغان، ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدىغان، بىزگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ئىجابىي سۆزلەر بولىدۇ ياكى قەدەمدە يۈرىكىمىزنى ئېزىپ، كۆڭلىمىزنى بىئارام قىلىپ، روھىمىزنى ئازابلاپ تۇرىدىغان سەلبىي سۆزلەر بولىدۇ. شۇنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىز قىلغان ياخشى-يامان ھەربىر سۆزىمىزنىڭ ھېسابىنى بېرىمىز. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ﴾ « ئىنسان قانداقلا بىر سۆزنى قىلسۇن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېنىدا كۆزىتىپ (ۋە يېزىپ) تۇرىدىغان ھازىر پەرىشتە بولىدۇ.» (سۈرە قاف، 18 - ئايەت). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ كۈندىسى توغرۇلۇق: «بويى پاكار ئايال« دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ: « دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭ. چۈنكى، سىز دېڭىزغا تۆكسە ئۇنى قاپقارا قىلىۋېتىدىغان يامان سۆزنى قىلدىڭىز» دېگەن. نۇرغۇن كىشىلەردە تەقۋالىقتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىزلىشىپ قالغانلىقتىن، سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئويلاپ قويمايدىغان ۋە ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلار ھارام يېيىشتىن قورقىدۇ، زىنا قىلىشتىن قورقىدۇ، ئەمما ھارام يېيىشتىنمۇ، زىنادىنمۇ چوڭ، گۇناھى ئېغىر بولغان ئەزىيەت بېرىش، تۆھمەت قىلىش، غەيۋەت قىلىش قاراتلىق قىلمىشلارنى ئىككىلەنمەي قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىراۋ ھارام يېسە ياكى زىنا قىلسا ۋەياكى قىمار ئوينىسا، بۇ قىلمىشلارنىڭ گۇناھى ئۇنى سادىر قىلغان كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھ تائالا كەچۈرىدۇ، ئەمما ئازار بېرىش، ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش، غەيۋىتىنى قىلىش، تۆھمەت قىلىش دېگەندەك باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ھەق-ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ ئاللاھ ئاتالاغا تەۋبە قىلسىمۇ، ئۇنى ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ. چۈنكى، ئالدىنقىسى، ئاللاھ تائالانىڭ «قىل»، «قىلما» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى تەۋبە بىلەن ھەتتا تەۋبەسىزمۇ كەچۈرۈۋېتىدۇ. كېيىنكىسى «قۇل ھەققى» بولۇپ، ئۇنى بەندە كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ. كاشكى، بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم بۇ ھەقىقەتنى بىلسە ئىدى.

شەكسىزكى، ياخشى سۆزنىڭ ھاياتىمىزغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرىنى، يامان سۆزنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. مەسىلەن: بەزىدە«سىز چوقۇم قىلالايسىز» دېگەنگە ئوخشىغان بىرەر ئېغىز ئىجابى سۆزنىڭ بىراۋنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكىنىگە، «سىز قىلالمايسىز» دېگەنگە ئوخشىغان بىرەر سەلبىي سۆزنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قارايتىپ، غايە ۋە مەقسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشىگە سەۋەب بولغىنىغا ئوخشاش. ياخشى سۆز ئىنسانغا خۇشاللىق، ئۈمىد، غەيرەت-شىجائەت بېغىشلايدۇ ۋە ئۇنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ، غايىسىگە يەتكۈزىدۇ. يامان سۆز ئىنساننى غەمكىن قىلىدۇ، ئۆگىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ، يولىدىن توسۇپ قويىدۇ يامان سۆزلەرنىڭ خەتىرى شۇنچىلىك چوڭكى، ئىنسانلار يامان سۆزلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان تالانتلارنى ۋە قابىلىيەتلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. خۇسۇسەن، بالىلارنىڭ كېلەچېكىنى ئۆلتۈرىدۇ.

يامان گەپنى قىلغۇچى ئۇنى نورمالدا ئۇنتۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئاڭلىغۇچى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدۇ ۋە ھەر قېتىم ئېسىگە كەلگەندە يۈرىكى بىر مۇجۇلىدۇ، ئاھ تارتىدۇ، ئازابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان ئويلىماستىن بىر سۆزنى قىلىدۇ. بۇ سۆز ئۇنىڭ دوزاختا يەتمىش يىل قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى).

﴿أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرَةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِى ٱلسَّمَآءِ . تُؤْتِىٓ أُكُلَهَا كُلَّ حِينٍۭ بِإِذْنِ رَبِّهَا ۗ ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ياخشى سۆز يىلتىزى مۇستەھكەم بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، رەببىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ۋاقتى _ ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ»[2]. بۇ ئايەت ياخشى سۆزنى نېمىدېگەن مۇكەممەل تەسۋىرلىگەن-ھە! خۇددى مېۋىلىك دەرەخنىڭ مېۋىلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن بولمىغاندەك، ياخشى سۆزنىڭ قەلبلەردە قالدۇرىدىغان گۈزەل تەسىرلىرىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.

﴿وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٍ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ ٱجْتُثَّتْ مِن فَوْقِ ٱلْأَرْضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٍ﴾«يامان سۆز يەرنىڭ ئۈستىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، يىلتىزى يوق ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ» [3]. يامان سۆز ياخشى ئەمەللەرنى يەپ تۈگىتىشتە خۇددى يىلتىزى قومۇرۇپ تاشلانغان، ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئايەتلەرگە ئۇلاپ مۇنداق دېگەن: ﴿يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱلْقَوْلِ ٱلثَّابِتِ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّـٰلِمِينَ ۚ وَيَفْعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ﴾ «ئاللاھ مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى (ھەقىقەتتىن) بۇرۇۋېتىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ»[4]. يەنى ئاللاھ تائالا ياخشى سۆزلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، يامان سۆزلەرنى ۋە يامان ئەمەللەرنى قىلىشتىن ساقلانغان ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى بۇ دۇنيادا شەيتاننىڭ ۋە نەپسىنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ساقلايدۇ، جان ئۈزىدىغان ۋاقتىدا ۋە قەبرىدە سوئال-سوراق قىلىنغاندا مۇستەھكەم ئىمان بىلەن مەھكەم تۇرغۇزىدۇ.


[1]  ئىسرا سۈرىسى: 53 – ئايەت.
[2]  ئىبراھىم سۈرىسى: 24 –25- ئايەتلەر.
[3] ئىبراھىم سۈرىسى: 26 – ئايەت.
[4] ئىبراھىم سۈرىسى: 27 – ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار