ئۇيغۇر تىل قائىدىلىرىمىزنى قوغدايلى

ئۇيغۇر تىل قائىدىلىرىمىزنى قوغدايلى

مۇھەممەد يۈسۈپ

  دۇنيادا ھەرقانداق بىر تىلنىڭ يېزىش ۋە ئوقۇش قائىدىلىرى بولغىنىدەك، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭمۇ يېزىش، ئىپادىلەش ۋە ئوقۇش جەھەتتە ئالاھىدە قائىدە-پىرىنسىپلىرى بار. ئانا ۋەتەندىن يىراقتا بولغانلىقىمىز، كۆپلىرىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك شۇنداق بولۇۋاتامدۇ بىلمىدىم، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بىر نەرسە يازىدىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۇلار دېمەكچى بولغانلىرىنى خۇددى ئاغزاكى ئاڭلاتقاندەكلا يېزىۋېرىدۇ، سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىلىرىنى ۋە ئىپادىلەش يوسۇنلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن كۆپ خەۋىرى يوق دوستلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ ئۆگىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىمىزدە نېمىنى ئۆگىنەي دېسەك، ئېنتېرنېت بىزگە ھامان چىقىرىپ بېرىدۇ، ئۆگەنمەسلىكتە بىزنىڭ قەتئىي ئۆزرىمىز يوق. چۈنكى ۋاقتىمىز بار، شارائىتىمىز بار، ئۆگىنىشكە ماتېريىاللار تولۇق بار.

  فېسبۇك، ۋاتساپ توپلىرىغا يېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە يازمىلارنىڭ كۆپلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، ھەركىم ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى چىقىرىۋالغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر چۈشىنەمدۇ چۈشەنمەمدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ئىشقىلىپ بىر نەرسە يازسا بولدى. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بۇنداق بۇزۇش توغرا ئەمەس.

ئۇيغۇرلار قايسى دۆلەتتە تۇرغان بولسا، شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى بىزنىڭ گۈزەل  ئۇيغۇر تىلىمىزغا بىلىپ، بىلمەي قوشۇپ قويىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇرۇن ئەرەبچە ئوقۇغانلار ئۇيغۇرچە يازمىلىرىغا ئەرەبچە سۆز، ئىبارىلەرنى قوشۇپ قويىدۇ، دەپ دەردلىنەتتۇق. ئەمدىلىكتە، تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يازمىلىرىغا بىلىپ، بىلمەي تۈركچە سۆز، ئىبارىلەرنى قوشۇپ قويۇۋاتىدۇ. سۆزلىسدەم بۇنىڭغا مىساللار ئىنتايىن كۆپ، ھەتتا بەزى قېرىنداشلار تۈركچە سۆزلەرنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇيغۇرچە بويىچە ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: hos bulduk  دېگەن سۆزنى «خوش بولدۇق» دەپ ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش. ئەسلىدە بۇ سۆز geldiniz  دېگەن قارشى ئېلىش سۆزىگە جاۋابەن ئېيتىلىدىغان سۆز بولۇپ، «سىلەرمۇ ياخشى تۇرۇپسىلەر» دېگەن مەنىدە، قارشى ئالغان كىشىلەرگە قارىتىلغان سۆزدۇر، ھەرگىزمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغۇچىلارنىڭ خوش بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇلار بۇنى  ئاز دېگەندەك، گرامماتىكا جەھەتتىمۇ تۈركچىگە كېتىپ قېلىۋاتىدۇ. «مەرىپەت» ژۇرنىلىغا كەلگەن ماقالىلارنى تەھرىرلەش جەريانىدا، بىزگە شۇ ئەھۋاللار كۆرۈلدىكى، ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسى ئۇيغۇر تىلى يېقىن بولغانلىقتىن، كۆپ ساندىكى قېرىنداشلار ئۇيغۇرچىنى تۈركچە ئىپادىلەيدىغان، ئۇيغۇرچە يازمىنى تۈركچە لوگىكا بويىچە يازىدىغان بولۇپ قالغان. دېسەم مىسال كۆپ. بىرلا مىسال كەلتۈرەي: بەزى قېرىنداشلار ئۇيغۇرچە يازمىلىرىدا ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسىگە ئەگىشىپ، جۈملىدە ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش قويىدىغان بولۇپ قالغان. بۇنداق قىلىش ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسى بويىچە ئېيتقاندا دۇرۇس، ئەمما ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا توغرا ئەمەس. مەسىلەن تۈركچىدە:

İman, ibadetı gerektirir دېگەن سۆزدە، İman  دېگەن سۆز  ئىگە،  ibadetı gerektirir دېگەن سۆز خەۋەردۇر. بۇنى ئۇيغۇرچىدا يازغاندا،  «ئىمان ئىبادەتنى تەقەززا قىلىدۇ» دەپ يازىمىز. چۈنكى ئۇيغۇرچىدا ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش كەلمەيدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار