شېئىر ۋە شائىرلىق ھەققىدە

شېئىر ۋە شائىرلىق ھەققىدە
(«دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب» ناملىق ئەسەردىن)

 

1750. سوئال: شېئىر ۋە شائىرلىق ھەققىدە ئىسلام كۆرسەتمىسى قايسى؟

          جاۋاب: شېئىر باياننىڭ بىر تۈزى بولۇپ، ھەر قانداق سۆزنىڭ ياكى باياننىڭ ياخشىسى ۋە يامىنى بولغىنىدەك، شېئىرنىڭمۇ ياخشىسى ۋە يامىنى بولىدۇ. شېئىر ئۆز زاتىدا ھالال ياكى ھارام دېيىلمەيدۇ، بەلكى مەزمۇنىغا قاراپ ھالاللىق ياكى ھاراملىق ھۆكۈمىنى ئالىدۇ. مەسىلەن: بىراۋدا بار پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى ئەينەن ماختاپ يېزىلغان شېئىرلار ھالاللىق دائىرىسىگە كىرگىنىگە، ئەكسىچە بىراۋدا يوق ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە پەزىلەتلەرنى بار دەپ ماختاپ يېزىلغان ياكى بىراۋنى يالغاندىن قارىلاپ، ئۇنىڭ ئابرويىنى تۆكۈپ يېزىلغان شېئىرلاردا يالغانچىلىق بىلەن ھەقسىزلىك مەۋجۇد بولغانلىقى سەۋەبلىك، مۇنداق شېئىرلار ھاراملىق دائىرىسىگە كىرگىنىگە ئوخشاش.

   شائىرلىقمۇ خۇددى يازغۇچىلىققا ئوخشىغان بىر تالانت. ئۇنى ئۆز يولىدا قوللىنىش ياخشى بولغىنىدىك، يولسىزلىق بىلەن قوللىنىش ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شائىرلار توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ﴿شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ. پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾([1]).  چۈنكى شائىرلاردا مەدھىيە ۋە سۆكۈشتە ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىش خاھىشى كۆپ كۆرىلىدۇ.

  مەدھىيىنى چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىپ بىراۋدا بولمىغان خىسلەتلەر ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى زورىغا مەدھىيىلەش يالغان ئېيتقانلىق بولىدۇ. سۆكۈشتىمۇ بىراۋنى ياكى بىرەر نەرسىنى ناھەق سۆكۈش ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغانلىق، ھەددىدىن ئاشۇرۇپ سۆكۈش ئۇنىڭغا ھەقسىزلىق قىلغانلىق بولىدۇ. يالغانچىلىق، ھەقسىزلىك ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار ئىسلام دىنىدا قەتئىي چەكلەنگەن ھارام ئىشلار قاتارىدىن سانىلىدۇ([2]).

   شېئىر ۋە شائىرلىقنى ئۆز يولىدا قوللىنىش ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىغان ئىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭ يېنىدا شېئىرلارنى ئېيتاتتى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسسان ئىبنى سابىت قاتارلىق شائىر ساھابىلارنى شېئىر يېزىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. تۆتىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبمۇ تالانتلىق شائىرلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان شېئىر توپلاملىرى ھازىرمۇ ساقلىنىپ ۋە نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە.

     تۆۋەندە تاللانغان بەزى شېئىرلار بېرىلىدۇ:

ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ھەققىدە([3])
           سَلْ الوَاحَةَ الخَضْراَءَ وَالمْاَءَ جَارِياً                   وَهذِهِ الصَّحَارِي وَالجْبِاَلَ الرَّوَاسِيَا

           سَلْ الرَّوْضَةَ مُزْدَاناً وَالزَّهْرَ وَالنَّدَاء                   وَسَلْ كُلَّ شَيْئٍ تَسْمَعُ الحَمْدَ سَارِياً

           فَلَوْ جَنَّ هَذَا الَّلْيلُ وَامْتَدَّ سَرْمَداً                   فَمَنْ إِلَهٌ غَيْرُ رَبِّي يُرْجِعُ الصُّبْحَ ثَانِياً.

     تەرجىمىسى:

           سورا دەشتە چۆللەردىن، سورا ئېگىز تاغلاردىن،

           سورا ئاققان سۇلاردىن، سورا يېشىل باغلاردىن،

           سورا گۈزەل بوستاندىن، سورا چېچەك، شەبنەمدىن،

           ئاڭلايدىغان مەدھىنى سورا بارچە ئالەمدىن،

           گەر ئۇزارسا بۇ كېچە، زۇلمەت بېسىپ ھەممىنى،

           بارمۇ ئۆزگە رەببىمدىن قايتۇرغۇچى سۈبھىنى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدھىيىسى ھەققىدە
           وَأَحْسَنَ مِنْكَ لمَ ْتَرَ قَطْ عَيْنٌ           وَأَجْمَلُ مِنْكَ لمَ ْتَلِدْ النِّسَآءُ

           خُلِقْتَ مُبَرَّءاًً مِنْ كُلِّ عَيْبٍ          كَأَنَّكَ قَدْ خُلِقْتَ كَمَا تَشَآءُ

     تەرجىمىسى:

           سەندىن ئېسىلنى كۆرگەن ئەمەس كۆز،

           ئاياللار تۇغمىدى سەندىن گۈزەلنى،

           ھېچبىر ئەيىبسىز، ساپساق تۆرەلدىڭ.

           گويا خەلق ئەتتىڭ شۇنداق ئۆزەڭنى

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «دوستلار ۋە زامان» ناملىق شېئىرىدىن([4])
     تغيـرت المـودة و الاخـاء         وقل الصدق و انقطع الرجاء

     وأسلمني الزمان الى صديق      كثير الغدر ليس لـه رعـاء

     وربّ أخ وفيت لـه بحـق         ولكن لا يـدوم لـه وفـاء

     أخلاء إذا استغنيـت عنهـم        وأعـداء إذا نـزل البـلاء

     يديمون المودة مـا رأونـي          ويبقى الود ما بقي اللقـاء

     وإن أغنيت عن أحد قلانـي     وعاقبني بما فيـه اكتفـاء

     سيغنيني الذي أغنـاه عنـي       فلا فقـر يـدوم و لا ثـراء

     وكـل مـودة لله تصـفـوا ولا يصفوا مع الفسق الإخاء

     وكـل جراحـة فلهـا دواء           وسوء الخلق ليس لـه دواء

     و ليس بدائـم أبـدا نعيـم         كذاك البؤس ليس له بقـاء

     إذا انكرت عهدا مـن حميـم       ففي نفسي التكرم و الحيـاء

     إذا ما رأس أهل البيت ولى     بدا لهم من النـاس الجفـاء

     تەرجىمىسى:

     دوستلۇق، ۋاپا ئۆزگىرىپ، راستچىللىق ئازىيىپ كەتتى.

     زامان كەلدى، تەقدىرىم     ۋاپاسىز قولىغا ئۆتتى.

 

     ۋاپا قىلسام كىمگىكى، ئۇنىڭدىن كەلگىنى جاپا،

     ياردەم قىلسام دوستلىرىم، دۈشمەندۇر كەلگەندە بالا.

 

     ئىزھار قىلار دوستلۇقنى، قاچانكى كۆرگەندە مېنى،

     ئەسكە ئالماس، خوشلىشىپ يېنىدىن كەتكەندە مېنى.

 

     بىرى يىللاپ كۆرمىسە، سوراپمۇ قويمايدۇ مېنى،

     يوقلۇقۇمدا قانغۇچە، سۆكىدۇ، تىللايدۇ مېنى.

 

     ئۇنى قىلغان بىھاجەت مېنىمۇ قىلغۇسى شۇنداق،

     داۋام قىلماس پېقىرلىق، بايلىقمۇ تۇرمايدۇ مۇنداق.

 

     ئاللاھ ئۈچۈن دوستلۇق پاك-پاكىز، سۈزۈكتۇر ھەرئان،

     چوقۇم زىيان تارتىدۇ دوستلۇققا ئاسىيلىق قىلغان.

 

     قانداقلا بىر يارا بولمىسۇن، تېپىلار ئۇنىڭغا شىپا

     يامان خۇلققا چىقمايدۇ، ئەزەلدىن بىرەرمۇ داۋا.

 

     ئەمەس نېمەت مەڭگۈلۈك، جاپامۇ ئەلۋەتتە شۇنداق،

     تۇزكورلۇقنى دوستۇمغا، بۇ كۆڭلۈم كۆتىرەر قانداق.

 

     ئىش باشقۇرسا ئەھلى بەيت، ئىنسانلار يۈز ئۆرۈر ھامان،

     ئۇنى ئاز دەپ ئارقىدىن مىڭ جاپا كەلتۈرۈر ھامان.

«بۇردە»ناملىق مەشھۇر قەسىدىدىن پارچە[5]
     مُحَمَّدٌ أَشْـرَفُ اْلأَعْـرَابِ وَالْعَجَــمِ  مۇھەممەد ئەرەب- ئەجەمنىڭ ئېسىلى،

     مُحَمَّدٌ خَيْرُ مَنْ يَمْشِي عَلَى قَدَمٍ  مۇھەممەد ئىنسان نەسلىنىڭ سەرخىلى،

 

     مُحَمَّدٌ بَاسِـطُ الْمَعـْـرُوفِ جَـامِعُـهُ    مۇھەممەد پۈتۈن ياخشىلىق ئۈلگىسى،

     مُحَمَّدٌ صَـاحِبُ اْلإِحْسَانِ وَاْلكَــرَمِ            مۇھەممەد ئاتا- ئىھساننىڭ ئىگىسى،

 

     مُحَمَّدٌ تـَـاجُ رُسُــلُ اللهِ قـَاطِبَـةً      مۇھەممەد بارچە رەسۇللار تاجىسى،

     مُحَمَّدٌ صَـادِقُ اْلأَقْــوَالِ وَاْلكَلِـمِ    مۇھەممەد راستچىل-راستچىللار خۇجىسى،

 

     مُحَمَّدٌ ثـَابِـتُ اْلمِيْثـَاقِ حَـافِـظُهُ     مۇھەممەد ئەھدۇ-مىساقنىڭ ئەمىنى

     مُحَمَّدٌ طَـيِّبُ اْلأَخْلاَقِ وَالشِّيَــمِ   مۇھەممەد ئەدەب-ئەخلاقنىڭ ئەمىرى،

 

     مُحَمَّدٌ خُـبِـيَت بِالنُّــورِ طِـيْنَتُـهُ     مۇھەممەد نۇردىن يارالغان پاگىرى،

     مُحَمَّدٌ لَمْ يَـزَلْ نُــوراً مِنَ القِــدَمِ     مۇھەممەد نۇردۇر، ئەلمىساقتىن بىرى،

 

     مُحَمَّدٌ حـَـاكِمٌ بِالْعَدْلِ ذُو شَـرَفٍ  مۇھەممەد ئەدلى- ئادالەت تىمسالى،

     مُحَمَّدٌ مَـعْـدَنُ اْلإِنْعَامِ وَالْحِكَــمِ    مۇھەممەد ئالىي مەدەننىڭ مىسالى،

 

     مُحَمَّدٌ خَيْرُ خَلْقِ اللهِ مِنْ مُضـِـرٍّ   مۇھەممەد ھەممە ياخشىلار ئەۋۋىلى،

     مُحَمَّدٌ خَــيْرُ رُسُـلُ اللهِ كُلِّهِــمِ      مۇھەممەد جىمى رەسۇلنىڭ ئەۋزىلى.

 

     مُحَمَّدٌ دِينُــهُ حَـقٌّ نَـدِيْــنُ بِـهِ       مۇھەممەد دىنى ھەق بولغاچ ئىشەندۇق،

     مُحَمَّدٌ مُجَمَّلاً حَقاً عَلىَ عَلَــمٍ     مۇھەممەد نامى ئۇلۇغلۇققا تەئەللۇق،

 

     مُحَمَّدٌ ذِكْــرُهُ رُوحٌ لِأَنْـفُـسِنـَا       مۇھەممەد يادى بىز ئۈچۈن ھاياتلىق،

     مُحَمَّدٌ شُكْرُهُ فَرْضٌ عَلَى اْلأُمَمِ               مۇھەممەد دۇرۇد، دۇئالارغا لايىق.

 

     مُحَمَّدٌ زِينَـةُ الدُّنْيـَـا وَبَهْـجَتُـهـَا      مۇھەممەد پۈتۈن دۇنيانىڭ زىننىتى،

     مُحَمَّدٌ كَـاشِفُ الْغـَمَّاتِ وَالظُّلَمِ   مۇھەممەد بىلەن قالماس تۈن زۇلمىتى

 

     مُحَمَّدٌ ســَـيِّدٌ طَاَبـَتْ مَناَقِـبُـهُ       مۇھەممەد ئېسىل، ئېسىلدۇر خىسلىتى،

     مُحَمَّدٌ صـَـاغََهُ الرَّحْـمنُ بِالنَّعَمِ  مۇھەممەد نېمەت- ئاللاھنىڭ نېمىتى.

    

     مُحَمَّدٌ صَـفْــوَةُ الْبَارِي وَخِيرَتِـهِ     مۇھەممەد يالغۇز ئالاھنىڭ تاللىشى،

     مُحَمَّدٌ طـَاهِــرٌ مِنْ سَائِرِ التُّهَمِ     مۇھەممەد پاكتۇر، مۇكەممەل ھەر ئىشى.

 

     مُحَمَّدٌ ضـَاحِـكٌ لِلضَّيْفِ مُكْرِمُهُ  مۇھەممەد خۇشنۇت كۈتەتتى مېھماننى،

     مُحَمَّدٌ جـَـارُهُ وَاللهِ لَــمْ يُضَـمِ       مۇھەممەد بۆلۈپ، بېرەتتى بىر ناننى.

 

     مُحَمَّدٌ طـَابَـت الدُّنْيــَا بِبَعْـثَتِـهِ      مۇھەممەد كېلىپ، دۇنيانى ياشاتتى،

     مُحَمَّدٌ جــَاءَ بِالآيـَـاتِ وَالْحِكَـمِ    مۇھەممەد ھېكمەت، مۆجىزە ياراتتى.

 

     مُحَمَّدٌ يَوْمَ بُعِثَ النَّاسُ شَافِعُناَ                مۇھەممەد قىلار بىز ئۈچۈن شاپائەت،

     مُحَمَّدٌ نـُورُهُ الْهَادِي مِنَ الظُّلَمِ     مۇھەممەد نۇرى، يوللاردا ئالامەت.

 

     مُحَمَّدٌ قـَائِـمٌ لِلَّـهِ ذُو هِـــمَمِ        مۇھەممەد ئۆتتى، ئاللاھقا بولۇپ قۇل،

     مُحَمَّدٌ خَـاتَــمٌ لِلرُّسُـلِ كُلِّهِمِ       مۇھەممەد ئىدى، ئاخىرقى رەسۇل.

ئەنسارلار ناخشىسى

مىلادىيە 622-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا، ئۇنى تەشنالىق بىلەن بىر قانچە كۈندىن بېرى كۈتىۋاتقان مەدىنە ئەھلى ئۇنى تۆۋەندىكى ناخشىلىرى بىلەن قارشى ئالغان:

          طلع البدر علينا من ثنيات الوداع               وجب الشكر علينا ما دعا لله داع

          أيها المبعوث فينا جئت بالأمر المطاع            جئت شرفت المدينة مرحباً يا خير داع

     تەرجىمىسى:

           ئاي تۇغۇلدى، بۈگۈن بىزگە،

           سەنىياتۇ ئەل ۋەدا([6])دىن ،

           شۈكۈر لازىم ھەممىمزگە،

           ئاللاھ دېگەن شۇ سادادىن.

    

           ئەي سۆيۈملۈك ئۇلۇغ ئەلچى!

           ئۇلۇغ دىننى ئېپ كەلدىڭىز.

           نۇرغا چۆمدى بۇ مەدىنە،

           يۇرتىمىزغا خۇش كەلدىڭىز.

پەيغەمبەر مەدھىيىسى*
     رەسۇلۇللا ئىـــدى نىجاتـــــكار،

     ئۇنىڭ بىلەن ياشنىدى دىــــللار.

     يېڭى دۇنيا شۇ كـــــۈن يارىلىپ ،  

     تارىخ بولدى زۇلمەتلىك يىـــــللار.

 

     رەسۇلۇللا ئىـــدى بىــر چىــراق،

     نۇرى بىلەن قەلبلـــەر يۇرۇغـــــان.

     ساغلام ئەقىل، ئويغاق ۋىــــجدانلار،

     ئۇنىڭ بىلەن ھەقـــــنى تونۇغــان.

 

     سۆيەر ئىدى بىــــردەك ھەممىنى ،

     ھارارەتلىك باغرىغــــــا بېسىـــپ.

     زىيان تارتتى ئەمما بەزىلەر،

     بولمىغاچقا ھىدايـــــەت نەسىپ.

 

     كۈتكەن ئىدى تەلمـــۈرۈپ ئۇنــى،

     تەشنالىقـــــتا چاڭقىغان دىـــــللار،

     تەسكىــــــن تاپتى كېلىشى بىلەن

     بىشارەتتىـــــن سۆزلىگەن تىـــللار.

 

     ئەي قەدىردان! بەكمۇ بىزارمىــــز،  

     شەنىڭىزگە يەتكەن تۆھمەتتىــــن.

     يىراقلاقلىشىپ پاتتۇق خورلۇقـــــــقا،

     سىز ئۆگەتكەن ئۇلۇغ ھېكمەتتىـــن.

    

     نىجاتـكارغا بولغاچ ئېھتىيـــــــاج،

     ئىنسانىيەت سىزنى سېغىنـــدى.

     شاقاۋەتــــكە تولغان ئالــــــــەمدە،

     بۇ ھاياتتىن ھەر كىم سىقىــلدى.

 

     گۇناھكارمىـــز كەچۈر ئىلاھىـــم!

     شاپائەتتىن مەھــــرۇم ئەيلىمـــــــە.

     قوبۇل ئەتكىن، چىندۇر سۆيگىمىز،

     مۇكاپاتتىن مەھـــــرۇم ئەيلىمـــــــە.

 

     ئىلاھىم!سەن نەسىب ئـــــەت بىـــــــزگە،

     ئۇنىڭ بىلـــەن بىـــرگە قوپۇشـــنى.

     ئوزۇقسىزمىز، رۇزى مەھشـــــــــــەردە،

     قولىمىزدىن مەھــــــكەم تۇتۇشــنى.

 

     بۇ ھاياتتا بولمىــدۇق نائىـــــــــــــل،

     ھەمراھ بــــولۇپ، ئاڭــا قېنىشـــقا.

     دەرگاھىـــڭدىن بىــــــزنى قوغلىــما،

     نەسىب ئەتكىن بىــــرگە قېلىشــــقا.

([1])   شۇئەرا سۈرىسى224-227- ئايەتلەر.
([2])   سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە ئابدۇرراھمان جىبرىننىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسىدىن.
([3])   مىسىرلىق ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق ئابدۇلھەمىد كىشك 1933-يىلى 10-مارت كۈنى مىسىرنىڭ بۇھەيرە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن كاتتا ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق بولۇپ، يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ تەڭداشسىز ئىسلامىي ناتىق. ئابدۇلھەمىد كىشك كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش يولىغا ھاياتىنى ئاتىۋەتكەن ئەزىمەتلەردىن بولۇپ، مىسىرنىڭ سابىق ھاكىممۇتلەقلىرىدىن ئابدۇنناسىر ۋە ساداتلارنىڭ زامانلىرىدا، چىرىكلىككە قارشى سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى سەۋەبلىك ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ھەقىقەتتىن قايتمىغان. ئۇ دەۋەت يولىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، 1996-يىلى6-دېكابىر كۈنى قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەرھۇمنىڭ 2000 پارچىدىن كۆپرەك نۇتقى لېنتىغا ئېلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاڭلىنىپ تۇرماقتا.
([4])   تۆتىنچى خەلىپە، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىندا كاتتا ئالىم بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستازى، شېئىرىيەتتە تالانتلىق زات بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىر توپلاملىرى ھەر قايسى ئىسلام مەملىكەتلىرىدە بېسىپ تارقىتىلىغان. بۇ پارچە ئۇنىڭ"ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب شېئىرلىرىدىن"ناملىق شېئىر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
([5])   بۇ قەسىدىنىڭ ئاپتورى ئىمام شەرەفۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ھەمماد ئەل سەنھاجى بۇسەيرىي 1213-يىلى7-مارت كۈنى (608-ھىجرىيە يىلى 1-شەۋۋال) مىسىرنىڭ بەنى سۇۋەيف رايونىغا قاراشلىق دالاس دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. كىچىك يېشىدىن شېئىر يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىمام بۇسەيرىينىڭ مىڭلارچە شېئىر ۋە نۇرغۇنلىغان شېئىر توپلاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھازىرقى زامان شائىرلىرى ئۈچۈن ئىلھام  مەنبىئى بولۇپ كەلمەكتە. ئىمام بۇسەيرى 1295-مىلادىيە (695-ھىجرىيە) 87يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدىن دۇنياچە شوھرەت قازانغانلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ «بۇردە» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان «الكواكب الدرية في مدح خير البرية» ناملىق شېئىرى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلەپ يازغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى مۇھەممەد سەييىد كىيلانى دېگەن شائىر تەرىپىدىن رەتلىنىپ 1955-يىلى قاھىرەدە نەشىر قىلىنغان.
([6])   سەنىياتۇ ئەل ۋەدا -مەدىنە شەھىرىنىڭ سىمالىدىكى بىر جاينىڭ نامى.
*     پېقىرنىڭ شېئىرلىرىدىن. 2006-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يېزىلغان.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار