بىكار نەرسە يوق

بىكار نەرسە يوق

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ ھېچبىرى بىكارغا يارىتىلغان ئەمەس. بەلكى ھەر نەرسە بېرەر ھېكمەت ۋە بېرەر مەقسەت بىلەن يارىتىلغاندۇر.

كائىناتقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددى شەيئىلەردىن باشلاپ، يۇقىرىسى  ئىنسان، ئۆسۈملۈكلەر ئالەمى، ھايۋاناتلار ئالەمى ۋە باشقا ئالەملەردىكى ھەر نەرسىنىڭ مۇكەممەل ئىنتىزام ۋە ئاجايىپ ھېكمەت بىلەن يارىتىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنساننى ئالايلى، ئىنسان باشتىن ئاخىر پەقەت ھېكمەتلەر مەجمۇئەسىدۇر.

(1) تۈكۈرۈك

ئىنسان ئېغىزىنىڭ ئىچىدە يۈرىدىغان تۈكۈرۈكنى بىز  ئېغىزدا پەيدا بولىدىغان ۋە يەرگە تۈكۈرۈپ ئېتىلىدىغان بىر خىل سۇ دەپلا بىلەتتۇق. ئەمما ئىلىم ـ پەن ئاشۇ سۇنىڭ يەنى تۈكۈرۈكنىڭ ئېغىزىمىزدىكى 3 ئورۇندىن چىقىپ 3 تۈرلۈك خىزمەت ئىشلەيدىغان ۋە 3 خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان سۇ ئىكەنلىكىنى  سۆزلىمەكتە. بەلكى بۇنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن سىز بىلەن مەنمۇ بىلمەيتتۇق. ئېغىزىمىزدىكى تۈكۈرۈكنىڭ ئۆتەيدىغان 3 تۈرلۈك ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچىسى، تەم بېرىش يەنى يېگەنلىرىمىزدىن تەم ۋە تات ئېلىشىمىز تۈكۈرۈكنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىككىنچىسى، تۈكۈرۈك يېمەكلەرنى يۇتىشىمىز ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلىدۇ. تۈكۈرۈك سايىسىدا بىز ھەرقانداق قاتتىق نەرسىلەرنىمۇ ئوڭايلا يۇتالايمىز. ئۈچىنچىسى،  تۈكۈرۈك  يېمەكلىرىمىزنى چاينىغىنىمىزدا  ئۇنى يۇمشىتىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.

 نورمالدا  ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدا كۈنىگە1 لېتىر بىلەن 1.5 لېتىر ئارىسىدا تۈكۈرۈك يىغىلىدۇ. مۇندىن باشقا، ئېغىز كۈندىلىك ئۇنىڭغا تاشقىرىدىن كىرىدىغان مىڭلارچە مىكروبلارنى پەقەت تۈكۈرۈك سايىسىدىلا ئۆلتۈرۈپ تۇرىدىغان ئورگاندۇر. چۈنكى، تۈكۈرۈك تەركىبىدە «سولفۇسىيا نورۇن»دەپ ئاتىلىدىغان مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددا باردۇر. تۈكۈرۈك بولمايدىغان بولسا، بىز يېگەن نەرسىلەردىن ھېچقانداق تەم ئالالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق. يەنە تۈكۈرۈك تەركىبىدە «فوسفور» ماددىسى بولۇپ، ئۇ چىشلارنىڭ پارلاقلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرش خۇسۇسىيىتىگە ئېگە ماددىدۇر. تۈكۈرۈك تەركىبىدە يەنە «فولور» ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ چىشلارنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

(2) سوقۇر ئۈچەي

ماتېرىيالىزمچىلار سوقۇر ئۈچەينى دەسلەپكى مايمۇننىڭ قالدۇقى  ۋە ھېچ ئەھمىيىتى بولمىغان بىر ئارتۇق ئورگان، دەپ تەرىپلىگەنىدى. سوقۇر ئۈچەي ـ قېلىن ئۈچەي بىلەن ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئارىسىدىكى بىر ئورگاندۇر. زامانىمىزدىكى پەن ـ تېخنىكىنىڭ سايىسىدا بۇ ئورگاننىڭمۇ بىكارغا يارىتىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق رولى بار ئىكەنلىكى كەشىپ قىلىنغان. بۇرۇن بىئولوگىيە ئالىملىرى سوقۇر ئۈچەيلىرىنى ئېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ھېچبىر سەلبى تەسىر كۆرمىگەن ھالدا بېجىرىم ئۆمۈر سۈرىۋاتقانلىقىنى  كۆرۈپ، سوقۇر ئۈچەي بولمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقان . كېيىنكى يىللاردا، سوقۇر ئۈچەيلىرىنى ئېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قېلىن ئۈچەي راكىغا ئۇچرىغانلىقى كۆرۈنۈشكە باشلىغان. چۈنكى سوقۇر ئۈچەي مېكروبلارغا قارشى ماددىلارنى ئۆزىدىن چىقىرىشى ئارقىلىق ۋۇجۇتتىكى ئەڭ كۆپ مىكروب قوبۇل قىلىدىغان ئورگان ـ قېلىن ئۈچەينى مىكروبلار بىلەن زەھەرلىنىشتىن قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

(3) ئاغرىق

ھېچبىر ئاغرىق ھېس قىلمىساق نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە!  1942 ـ يىلى Sr Tomas.L ئەپەندى ئاغرىق ھەققىدە سۆزلەپ: «ئاغرىقنىڭ تولۇق تەرىپىنى سۆزلەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر» دېگەن بولسا، 1969ـ يىللىرىدا ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دوكتۇر Sargent.M  ئاغرىق توغرۇلۇق «ئاغرىقنى تەرىپلەش كېرەكسىز بىر ئىشتۇر. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى  ئۇبدان بىلىدۇ» دېگەنىكەن.

ئىنسانلار تەرىپىدىن ھېچقانداق ئەھمىيىتى ۋە ھېكمىتى يوق دەپ بىلىنگەن ئاغرىق تۇيغۇسى بولمىغان بولسا، ئۆزىمىزنىڭ كېسەل بولغىنىمىزنى نەدىن بىلەر ئىدۇق؟ ھالبۇكى، ئاغرىق بىكارغا ھېس قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ھېس قىلىنغانلىقى ۋۇجۇتتا چوقۇم غەيرى نورمال بېرەر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ سىگنالى ئەمەسمۇ؟!

ئاغرىقنى ھېس قىلىش بولمىغان بولسا ئۆزىمىزنى ساغلام دەپ چۈشىنىپ، كېسەللىك ئېغىرلىشىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغاندا، ياكى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولار ئىدۇق. ئەمما ئاغرىقنى ھېس قىلىش سايىسىدا بىز بېرەر ئاددى كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنىمۇ ھامان ھېس قىلىمىز ـ دە، داۋالىنىشقا ئالدىرايمىز. مەسىلەن: چىشىمىز ئاغرىغاندا ئۇنىڭ چىرىگەنلىكىنى بىلىمىز ۋە دەرھال داۋالىنىمىز. ئەگەر ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى قوللىنىش بىلەن كۇپايە قىلىپ، چىش دوختۇرىغا بارماي يۈرىۋەرسەك ئۆزىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز. چۈنكى، چىشلارنىڭ مىكروب سەۋەبى بىلەن چىرىيدىغانلىقى ۋە ئاغرىيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئۇنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، چىشلاردىن ئۆتىدىغان قان تومۇرلىرى ئارقىلىق بۇ جايدىكى مىكروبلار ئاستا ـ ئاستا پۈتۈن ئورگانلارغا تارقىلىدۇ. نەتىجىدە، بەزى ئورگانلاردا، خۇسۇسەن يۈرەكتە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئاغرىق بولمىغان بولسا، بىز نە چىشىمىزنىڭ مېكروبلانغانلىقىنى، نە باشقا ئورگانلىرىمىزنىڭ كېسەللىككە يۈز تۇتقانلىقىنى بىلەلمىگەن بولاتتۇق. دېمەك، ئاللاھ ھېچ نەرسىنى ھېكمەتسىز، بىكارغا ياراتقان ئەمەس!

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار