تەقۋادار ئوغرى

تەقۋادار ئوغرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر ئۇستاز تالىبلىرىغا «ھەربىرىڭلار ئاتاڭلارنىڭ ھۈنىرىنى قىلىپ كېلىڭلار، ئەمما تەقۋادارلىقنى قولدىن بەرمەڭلار» دەپ تاپشۇرۇق بېرىدۇ. تالىبلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ ھۈنىرىنى قىلىشقا كىرىشىدۇ. شۇ ئارىدا تالىبلاردىن بىرىنىڭ ئاتىسى بولمىغانلىقتىن، ئۇ ئاتىسىنىڭ قانداق ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنى ئانىسىدىن سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ-دە، «ئانا! دادام قانداق ھۈنەر قىلاتتى؟» دەپ سورايدۇ. ئانىسى: «ھەي بالام، دادىڭىز تۈگەپ كەتكىلى يىللار بولدى، سىز ئەمدى ئۇنىڭ ھۈنىرىنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟ ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇڭە» دەيدۇ. تالىب: «ئانا! مەن دادامنىڭ ھۈنىرىنى زادى بىلمىسەم بولمايدۇ، ئېيتىپ بېرىڭە» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئانىسى بىرئاز تۇرۇۋېلىپ: «دادىڭىز ئوغرى ئىدى» دەيدۇ. تالىبنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئاخىر ئۇستازىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، دادىسىنىڭ ھۈنىرىنى قىلىپ بېقىشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما تەقۋادارلىق بىلەن قانداق ئوغرىلىق قىلغىلى بولىدۇ؟ ئوغرى دېگەن قانداق تەقۋادار بولالايدۇ؟ تالىب ئويلاپ-ئويلاپ ئاياققا چىقالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇستازى تاپشۇرغان تاپشۇرۇقنى ئىشلەش قارارىغا كېلىدۇ ۋە كېچىنى كۈتىدۇ. كېچە كىرىشى بىلەن مەھەللىنىڭ ئۆيلىرىگە سىنچىلاپ قاراشقا باشلايدۇ. بۇ بىر كەمبەغەل بىچارىنىڭ ئۆيى ئىكەن، بۇ ئۆيگە ئوغرىلىققا كىرسەم بولماس، بۇ بولسا بىر يېتىمنىڭ ئۆيى ئىكەن، بۇنىڭغا كىرسەم تېخىمۇ بولماس، ماۋۇ ئۆينى بىلمىدىم، ئەڭ ياخشىسى كىرمەي. شۇنداق خىيال سۈرگىنىچە كوچىلارنى ئارىلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر ئۆيگە قارىسا، ئۇ بىر تىجارەتچى باينىڭ ئۆيى ئىكەن. مۇشۇ ئۆيگە كىرسەم بولغۇدەك دەيدۇ ۋە كىرىدۇ.
باينىڭ ئۆيىگە كىرگەن تالىب ئۇنىڭ خەزىنىسى بار خانىسىنى تاپىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، نەق پۇل قاتارلىق بايلىقلىرىنى ئالدىرىماي ساناپ چىقىدۇ، ئاندىن پۇلنىڭ يېنىدا تۇرغان ھېساب دەپتىرىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئوقۇپ چىقىدۇ ۋە باينىڭ 4- 5 يىلدىن بېرى زاكات ئايرىمىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ماللىرىنىڭ زاكاتىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. شۇ ئەسنادا بامدات نامىزىغا ئەزان چىقىدۇ. تالىب ئۇستازىنىڭ «تەقۋادارلىقنى قولدىن بەرمە» دېگەن نەسىھىتىنى ئەسلەيدۇ ۋە دەرھال ھويلىغا چىقىپ تاھارەت ئېلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ چاغدا بايمۇ ئەزاننى ئاڭلاپ نامازغا تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ھويلىسىغا چىقىدۇ. قارىسا يوچۇن بىر ئادەم ئۇنىڭ ھويلىسىدا تاھارەت ئېلىۋاتقۇدەك. باي: «ھەي! كىم سىز بۇ كېچىدە؟» دەپ ۋارقىرايدۇ. تالىب بەخىرامان تاھارىتىنى ئالغاچ، «ھازىر تاھارىتىمىزنى ئېلىپ ناماز ئوقۇۋالايلى، ئاندىن ئۆزۈمنى تونۇشتۇراي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن باينىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ. ئاندىن ئىككىسى نامازغا ئىمام بولۇشنى بىر-بىرىگە خوش ئېتىشىپ، ئاخىر تالىب ئىمام بولۇپ نامازنى تاماملايدۇ. ئاندىن تالىب: «ئەپەندىم! مەن بىر ئوغرى، ئۆيىڭىزگە ئوغرىلىق قىلغىلى كىرگەن ئىدىم. چۈنكى، ئۇستازىمىز بىزگە ئاتاڭلارنىڭ ھۈنىرىنى قىلىپ كېلىڭلار، ئەمما تەقۋالىقنى قولدىن بەرمەڭلار» دەپ تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدى. ئاتامنىڭ ھۈنىرى ئوغرىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن شۇ ھۈنەرنى قىلاي دەپ، سىلىنىڭ ئۆيگە كىرگەن ئىدىم. شۇ ئەسنادا بامداتقا ئەزان چىقىپ قالدى، ئۇستازىمنىڭ «تەقۋادارلىقنى قولدىن بەرمە» دېگەن نەسىھىتى ئېسىمگە كېلىپ تاھارەت ئالغىلى چىققان ئىدىم، ئاندىن ئۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. زاكاتلىرىنى ھېسابلاپ قويدۇم، ئۆزلىرى خالىغان پېقىرغا بېرىپ ئادا قىلسىلا بولىدۇ، ئەمدى مېنىڭ ئىشىم تۈگىدى» دەيدۇ ۋە مېڭىشقا تەمشىلىدۇ. بۇ چاغدا باي: «توختاڭ يىگىت، سىز ياخشى بالا ئىكەنسىز، سىزنى مۇكاپاتلاشنى خالايمەن. ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز سىزگە قىزىمنى ئۆيلەندۈرۈپ قويغۇم بار» دەيدۇ. تالىب: «ئەپەندىم، مەن بىر ئوغرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتىم بالا، دۇنيالىقتىن ھېچنەرسەم يوق. شۇڭا سىلىنىڭ ئائىلىەە لايىق كەلمەيمەن» دەپ رەت قىلىدۇ. باي: «سىز ئوغرى ئەمەس، بەلكى تەقۋادار بالا ئىكەنسىز. سىزدە تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت قىممەتلىك خىسلەت ۋە گۈزەل ئەخلاقتىن ئىبارەت بايلىق بار ئىكەن. بىزگە مۇشۇ يېتىدۇ، مەن قىزىمنى سىزدەك يىگىتكە بەرمەي كىمگە بېرەتتىم. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، ئانىڭىزغا ئېيتىڭ، قىزىمنى سورىغىلى كەلسۇن!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنىڭ تويى بولىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار