ئىسلامدا مەسئۇلىيەت

 

 

ئىسلامدا مەسئۇلىيەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

«مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆز لۇغەتتە: بىرەر ئىش –ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ۋە نەتىجىسى ئۈچۈن جاۋابكار بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئىسلام ئاتالغۇسىدا مەسئۇلىيەت — دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى، ئاللاھ تائالانىڭ ھاكىمىيىتىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولباشچىلىقىنى قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيىتى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان بۇ دىننى قوغداش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلغانلىق ۋە ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقتۇر.

)إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا( «شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىۋىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتتى، ئۇنىڭ (مەسئۇلىيىتى) دىن قورقتى. ئىنسان بولسا ئۇنى ئۈستىگە ئالدى. ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر ۋە بەكمۇ ناداندۇر». ئايەتتىكى ئامانەت دىنىي مەسئۇلىيەتنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇغان، ھېس قىلغان ۋە ئادا قىلغان ھالدا ھايات كەچۈرۈشكە بۇيرۇغان. مەسئۇلىيەتنى تونۇش ۋە ھېس قىلىش ئۇنى ئادا قىلىشنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيادا ھېچقانداق بىر مەۋجۇداتنى بىكارغا ياراتقان ئەمەس، مەيلى جانلىق مەخلۇق بولسۇن، مەيلى جانسىز شەيئىلەر بولسۇن، ھاياتتا ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. مۇسۇلمان ئادەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشايدۇ، ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل ئورۇنداپ، ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ.

دىنىمىز ئۈستىمىزگە يۈكلىگەن بۇ مەسئۇلىيەتنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئىمانىمىز كۈچلۈك، ئېتىقادىمىز توغرا، نىيىتىمىز خالىس، دۇنيا قارىشىمىز توغرا، ۋىجدانىمىز ئويغاق بولۇشى لازىم. ئۆزىمىزدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، تەقۋالىق، ئىستىقامەت ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن قوراللىنىشىمىز زۆرۈر.

 تەقۋالىق— ئاللاھ تائالاغا ۋە مەخلۇقاتقا قارىتا مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇش ۋە ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا تېگىشلىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.

ئىستىقامەت — دىنىمىز كۆرسەتكەن توپتوغرا يولدا ئىزچىل مېڭىش، پىرىنسىپال بولۇش دېگەنلىكتۇر.

گۈزەل ئەخلاق— ئۈستىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان، ۋىجدانىمىزنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ۋە بارچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان روھتۇر.

 

 

1.         مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيەتتۇر

ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىپ يۈرىدۇ. ئەمما ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆزىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانچە كىيىنىپ، مۇسۇلمانچە قائىدە – يوسۇنلارغا رىئايە قىلىپ يۈرۈشنى مۇسۇلمانلىق ئۈچۈن كىپايە دەپ ئويلايدۇ.  ھەقىقەت شۇكى، مۇسۇلمانلىق دېگەن بىرەر ئاتاق ياكى بىرەر نام - شۆھرەت ئەمەس، بەلكى ئۇ مەسئۇلىيەت ۋە ھايات مىزانىدۇر.

 

2.       ئائىلە مەسئۇلىيەتتۇر

  ئائىلە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى ۋە ئىنسانلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك مۇئەسسەسەدۇر. ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئائىلە قۇرغۇچىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئائىلە مەسئۇللىرى پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەسىدىن ۋە ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدىن مەسئۇلدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئەھلى - ئەۋلادىڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

 

3.       ئىبادەت مەسئۇلىيەتتۇر

ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى جايىدا ئورۇنداش چوڭ مەسئۇلىيەتتۇر. «قۇرئان كەرىم» ھاياتلىقنىڭ غايىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر». ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئىبادەتلەرنى ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە ئادا قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا بۇ ئىبادەتلەرنى قانداق ئادا قىلغانلىقىدىن سورىلىدۇ.

 

4.       ئەخلاق مەسئۇلىيەتتۇر

   ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋە گەپ-سۆزلەرنى گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. ھەربىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدىكىلىرىگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، قوشنىلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا، جامائىتىگە ۋە جەمئىيىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن سورىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىن ئادەم يۇقىرىقىلارغا ئىسلام ئەخلاقى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «ئەڭ كامىل مۇئمىن ئەڭ ئەخلاقلىق بولغىنىدۇر» دېگەن.

 

5.       ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتى

دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق ئىش مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ھەربىر ئىنسان ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭدىن جاۋابكاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسىسىلەر، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن سورىلىدۇ»([1]) دەپ كۆرسەتكەن. ئەر ئايالىغا ۋە پەرزەنتلىرىگە سەمىمىي ۋە كۆيۈمچان بولۇشتىن، ئايال ئېرىگە سادىق، پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان بولۇشتىن، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا قېتىرقىنىپ ئۆگىتىشتىن، سودىگەر خېرىدارلارغا سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشتىن، دېھقان يەرگە ئىخلاس قىلىپ ئىشلەشتىن، ھۈنەرۋەن ئۆز جەسپىگە سادىق بولۇشتىن، كادىر خىزمىتىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئىشلەشتىن، ئىشچى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن سورىلىدۇ.

 

6.       ئىش باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئىش باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. ئۇلار قول ئاستىدىكىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى ۋە خىزمەتلىرىدىن سورىلىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ، «ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن» دەپ بۇيرۇغان. بۇ بارلىق ئىش باشقۇرغۇچىلارغا بۇيرۇلغان ئەمردۇر.

 

7.       پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيىتى

ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆز ۋەتىنىنى سۆيۈش، ئۇنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ۋىجدانلىق ئىنسان ۋەتىنىنى سۆيۈشنى ئىنسانلىق بۇرچى دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان خاراكتېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، ياخشىلىق قىلغاننى سۆيۈشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ تونۇيدۇ. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، ئۇنى تۈرلۈك نېمەتلىرى بىلەن كۈتۈۋالغان، ئۇنى بارچە ياخشىلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، قوينى ئىسسىق ئاشۇ ئانا ۋەتىنىدىنمۇ سۆيۈملۈك بىرى بارمۇ؟! ياخشىلىقىنى ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىرى بارمۇ؟!

ۋاپادار ئىنسان چوقۇم ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ. چۈنكى، ھەركىمنىڭ ئۆز ۋەتىنى خۇددى ئانىسىنىڭ قوينىدەك ئىسسىق ۋە يۇمشاقتۇر. شۇڭا ئۇنى «ئانا ۋەتەن» دەيمىز. ئانىمىز خەۋپكە ئۇچرىسا بىزنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىز ئېنىق تۇرغان يەردە، ۋەتەنمۇ شۇنداق قەدىرلىك ئانا! بەلكى بۇ، بىزنى تۇغقان ئانىمىزدىنمۇ قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك ئانىمىزدۇر. چۈنكى، ئانىلارنى ئۆستۈرگەن توپراقمۇ ئەنە ئاشۇ ۋەتەن ئەمەسمۇ؟

([1])    ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار