پەرزەنتلەردە قىممەت قاراش يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى

پەرزەنتلەردە قىممەت قاراش يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى

مۇھەممەد يۈسۈپ

بالىلارنى ئىمان ۋە ئەخلاقنى ئاساس قىلغان قىممەت قاراش ئۈستىدە تەربىيەلەش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۈستىگە پەرزدۇر. بۇ ھەرقانداق شەخسنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق جەۋھەرلەردىن بىرىدۇر. ئىنسان ئۆزىدىكى مۇشۇ جەۋھەر ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا قەدىر-قىممەت قازىنىدۇ. بالىلاردا قىممەت قاراشلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرى بولۇپ، قانچە بۇرۇن يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىش شۇنچىلىك ياخشىدۇر. بەزى ئالىملار بالا تۆرەلمە باسقۇچىدىلا ئۇنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەقلىد قىلىش قابىلىيىتى يېتىلىپ بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىكى يېتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.

پەرزەنتلەردە قىممەت قاراش يېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى

1.    سۆيگۈ-مۇھەببەت

  سۆيگۈ-مۇھەببەت تەربىيەنىڭ كاپالىتىدۇر. چۈنكى سۆيگۈ-مۇھەببەت قاتتىق دىللارنى يۇمشىتىدىغان ۋە قايىل قىلىدىغان سېھىرلىك نەرسە بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاپئاق قەلبىگە كىرگەن سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۇلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋالىدۇ. شۇنداق چاغدا قىلىنغان تەربىيە ۋە نەسىھەتنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ قەلبىگە كىرمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ياكى مېڭىسىگە كىرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ئۇلارغا ئۆزىمىزنى سۆيدۈرۈشىمىز ۋە ئۆگەتمەكچى بولغانلىرىمىزنى تولۇپ تاشقان مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن ئۆگىتىشىمىز لازىم.

2.    ياخشى ئۈلگە

  ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىدە ئىمان ۋە ئەخلاقنى ئاساس قىلغان قىممەت قاراشلارنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى، ئۆگەتكەنلىرىگە ئاۋۋال ئۆزلىرى ئەمەل قىلىشى لازىم. چۈنكى قىممەت قاراش نەسىھەت قىلىش ياكى تەلىم بېرىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ياخشى ئۈلگە بولۇش، تەسىر كۆرسىتىش، قايىل قىلىش بىلەن يېتىلىدۇ. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىدا نېمە بولسا شۇنى ئالىدۇ، ئاتا-ئانىسىدا گۈزەل ئەخلاق، ياخشى مۇئامىلە، سەمىيمىلىك، دۇرۇسلۇق ۋە بىر-بىرىگە ھۆرمەت بولسا، پەرزەنتلەردىمۇ ئاشۇلار قىممەت قاراش بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئاۋادا ئاتا-ئانىدا ناچار ئەخلاق، يامان مۇئامىلە، سەمىمىيەتسىزلىك، بىر-بىرىگە ھۆرمەتسىزلىك دېگەندەك ئىللەتلەر بولسا پەرزەنتلەرمۇ ئاشۇ ناچارلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

بالىلار قىممەت قاراشلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياكى مۇئەللىمىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئەمەلىيىتىدىن، ئەخلاقىدىن، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدىن ئالىدۇ. ناۋادا، ئۇلارنىڭ قىلغان تەربىيەسى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولمىسا، بۇنداق تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ.

3.    تەقلىد

  بالىلار تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپلا ئېتراپىغا ئىنچىكىلەپ قاراپ ئاتا-ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى دوراشقا كىرىشىدۇ، كىرگەن ھەربىر ئىشنى ۋە ھەربىر نەرسىنى دورىغۇسى كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىزدىن گۈزەل، دۇرۇس، توغرا ھەرىكەتكەرنى كۆرسە شۇنى قوبۇل قىلىدۇ. ناۋادا ئۇلار بىزدىن يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىنى كۆرسە شۇنى دورايدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ.

بالىلاردىكى كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەقلىد قىلىش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى قابىلىيەتتۇر. ئەرەبلەردە «كىچىك بالىلار مايمۇندىنمۇ ئۇستا دورامچى كېلىدۇ» دەيدىغان سۆز بار. دېمىسىمۇ، كىچىك بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ناماز ئوقۇشتىكى ھەرىكەتلىرىنى، سۆز قىلىش  ئادىتىنى، ئولتۇرۇش ئۇسۇلىنى،  تاماق يېيىش قائىدىسىنى ۋە باشقا جىمى ھەرىكەتلىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىدۇ، ئاندىن  شۇ پېتى تەقلىد قىلىشقا تىرىشىدۇ.

4.   مۇكاپات ۋە جازا

  بالىلارنى قىلغان ياخشى ئىشلىرى، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇندىغانلىقى ۋە بىرەر ياخشى ئىشتا ئۇتۇق قازانغانلىقى يۈزىسىدىن مۇكاپاتلاش ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەشكە ئېلىپ بارىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى كىچىك بالىلار ئۈچۈن مۇكاپاتنىڭ مەنىۋى قىممىتى زور بولىدۇ. شۇنداقلا بالىلارنى مۇكاپاتلاش ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ توغرا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

بالىلارنى جازالاش بىلەن تەربىيەلەش تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، بالىلارنى جازالاش تولىراق ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىرىدىن ۋە تەلەپ قىلغانلىرىدىن ۋاقىتلىق مەھرۇم قىلىش بىلەن بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر چۈشەنگەندەك، بالىلارنى جازالاش دېگەنلىك ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللاش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەھرۇم قىلىش دېگەنلىكتۇر.

5.    سۆيدۈرۈش

  بالىلارغا ياخشى ئادەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقنى سۆيدۈرۈش غەلىبىلىك تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، بالىلار ئۆزلىرى سۆيگەن ۋە قىزىققان ئىشلارنى تېز قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتلىرىدە قىممەت قاراشلارنى يېتىلدۈرۈشتە زورلاش بىلەن ئەمەس، سۆيدۈرۈش، قىزىقتۇرۇش بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بولغان تولۇپ تاشقان مېھىربانلىقىنى ئىزھار قىلغان ھالدا مۇنداق تەلىم بەرگەن: «ئى بالام! مەن ساڭا شۇنداق ئۇلۇغ كەلىمىلەرنى ئۆگىتىپ قويايكى، سەن ئاللاھنى ئۇنۇتمىساڭ، ئاللاھ سېنى ئۇنتۇمايدۇ، سەن ئاللاھنى ھەمىشە كۆز ئالدىڭدا تۇتساڭ، ھەربىر يولۇڭدا ئۇنى تاپىسەن. بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، ئۇنى بىرلا ئاللاھتىن سورىغىن، ياردەم سورىماقچى بولساڭ ئاللاھتىن سورىغىن، بىلگىنكى، پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىشىپ ساڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولسىمۇ، ئۇلار ساڭا ئاللاھ ئىرادە قىلغاندىن باشقىسىنى يەتكۈزەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك، پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىشىپ ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزمەكچى بولسىمۇ، ئۇلار ئاللاھ ساڭا پۈتكەندىن باشقىسىنى يەتكۈزەلمەيدۇ، قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، سەھىپىلەر پۈتۈلۈپ بولدى»([1]). پەرزەنتلەرگە مۇشۇنداق مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يېقىنلاشقاندا، ئۇلارنىڭ قەلبىگە قىممەت قاراشلارنى يەرلەشتۈرۈش ئىشى تولىمۇ ئوڭايلىشىدۇ.

6.    ئادەتلەندۈرۈش

   ئادەت ئىنسان ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئادەت ئىشلارنى ئۆزلۈكىدىن قىلىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئىنسانلارغا ئوڭايلىق  ھېس قىلدۇرىدىغان نەرسىدۇر. ئىنسان بىرەر ياخشى ئىشقا ئادەتلەنگەندىن كېيىن، باشقىلار بۇيرۇمىسىمۇ بۇ ئىشنى ئۆزلۈكىدىن، ھەتتا ئىختىيارسىز ھالدا قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

   ئىنساننى بىرەر ئىشقا ئادەتلەندۈرۈش ئاسان ئەمەس. بالىلارنى ياخشى ئىشلارغا ئادەتلەندۈرۈشتە، ئۇلارغا بىر-ئىككى قېتىم مۇنداق قىل دەپ  بۇيرۇپ قويۇش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بەلكى ھارماي-تالماي ئۆگىتىش، كۆزىتىش ۋە كۆندۈرۈش كېرەك. بالىلارنى ھەر قانداق بىرەر ئىشقا ئادەتلەندۈرۈش ئىشى ئاتا-ئانىدىن ۋە تەربىيەچىدىن يېتەرلىك ۋاقىت، چىدامچانلىق ھەم سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ئەمما بالا بىرەر ياخشى ئىشقا ئادەتلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىش ناھايىتى ئوڭايلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بالا ئۇنى ئۆزلۈكىدىن قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «بالىلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇشقا كۆندۈرۈڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىقلارنى ئۆگىتىڭلار. چۈنكى ياخشىلىق ئادەتتۇر»[2] دېگەن سۆزى نېمىدېگەن توغرا ئېيتىلغان.

 

ئەدەپ-ئەخلاقتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلار

1.    راستچىللىق

راستچىللىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسى بولۇپ، پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ روياپقا چىقىشى راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىكتىن باشلىنىدۇ. بالىلارغا بۇ ئەخلاقنى يەرلەشتۈرۈش ئىشى كىچىكىدىن باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانا ۋە مۇئەللىم بالىلارغا راست سۆزلەشتە ئۈلگە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەتئىي يالغان سۆزلىمەسلىكى، ھەتتا چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ، بالىلارغا يالغان ئېيتماسلىقى زۆرۈردۇر. چۈنكى كىچىك بالىلار كۆپىنچە راست بىلەن چاقچاقنىڭ پەرقىنى ئايرىپ كېتەلمەيدۇ. ئەمما ئۇلار گەپ- سۆزلىرى ۋە بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاتا-ئانىسىنى ياكى مۇئەللىمىنى تەقلىد قىلىدۇ، ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ ئىسلام ئەخلاقىنى، خۇسۇسەن راستچىللىقنى ئۆزلەشتۈرۈشكە زور ئەھمىيەت بېرەتتى، بالىلارنى ۋە ئاتا-ئانىسىنى كۆزىتەتتى، خاتالىقلىرىغا تۈزىتىش بېرەتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى ئانام مېنى ئۆيگە چاقىردى. كىرسەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىمىزدە ئىكەن. ئانام ماڭا ‹كەل ساڭا بىر نەرسە بېرىمە› دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانامدىن: ‹بالىڭىزغا نېمە بەرمەكچى؟› دەپ سورىدى. ئانام: ‹خورما بېرەرمەن› دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانامغا: ‹ئەگەر سىز بالىڭىزغا بىر نەرسە بەرمىسىڭىز سىزگە بىر يالغان ئېيتقاننىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ›([3]) دېدى».

2.    ھۆرمەت

  كىشىلەرگە ئۆز لايقىدا ھۆرمەت، ئېھتىرام كۆرسىتىش گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرىدۇر. ئاتا-ئانىنىڭ ئاۋۋال بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى ۋە قەدىرلىشى، ئاندىن پەرزەنتلىرىگە مۇشۇ ھۆرمەت، ئېھتىرامنى سىڭدۈرۈشى ناھايىتى مۇھىم. ئائىلىسىدە ھۆرمەت، ئېھتىرام كۆرگەن بالىلارنىڭ باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ھەربىر كىشىگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ چىقىشىدا شەك يوق.

3.    مەسئۇلىيەت

  بالىلارنى دەسلەپتە كىچىك ۋە ئوڭاي ئىشلارنى قىلدۇرۇش، ئاندىن چوڭ ۋە قىيىنراق ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى كىچىكىدىن مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشقا كۆندۈرۈش لازىم.

4.   ئەدەپ

بالىلارغا كىمگە قانداق گەپ قىلىش، نەدە قانداق بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بېرىش ۋە ئۇنى مەشق قىلدۇرۇش لازىم.

 ([1])ئىمام تىرمىزىنىڭ «سنن الترمذي» ناملىق ھەدىس توپلىمى «  أَبْوَابُ صِفَةِ الْقِيَامَةِ وَالرَّقَائِقِ وَالْوَرَعِ عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ » 2516- ھەدىس.
[2] ئىمام بەيھەقىنىڭ « معرفة السنن والآثار » ناملىقى كىتابى 4-توم، 148-بەت.
([3]) ئەبۇ داۋۇدنىڭ «سنن أبي داود» ناملىق ھەدىس توپلىمى «كِتَاب الْأَدَبِ» 4991-ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار