تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغان ئىمام

تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغان ئىمام

مۇھەممەد يۈسۈپ

بۇ تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى مۇرات ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ سەكراتقا چۈشۈش ئالدىدا قىلغان ئېتىراپى بولۇپ، ئۇ سۆزىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:

«مەن ھازىر ئۇ دۇنياغا كۆچۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. سادىر قىلغان بارلىق گۇناھلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلدىم، مەندە ھەققى بولغانلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلاردىن رازىلىق ئالدىم. ئەمما مەن قاتتىق تىرىشىپمۇ  رازىلىقىنى ئالالمىغان بىر كىشى بار. مەن ىەر قانچە قىلىپمۇ ئۇ كىشىنى رازى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كەلدىم. بۇ سەۋەبتىن كۆڭلۈمنى قاتتىق بىئارام بولماقتا. مەن ئۇ كىشىنى رازى قىلماي تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارىمەن، دەپ ھەسرەت چېكىۋاتىمەن. بۇ مۇنداق ىېكايە ئىدى: بىر كۈنى بىزنىڭ مەھەللىدىكى مەسجىدنىڭ ئاستىن قەۋىتىدىكى تەرەتخانىغا كىرگەن ئىدىم. تەرەتخانىلار بوش ئەمەسكەن، كۈتۈپ تۇردۇم. شۇ ئارىدا مەسجىدنىڭ ئىمامى تەرەتخانىدىن (تۇۋالېتتىن) چىقتى ۋە تاھارەت ئالمايلا چىقىپ كەتتى. مەن ھەيران قالدىم. ئىچىمدە: ‹بۇ مەسجىدنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تاھارەت ئالىدىغان يېرى بولمىسا، بۇ ئىمام تاھارەت ئالمايلا چىقىپ كەتتىغۇ، توختا! ئارقىسىدىن بىر ماراپ باقاي› دېدىم-دە، ئىمامنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم. ئىمام ئۇدۇل مېھرابقا ئۆتتى ۋە نامازنى باشلىۋەتتى. مەن ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي قالدىم. ناماز ئوقۇپ بولۇپ جامائەتكە ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇلار ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى. ئەتىسى ئەھۋالنى شۇ مەھەللىدىكى ماڭا ئىشىنىدىغان بىر مويسىپىت كىشىگە ئېيتتىم. ئۇ كىشى تۇرۇپ كېتىپ، ‹بۇ قانداق گەپ بولغىنى ئەمدى، بولدى ئەمدى بىز نامازنى يالغۇزدىن ئوقۇيلى› دېدى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئىمامنىڭ تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغانلىقى مەھەللىگە يېيىلىپ كەتتى، ھەممە ئىمامنى تىللايدىغان بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئىمامغا سالاممۇ بەرمەيدىغان بولۇپ كەتتى. مەسجىدكە ھېچكىم كەلمىدى، ئىمام نامازنى بىر قانچە كۈن ئۆزىگە ئۆزى ئىمام  بولۇپ يالغۇز ئوقۇدى. ئىمامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كىشىلەرنىڭ تىل، ئازارلىرىغا چىداپ تۇرالماي، ئىمام بىلەن جەڭگى-جېدەل قىلىشىپ ئاخىر ئائىلە پارچىلاندى، ئايالى پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ ئىمامنىڭ ئۆيىدىن كېتىپ قالدى. ئىمام بولسا بۇ مەھەللىدە تۇرالمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاياققىدۇر كېتىپ قالدى.

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. مەن ھەرەمگە ئۆمرىگە بارغان ئىدىم، ئۇ يەردە ھاۋا ئالماشقانلىقتىن، قاتتىق زۇكامداپ ئاغرىپ كەتتىم ۋە تۈركىيەگە ساقىيالماستىن قايتتىم. مەھەللەمدە داۋالىنىشنى باشلاپ ھەر كۈنى ئوكۇل سالدۇرۇشقا باشلىدىم. بىر كۈنى ئوكۇل سالدۇرۇپ بولۇپ، بەدىنىمگە قان يۇققانمىدۇ، دېگەن گۇمان بىلەن سۇ دوختۇرخانىنىڭ تەرەتخانىسىغا كىردىم ۋە بەدىنىمنىڭ ئوكۇل سېلىنغان يېرىنى كۆرۈپ چىقىپ، قان يۇقمىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولدۇم. شۇ ئەسنادا ئىككى يىل بۇرۇن ئىمامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋالنى ئەسكە ئالدىم ۋە ئىچىمدە: ‹ئەگەر ئىماممۇ مەندەك ئوكۇل سالدۇرغان بولۇپ، بەدىنىمگە قان يۇققانمىدۇ، بۇنىڭدىن بىر خاتىرجەم بولاي دەپ تەرەتخانىغا كىرگەن بولسىچۇ؟› دېدىم. قاتتىق ئويغا چۆكتۈم، يۈرىكىم سوقۇپ كەتتى. ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىر شۇ ئىمامنىڭ ۋەقەسىنى ئېنىقلاپ چىققۇم كەلدى. ئەمما ئۇ ئىمام يوقاپ كەتكىلى ئىككى يىل بولغان تۇرسا، ئەمدى ئۇنى نەدىن تاپىمەن؟ ئەقلىمگە بىر پىكىر كەلدى. ئىمامنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستى بار ئىدى، بەلكى ئىمامنىڭ ئەھۋالىنى ۋە كەتكەن يېرىنى دەپ بېرىشى مۇمكىن. مەن شۇلارنى خىيال قىلىپ، ئاخىر ئىمامنىڭ ھېلىقى دوستىنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ كىشى مېنى ناھايىتى خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈتۈۋالدى ۋە تەلىپىمگە ئاساسەن ئىمامنىڭ ئەھۋالىنى دەپ بەردى. ئىمام ئۇنىڭغا ئىككى يىل بۇرۇن مۇنداق دەپ بەرگەن ئىكەن: ‹مەن ئوكۇل سالدۇرغان ئىدىم. قان چىقىپ تاھارىتىم بۇزۇلدىمۇ ياكى بۇزۇلمىدىمۇ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەسجىدنىڭ تەرەتخانىسىغا كىرىپ قاراپ باقتىم. تاھارىتىم بۇزۇلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەسجىدكە كىرىپ كەتتىم ۋە نامازنى تاماملىدۇق. شۇ كۈنىدىن باشلاپ جامائەت مېنى تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغان ئىمام دەپ يەكلەشكە ۋە يۈزۈمگە قاراپ تىللاشقا باشلىدى، ياكى ئۇلاردىن بىرەرسى ئالدىمغا كېلىپ، بۇ قانداق ئەھۋال دەپ سورىمىدى. مەنمۇ نېمە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. بارا-بارا جامائەت مەسجىدكە كەلمەيدىغان، كىشىلەر يولدا ئۇچرىشىپ قالساقمۇ ماڭا سالام قىلمايدىغان بولدى. مەھەللە خەلقى مېنى ۋە ئائىلەمنى يەكلەيدىغان ۋە ھەممىلا يەردە سۆكىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن ئايالىم مەندىن ئاجراشتى، ئائىلەم بۇزۇلدى، پەرزەنتلىرىم ئانىسى بىلەن كەتتى. مەن بولسام يالغۇز قالدىم، ئەمدى مەن بۇ يېزىدا تۇرالمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالدىم، شۇڭا ئىراق تەرەپكە كېتىشنى قارار قىلدىم›.

مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاسمان ئۈستۈمگە يىقىلغاندەك بولۇپ كەتتىم، قاتتىق پۇشايماندا ئىچىمنى يېيىشكە باشلىدىم، كۈنلىرىم غەمكىنلىك ۋە ھەسرەت-نادامەت بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. دۇنيادا نۇرغۇن خاتالىقلارنى تۈزەتكىلى بولىدىكەن ۋە بۇزۇلغان ئىشلارنى ئوڭشىغىلى بولىدىكەن، ئەمما بۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۆھمەت بىلەن پارچىلانغان ئائىلىنى، يېتىم بولغان سەبىيلەرنى ۋە مۇساپىرلىق كوچىسىغا چۈشكەن بىچارىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىكەن. مەن ھەرقانچە پۇشايمان قىلساممۇ ۋە ھەرقانچە تىرىشساممۇ ئۆزۈم بۇزۇپ قويغان بۇ ئىشنى تۈزەلمەيدىكەنمەن. شۇڭا، كېيىنكى ھاياتىم ۋىجدان ئازابى ۋە قاتتىق ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ئۆتىدىغان بولدى».

يۇقىرىقىلار مۇرات ئىسىملىك كىشىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىدۇر. ئەسلىدە بىز ئۇلۇغ دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلساق ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ھايات كەچۈرىدىغان بولساق، نە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، نە ئۆزىمىزگە ئۇۋال قىلىشتىن ساقلىنىپ قالالايمىز. قۇرئان كەرىم بىزگە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَأٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَى مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ( «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلمەستىن) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار»[1]. )وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا( «ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمە. چۈنكى قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ»[2]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسئۇلىيەتسىز گەپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىنسان ئۆزى ھېس قىلماستىن شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىدۇكى، ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ»[3] دېگەن.

 گۇناھسىز كىشىلەرنى قارىلاش ئۇلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قارىلانغۇچىلارغا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز روھىي ئازابنى، چىدىغۇسىز ھەسرەت – نادامەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. قارام بىر ساختىپەز ئېيتقان بىر قېتىملىق يالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى جىنايىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەر _ ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان تۆھمەتچى بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە قانچىلىك ئېغىر زىيان سالغان بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىمۇ شۇنچىلىك ئېغىر ۋە چوڭ بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: )وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا( »ئەر _ ئايال مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (بۇ) تۆھمەتنى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ».[4]

[1] ھۇجۇرات سۈرىسى: 6- ئايەت.
[2] ئىسرا سۈرىسى: 36- ئايەت.
[3] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان، ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[4] ئەھزاب سۈرىسى: 58 _ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار