ناماز ئۆتىمەك ئۈستىمىزدىكى قەرزنى ئۆتىمەكتۇر

ناماز ئۆتىمەك ئۈستىمىزدىكى قەرزنى ئۆتىمەكتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىسلامنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشەنگەن ۋە ئىسلامىي قائىدە-يوسۇنلارنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىگە ئايلاندۇرغان ئىلغار كىشىلەر ئىدى. بىزدىكى «يامان بولىدۇ» دېگەن ياساقلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئىسلام كۆرسەتمىسىدىن كەلگەن دىنىي تەلىماتلاردۇر. بۈيۈك بوۋىلىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشغەرىي، ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق كىشىلەر ياشىغان دەۋرلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسلامنى بارلىق ھايات ساھەلىرىدە ياشاتقان، ئۆزلىرىمۇ ئەزىز ۋە ھۆر بولۇپ ياشىغان ئۈلگىلىك دەۋرلەر ئىدى. ئۇلار ئىسلامىي ئاتالغۇلارنى ناھايىتى ياخشى ئويلىنىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىنىمۇ ناھايىتى مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بەلگىلىگەن. مەسىلەن: تىلىمىزدىكى «ناماز ئۆتىمەك» دېگەن سۆز ئىسلامدا بەلگىلەنگەن بەش ۋاخ نامازنى بارلىق شەرتلىرىگە، پەرز، ۋاجىپلىرىغا، ۋاقىتلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىپ، ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان بويىچە مۇكەممەل ئادا قىلىش دېگەننى ئىپادىلەيدىغان ئىخچام ئاتالغۇدۇر. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دىمۇ، «ئۆتىمەك» دېگەن سۆز: ئادا قىلماق، ئورۇنلىماق، بېجىرمەك، مەجبۇرىيەت ئۆتىمەك دەپ ئىزاھلانغان[1]. يەنە شۇ يەردە «كىشىنىڭ تاھارىتىدە ناماز ئۆتەپتۇ» دېگەن بىر مىسالنى بېرىپ قويغان. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر تىلىدا «ناماز ئۆتىمەك» دېگەن سۆز «ناماز ئوقۇماق» دېگەن سۆزدىن كۈچلۈك ۋە ئەسلىسىگە ئويغۇن ئاتالغۇردۇر. چۈنكى،  «ناماز ئوقۇماق» دېگەن سۆز «ئۆتىمەك» دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز  ئىسلامنىڭ بىرىنچى پەرزى بولغان نامازنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە مۇكەممەل ئادا قىلماقنى «ناماز ئوقۇماق» دېمەستىن، «ناماز ئۆتىمەك» دەپ ئاتىغان. بۇ ئۈستىمىزدىكى پەرزنى تولۇق ئادا قىلماق، ئاللاھ تائالاغا خالىس ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت قەرزىمىزنى ئۆتىمەك دېگەننى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى «أقيموا» دېگەن سۆز «ئادا قىلىڭلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە، «صلوا الصلاة» يەنى «ناماز ئوقۇڭلار» دەپ ئەمەس، «أقيموا الصلاة» يەنى «نامازنى ئادا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان. «ئادا قىلماق» بىلەن «ئۆتىمەك» بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۈستىمىزگە بەلگىلىگەن قەرزنى ئادا قىلىشتۇر.

ئەمدى، «نامازنى بارلىق شەرتلىرىگە، پەرز، ۋاجىپلىرىغا، ۋاقىتلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىپ، ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان بويىچە مۇكەممەل ئادا قىلىش» دېگەن قانداق بولىدۇ؟ بۇ تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

1.      نامازنىڭ بارلىق شەرتلىرىگە رىئايە قىلىش.

—    پاكلىق (بەدەننىڭ، كىيىمنىڭ ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جاينىڭ پاك-پاكىز بولىشى).

—    تاھارەت ئېلىش (غۇسلى بىلەن تەيەممۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

—    ناماز ۋاقتىنىڭ كىرشى.

—    ئەۋرەت جايلارنى يۆگەپ تۇرىدىغان چىرايلىق ۋە پاكىز كىيىم كىيىش.

—    قىبلىگە يۈزلىنىش.

—    نىيەت يەنى ناماز ئوقۇشنى كۆڭۈلگە پۈكۈش.

2.     نامازنىڭ پەرز ۋە ۋاجىپلىرىنى تولۇق ئورۇنداش.

—    تەكبىر تەھرىمى (نامازنى باشلاش تەكبىرى).

—    قىيام (نامازدا ئۆرە تۇرۇش).

—    قىرائەت (نامازدا قۇرئان سۈرىلىرىدىن ئوقۇش).

—    رۇكۇ (قولنى تىزغا قويۇپ يەرگە ئىگىلىش).

—    سەجدە (نامازدا باشنى يەرگە قويۇش).

—    قەئدە ئاخىر(نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇش).

—    نامازغا باشلىغاندا ﴿اَللهُ اَكْبَرْ﴾ (ئاللاھۇ ئەكبەر) دېگەن تەكبىرنى ئېيتىش.

—     پەرز نامازلارنىڭ 3 - ۋە 4 - رەكئەتلىرىدىن باشقا پۈتۈن نامازلاردا، فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن، بىر سۈرە ئوقۇش ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇش.

—     سەجدىدە، بۇرۇن بىلەن پىشانىنى باراۋەر يەرگە تەككۈزۈش.

—     ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا ۋە نامازنىڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشىدا «ئەتتەھىياتۇ» نى ئوقۇش.



[1] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 1177- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار