باشقىلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىز ئۆزىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ

باشقىلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىز ئۆزىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ

  مۇھەممەد يۈسۈپ

تۈركچىدە «دەرۋىشنىڭ پىكىرى قانداق بولسا زىكرىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇ دېگەنلىك بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى، ئېتىقادى ۋە پىكىر- قاراشلىرى قانداق بولسا، تاشقى دۇنياسىدىمۇ شۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، يەنى بىر ئىنساننىڭ ئوي- پىكىرى ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا، گەپ-سۆزلىرىدە ۋە مۇئامىلىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇڭا گەپ قىلغاندا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى گەپ-سۆز ئوي-پىكىردىكىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ، سىز باشقىلارغا باھا بەرگەندە ئۆزىڭىزدىكىسىگە قاراب باھا بېرىسىز. بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ: بىر ئادەم ئيىنىڭ ئالدىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى. يولدىن ئۆتكەنلەر ئۇنىڭغا قاراپ ھەرخىل باھالارنى بەردى. بىرى، «بۇ تازا ھورۇن ئادەم ئىكەن» دېدى، يەنە بىرى، «بۇ قېرى يولدىن ئۆتكەن قىزلارغا قاراش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتۇ» دېدى، ئۈچىنچىسى، بۇ ئادەم بىر كۈن قاتتىق ئىشلەپ ئەمدى دەم ئېلىپتۇ» دېدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ئادەمگە توغرا باھا بېرەلمىگەن. چۈنكى، ئۇلاردىن ھەربىرى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، بىرىنچىسى، تەييارتاپ ئادەم ئىدى، ئىككىنچىسى، ئەخلاقسىز ئادەم ئىدى، ئۈچىنۈىسى بولسا بەك تىرىشچان ئادەم ئىدى.

   ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكىنى جەمئىيەتتىن ئىزدەيدۇ. مەسىلەن: ئۈچ ئادەم شەھەرگە كىردى ۋە ئايرىلىپ كەتتى، كەچقۇرۇنلۇقى شەھەردىن قايتىشىدا ھەممىسى بىللە قايتتى. شۇ تاپتا ئۇلار شەھەر ئەھلىنى باھالاشقا باشلىدى. بىرىنچىسى، «بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى قىمارۋاز ئىكەن» دېدى. ئىككىنچىشى، «بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى بەش ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر ئىكەن» دېدى. ئۈچىنچىسى، «بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى دېھقان ئىكەن» دېدى. چۈنكى، ئۇلاردىن ھەربىرى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىسىنى ئىزدىگەن ۋە تاپقان.

   شۇڭا ئىجابىي بولۇش لازىم. چۈنكى، سىز ئىجابى بولسىڭىز باشقىلارنىمۇ ئىجابىي كۆرىسىز ۋە ئۇلاردىكى ئىجابىيلىقلارنى، گۈزەللىكلەرنى كۆرىسىز. ئەگەر سىز سەلبىي بولسىڭىز باشقىلارنىمۇ ئۆزىڭىزدەك ئويلايسىز ۋە ئۇلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنىلا كۆرىسىز. بىر موماي دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ، قوشنىسىنىڭ يېيىپ قويغان كىرلىرىنى كۆرىدىكەن ۋە «كىر دېگەننى يۇغاندىكىن پاكىز يۇيسا بولمامدىغاندۇ؟» دەپ غۇدۇرايدىكەن. موماينىڭ نەۋرىسى ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ئۆينىڭ دېرىزىسىنى تازىلىۋېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن موماي بۇ قېتىم «ۋىييەي، قوشنامنىڭ كىرلىرى ھەجەپ پاكىزلىنىپ قاپتۇغۇ» دەيدىكەن. ئەپسۇسكى، ھاياتتا كۆپلىرىمىز كىشىلەرگە مۇشۇ مومايدەك باھا بېرىۋېتىمىز، بىرەر قېتىم بولسىمۇ، ئۆزۈمدە مەسىلە بارمۇ-يوق، دەپ ئويلاپ كۆرمەيمىز.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار