ھېچكىم سىزنى بالىڭىزدەك نازارەت قىلالمايدۇ

ھېچكىم سىزنى بالىڭىزدەك نازارەت قىلالمايدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

بالىلىق چاغلىرىمدا، مەكتەپنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئانامنىڭ قولىدا كىتابنى كۆرگەن ۋە كىتاب دېگەن مۇشۇ ئىكەندە، دېگەن ئىدىم. ئانام سەككىز بالىنى قاتارغا قوشۇش، كىيىملىرىنى يۇيۇش، تاماقلىرىنى بېرىش، چوڭلىرىنى مەكتەپكە يولغا سېلىش، كىچىكلىرىنى بېقىش دېگەندەك، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ۋە تۈگىمەيدىغان ئائىلە مەشغۇلاتى بىلەن تۇرۇقلۇق، كىچىككىنە بوش ۋاقتى چىقسىلا قولىغا كىتاب ئالاتتى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇيتتى، كۆپ ۋاقىتلاردا بىزگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرەتتى، ھەر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، كەھف سۈرىسىنى ئوقۇشنى قەتئىي تەرك قىلمايتتى. ئانام يەنە ھېچكىمنى تىللىمايتتى، بىرەرسىمىزنى بىر قېتىممۇ تىللاپ باققىنىنى بىلمەيمەن. خاپا قىلساق قۇلىقىمىزدىن تۇتۇپ ئەدەپلەپ قوياتتى، ئەمما يا بىزگە ياكى دادامغا قەتئىي ئېغىزىنى بۇزمايتتى. دادام ئىنتايىن پىرىنسلىق ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ناھەقچىلىككە قەتئىي جىم تۇرالمايتتى.

سىزمۇ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىڭىزدىن بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل خاتىرىلەرنى ئەسلىيەلەيسىز. ئاتا-ئانىمىز بىزگە ئۆگەتكەن ۋە بىزدە يېتىلدۈرگەن قىممەت قاراشلار ئۇلارنىڭ «ئۇنى قىل»، «بۇنى قىلما» دېگەن بۇيرۇقلىرى ياكى تەلقىنلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن سىڭدۈرگەنلىرى ئىدى.

شۇڭا پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا گۈزەل ئەخلاق ۋە يۈكسەك قىممەت قاراش بىلەن ئىش كۆرگىنىڭىز ئۇلارغا مىڭلارچە نەسىھەت قىلغىنىڭىزدىن ياكى تەربىيە كىتابلىرىدىن يۈزلەرچىسىنى ئوقۇپ بەرگىنىڭىزدىن ئەۋزەل ۋە ئۈنۈملۈكتۇر. بىر كۈنى ئۇستازىم ۋە ئوغلى ئابدۇراھمان ئۈچىمىز جامەگە ئىپتارغا كېتىپ باراتتۇق. يول بويىدا بىر چېلەك سۇنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتغان بىر بوۋاينى كۆرۈپ قالدۇق. شۇ تاپتا ئابدۇراھمان دەرھال بوۋاينىڭ ئالدىدا بېرىپ، چېلەكنى قولىدىن ئالدى ۋە كۆتۈرۈپ ماڭدى. كېيىن بىز جامەگە يېتىپ بارغىنىمىزدا، ئۇستازىم ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭگە تۇشلۇق بولماي، يوغان بىر چېلەكنى كۆتۈرۈۋالدىڭغۇ؟» دېۋىدى، ئۇ «دادا ئەينا سىزمۇ قوشنىمىز تۇداخۇن بوۋاينىڭ يوغان بىر تاغار يۈكىنى ھارۋىدىن ئېلىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ بەرگەنتىڭىزغۇ؟» دېدى. ئۇستازىم تەبەسسۇم قىلدى ۋە گەپ قىلمىدى. بەزىدە ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. مەسىلەن: سىز بالىلىرىڭىزنىڭ كۆزىدە بىرەر يامان ئىشنى قىلغىنىڭىزدا ياكى ئەخلاققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار سۆزنى سۆزلىگىنىڭىزدە، ئۇلارغا يېشىل چىراق ياندۇرۇپ بەرگەن بولىسىز-دە، ئۇلار ئۇنى نورمال ئىشلار قاتارىدا قوبۇل قىلىۋالىدۇ. ئايالىنى بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇرىدىغان، تىللايدىغان، خارلايدىغان ئادەمنىڭ بالىلىرىمۇ، ئايالىنى ئۇرىدىغان، تىللايدىغان ۋە خارلايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بالىلىرىغا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئۇلارنى كىشىلەرگە شەپقەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، كەلگۈسىدە بالىلىرىنى ئۇرىدىغان ئاتىلاردىن قىلىپ قويىدۇ.

شۇڭا بالىلارنىڭ ئالدىدا خاتا ئىش قىلىشتىن ساقلىنىش باشلىقىمىزنىڭ ياكى ئەل ئالەمنىڭ ئالدىدا خاتا ئىش قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغاندىن نەچچە ھەسسە مۇھىمدۇر. چۈنكى بالىلىرىڭىز سىزدىن ئىرسىيەتنىلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىڭىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىڭىزنىمۇ ئالىدۇ. بىز خاتالاشمايدىغان پەرىشتە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ بىرەر خاتالىقىمىز ۋە بىر ئېغىز يامان سۆزىمىز بالىلارنىڭ خاتىرىسىدىن يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ، ساقلىنىپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار شۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلماقچى بولغىنىدا ياكى ئېغىزىنى بۇزغىنىدا، داداممۇ شۇنداق قىلغان دەيدۇ-دە، ئۆزىنى ھەقلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ.

سىز تۇرمۇشىڭىزدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ھەرقانداق نەزەرىيە ۋە ھەرقانداق تەجرىبە- ساۋاق پايدىسىزدۇر. ئۇ يا سىزگە ياكى باشقىلارغا پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى، مۇنداق قىلىش دوختور بۇيرۇغان دورىنى ئېلىپ ساقلاپ قويۇپ يېمىگەندەكلا ئىشتۇر. شۇڭا سىز ھەر زامان ياخشى ئىشلارنى قىلىڭ، ئاندىن بالىلىرىڭىزغا ئۇنىڭ سەۋەبىنى ياكى مۇھىملىقىنى دەپ بېرىڭ.

 ئىبرەت

—  ئالدىدا خاتا ئىش قىلىپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك شەخس بالىڭىزدۇر.

—   ئۈلگە بولۇش مىڭلارچە نەسىھەتتىن ياخشىدۇر.

—  ئايالىنى خارلايدىغان ۋە كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەم ئاياللىرىنى ئۆي سىرەمجانلىرى قاتارىدا كۆرىدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار