ئىسلامشۇناس ئالىم بىلەن ئۇچرىشىش

ئىسلامشۇناس ئالىم بىلەن ئۇچرىشىش

يېقىندا ئالمۇتا شەھىرى «دوستلۇق» مىكرورايونىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى دىنىي ئۆلىما ۋە ئىسلامشۇناس ئالىم مۇھەممەد يۈسۈپ بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇچرىشىشقا ھاياتىنى ئىسلام دىنىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىغان قېرىندىشىمىز بىلەن دىدارلىشىشنى ئارزۇ قىلغان يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ئالىمنىڭ ھۆرمىتىگە يېيىلغان كەڭ داستىخان ئېچىلىشتىن ئىلگىرى دۇئا تەكبىر قىلىندى. ئاندىن مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانكۆيەرى ئازتېكىن ئىبراگىموۋ سۆزگە چىقىپ، ئالىم مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇلۇغۋار ئەمگەك پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.— ئەگەر بىز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئاللاھ يولىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان كاتتا ئىشلىرىنى تەپسىلىي سۆزلىمەكچى بولساق، بىر كۈنمۇ ئازلىق قىلىدۇ— دېدى ناتىق. — شۇڭلاشقا مەن دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ روياپقا چىقارغان ئىشلىرىدىن ئاساسيلىرىنى ئاتاپ ئۆتەي. بىزنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىنى 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 10 توملۇق قىلىپ يېزىپ چىقىپ، نەشر قىلدۇرۇپ، خەلقىمىزگە ھەقسىز تارقاتقانلىقى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئەڭ كاتتا خىزمەتلىرىنىڭ بېرىدۇر. مەزكۇر تەپسىر «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ئىسىم بىلەن ئاتالغان بولۇپ، «قازاقىستان دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ رەئىسى ۋە باش مۇپتى سېرىكباينىڭ تەبىرى بويىچە، بۇ تەپسىر ئۇيغۇر ۋە قازاقنىڭ تارىخىدا مۇكەممەل يېزىلغان تۇنجى تەپسىر ئىدى. يەنە ئۇنىڭ «دىن ۋە ھايات 2000سوئالغا جاۋاب» ناملىق كىتابى 2010- يىلى قازاقىستاندا بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم نەشر قىلىنىپ، ئون مىڭ نۇسخىغا يېقىن تارقىتىلىش ئارقىلىق رېكورت ياراتقان ئىدى. بۇ يىل يەنە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىبىگە ئاساسەن، بۇ كىتاب قايتىدىن نەشر قىلىندى ۋە مۇھەممەد يۈسۈپ خەلقىمىزگە ئۆز قولى بىلەن تارقىتىپ بەردى. يەنە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى پات يېقىندا نەشردىن چىقىدۇ. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قازاقىستاندا كىرىل ھەرپىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىپ تارقاتقان يىگىرمىدىن كۆپرەك كىتابىنى سانىمىغاندىمۇ، بۇلارنىڭ ئۆزىلا كاتتا خىزمەت ۋە بىر قەھرىمانلىقتۇر. ئۇنىڭ مىڭدىن ئوشۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان، يەنە تېلېۋىزور ۋە يۇتۇب قاناللىرىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ۋە پروگراممىلىرى يۈزلەرچە بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلاردۇر. بىز قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى دىنىمىزنى ئۇنىڭ كىتابلىرى ئارقىلىق ئۆگەندۇق، ئۇ كىتابلاردىن يۈزلىگەن سوئاللارغا جاۋابلارنى تاپتۇق. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەسىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرچە دىنىي ئەسەرلەرنىڭ 95 پىرسەنتى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئەسەرلىرىدۇر.
ئاندىن نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىققان يۇرت مۆتىۋەرلىرى قاسىم ھاجىم ئىمىروۋ، غۇجەخمەت كالاشېۋ، سادىقجان يۇنۇسوۋ، پېشقەدەم سىياسەتچى قەھرىمان غۇجامبەردىيېۋ،پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوۋ، ئاۋۇسترىيەلىك مېھمان ئۆمەرجان مەقسەت ۋە بەختجان نۇرۇزوۋ، يالقۇنجان نۇرۇزوۋ قاتارلىقلار مۇھەممە يۈسۈپنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان خىزمەتلىرىگە، ئىنسانلارغا ئىسلامغا يېقىنلاشتۇرۇش يولىدىكى ئەجرىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇلار ئالىمنىڭ دىنىمىز ئىسلامنى چوڭقۇر ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن ھالدا، بىزگە توغرا-خاتانى، ھالال- ھارامنى بىلىۋېلىشىمىزغا ئابا تىلىمىزدا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى ھەركىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنەى تەكىتلەپ، بۇ يۆنىلىشتە مۇھەممەد يۈسۈپ چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى. ناتىقلار ئومۇمەن، بىر ئېغىزدىن دىنىي ئۆلىما، ئىسلامشۇناس ئالىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا يەتكەن ھۆرمىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا كەلگەن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەتنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىدىن ۋە زور ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئاۋۇسترالىيەدىن كەلگەن مېھمان سۆزىدە، ئاۋۇسترالىيەدىكى ئۇيغۇرچە دىنىي ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئەسەرلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىن كەڭ تارقالغانلىقىنى ۋە ھەر ئۆيدە ئۇنىڭ كىتابى تېپىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇچرىشىش داۋامىدا«دوستلۇق» مىكرورايونىنىڭ يىگىتبېشى ئازات ئىبراگىموۋ ۋە تىجارەتچى قاسىم ھاجىم ئىمىروۋ يۇرت- جامائەتچىلىك نامىدىن دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد يۈسۈپكە تون كىيگۈزدى. ئاندىن مۇھەممەد يۈسۈپ سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ نامىغا ئېيتىلغان ئىللىق ۋە سەمىمىي سۆزلەرگە تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. — ھۆرمەتلىك خامائەت، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم! —دېدى ئۇ نۇتقىدا. —بۈگۈن سىلەر مېنى بەك ماختىۋەتتىڭلار. مەن ئۇنچىۋالا كاتتا ئىشلارنى قىلغىنىم يوق. مەن سىلەر تەرىپلىگەندەك ئۆلىما ئەمەس، مەن پەقەت خەلقىمگە خىزمەت قىلسام دەپ يۈرگەن، سەۋىيەسى يېتەرسىز بىر ئوقۇغۇچى، خالاس. چامىمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە دىنىمىزنى توغرا شەكىلدە يەتكۈزەلىگەن ۋە كۆڭلۈڭلاردىن چىقالىغان بولسام، مەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن. ئەمدى، ئالدى بىلەن مېنى مۇشۇ ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغان ئۇلۇغ رەببىم ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاندىن مېنىڭ تەپسىر «جەۋھەرلىرى»دىن باشلاپ 20 گە يېقىن ئەسىرىمنى ئەرەب ھەرپىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن كىرىل ھەرپىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرۈپ بەرگەن سادىقجان يۇنۇسوۋ ئاكام، شۇ ئەسەرلەرنىڭ يورۇق كۆرۈشى ئۈچۈن ئىقتىساد چىقارغان ساخاۋەتچى ئاكىمىز دىلمۇرات كۇزىيېۋ ئاكام ۋە بۇ ئەسەرلەنى نەشرگە تەييارلىغان قېرىنداشلىرىم يالقۇنجان، يارمۇھەممەد، ئادىلجان، بەختجان، كوررېكتورلۇقتا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن يۇلتۇزاي سەمەتوۋا ھەدەم ۋە «مىر نەشرىياتى» ساھىبى ئالىشېر خېلىلوۋ قاتارلىقلار ئارىمىزدا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ ئۇچرىشىش بەكمۇ مەنىلىك ۋە خۇشاللىق ئۆتتى. مۇھىمى خەلقىمىز ئىسلامشۇناس ئالىم، دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد يۈسۈپكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭغا سەمىمىي دۇئا قىلدى. بۇنداق ئۇچرىشىشلار سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى چوڭ مەسچىتتە، 101- گىمنازىيە ئۇيغۇر مەكتىپىدە، كراسنى پولە ۋە كالېنىن مەھەللىرىدىمۇ ئۆتتى. ئۇ يەرلەردىمۇ ئالىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تون كىيگۈزۈلدى. دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد يۈسۈپ ئۇچرىشىشقا كەلگەن جامائەتچىلىككە ئىسلام دىنىمىزدىن ئەتراپلىق ۋە مەزمۇنلۇق قىلىپ مەلۇمات بەردى. ئاخىرىدا يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ سوئاللىرىغا قانائەتلىك جاۋابلارنى بەردى.
مەشۇر ساسىقوۋ. «ئۇيغۇر ئاۋازى». (8089) №25 20- ئىيۇل،2023- يىل، پەيشەنبە، ئالمۇتا.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار