قۇرئان كەرىم ھەققىدە قىسقىچە بايان

 

قۇرئان كەرىم ھەققىدە قىسقىچە بايان

 

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. ئۇ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ساماۋىي كىتابتۇر.

      «قۇرئان كەرىم» ئاۋۋال لەۋھۇلمەھپۇزغا چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭدا ساقلانغان. «قۇرئان كەرىم»نىڭ لەۋھۇلمەھپۇزغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا ساقلانغانلىقى ئۇنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭمۇ قەتئىي ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتىدۇر.

     «قۇرئان كەرىم» ۋەزىيەت ۋە شارائىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاز _ ئازدىن نازىل بولۇپ، جەمئى23 يىلدا تولۇق نازىل بولۇپ بولغان. «قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە _  دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ  _  بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق».

 «قۇرئان كەرىم»  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيەنىڭ 610 _  يىلى مەككىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىملىق ۋەھيى بىلەن نازىل بولۇشقا باشلىغان. بۇ رامىزان ئېيىنىڭ 17- ياكى 21- ياكى 24 – كۈنلىرى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توپتوغرا 40 ياشتا ئىدى. «روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەرئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى روشەن (ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر» دېگەن ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋاقتىنى بايان قىلىدۇ.

    ئىمام بۇخارىي ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: «رەسۇلۇللاھقا ئەڭ دەسلەپكى ۋەھيى راست چۈش بىلەن باشلانغان. ئۇ چۈش كۆرسىلا كۆرگەنلىرىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرەتتى ۋە ئەينەن تۇتۇۋالاتتى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يالغۇز قېلىشنى خالاپ قالىدىغان، مەككىدىكى ھىرا غارىغا كۆپرەك بېرىپ ئۇ جايدا كۈنلەرچە رەببىگە ئىبادەت قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يېمەك _  ئىچمەكلىرى تۈگىسە، خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كېلىپ يېمەك _ ئىچمەكلىرىنى ئېلىپ يەنە كېتەتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ۋەھيى كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھىرا غارىدا ئىبادەت ۋە تەپەككۇر ئۈستىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىغا جىبرىل كېلىپ ئۇنى‹ئوقۇ› دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ‹مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن›دېدى. قىسسىنىڭ بۇ قىسمىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى سۆزلەپ بېرىپ دەيدۇكى، ئۇ چاغدا جىبرىل مېنى ئۆزىگە تارتىپ قاتتىق سىقىۋالدى، مېنىڭ پەقەت كۈچۈم قالمىغاندەك بولۇپ كەتتىم، ئاندىن قويۇپ بەردى ۋە ‹ئوقۇ›دېدى. يەنە مەن‹مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن›دېدىم، ئىككىنچى قېتىم مېنى يەنە قاتتىق سىقىۋالدى، بۇ قېتىممۇ كۈچۈم قالمىدى، ئاندىن قويۇپ بەردى ۋە ‹ئوقۇ›دېدى. مەن يەنە ئۇنىڭغا: ‹مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن›دېدىم. يەنە قاتتىق سىقىۋالدى، بۇ قېتىممۇ يەنە كۈچۈم قالمىدى، ئاندىن يەنە قويۇپ بەردى ۋە «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى ئەلەقتىن ياراتتى. سەن ئوقۇغىن. رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر»  دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدى.

   «قۇرئان» دېگەن سۆز «قرأ» يەنى (ئوقۇدى) دېگەن پېئىلدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «ئوقۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى چۈشۈۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. چۈنكى، ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. شۇڭا بىز ئۇنى (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن» دېگەن ئايەتتىكى «قُرْآنَ» يەنى «قۇرئان» دېگەن سۆز بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

       ۋەھىي  _  ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرگەن تەلىماتى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىنى ئىنسانغا بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. «ئاللاھ بىر ئىنسانغا پەقەت ۋەھىي يولى بىلەن ياكى پەردە ئارقىسىدىن سۆزلەيدۇ، ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىدۇ».

    ۋەھىي ئۆزى بىلەن ئەڭ ئاۋۋال تونۇشقان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش تەرزىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە، ئىناقسىزلىقتىن بىرلىككە، نادانلىقتىن ئىلىم _ مەرىپەتكە، ئاجىزلىقتىن كۈچ _ قۇۋۋەتكە تەدرىجىي ئېلىپ بارغان ئىدى. چۈنكى، ۋەھىي يېڭى بىر ھاياتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان ئىلاھىي قانۇندۇر. ۋەھىينىڭ غايىسى ئىنساننى مەركەز قىلغان بىر ھايات، ئىماننى مەركەز قىلغان بىر ھايات، ئىلىم _ مەرىپەتنى مەركەز قىلغان بىر ئىمان ۋە ھەقىقەتنى مەركەز قىلغان ئىلىم _ مەرىپەت ئىدى. شەكسىزكى، ھەقىقەتنىڭ مەنبىيى ئاللاھ تائالادۇر. ۋەھىينىڭ روھى بىلەن پارلاق بىر ھاياتقا ئېرىشكەن ساھابىلار ئەخلاق _ پەزىلەتتە، ھەقىقەتنى نامايان قىلىشتا، ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشتا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ۋايىغا يەتكەن ۋە پۈتۇن دۇنيا ئەللىرىگە ئۆچمەس ئۈلگىلەرنى ياراتقان ئىدى.

ۋەھىي تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك بولغان

     1.  پەردە ئارقىسىدىن سۆز قىلىش. ئاللاھ تائالا مىسىرنىڭ تۇر تېغىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز سۆز قىلغان.

      2.ئىلھام ياكى پەيغەمبەرنىڭ قەلبىگە ئورنىتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن «جىبرىل مېنىڭ قەلبىمگە ‹ ھېچكىم رىزقىنى تولۇق تۈگەتمەستىن ئۆلمەيدۇ› دەپ ئىلھام سالدى، سىلەر ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار» .    

    3.راست چۈش. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھىيدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھغا ۋەھىي دەسلەپتە ياخشى چۈش كۆرۈش بىلەن باشلانغان...».

    4. ئاللاھ تائالانىڭ جىبرىلنى ئەۋەتىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھىي توغرۇلۇق سورالغىنىدا: «ۋەھىي ماڭا بەزىدە قاتتىق جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ، گاھىدا پەرىشتە بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ كېلىپ ماڭا سۆز قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق ئېسىمدە تۇتۇۋالىمەن»، دەپ جاۋاب بەرگەن.

                        

    مۆجىزە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى      

    مۆجىزە  _  پەيغەمبەرلەرنىڭ راستىنلا ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان دەلىل، ئىسپات ۋە پاكىت دېمەكتۇر .

       ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەرگە يېتەرلىك مۆجىزىلەرنى نازىل قىلغان. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوتتا كۆيمەس مۆجىزىسىنى بەرگەن، بابىل پادىشاھى نەمرۇد ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى چوڭ بىر ئوت يالقۇنىغا ئاتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەھشەتلىك ئوت ئىچىدە تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ نە بەدىنى، نە تېرىسى كۆيمىگەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قولى چىراقتەك نۇرلىنىدىغان، ھاسىسى ئەجدىرھاغا ئايلىنىدىغان مۆجىزىلەرنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، ئاق كېسەلنى ساقايتىدىغان، تۇغما كورنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان مۆجىزىلەرنى بەرگەن. بۇلار «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردا قەيت قىلىنغان. ئاخىرىقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە پەرقلىق ۋە تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان مۆجىزە  —  قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان.

    مۆجىزىلەر ئەزەلدىن ھەربىر دەۋر ۋە جەمئىيەتنىڭ شارائىتىغا قاراپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان نەرسىنىڭ جىنسىدىن بولۇپ، ئۇنى بېسىپ چۈشىدىغان ئالاھىدە پەرقلىق ئۈستۈنلىكى بىلەن كەلگەن. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزە نازىل قىلىشتىكى پرىنسىپىدۇر. مەسىلەن: پىرئەۋننىڭ زامانىدا سېھىرگەرلىك ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا شۇ زاماننىڭ تەقەززاسىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن سېھىرلەرنى بەربات قىلىپ، سېھىرگەرلەرنى مات قىلىدىغان مۆجىزە ئاتا قىلغان. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى تېببىي جەھەتتە زور يۈكسەلگەن بىر دەۋر بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئۇستا دوختۇرلىرىمۇ ساقايتالمىغان ئاق كېسەلنى، تۇغما كورنى ساقايتىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرىدىغان مۆجىزىنى ئاتا قىلغان.

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئەرەبلەردە ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانىدى. ئەرەبلەر چوڭ _  كىچىك ھەممىسى بىردەك شېئىرخۇمار خەلق ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ شېئىرىيەتكە بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەبلەر شۇكى: بىر تەرەپتىن، ئۇلار قۇملۇق سەھرالاردا ھايات كەچۈرىدىغان خەلق بولغاچقا، تەبىئەتنىڭ ھەرخىل مەنزىرىلىرى ئۇلارنى شېئىر ۋە غەزەللەرنى ئېيتىشقا ئۈندەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەبلەردە ئومۇمىي بىرلىك يوق بولۇپ، ئۇلار قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ھەربىر قەبىلە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى شېئىر ۋە غەزەللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ پەخىرلىنىش ۋە شېئىر بىلەن رەقىبلىرىنى سۆكۈش، ھەتتا بۇ سەۋەبتىن بىر _  بىرىگە قارشى چوڭ ئۇرۇشلارنى باشلىتىش قاتارلىق مۇددىئالار بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزەتتى، بەدىئىي شېئىرلارغا ۋە تالانتلىق شائىرلارغا زور ئېھتىياجلىق ئىدى. قىسقىسى، ئۇلار شېئىر بىلەن كۆتۈرۈلەتتى، يەنە شېئىر بىلەن چۈشەتتى.

شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، «قۇرئان كەرىم» ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن دۇنياغا نۇر چاچقان، بەدىئىيلىك ۋە ئەدەبىيلىك جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھالدا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنىشى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى «ئەرەب (تىلى راۋان)» باشقا مىللەتلەرنى «ئەجەم (تىلى راۋان ئەمەس)» دەپ مەغرۇرلانغان ئاتاغلىق ئەدىبلىرى ۋە تالانتلىق شائىرلىرى سەھنىدىن چۈشتى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا قۇرئان كەرىمنىڭ جىمى ئەرەبلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشى ئىدى.

    «قۇرئان كەرىم» جىمى ئەرەبلەرگە جەڭ ئىلان قىلغىنىدەك، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە جەڭ ئېلان قىلغانىدى. «قۇرئان كەرىم» نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن: شۇ ۋاقىتتىكى ئىككى چوڭ ئېمپىراتورلوق بولغان رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولۇپ، ئىرانلىقلار رىملىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنى قاتتىق غەمكىن قىلغانىدى. شۇ ۋاقىتتا قۇرئان رىملىقلارنىڭ كېيىنكى غەلىبىسىدىن خەۋەر بېرىپ: «رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى. ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرىشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېگەنىدى. بۇ خەۋەرنى مۇسۇلمانلار«ھەق ۋە راست»دەپ تەستىق قىلىشقان، ئەرەب مۇشرىكلىرى، يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلار بۇ خەۋەرنى«بۇ يالغان ۋەدە، قېنى كۆرىمىز، قايسىمىزنىڭ كۈتكىنى ئەمەلگە ئاشىدىكەن»دېيىشكەن ئىدى. ئارىدىن تولۇق يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، رىملىقلار خۇددى قۇرئان كەرىمنىڭ ئالدىنئالا خەۋەر بەرگىنىدەك ئىرانلىقلارنى يېڭىدۇ. ئەگەر ئەھۋال «قۇرئان كەرىم» خەۋەر بەرگەندەك بولماستىن، ئەكسىچە بولۇپ رىملىقلار يېڭىلگەن بولسا ياكى ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن بولسا نېمە بولماقچى ئىدى؟ شەكسىزكى، ئەرەبلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان، شۇڭا گەپلىرى يالغان چىقتى» دەپ تۆھمەت قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك شەرت – شارائىت ھازارلانغان بولاتتى.

مۆجىزىلەر ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلاردۇر

      پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەر تەبىئىي قانۇنىيەتلەردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار ئىدى. مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇتلارغا چوقۇنىدىغان بىر قەۋمگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈپ جازالىماقچى بولغىنىدا، ئۇنى ئىلاھلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى بويىچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۆزلىرىگە ھاقارەت قىلغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى جازالىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغاندا، ئوت ئۆزىنىڭ كۆيدۈرۈش خۇسۇسىىيىتىنى يوقاتتى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئالالمىغانلىقتىن مات بولدى.

    شۇ ئېنىقكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان مۆجىزە ئوتتىن قۇتۇلۇپ ئامان قېلىش ئەمەس، بەلكى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈش قانۇنىيىتىنى بېكار قىلىش ئارقىلىق ئىلاھلارنىڭ جازالاشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئىدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتىن قۇتقۇزۇشنىلا مەقسەت قىلغان بولسا ئىدى، قەۋمى ئۇنى خۇددى ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۈيقەستچى قەۋملەر تۇتالمىغاندەك تۇتالمىغان بولۇشى بىلەن ياكى يامغۇر يېغىپ ئوت ئۆچۈپ قالغان سەۋەبلەر بىلەنمۇ ئۇنى قۇتقۇزالايتتى. ئەگەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قېچىپ قۇتۇلغان ياكى يامغۇر يېغىپ ئوت ئۆچۈپ قالغان بولسا ئىدى، قەۋمى «ئەگەر بىز ئىبراھىمنى تۇتالىغان بولساق، ئەلۋەتتە ئىلاھلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالغان ۋە ئوت ئۆچۈپ قالمىغان بولسا، ئەلۋەتتە كۆيدۈرۈلگەن بولاتتى»دەپ كۆرەڭلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت ئۆزىگە تاشلانغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرەلمىدى، ئۇلار چوقۇنغان ئىلاھلار ئۇنى جازالىيالمىدى. نەتىجىدە، ئۇلار «ئىلاھلىرىمىز»دەپ چوقۇنغان بۇتلارنىڭ بىراۋغا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ھەتتا ئۆزلىرىنىمۇ زىيان – زەخمەتلەردىن قوغدىيالمايدىغان ھەيكەللەر ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.

    مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇر!» دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن، ھاسىسى بىلەن ئۇرىۋىدى، دېڭىز سۈيى خۇددى ئىككى چوڭ تاغدەك ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ، ئوتتۇرىدىن يول ھاسىل بولدى. سۇنىڭ بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت بىر ئىش. لېكىن مۆجىزە ئۇنى شۇنداق قىلالىدى.

    پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەر خاراكتېر جەھەتتە ئوخشاش بولمىغاندەك، قىممەت جەھەتتىمۇ ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەر گە نازىل قىلىنغان مۆجىزىلەرماددىي مۆجىزىلەر بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنى كۆرگەنلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىدىغان، ئۇنى كۆرمىگەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن تارىخ ياكى قىسسە ئورنىدا بولۇپ قالغانلىقتىن، خالىغانلار ئىشىنىپ، خالىغانلار ئىشەنمەيدىغان ئىشلاردۇر. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغانازىل قىلىنغان مۆجىزە «قۇرئان كەرىم» زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۈچىنى يوقاتمايدىغان مەڭگۈلۈك مەنىۋى مۆجىزىدۇر. «قۇرئان كەرىم» ھەممىلا يەردە بار. ئۇنى ھەركىم «مانا بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان مۆجىزە» دەپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

    بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان مۆجىزىلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ۋاقىتتا روياپقا چىقارغان ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن «كالام» سۈپىتى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئىش – ھەرىكەت بىر ياكى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىپ ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خۇددى ئوت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تاشلانغان ۋاقىتتا ئۇنى كۆيدۈرمىگەن بولسىمۇ، كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيىتىگە قايتقانلىقى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆتكەندە يېرىلغان دېڭىز سۈيىنىڭ كېيىن يەنە ئەسلى خۇسۇسىيىتىگە قايتقىنىغا ئوخشاش. ئەمما سۈپەت ئۇنىڭ ئىگىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتكىچە ئۇنىڭ بىلەن ھەمىشە بىللە داۋاملىشىدۇ. بۇ خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ كالام سۈپىتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ داۋاملاشقىنىغا ئوخشاش.

    قۇرئان كەرىمنىڭ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان مۆجىزىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان مۆجىزىسى ئايرىم ۋە دەستۇرى ئايرىم ئىدى. مەسىلەن: مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان مۆجىزە ھاسا بولسا، دەستۇرى تەۋرات ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان  مۇجىزە مېدىتسىنا بولسا، دەستۇرى ئىنجىل ئىدى. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان مۆجىزە  ئۇنىڭ دەستۇرىنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئۇلۇغ دەستۇرنىڭ مۆجىزە بىلەن قوغدىلىپ مەڭگۈ داۋاملىشىشى ۋە مۆجىزىنىڭ دەستۇردا ھەمىشە بولۇشى ئۈچۈن ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرى شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە ئامانەت قىلىنغان ۋە چىڭ ساقلاشقا ئەمر قىلىنغان. ئەمما «قۇرئان كەرىم»نى ساقلاش، ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشلاردىن قوغداش ئىشىنى ئاللاھ تائالا ئۆز ئۈستىگە ئالغان. «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

     نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ چۈنكى، بىرىنچىدىن، «قۇرئان كەرىم» تا قىيامەتكىچە مەڭگۈلۈك جانلىق مۆجىزىدۇر. ئۇ مۆجىزە بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ تېكستلىرى ئۆز پېتىچە ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭ مۆجىزىلىكى يوقالغان بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇرۇنقىلار ساماۋىي كىتابلارنى قوغداشتا ئاجىزلىق قىلدى، ئۇلار مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ بەزىسىنى ئۇنۇتتى، بەزىسىنى بۇرمىلىدى، بەزىسىنى خەلقتىن يوشۇردى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلدى. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈلۈك دەستۇرنى قوغداش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

     بىز مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى قوغداش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئىشىنىڭ زامان ئۆتكەنسېرى ئاجىزلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى قوغداش ئىشىنىڭ زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كۈچىيىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، «قۇرئان كەرىم»نى قوغداش ئىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەر ئارىسىدىمۇ تاپقىلى بولغىنىدەك، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭمۇ ئۇنى قوغداپ ۋە نەشر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. نېمە ئۈچۈن ياپونىيە، ئىتالىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەر «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ سۈپەتلىك نەشر قىلىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ خىراجەت چىقىرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن گېرمانىيىلىك مۇسۇلمان ئەمەس بىر شەخس «قۇرئان كەرىم»نى ھۆسنخەت بىلەن بىر بەتكە سىغدۇرۇپ چىقىشقا ئالدىرايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»نى نەشر قىلىدىغان مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى ئۆزگەرتكىنىدەك «قۇرئان كەرىم»نى بىرەر ھەرپنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ؟ چۈنكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى شۇنداق قوغداشنى خالايدۇ ۋە ئۇ ئىنسانلارنى شۇنداق قىلدۇرۇش، «قۇرئان كەرىم»گە ئىختىيارسىز خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نى ئاللاھ تائالا ئۆزى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

 

          «قۇرئان كەرىم» پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن مۆجىزىدۇر

         «قۇرئان كەرىم» ئەرەبلەرگىلا جەڭ ئىلان قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مۆجىزە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن مۆجىزىدۇر. شۇڭا ئۇ، زامان ۋە ماكانلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ تاشلىدى.

1-قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆتكەن زامانلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچ ئوقۇمىغان ۋە ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگەنمىگەن، پەقەتلا ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن تەربىيىلەنگەن بىر زات ئىدى. ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاندا، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ  _  ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنىڭ ئىش _  ئىزلىرى، ھەتتا تارىخ سەھنىسىدىن ھېچ ئىزى قالمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ كەچۈرمىشلىرى، ئېتىقادلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. يۇقىرىقىلارنىڭ قىسسىلىرىنىڭ بەزىسىنى بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن تارىخشۇناسلاردىن مىڭدىن بىرى بىلەتتى ياكى بىلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىسسىلەرنى قۇرئاننىڭ ھېكايە قىلىشى بويىچە بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، مەزكۇر قىسسىلەر ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي، خىرىستىيان) ئالىملىرىنىڭ قولىدىكى ساماۋىي كىتابلارنىڭ ۋە شۇ زامانلاردىكى مەشھۇر تارىخچىلارنىڭ ھېكايە قىلغانلىرىنىڭ ئۆزى بولۇپ چىققان. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئەينى زامانلاردا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئەھلى كىتاب ئالىملىرى ۋە باشقا ئىلىم ئەھلىلىرى كۆپ بولغان.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ بىر قانچە ئورۇندا بايان قىلغان ﴿سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ﴾ دېگەن ئايەتلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆتكەن زامانلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ مۆجىزىسىنى كۆرسەتمەكتە. «ئى پەيغەمبەر! بۇ بىز ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقان غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇلار مەريەمنى تەربىيەلەشنى تالىشىپ (چەك تاشلاش ئۈچۈن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدىمۇ ۋە ئۇلار (بۇ ھەقتە) دە تالاش قىلىشقان چاغدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ (ئى پەيغەمبەر!) بىز (تۇر تېغىنىڭ) غەرب تەرىپىدە مۇساغا ۋەھيى قىلغاندا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇ ۋەقەلىكنى) كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ » .

          2-قۇرئان كەرىمنىڭ ماكان توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى

«قۇرئان كەرىم» كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق ئۆزىگە ئۆزى پىچىرلىغانلىرى ھەققىدە تولۇق خەۋەر بېرىشتىن تاشقىرى، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە كەچۈرگەنلىرىدىنمۇ تەپسلىي ۋە ئېنىق خەۋەر بەرگەن. ئۇلار ئىچىدە: «(ئەگەر ئۇ راست پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا) ئاللاھ بۇ سۆزىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى جازالىماسمىدى؟» دەيدۇ». «قۇرئان كەرىم» بۇ ئايەتتە، ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئىچىدە ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلىغانلىرى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ئەگەر ئۇلار شۇنداق سۆزلىمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ ئايەتكە قارشى چىقىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «بىز ئۇنداق ئويلىمىدۇق، سەن يالغانچىسەن» دەپ تۆھمەت قىلغان بولاتتى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى رەزىللىكلىرىنى پاش قىلغان بۇ «قۇرئان كەرىم» ئايىتى ئالدىدا ئىندېيەلمىدى.

      بۇ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كەچكەنلەردىن خەۋەر بېرىشى بولۇپ، كىشىلەر تېخى كۆڭلىگە كەلتۈرمىگەن ۋە چوقۇم كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىنمۇ خەۋەر بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۆجىزىسىنى نامايان قىلغان. « بەزى ئەخمەق كىشىلەر «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەرنى) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسى (بەيتۇلمۇقەددەس)دىن نېمە بۇرىۋەتكەندۇ؟» دەيدۇ». بۇ ئايەت قىبلە بەيتۇلمۇقەددەىستىن كەبىگە ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن نازىل بولغان بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» يېقىن كېلىچەكتە ئەمەلگە ئاشىدىغان بۇ چوڭ ئۆزگىرىشكە كىشىلەرنىڭ تۇتىدىغان مەۋقەسى توغرۇلۇق ئالدىنئالا خەۋەر بەرگەن. كەبە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئۇلار راستىنلا شۇنداق دېيىشكەن. « ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەرنى ئېيتىپ)، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر». بۇ ئايەت، جىھادتىن قېچىپ ئايرىلىپ قالغان مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلار جىھادتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ يالغاندىن ئۆزۈرلەرنى ئويدۇرۇپ قەسەم قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. مەلۇمكى بۇ ئايەتلەر «س» ھەرپى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئەرەب تىلىدا «س» ھەرپى ھازىرقى زامان پېئىللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىش ئارقىلىق ئىش – ھەرىكەتنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ۋە پات _  يېقىندا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

        3- قۇرئان كەرىمنىڭ كېلىچەكنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى

« بۇ جامائە يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىدۇ ۋە ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ ». بۇ ئايەت پۈتۈن ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ ۋە مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇناپىقلارنىڭ يېقىن كېلەچەكتە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن چوقۇم مەغلۇپ قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ ئايەت مەككىدە مۇسۇلمانلار سان ۋە كۈچ جەھەتتە ئىنتايىن ئازلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ۋاقىتتا نازىل بولغان. ھەتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: «قايسى توپ ئۇ بىزدىن مەغلۇپ بولىدىغان. بىز ئۆزىمىزنى قوغداشتىنمۇ ئاجىز كېلىۋاتقان تۇرساق» دېگەن .  «قۇرئان كەرىم» بۇ ئايەت ئارقىلىق بىر قانچە يىل كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ھەقىقەتتىن خەۋەر بەرگەن. ئەگەر ھىجرىيەنىڭ 6 – يىلى بىرلەشكەن ئەرەب توپى مەدىنىدە يېڭىلمىگەن ۋە ھىجرىيەنىڭ 8 _ يىلى مۇسۇلمانلار مەككىنى فەتھى قىلىپ ھەممىنى تەلتۈكۈس مەغلۇپ قىلمىغان بولسا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئايىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى قىلىپ چىقىرىشقا يېتەرلىك ئىدى.

ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ۋەلىد ئىبنى مۇغىرەنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق «قۇرئان كەرىم» ئالدىن خەۋەر بېرىپ: «بىز يېقىندا ئۇنىڭ بۇرنىغا بەلگە سالىمىز» دېگەن. كېيىن بەدرى غازىتى بولغان كۈنىدە ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە بۇرنىدىن قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلۇپ ئۆلىدىغانلىقىنى ئىش يۈز بەرمەستىن كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئۆز خاھىشىدىن بەرگەن بولسا ۋە كېيىن ئىش ئۇنىڭ خەۋەر بەرگىنىدىن باشقىرەك بولغان بولسا ئىش قانداق بولماقچىدى؟ ئىسلام دىنىنىڭ تەقدىرى نېمە بولماقچىدى؟

«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىك قىلغان تاغىسى ئەبۇ لەھەبنىڭ كاپىر پېتى ئۆلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ: « ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلىيەتتە)  قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال _ مۈلۈكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئوتۇن يۈدۈگەن، بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولغان ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا) كىرىدۇ» دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يەۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغان ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلانغان ئەبۇ لەھەب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە – تەدبىر ۋە ھىيلە – مېكىرلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، خالايىقنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «مۇھەممەد مېنى مۇسۇلمان بولماي كاپىر پېتى ئۆلىدۇ ۋە دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى. گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نەتىجىدە دوزاخقا كىرمەيدىغان بولدۇم» دەپ يالغاندىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ئېلان قىلغان بولسا ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «يالغانچى» دەپ تۆھمەت قىلىشقا ۋە ئىسلام دىنىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قادىر ئىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شۇنى پىلانلىغۇدەك ئەقىل بەرمىدى. نەتىجىدە خۇددى «قۇرئان كەرىم» خەۋەر بەرگەندەك كاپىر پېتى ئۆلدى.

 

        «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەدرىجىي نازىل قىلىنغانلىقى

«قۇرئان كەرىم» نىڭ بىراقلا نازىل قىلىنماستىن، ئاز _ ئازدىن، پارچە _ پارچە نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ ھېكمىتى ۋە سىر _ ئەسرارلىرى ناھايىتى كۆپ. ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ بەزىسىنى ئوچۇقلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىش، قەۋمىدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە تەسەللى بېرىش. ئۇنى دەۋەت يولىدىكى جاپا _ مۇشەققەتلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئۈندەش، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھېكايە قىلىپ بېرىش ئارقىلىق كۈچلۈك بولۇشقا تەشەببۇس قىلىش، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئەڭ چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەملەش... قاتارلىقلاردۇر.

 بۇندىن باشقا، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاز _ ئازدىن نازىل قىلىنغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يادلىۋېلىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق ئىدى. «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاز _ ئازدىن نازىل بولغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئايەتلەرنى دەرھال يادلىۋېلىشى ۋە بۇ ئايەتلەرنى تۇرمۇشىدا تەتبىقلاشقا ئادەتلىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرەتتى. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەدرىجىي نازىل بولۇشىنى تەقەززا قىلاتتى.

ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى

«قۇرئان كەرىم» دىكى ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى ئۇلارنىڭ نازىل بولۇش تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئاساسەن رەتلەنگەن. شۇڭا فاتىھە سۈرىسى «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ دەسلەپ نازىل بولغان سۈرە ئەمەس. بەلكى ئەڭ دەسلەپ نازىل بولغان ئەلەق سۈرىسى بولۇپ، ئۇ «قۇرئان كەرىم» نىڭ 30 _ پارىىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان ئوقۇتۇشى

جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بىر قېتىم باشتىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشتىن ئاخىر تىڭشايتتى. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى رامىزان ئېيىدا، ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» نى ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، ئىككى قېتىم تىڭشىغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «جىبرىل ماڭا قۇرئاننى ھەر يىلى بىر قېتىم ئوقۇپ بېرەتتى، بۇ يىل ئىككى قېتىم ئوقۇپ بەردى، بۇنىڭدىن ئەجىلىمنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىۋاتىمەن، ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭ، سەۋر قىلىڭ، سىز ماڭا ئۇزۇنغا قالماي يېتىشىسىز» دېگەن.

 

         «قۇرئان كەرىم»نىڭ ساقلىنىشى

ئاللاھ تائالا ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان پېتى ساقلاشنىڭ پۈتۈن شەرت _ شارائىتلىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى نازىل بولغان پېتى ساقلاپ، ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارغا سالامەت يەتكۈزگەن. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» ھەر قانداق بىر ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بۇرمىلاشلاردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ، بىزلەرگىچە ئۆز پېتى بىلەن يېتىپ كەلگەن يېگانە كىتابتۇر.

     شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم» يادقا ئېلىش ۋە يېزىپ قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى يول بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» دىن نازىل بولۇپ تۇرغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ساھابىلارغا يادقا ئالدۇرۇش ۋە تېرىلەرگە، خورما يوپۇرماقلىرىغا يازدۇرۇش ئارقىلىق ساقلاپ كەلگەن.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى نازىل بولىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدىلا يادقا ئېلىۋېلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەتتا جىبرىل ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ شۇ لەھزىنىڭ ئۆزىدە يادلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتاتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تولۇق ئۆگىتىپ توپلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى مۇنۇ ئايەت بىلەن خاتىرجەم قىلغان: «ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. شەكسىزكى، ئۇنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. بىز ئۇنى (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر» بۇندىن باشقا، جىبرىل ئەلەيھىسسالام نازىل بولۇپ بولغان ئايەتلەر ۋە سۈرىلەرنى ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باشتىن ئاخىر بىر قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشى ئالدىدىكى رامىزاندا جىبرىل «قۇرئان كەرىم» نى ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىر ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشىغان .

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىن نازىل بولغانلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىلا ساھابىلارغا يادقا ئالدۇراتتى، ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم» دىن ساۋاق بېرەتتى ۋە يادلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتەتتى، ساھابىلارمۇ «قۇرئان كەرىم» نى يادلاش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، ئاز _ ئازدىن نازىل بولۇپ تۇرغان ئايەتلەرنى تىزلا يادلىۋالاتتى ۋە يادلىغان ئايەتلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ماڭاتتى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» نى يادلاش ئىشىدا بىر _ بىرى بىلەن بەسلىشەتتى، كېچىلىرى مەسجىدلەرگە كىرىۋېلىپ بەس _ بەستە قۇرئان يادلايتتى، يادلاپ بولغانلىرىنى تەكرارلايتتى، ھەتتا كېچىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى مەسجىدلەردىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كۆپلىگەن كىتابلارنى نازىل قىلغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ كىشىلەر يادلاپ باققان ئەمەس. ھەتتا ئۆتمۈشلەردە تەۋرات بىلەن ئىنجىللارنى ھەرقانداق بىر ئاۋام ئوقۇيالمايتتى، پەقەت ئۆلىمالىرىلا ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشەندۈرۇپ بېرەتتى. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتلاردا يادلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالىملاردىن باشقا خەت ئوقۇشنى بىلىدىغانلارمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمما «قۇرئان كەرىم» نى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ساھابىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يادىسىغا بىلەتتى. بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا 70تىن كۆپرەك قارىينىڭ شېھىت بولغانلىقىمۇ شۇ ۋاقىتتا قارىيلارنىڭ كۆپلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ھەممىگە مەلۇمكى، دۇنيا تارىخىدا «قۇرئان كەرىم» دىن باشقا بىرەر كىتابنى بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىپ يادقا ئېلىش كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» نى يادلاشنى ئەڭ شەرەپلىك ئىبادەت قاتارىدىن ساناپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىدا ئۇنى يادلاش ئوتىنى ياندۇرغانلىقى ۋە ئۇنى يادلاشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا يېزىپ ساقلاشنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئىدى. «ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟». مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم» دىن باشقا ھېچقانداق بىر ساماۋى كىتابنى ياكى ھەدىسنى يادلىغانغا ياكى ئوقۇغانغا ساۋاب ۋەدە قىلىنغان ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلغانغىلا ساۋاب بېرىش ۋەدە قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تا ھازىرغىچە دۇنيادا قارىيلار ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىم «قۇرئان كەرىم» گە بىرەر ھەرپ چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم» نى ھازىر مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرمۇ مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ھەر خىل مەنپەئەتلەر يۈزىسىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىرەر ھەرپكە چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمىگەن.

 

«قۇرئان كەرىم» نىڭ توپلىنىشى

 «قۇرئان كەرىم» بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا بىر يىلمۇ توشمىغان بىر مۇددەت ئىچىدە، يەنى ھىجرىيەنىڭ12 _  يىلى (631  _  مىلادى) يەمامە ئۇرۇشىدىن كېيىنلا رەسمىي كىتاب شەكلىدە توپلانغان.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار