ئۇلار سىزنى قانداق باھالايدۇ؟

ئۇلار سىزنى قانداق باھالايدۇ؟

ئىنسانلار ناتونۇش بىرىنى كۆرۈش بىلەنلا دەسلەپكى ئون سېكونت ئىچىدىلا باھالاپ بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئۆيىڭىزدىن چىقىۋاتقاندا، سىزگە ناتونۇش بىرى يېقىنلاشتى، دەپ پەرەز قىلايلى، سىز ئۇنى يىراقتىن كۆرۈش بىلەنلا، چىرايىغا، كىيىنىشىگە، مېڭىشىغا، گەپ قىلىش ئۇسلۇبىغا قاراپلا، سىزدە ئۇنىڭغا قارىتا كۆزقاراش شەكىللىنىپ بولىدۇ-دە، ئۇنىڭغا شۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلىسىز. چۈنكى، سىز ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمايسىز، ھەتتا بۇرۇن بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدىڭىز. شۇڭا ئۇنىڭغا يۈزەكى باھا بېرىشتىن باشقا يولىڭىز قالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇنداق تېز باھا بېرىۋېتىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. تېكساس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇستازى دوكتور دىيان بېرى تۇنجى كۆرۈش بىلەنلا بىراۋغا باھا بېرىۋېتىش ئىنسان خاراكتېرىدىكى ئەسلى تەبىئەت ئىكەنلىكىنى تەجرىبىلەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇنىڭ قارىشىچە، كۆپىىنچە كىشىلەر باشقىلارنىڭ چىراي شەكلى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا باھا بېرىۋېتىشتە ئۆزلىرىنى يېتەرلىك دەپ ئويلايدىكەن، ھەتتا خاتالاشمايمىز دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن. فىلىم ئىشلەيدىغانلارنىڭ فىلىم قەھرىمانلىرىنى ۋە ئىجابىي پىرسۇناژلارنى ناھايىتى كېلىشكەن، شەكلى گۈزەل، كىيىنىشى رەتلىك، ئىش-ھەرىكەتلىرى دۇرۇس قىلىپ چىقىرىشى، ئەمما سەلبىي پىرسۇناژلارنى چىرايى كۆرۈمسىز، قورقۇنچلۇق، كىيىنىشى رەتسىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى يامان قىلىپ چىقىرىشى بۇ سەۋەبتىن ئىكەن. ئەمما بۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولۇپ، ئىنسانلارنى بىر كۆرۈش بىلەنلا باھالاش قەتئىي توغرا ئەمەس. چۈنكى بىزدە «ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئىنساننىڭ ئالىسى ئىچىدە» دەيدىغان ھېكمەت با.

كىشىلەرگە بۇنداق تېز ھۆكۈم قىلىۋېتىشنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى شۇكى، نۇرغۇنلىرىمىز بىراۋغا تۇنجى قىلغان ھۆكۈمىمىزدىن يېنىشنى خالىمايمىز، ھەتتا بىز ئۇنىڭ بىز ھۆكۈم قىلغاندەك ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يۈزلەرچە دەلىل-پاكىتقا ئېرىشكەن تەقدىرىمىزدىمۇ، بۇرۇن بەرگەن خاتا ھۆكۈمىمىزنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز-يۇ، توختا! بىر ئېنىقلاپ باقايچۇ، بەلكى ئۇ كىشى مەن ئويلىغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن دېگەننى ئەقلىمىزغا كەلتۈرمەيمىز.

بىز يەنە ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ بىزگە يەتكۈزىدىغان تەييار ھۆكۈمىگە ئاساسلىنىپ كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىۋېتىمىز. كۆپىنچە ھاللاردا ئۈچىنچى شەخس بىزگە خاتا ھۆكۈملەرنى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز كىشىلەرگە باشقىلار ھازىرلاپ بەرگەن تەييار ھۆكۈم بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز. ئۈچىنچى شەخس بىزگە مەيلى ئىجابىي، مەيلى سەلبىي ھۆكۈمنى ئېلىپ كەلسۇن، بەرىبىر ئۇ بىزنىڭ كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىشىمىزدا ئەلۋەتتە بىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى بىلمەستىن) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» دەپ تەلىم بەرگەن.

 

قانداق قىلغاندا كىشىلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى شۇنى سورايمەن:

سىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلماقچى بولىسىز؟ بۇ سىزنىڭ ھەققىڭىزمۇ؟ ياكى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ؟

ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى باھالاش ۋە ئۇلارنى سىنىپلارغا ئايرىش ھەققىنى سىزگە كىم بەردى؟ ياكى سىز ئاللاھنىڭ ساقچىسىمۇ؟

ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش بىلەن بولۇپ، ئۇنى تۈزىتىشكە تىرىشىش ئەمەسمۇ؟

خەلىپە ھىشام ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىر كۈنى شۇ زاماننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن بولغان ئەئمەشكە خەت بېزىپ، ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ياخشىلىقلىرى بىلەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يامانلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەللامە ئەئمەش خەلىپىگە مۇنداق دەپ جاۋاب يازىدۇ: «ھەزرىتى ئوسماننىڭ يەر يۈزىدىكى جىمى خەلقنىڭ ياخشىلىقلىرىغا تەڭ كەلگۈدەك كۆپ ياخشىلىقى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىزگە قىلچە پايدىسى بولمىغاندەك، ھەزرىتى ئەلىنىڭ يەر يۈزىدىكى جىمى خەلقنىڭ يامانلىقلىرىغا تەڭ كەلگۈدەك كۆپ يامانلىقلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، سىزگە قىلچە زىيىنى يوق. شۇڭا سىز ئۆزىڭىز بىلەن بولۇڭ».

شۇنداقتىمۇ سىز بىراۋنى چوقۇم باھالىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىڭ:

1.           بىرتەرپلىمە قاراشتىن خالىي بولۇڭ.

2.         باھانى ئۆزىڭىزنىڭ بىلىشى ۋە ئۇزۇن ۋاقىتلىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ بېرىڭ.

 

ئىبرەت

—           كۆپىنچىمىز باشقىلارغا ئون سېكونت ئىچىدىلا ھۆكۈم قىلىۋېتىمىز. ئاندىن ئۇنى «پاراسەت» دەپ پەدەزلەپ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرغا قەدەر شۇنىڭدا چىڭ تۇرىمىز.

—           كۆزقاراشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنى ياكى بىز تەييار ھالىتى بىلەن ئىگە بولغان ياكى باشقىلار قۇرۇپ بەرگەن پىكىرلەردۇر.

—          باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئەيبلىرىنى ئىزدەش بىلەن بولغۇچىلارغا سالام بولسۇن! ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرى بىلەن مەشۇل بولغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن!

 

ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار