مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشىنىڭ پەرزلىكى

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشىنىڭ پەرزلىكى

مۇھەممەد يۈسۈپ

   ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان يېقىنلىقىنى بىلدۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشىنىڭ، زور كۈنلەردە بىر-بىرىنىڭ يېنىدا بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى بىللە ھەل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتە: [إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ] «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر» دېگەن. بۇ ئايەت نەسەبتىكى قېرىنداشلار بىر-بىرىگە قانداق يېقىن بولسا ۋە بىر-بىرى ئۈچۈن قانداق پىداكار بولسا، دىندىكى قېرىنداشلىقنىڭمۇ شۇنداق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك دىنىي قېرىنداشلىقنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلەر بىر _ بىرىنى سۆيۈش، بىر _ بىرىگە رەھىم _ شەپقەت قىلىش ۋە بىر _ بىرىگە ھېسداشلىق قىلىشتا، قايسىبىر ئەزاسى ئاغرىسا، پۈتۈن ئەزالار ئىسمىداش ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئورتاق بولىدىغان بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ»([1])  ئىسلام ئۆلىمالىرى يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىنىڭ پەرزلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

ئىسلام نەزىرىدە، مۇئمىنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي قېرىنداشلىق نەسەبتىكى قېرىنداشلىقتىن كۈچلۈك ۋە مۇھىمدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىرەر مۇسۇلمان زىيانغا ئۇچرىسا ياكى قىيىنچىلىقتا قالسا، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەقەللىي تەلەبتۇر. ئادەتتە نەسەبتىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرەرسىنىڭ بېشىغا خاپىلىق كەلسە، ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز، بىرەرسىنىڭ دوختورخانىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىساق، كېچە دېمەي، ئىشىم بار دېمەي ئۇنىڭ يېنىغا ھازىر بولىمىز. ئەمما دىنىي قېرىنداشلىققا كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ئېغىرچىلىقلار كەلسىمۇ، ھەتتا ئۇلار ئەڭ ۋەھشىي زۇلۇملارغا ئۇچرىسىمۇ، ئۇلار بىلەن كارىمىز يوق يۈرىمىز. بۇ بىزدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىق چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ياكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن بولسا كېرەك.

بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار باشقا بىر دۆلەتتە بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ نومۇسى دەپسەندە قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاش بىلەنلا قوزغۇلۇپ، شۇ دۆلەتكە ئۇرۇش ئاچقان ئىكەن. چۈنكى ئۇلار: «بىر مۇئمىننىڭ ھۆرمىتى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كەئبىدىن ئۇلۇغدۇر»، «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، بىرەر مۇئمىننى ناھەق ئۆلتۈرۈش دۇنيانى يوق قىلىۋېتىشتىن ئېغىر ئىشتۇر» دېگەن ھەقىقەتنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى ۋە شۇنداق ئېتىقاد قىلاتتى.

بىز بولساق، دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمىز ياكى ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىمىز ۋەياكى گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن دىلىمىزنى قارايتىۋەتكەنلىكىمىز سەۋەبلىك، بىپەرۋا ۋە مەسئۇلىيەتسىز ھايات كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن.

ئۆلىمالار ئومۇميۈزلۈك ياكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەخسىي ئىبادەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىبادەتلەرنىڭ شەخسىي ئىبادەتلەردىن مۇھىملىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئومۇمغا مەنپەئەتلىك بولغان گۈزەل ئەخلاق، ياردەم، خەير-ئېھسان قاتارلىق ئىبادەتلەر ئۆمرە قىلىش، قايتا ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەردىن ئەلۋەتتە مۇھىم ۋە ساۋابى كاتتىدۇر.

ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غەززەگە ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىكى قوزغۇلۇپ كەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ جايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئاتىغانلىرىنى تەقدىم قىلماقتا، ھەتتا يىللاردىن بېرى ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن يىغقان پۇللىرىنى بەرمەكتە. چۈنكى ئۇلار ھازىرقى پەيتتە ئاللاھ تائالانى ئەڭ سۆيۈندۈىدىغان ئەمەلنىڭ ھايات-ماماتلىق ئوتتۇرىسىدا مۇجادىلە قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.

مۇشۇ كۈنلەردە ئۆمرە قىلىمىز دەپ يولغا چىقماقچى بولغان قېرىنداشلار بىر ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك. ئەگەر ئۇلار راستتىنلا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ يولغا چىقماقچى بولسا، ئۆمرە قىلىشتىن نەچچە ھەسسە ساۋابلىق بولغان ئىجتىمائىي ئەمەلنى قىلسا، ئەڭ توغرىسىنى قىلغان بولىدۇ. توغرىسى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.

 

([1]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار