ئىسلام ئۇممىتىنىڭ قان گۇرۇپپىسى ئىماندۇر

 

ئىسلام ئۇممىتىنىڭ قان گۇرۇپپىسى ئىماندۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى يىراق ئۆتمۈشلەردە قېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسىرلەردىن بىرى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئېغىر كۈنلىرى خۇددى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ سىنا چۆللىرىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى پىرئەۋەننىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇپ، پىرئەۋننى سۇدا غەرق قىلغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىسرائىل ئەۋلادىنى باشلاپ پەلەستىندىكى مۇقەددەس زېمىنگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار پەلەستىنگە يېقىنلىشىپ كەلگىنىدە، ئۇ جايدا كۈچلۈك قەۋملەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمايدۇ ۋە پەلەستىنگە كىرىشتىن باش تارتىپ:« ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن رەببىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى»[1]دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىنا چۆلىدە 40 يىل ئازدۇرىۋېتىدۇ. ئۇلار توغرۇلۇق ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق پەرمانى كېلىدۇ:« ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ.»[2]

ئىسرائىل ئەۋلادى سىنا چۆلىدە قايمۇقۇپ يۈرۈش جەريانىدا ھەمىشە چىقىش يولى ئىزدەيدۇ. ھەر كۈنى تۇرماستىن يول يۈرىدۇ. ئەمما چۆلدىن قەتئىي چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ تولۇق 40 يىل ئادىشىدۇ. بۇ ئارىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ خۇددى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ سىنا چۆلىدىكى ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلاردىن چىققان غەييۇرانلار بۇ ئۇممەتنى خورلۇق، بېقىندىلىق ۋە كۈچلۈكلەرگە ئەسىرلىك ھالىتىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى قايتا تىكلەشكە چاقىرىپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئوتتۇرىدا ئۇلارنى شانلىق ئۆتمۈشىگە باغلايدىغان ھالىقلاردىن مۇھىم بىر ھالقا ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، كۆزلىگەن مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە

ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بۇزۇلغان قېنىنى ئانالىز قىلغاندا، ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ مۇھىم ھالقىنىڭ  «مۇستەھكەم ئىمان» ئىكەنلىكى ۋە ئىماننىڭ كەملىكىدىن بۇ ئۇممەتنىڭ تېنىگە ئاغرىق تەككەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. چۈنكى ئىسلام ئۇممىتىنىڭ قان گۇرۇبى مۇستەھكەم ئىمان بولۇپ، ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن دۇنيانى سورىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىززەت—ئابروي ۋە كۈچ-قۇۋۋەت قازانغان ئىدى. مۇسۇلمانلار قاچانىكى، ئىماننىڭ كۈچىدىن ۋە ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئۇلارنىڭ خورلۇق دەۋرى باشلاندى.

ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ دەلىلى نېمە دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا بۇنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:« بىر زامان كېلىدۇكى، خۇددى ئاچ قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر لېگەنگە ئالدىراپ قول ئۇزاتقاندەك، بارچە مىللەتلەر ھەر تەرەپتىن سىلەرگە قول سالىدۇ» ساھابىلار: يارەسۇلەللاھ! سانىمىزنىڭ ئازلىقىدىن شۇنداق بولامدۇ؟ دەپ سوراشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا :«ياق، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار كۆپ، ئەمما سىلەر ئۇ ۋاقىتتا خۇددى سەل سۈپۈرۈپ ئېلىپ ماڭغان تاشلاندۇقلارغا ئوخشاش قەدىرسىز بولۇپ قالىسىلەر. چۈنكى ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىدىكى ھەيۋىتىڭلارنى ئېلىپ تاشلاپ، قەلبىڭلارغا دۇنيانى سۆيۈش ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇش ئىللىتىنى سېلىپ قويىدۇ.»[3]دېگەن.

چۈنكى ئىمان بىلەن قەدە كۆتۈرگەن بىر ئۇممەتنىڭ ئىماننىڭ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن كېيىنكى ئەھۋالى شۇنداق بولماي قانداق بولماقچىدى؟

شەكسىزكى، ھەقىقىي جانلىق ئىمان مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىكى قوزغاتقۇچ كۈچتۇر. مۇسۇلمان ئادەم شۇ كۈچ سايىسىدا ھاياتتىكى دىن ۋە دۇنيالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلالايدۇ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ھاسىل قىلالايدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى«سىلەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار چوقۇم ئۈستۈنلۈككە ئىگىسىلەر»[4]دېگەن ئايەتنى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى ۋە نۇسرىتى ھەقىقىي مەنىدىكى مۆمىنلەرگىلا خاستۇر. «راستىنلا ئاللاھ مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر»[5] ۋە« بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر»[6]دېگەن ئايەتلەر بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەللامە مۇھەممەد ئەمىن مىسرى بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دېگەن:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشنى ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى ئەخلاقىنى ياكى تەن ساقلىقىنى يا سىياسىي ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىغان. باشقا جەھەتتىكى ئسىلاھاتلارنىڭ ھەممىسى ئىماندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن كەلگەن. ئەقىدىلىك ئىنسان تۈرلۈك پاساتچىلىقلارنى ئىسلاھ قىلالايدۇ. چۈنكى ئەقىدىلىك ئىنسان غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كېچە-كۈندۈز تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرى غەلىبە قىلىدۇ. ئەقىدىلىك ئىنسان شەرت-شارائىتنى ئۆزى يارىتىدۇ.»[7]

رىۋايەت قىلىنىشىچە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئتە غازىتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايراقنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، كۇففارلار قوشۇنىنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ كەتكەن ۋە بىر قولىدا بايراق، يەنە بىر قولىدا قىلىچ تۇتۇپ ئۇرۇشقان. ئوڭ قولى كېسىلگەندە بايراقنى سول قولىدا كۆتۈرگەن، سول قولىمۇ كېسىلگەندە، بايراقنى ئىككى بىلىكى بىلەن تۇتقان. شۇنداق ئۇرۇشۇپ ئاخىرى شېھىد بولغان. ئۇ ۋاقتىدا ئۇ 33 ياشتا بولۇپ، تېنىگە سانجىلغان نەيزە ۋە ئۇرۇلغان قىلىچ سانى 90غا يەتكەن.

بۇنداق بىر قەھرىمانلىقنىڭ ئەقىدىسىز ئەمەلگە ئېشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟

خۇددى ئەللامە ئەبۇلھەسەن نەدۋى ئېيتقاندەك، مۆمىن ئادەمنىڭ قەلبىدە چاقنىغان ئىماننىڭ كۈچىگە ئاتۇمنىڭ كۈچىمۇ يەتمەيدۇ. چۈنكى ئىمان ئاجايىپ خارىق ئادەتلەرنى يارىتىشقا قادىر بولغىنىدەك، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كىرزىسلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. چۈنكى دۇنيادىكى ھەقسىزلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلاردىكى شەخسىيەتچىلىك، نەپسىي خاھىشىغا چوقۇنۇش ۋە ئاچكۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىمان ئەنە شۇنداق ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ھەققانىيلىق، ئادالەت، يول قويۇش، كەڭ قورساقلىق قاتارلىق خىسلەتلەرنى ئۈندۈرۈپ بىر ئۇممەتنى باشقىچە بىر ئۇممەت قىلىپ دۇنياغا چىقىرىدۇ.[8]

 ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرىشى پەقەت ئىمانىنى يېڭىلاش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش بىلەن بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك ماددىي سەۋەبلەرنى قولدىن بېرىش مەنىسىگە كەلمەيدۇ. بەلكى ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرەپتىن كۈچلىنىش تەلەب قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالاغا قايتىش قەد كۆتۈرۈشنىڭ يولىدۇر

ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا قايتىپ، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ۋە رازىلىقى ئاستىغا كىرىش قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشنىڭ ۋە قولدىن كەتكەن كۈچ-قۇۋۋەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.

بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۇنچى قەدىمى ھەربىرشەخسنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ھەر كىم ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ئويغۇنلاشتۇرۇشى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى شەخسلەرنىڭ تۈزۈلىشى جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلىشى ئاللاھ تائالانىڭ شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى بارچە ياخشىلىقنىڭ كاپالىتىدۇر.

قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن:« ئى رەببىم! سەن ئاسماندا، بىز زېمىندىمىز. سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭ بىلەن غەزەب قىلغانلىقىڭنى قانداق بىلىمىز؟»دەپ سورىغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا:« سىلەرنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ياخشىلاردىن تاللىنىشى مەنى رازىلىقىمنىڭ، يامان كىشىلەرنىڭ ئىش باشقۇرىشى دىنمېنىڭ غەزىبىمنىڭ  ئالامىتىدۇر»دەپ جاۋاب بەرگەن.[9]

دېمەك، ئىسلام مىللىتىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى، ئىززەت-ئابرويى، تەرەققىياتى ۋە سەلتەنىتى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزدىن رازى بولغاندا، قۇدرەت تېپىشنىڭ، قەد كۆتۈرۈشنىڭ ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ ماددىي سەۋەبلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ ۋە ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ھەتتا ئازراق سەۋەب بىلەن كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:« ئاللاھ سىلەرگە ياردەم قىلغان ۋاقىتتا، سىلەرگە غالىب كېلىدىغان ھېچكىم يوقتۇر، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى تاشلىۋەتسە، ئۇنىڭدىن كېيىن كىممۇ سىلەرگە ياردەم قىلالىسۇن؟ مۆمىنلەر پەقەت ئاللاھقىلا  ئىشەنچ قىلىپ ئۇنىڭغا يۆلىنىشى لازىم»[10]دەيدۇ.

ئاۋۋال چىن مۇسۇلمان بولۇش شەرت

ئىمان بىرىنچى، ماددىي سەۋەب ئىككىنچى ئورۇندا كېلىدۇ. چىن مۇسۇلمان بولۇش دوختۇر بولۇشتىن، ئېنژىنېر بولۇشتىن، فىزىكا مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن ۋە ھەر نەرسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

قىسقىسى، ئىسلام مىللىتىنىڭ قەد كۆتىرىشى شەخسلەرنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولىشىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە يېتىشىپ چىقىش تەلەب قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان دوختۇر، مۇسۇلمان مۇئەللىم، مۇسۇلمان دېھقان، مۇسۇلمان تىجارەتچى، مۇسۇلمان كادىر، مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇسۇلمان ھۈنەرۋەن  بارلىققا كەلگەن بىر ئۈلگىلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىش غايە قىلىنىدۇ. ئىمام ھەسەن ئەل بەننا مۇنداق دېگەن:« چىن مۇسۇلمان تېپىلغان يەردە غەلىبىنىڭ بارلىق سەۋەبلىرىمۇ تېپىلغان بولىدۇ.»

چىن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ مەنىسى چوڭقۇر

چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇش دېگەنلىك شۇ زاھىرى ئىبادەتلەر بىلەنلا بولمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا تەلەب قىلغاندەك بولۇش ۋە پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-ھەرىكەت، گەپ- سۆز، مۇئامىلە ۋە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۇ سىزىپ بەرگەن ئۆلچەمگە قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى تەقۋالىقتۇر. تەقۋالىق-ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرىش دېگەنلىكتۇر. تەبىئىيكى، ئاللاھ تائالانى رازى قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرگىلى بولمايدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ. بىراۋنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئۇنىڭ تاشقى دۇنياسىدىن ئەۋزەل بولغاندا، چىن مۇسۇلمانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. مۇبادا ئادەمنىڭ تاشقى دۇنياسى ئىچكى دۇنياسىدىن ئەۋزەل بولۇپ قالغاندا، مۇناپىقلىق ئوتتۇرىغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى مۇناپىقلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاراب، تاشقى دۇنياسى چىرايلىقتۇر.

چىن مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتى شەخس ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن سۆيۈملۈك بولىشىدۇر. چۈنكى ئاللاھ سۆيگۈسى ۋايىغا يەتمىگىچە ئىمان تولۇقلانمايدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ئىپادىسى ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئۆزىنى كىچىك ساناش بىلەن بولىدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇئامىلىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇئامىلە ئۇنىڭغا تەقۋالىق قىلىش، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش، غەزىبىدىن ھەزەر قىلىش، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ھەر كىمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى چىن مۇسۇلمان ئادەم جەمئىيەتتە ئەڭ ياخشى شەخس، ئائىلىسىدە ئەڭ ياخشى ئەزا، مەھەللىسىدە ئەڭ ياخشى قوشنا، ئىش ئورنىدا ئەڭ ياخشى خىزمەتداش بولىدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم ئايالى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ئەر، بالىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ئاتا، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۈلگىلىك بالا، قوشنىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك قوشنا، خىزمەتداشلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك خىزمەتداش، ساۋاقداشلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ساۋاقداش بولالايدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ سۆيگۈسى ۋە نەپرىتى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇ ياخشىلىق يولىدا تۇرماستىن ئىلگىرىلەيدۇ، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. خاتالاشقان ياكى بىرەر گۇناھ ئىشلەپ سالغان ھامان تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشنى بىلىدۇ.

چىن مۇسۇلمان بولغان ئادەم خۇددى خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە يېتىپ بارىدۇ. بىر ھەدىستە:« ئاللاھ تائالا بىر مۇسۇلماننىڭ تۈزۈلىشى بىلەن ئۇنىڭ بالىسىنى، بالىسىنىڭ بالىسىنى، مەھەللىسىدىكىلەرنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى تۈزەيدۇ»دەپ كەلگەن.

بىز مۇھتاج بولغان مۆجىزە ئۆزىمىزدە بار

16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ ئىسلام مىللىتى چېكىنىسكە باشلىغان بولۇپ، ئاۋۋال ئىسلام ئەقىدىسىدىن يىراقلاشتى، ئاندىن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەپلەردىن ھەدەپ چېكىنىشكە داۋام قىلىپ كەلدى. بۇ ئارىدا مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىنىڭ نېگىز ئەقىدىىگە يات خۇراپاتلار، تەركىيدۇنيالىق ئېقىمى، سۇپىزملىق تەرغىباتلىرى ئورىۋالدى. بۇ ئارىدا ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەجنەبىيلەرنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىدى. پەقەت 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلامىي ئويغىنىش باشلىنىپ ئىسلام ھەققىدىكى توغرا پىكىر ۋە توغرا چۈشەنچىلەر تارقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان ئىسلامىي ئەسەرلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىشتا بەلگىلىك رولى بولدى.

21-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ناھايىتى تىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىسلام دىنى ھەققىدىكى توغرا چۈشەنچىلەر كىشىلەرنىڭ زېھىنلىرىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى ۋە كۆپلىگە سەلبىي چۈشەنچلەر ۋە ئېتىقادلارغا تۈزىتىش بېرىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىللىكى،  مۇسۇلمانلارنىڭ كەمچىلىكلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۇنداقتا، مۇشكىلە ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتىنى ۋە تەلىماتلىرىنى چۈشەنمەسلىكتە ئەمەس. چۈنكى ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئىسلام دىنى چۈشىنىدۇ ۋە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلىدۇ. مۈشكىلە چۈشەنگەنلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەتكە ۋە ئىچكى تۈرتكىگە ئىگە بولماسلىقتۇر. چۈنكى ھازىرقى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئىلغارلىقىنى، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامسىز قەد كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ ۋە قايىل بولىدۇ. ئەمما شۇ چۈشەنگەنلىرىنى ۋە ئۆزلىرى قايىل بولغانلارنى تەتبىق قىلمايدۇ. گوياكى غايىبتىن بىر كۈچ كېلىپ ئۇلارنى تەتبىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغاندەك كۈتىدۇ. قىسقىسى، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشكىلىسى چۈشەنمەسلىكتە ياكى بىلمەسلىكتە ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلماسلىقتا.

مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ھەمىشە ئىلگىرىلەشكە، ئىشلەشكە، بىلگەنلىرىنى تەتبىق قىلىشقا ئىتتىرىپ تۇرىدىغان ئىچكى تۈرتكىگە مۇھتاج. شەكسىزكى، ئىچكى تۈرتكىنىڭ مەنبىئى مەنىۋى قۇۋۋەتتۇر.

مەنىۋى قۇۋۋەت دېگەن نېمە؟

مەنىۋى قۇۋۋەت-ئىنساننىڭ ئىچىدە پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك ئىرادە بولۇپ، ئىنسان بىرەر ئىشتىن تەسىرلەنگەن ۋاقتىدا ئۇنى كونترولى ئاستىغا ئېلىۋالىدىغان ھالەتتۇر. شۇنداق ھالەتتە ئىنسان گوياكى ئۆزىنى ئىچىدىن بىرەر كۈچنىڭ ئۇنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىتتىرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.  مەسىلەن: ئادەم ئاللاھ يولىدا خەير-ساخاۋەت قىلىشنىڭ ياخشىلىقى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى كاتتا مۇكاپاتى توغرۇلۇق بىرەر ۋەز-تەبلىغ ئاڭلىغىنىدا، ئۇنىڭدا پەيدا بولغان شۇ ۋاقىتتىكى ھاياجان ئۇنىڭدا شۇنداق بىر ئىرادىنى ۋە شۇنداق بىر ھالەتنى يارىتىدۇكى، ئۇ يانچۇقىدىكىنىڭ ھەممىسىنى خەير-ساخاۋەت قىلىۋېتىشقا تەييار بولغان بىر ھېسسىياتقا كېلىدۇ.

شۇنىڭدەك، بىراۋ يولدا كېتىپ بارغىنىدا، بىر چوڭ ئادەمنىڭ بىر كىچىك بالىنى ئۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى رەسمىي بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ ئىچىدىن ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇشقا ۋە بۇ بالىنى قۇتقۇزۇشقا ئىتتىرگەن بىر كۈچلۈك ئىرادە ئۆزلىكىدىن قوزغىلىپ چىقىدۇ-دە، ئېتىلىپ مەيدانغا كىرىدۇ ۋە شۇ ئاندا ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىدۇ.

بۇلاردىن مەلۇمكى،  مەنىۋى قۇۋۋەت بىزنىڭ ئىچىمىزدە پەيدا بولىدىغان ۋە بىزنى بىرەر ئىشقا ئىتتىرىدىغان كۈچتۇر.  ئەمما بۇ كۈچ ھەمىشە دەۋام قىلمايدۇ. بەلكى بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز قوزغالغان چاغدا پەيدا بولغىنى بىلەن بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز توختاپ قالغاندا، ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى تېلېۋىزوردا ئاچلىقتىن ئۆلۈم گىرداۋىغا كېلىپ قالغان ئافرىقىلىق بالىلارنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ھېسسىياتىمىز بىردىنلا قوزغىلىپ، بىزنى ئىچىمىزدىن بىر كۈچنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى تۇيغىنىمىزغا ۋە ئەتىسى بۇ كۈچنىڭ بىزدە بولمىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش.

بىز دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتكە مۇھتاجمىز

مۇنداق ۋاقىتلىق تەسىرلىنىش ۋە ۋاقىتلىق ھېسسىياتلىنىپ قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بۇ ھالەتتە بىز مەنىۋى كۈچىمىزدىن پايدىلىنالمىغان بولىمىز. بىزگە بىزنى كېچە-كۈندۈز، ھەمىشە بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىچىمىزدىن ئىتتىرىپ تۇرىدىغان داۋاملىق مەنىۋى قۇۋۋەت كېرەك. ساھابىلاردا بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدىغان، ھېچ توختاپ قالمايدىغان تۈرتكە بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىشلەشنى توختاتمىغان. نەتىجىدە، ھاياتىنىڭ ھەربىرقەدىمىدە  زەپەر قۇچۇپ ماڭغان.

ئۇنداقتا بىزنىڭ داۋاملىق بىزنى ئىچىمىزدىن ئىشلەشكە ئىتتىرىپ تۇرىدىغان دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىز بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بۇنداق دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتنى نەدىن ھاسىل قىلىمىز؟ ئۇ زادى بارمۇ ياكى يارىتىشقا توغرا كېلەمدۇ؟

دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتنىڭ مەنبىئى قۇرئاندۇر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنىڭ قەلبىگە شىپا، ئۇنى دەستۇر قىلىپ، ھاياتىنى خورلۇقتىن ئەزىزلىققا، ئاجىزلىقتىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئۆزگەرتىش يولىدا ئۇنىڭ مۆجىزىسى ۋە تەسىر دائىرىسىگە كىرگەنلەر  ئۈچۈن ئۆزگىرىش نۇقتىسى قىلىپ چۈشۈرگەن. قۇرئان كەرىم تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان كىتاب بولۇپ، ھېچقانداق نەرسە تەسىر قىلىشتا ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىل ھەم ھېسسىيات ھەر ئىككىسىگە خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى كىشىلەرنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ۋە ئادەمنى ئىچىدىن ھەرىكەتكە سېلىش مۆجىزىسىدۇر.

قۇرئان رىسالە بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان كىتابتۇر

قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلگىرىكى تەۋرات، ئىنجىل ۋە باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ رىسا بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقى ئىدى. چۈنكى قۇرئانمۇ باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ، ئۇلارغا ھىدايەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىتىدۇ. مانا بۇ، ئۇنىڭ رىسالە تەرىپى بولۇپ، بۇ جەھەتتە تەۋرات ۋە ئىنجىللارغا ئوخشايدۇ.

ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلاردىن ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۇنىڭ مۆجىزىسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۈستۈنلىكى، ئەسىرلەردىن بىرى بورمىلىنىشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىنىپ قالغانلىقى، كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا مۇناسىپ ئىكەنلىكى ۋە دىللارنى مايىل قىلىشتىكى سېھرىي كۈچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، روھىيىتىنى يېڭىلاش ۋە ئىچكى مەنىۋى قۇۋۋەتنى ئويغىتىشقا ئوخشىغان كاتتا مۆجىزىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ مۆجىزىسى دىللارنى ياشارتىدىغان، ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئابى ھايات بېغىشلايدىغان مۆجىزىدۇر.« بىز ئۆلۈك قەلبىنى تىرىلدۈرۈپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ماڭالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن ئادەم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قېلىپ ئۇنىڭدىن چىقالمىغان ئادەمگە ئوخشامدۇ؟»[11]

 قۇرئان كەرىمنىڭ رىسالىسى كىشىلەرگە ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ مۆجىزىسى كىشىلەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرا يولغا كىرگۈزۈش، ئۇلارنى جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن چىقىرىپ، ئىماننىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئىككى چوڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلغان ئايەتلەرمۇ كۆپتۇر. مەسىلەن: مائىدە سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:« سىلەرگە ئاللاھتىن بىر نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى شۇ كىتاب ئارقىلىق سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ. ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توپتوغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.»[12] 

بۇ ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ رىسالىسىدىن ئىبارەت كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلاش ۋەزىپىسى بىلەن ئۇنىڭ مۆجىزىسىدىن كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن چىقىرىش ۋەزىپىسى بايان قىلىنغان.

چۈنكى، ھىدايەتكە باشلاش، ئۇنىڭغا چاقىرىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرى نورمالدا، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما كىشىلەرنى كۇفرى ۋە زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئىشى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئېنېرگىيىنى يارىتىش ۋە ئۇنى قوزغىتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسىدىن باشقىسى ئورۇندىيالمايدۇ.

قۇرئان بىرلا ۋاقىتتا پىكىر ۋە ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدۇ

قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا پىكىر بىلەن ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقىلغا خىتاب قىلىپ ئۇنى قايىل قىلىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ خىتاب ھېسسىياتقا تەسىر قىلىپ، ئۇنى قوزغىتىدۇ، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە ئىچكى ئېنېرگىيىنى ئويغىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قايىللىق بىلەن ئويغىنىش مۇستەھكەم ئىمانغا ئايلىنىدۇ. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدىن باشقا سۆزلەر ئىنساندا بۇنداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ.

دۇنيادا كىشىلەرنى ھەر قانداق بىر پىكىرگە ياكى ئېقىمغا چاقىرىدىغانلار ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىنى قايىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ قايىللىق قەلبتە ئورۇنلىشىپ ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئەگە بولالمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى كونترولى ئاستىغا ئالالمىغانلىقىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنداق قىلالىشى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ مۆجىزىسى بولغانلىقىدىن ئىدى.

دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللا دىراز مۇنداق دېگەن ئىكەن: « ئىنساندا تەپەككۇر قۇۋۋىتى ۋە ۋىجدان قۇۋۋىتى دەپ ئىككى خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ ئىككىسىگە بولغان ئېھتىياجى ئايرىم-ئايرىم ئېھتىياجلاردىندۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرى ھەقىقەتنى تونۇشقا ياردەم قىلىدۇ، يەنە تەسىرات ئاتا قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تەپەككۇر بىلەن ۋىجداندىن ئىبارەت بۇ قۇۋۋەت ئىنسانغا خۇددى قوشلارغا خىزمەت قىلىدىغان ئىككى قاناتقا ئوخشاش خىزمەت قىلىدۇ.

بىز ئۆلىمالارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ ۋە شائىرلارنىڭ سۆزلىرىنى بىلىمىز. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئاشۇرىۋەتسە، يەنە بىر تەرىەپتىن كەمچىل قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ۋىجدانىي تەرەپتە مۇكەممەل بولسا، پىكرىي تەرەپتىن يېتەرسىز قالىدۇ. پىكرىي تەرەپتىن مۇكەممەل بولسا، ۋىجدانىي تەرەپتىن ئاجىز كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇكەممەل بولالمايدۇ.

سىز بىرەر ئەدىپنىڭ ئەسىرىنى ياكى بىرەر شائىرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىرەر ئىلمىي نەزەرىيىنى ياكى بىرەر ئىشنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئەقىلنى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر ئۇنىڭ كىشىلەردىن بىرە ئىشتىن نەپرەتلەندۈرۈش ياكى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن كۈشكۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ۋىجداننى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.

ئەمما بىر ئۇسلۇب ۋە بىر يۆنۈلۈشتە كېتىپ بېرىپ ھەم ئەقلىي ھەم ۋىجدانىي ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاشلا مەركەز قىلغان ۋە ھەر ئىككىسىگە ئوخشاشلا خىتاب قىلغان ئۇسلۇبنى قۇرئان كەرىمدىن باشقا ھېچبىر ئەسەردە تاپالمايسىز. بۇ خۇددى ياپراق، چېچەك ۋە مېۋىلەرنى باراۋەر كۆتۈرۈپ تۇرغان دەرەخ شېخىغا ئوخشايدىغان ئۇسلۇب بولۇپ، ئىنساننىڭ سۆزىدە مۇنداق مۇكەممەل ئىپادىسىنى تاپالىشى مۇمكىن ئەمەس.

قۇرئان كەرىم ئەنە شۇنداق بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىلنى ھەم ۋىجداننى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان كىتابتۇر. مىسال ئۈچۇن تۆۋەندە بىرلا ئايەتنى بىرگە ئوقۇپ چىقايلى:

ئاللاھ تائالا قىساس توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن  قېرىندىشى(ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى) تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا، (تەرەپلەر) چىرايلىقچە ئىش كۆرىشى ۋە (قاتىل ئۈستىگە چۈشكەن دىيەتنى)ياخشىلىقچە بېرىشى لازىم. بۇ ھۆكۈملەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن يېنىكلىتىش ۋە رەھمەتتۇر. كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب باردۇر.»[13]

  ئايەتنى «ئى مۆمىنلەر!»دېگەن خىتاب بىلەن باشلاش مۇسۇلمانلارنى ئىتائەتچانلىققا ئۈندەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۆمىنلەردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ياكى ئېسىگە ئالغان ئادەم مۆمىنلەرگە لايىق ئىشلارنى قىلىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانداقلا بىر ئەمر-پەرمانىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنداش لازىملىقىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.

ئايەتتىكى«قېرىندىشى» دېگەن سۆز مۇسۇلمان ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكىچە ئېلىپ بارغان زىددىيەتلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار دىنىي جەھەتتىن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق كەچۈرۈمچانلىققا ۋە بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئايەتتىكى« چىرايلىقچە ئىش كۆرىشى» دېگەن جۈملە بىلەن« ياخشىلىقچە بېرىشى» دېگەن جۈملىلەر  ئۇدۇل ھېسسىياتقا خىتاب قىلغان جۈملىلەر بولۇپ، قىساس تەلەب قىلىنىدىغان مۇنداق قاتىللىق ۋەقەسىدە تەرەپلەرنى پەسكويىغا چۈشۈرۈش ۋە ئۇلارنى يۇمشاقلىققا ئۈندەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئايەتتىكى« بۇ  ھۆكۈملەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن يېنىكلىتىش ۋە رەھمەتتۇر» دېگەن جۈملە ئاللاھ تائالاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىنى خارىتىلىتىش بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنى قاتىلغا قارىتا رەھىم-شەپقەتلىك بولۇپ، ئىمكانقەدەر دىيەتنى يېنىكلىتىشكە تەشەببۇس قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالامۇ  بەندىلىرىگە ھەر ئىشتا يېنىكلىتىش ۋە رەھمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىكەن، بەندىلەرمۇ بىر-بىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئايەتنىڭ ئاخىرى تەھدىد بىلەن ئاياقلاشقان. قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەر ناۋادا سۆزىدىن يېنىۋېلىپ قاتىلنى ئۆلتۈرىۋەتسە ياكى قاتىل قىساستىن قۇتۇۋېلىپ ئۆزى ۋەدە قىلغان دىيەتنى بېرىشتىن باش تارتسا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدە ھەددىدىن ئاشقانلىق بولۇپ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بىرلا قىساس ئايىتىدە، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئويغىتىش، ئەقلىنى ئىشقا سېلىش، كۆڭلىنى يۇمشىتىش، سىلىقلىققا چاقىرىش، شەپقەت قىلىشقا ئۈندەش ۋە ئاخىرىدا تەھدىد قاتارلىق ئۇسلۇبلار بىلەن قىساس مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. بۇنداق ئېسىل ۋە تەسىرلىك باياننى ئىنسانلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قايسىبىر ئەسەردىن تاپقىلى بولسۇن؟!

قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ئاندا ئەقىل بىلەن ۋىجدان ھەر ئىككىسىگە خىتاب قىلغانلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئىنتايىن كۆپ. قۇرئان كەرىم ئار-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلىنى ئوقۇغان مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھېچكىمنىڭ غۇرۇرىنى زىدىلىمەيدىغان ۋە ھەركىم راھەت ئوقۇيدىغان ئۇسۇل بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئېكىنزارلىقىڭلاردۇر، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭغا ئۇچرىشىسىلەر.( ئى مۇھەممەد!)مۆمىنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن.»[14]

 قۇرئان كەرىم بىزنىڭ قەد كۆتىرىشىمىزگە كاپالەت قىلىدىغان كىتاب

ئىسلام مىللىتى ھەممە جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشكە مۇھتاج. ئەمما ئۇلار مەنىۋى جەھەتتىن قەد كۆتۈرمەي تۇرۇپ باشقا جەھەتلەردىن ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. ئىسلام مىللىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە كاپالەت قىلالايدىغان قۇۋۋەت مەنبىئى قۇرئان كەرىمدۇر.

قۇرئان ئىسلام  مىللىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى يېڭىلاشقا قادىر ۋە ئۇلارنىڭ قەد كۆتۈرىشىگە كاپالەت قىلىدىغان بىر كىتاب تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ دېگەنلەر ئەمەلگە ئاشمايدۇ؟ نېمە ئۈچۇن مۇسۇلمانلار قۇرئاننى شۇنچە كۆپ ئوقۇپ تۇرۇپ، ھەتتا رامىزان ئايلىرىدا كېچىلىرى ئۇخلىماي قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئوڭشالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئۇلارنى قەد كۆتۈرگۈزمەيدۇ؟

بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكى، ئەمەل قىلىش ئۈچۇن چۈشۈرۈلگەن بۇ قۇرئاننى ئوقۇش ئۈچۇنلا خاس قىلىۋالغانلىقى، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن غاپىل ھالدا، ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلغىنىدىن پەخىرلىنىپ مەيدىسىگە ئۇرغانلىقىدۇر.

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالاغا يېتىدىغان يول ئېنىق

ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان تۈپتۈز يولنى ئىزدىگە ئادەمنىڭ قۇرئان كەرىمگە چىڭ ئېسىلىشى شەرت. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئۇ ئالەملەر ئۈچۈن، سىلەردىن توغرا يولدا يۈرۈشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بىر نەسىھەتتۇر.»[15] قۇرئان كەرىم شۇنداق بىر نۇرلۇق مەشئەلكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن  ماڭغانلارنىڭ يولىنى يۇرۇتىدۇ، قەلبلەردىكى شەك-شۈبھىلەرنى ۋە قاراڭغۇلۇقلارنى يوق قىلىپ تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھتىن بىر نۇر ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى. ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى ئۇنىڭ بىلەن نىجاتلىق يوللىرىغا ئېرىشتۈرىدۇ  ۋە ئۇلارنى ئىرادىسى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ، توپتوغرا بىر يولغا باشلايدۇ.»[16]

قۇرئان كەرىم بىلەن ھەر كىم ئاللاھ تائالاغا بارىدىغان يولىنى تاپالايدۇ:« بۇ رەببىڭلاردىن كەلگەن، قەلب كۆزلەرنى ئاچىدىغان بايانلاردۇر، مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.»[17]

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۈرگەن ئادەم سىراتۇل مۇستەقىمنىڭ ئۆزىدە ماڭغان بولىدۇ:«ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن كەسكىن بىر دەلىل كەلدى، سىلەرگە ئوپئوچۇق بىر نۇرنى چۈشۈردۇق.»[18]

شۇنداق، قۇرئان كەرىم ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ماھىر يولباشچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ ئاز تىرىشچانلىق بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇلارغا ئوقۇلىۋاتقان كىتابنى ساڭا چۈشۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا يەتمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتقان بىر قەۋم ئۈچۈن ئۇنىڭدا رەھمەت ۋە ئىبرەت باردۇر.»[19]

قۇرئان كەرىمنى قويۇپ باشقا يوللار بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىمىز دېگۈچىلەر ئەخمەقلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىزدەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تولىقى بىلەن قۇرئان كەرىمدە بار.

قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ ئوقۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا توغرا ئوقۇپ، مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ، مەقسەت ۋە غايىلىرىنى بىلىپ، بىزدىن تەلەب قىلغىنى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن.« ساڭا بۇ مۇبارەك كىتابنى ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ چۈشۈردۇق.» [20]

مۇسۇلمانلار بۇ ئايەتكە ئەمەل قىلىۋاتامدۇ؟

ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان چوڭ ئالاقىسى ئۇنى تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلاپ، مەقسەتلىرىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تېكىستىنى تىلاۋەت قىلىشقىلا كۇپايە قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ قۇرئاننى ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۇن چۈشۈرگەن تۇرسا، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل سانىۋالدى.» فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن:« قۇرئان چوقۇم ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل دەۋالغان.» مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ لەۋزى بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنىڭ، كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ۋە قەد كۆتۈرىشىنىڭ مەنبىئىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يولىنى يۇرۇتىدىغان چىراقنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، باشقىلارنىڭ سايىسىدا، ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان، قەدىر-قىممىتىنى ۋە ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئۇممەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئۆتمۈشلەردە دۇنيانى سورىغان سەلتەنەتلىك مۇسۇلمانلار بۈگۇنكى كۈندە باشقىلارنىڭ سەلتەنىتىگە بېقىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلارنى ئەسلىدىكى سەلتەنىتىگە ۋە ئىززەت-ئابرويىغا ئېرىشتۈرىدىغان سېھىرلىك كۈچ ئۇلارنىڭ قولىدا بار. ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىشقا كۇپايە قىلىپ، مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالماي كەلمەكتە.

مۇسۇلمانلارنىڭ شان –شەرىپى قۇرئان بىلەندۇر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەخت-سائادەتنىڭ مەنبىئى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ  شان-شەرىپنىڭ ۋە ئىززىتىنىڭ مەنبىئى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« شەكسىزكى، بىز سىلەرگە ئىچىدە سىلەرنىڭ شەرىپىڭلار بولغان بىر كىتابنى چۈشۈردۇق. تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟»[21]

  ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار بارچە كۈچىنى قۇرئان كەرىمدىن ئالغان. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن چۈشكەن كىتاب ئىكەنلىكىنى تونۇغان ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ سەلتىنىتى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئۈچ قىتئەگە يۆتكەلگەن. ئۇلار دۇنيادا ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى ئومۇملاشتۇرغان ئىدى.

ئەمما ئەپسۇسكى، ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىن كېيىنكى ۋە ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا قۇرئان كەرىم ھازىر ۋە غائىب ھالەتتە بولۇپ قالغان. ھازىر دېگىنىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا، قارىيلارنىڭ دىلىدا بار ئىكەنلىكىنى، غائىب دېگىنىمىز قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىشنىڭ يوقالغانلىقىدىن ئۇنىڭ روھىنىڭ، مۆجىزىسىنىڭ ۋە ھاياتتىكى باشلامچىلىق رولىنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يوقالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز مۇسۇلمانلار قۇرئان ئوقۇپ ساۋاب تېپىشقا كۇپايە قىلىپ، ئۆزىمىزنى چوڭ ساۋابلىق ئىش قىلغانلار قاتارىدا ساناپ كېلىۋاتىمىز.

ئەللامە مۇھەممەد غازالى مۇنداق دېگەن:« بىز قۇرئاننى ھاياتىمىزدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم. ئەمما ئۇنى ئۆيلەردە، دۇكانلاردا ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا ساقلاپ تەۋەرۈك قىلىش ياكى قۇرئاننى ئېچىپ بىر ياكى ئىككى ئايەت ئوقۇپلا يېپىپ قويۇشقا بولمايدۇ.»[22]

   توغرا، قۇرئاننى ئوقۇپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، مەسىلە ھەل بولمايدۇ ۋە مەقسەت ئادا بولمايدۇ. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى« تىلاۋەت» سۆزى «تلى، يتلۇ»دېگەن سۆز يىلتىزىدىن بولۇپ، مەنىسى داۋام قىلىش، ئارقىسىدىن يۈرۈش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەرەب تىلىدا، بىراۋ يەنە بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغاننى «يتلۇ»دەيدۇ. دېمەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەن بىر قانچە ئايەت ياكى بىر قانچە سۈرىنى ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغاننىڭ مەنىسىنى بىلىپ، روھىغا ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن توختاپ قالماسلىق دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام ھەسەن بەننا مۇنداق دېگەن:« قۇرئان كەرىم يۇقىرى ئۇپۇقتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تۇمار قىلىپ ئېسىۋېلىش ياكى مازار بېشىدا ئوقۇش ياكى مۇسىبەتلەردە تىلاۋەت قىلىش ياكى قارىيلارنىڭ دىلىدا، ياكى كىتاب ھالىتىدە ساقلاش ياكى ئۆزىنى يادلاپ ئەھكاملىرىنى تاشلاپ قويۇش ئۈچۇن چۈشكەن كىتاب ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتنى بەختلىك ياھاتقا باشلاش ئۈچۈن چۈشكەن كىتابتۇر.« سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى. اﷲ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.»[23] 

ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ئۇنى ھاياتىنىڭ دەستۇرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مەنبىئى، قەلبىنىڭ نۇرى، ئىبادەتنىڭ گۈلى قىلىۋالغان. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىپ ئوقۇش ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۇن ئۇنىڭغا قەلبىنى ئاچقان، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ھەۋزى كەۋسىرىدىن قانغۇچە ئىچكەن. شۇنىڭ بىلەن روھىنى سۇغۇرغان. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيانىڭ سەلتەنىتىنى ئاتا قىلغان. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەتلەرنى ۋەدە قىلغان. ئەپسۇسكى،  بىز ئۇلارغا ئوخشاش بولالمىدۇق. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ھالىمىزغا يېتىپ قالدۇق. دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئاجىز، دىنىي ئىشلاردا زەئىپ بولۇپ قالدۇق.»[24]  

قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدىغا  يېگانە كىتابتۇر

قۇرئان كەرىم ساماۋى كىتابلار ئىچىدە چىرايلىق تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇلغان يېگانە كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسى تىلاۋەت قىلىنمايتتى ۋە تىلاۋەت قىلىشقىمۇ بۇيرۇلمىغان. شۇنداقلا قۇرئان كەرىمدىن باشقا بىرەر كىتابنى ئوقۇغانغا ساۋاب يېزىلمايدۇ. پەقەت قۇرئان كەرىملا ئوقۇغانغىمۇ ساۋاب يېزىلىدىغان كىتابتۇر. مۇندىن باشقا يەنە بارچە ساماۋى كىتابلار بىر قېتىمدىلا چۈشكەن بولسا، قۇرئان كەرىم بىر قانچە باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ئاز-ئازدىن چۈشۈپ 23 يىلدا چۈشۈپ بولغان. بۇ ئۇنى قەلبلەردە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىدى. « كاپىرلار نېمىشقا بۇ قۇرئان بىاقلا چۈشمەيدۇ؟ دېيىشتى، بىز ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە مۇستەھكەم يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن  شۇنداق چۈشۈردۇق ۋە ئۇنى دانە-دانە ئوقۇپ بەردۇق.»[25]

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئەڭ ئاستا ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئاستا ئوقۇيتتى. تىلاۋەت ئەسناسىدا ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇيتتى. بەزى بىر ئايەتنى بىر انچە قېتىم تەكرارلاپ ئوقۇيتتى.

قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتۇر

قۇرئانى تىلاۋەت قىلغاننىڭ ساۋابى ئىنتايىن كۆپ. ھەتتا بىر ھەرپ ئوقۇغانغا 10 ساۋاب يېزىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. «ئەلىف، لام، مىم» نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى «ئەلىف» بىر ھەرپ، «لام» بىر ھەرپ، «مىم» بىر ھەرپتۇر» دەپ كۆرسەتكەن([26]). ئەمما قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرەي دېگەن ئادەم چوقۇم ئۇنى ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغۇدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەممىدىن بەك قۇرئاننىڭ تەسىرىگە مۇھتاج. ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش مۆجىزىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى تەۋەلىرىنى قۇرئاننى ئاڭلاپ قېلىشتىن توسقان.« ئۇلار"بۇ قۇرئانغا قولاق سالماڭلار، (ئۇنىڭ تەسىرى ئۈستىدىن)غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنى ئېلىشتۇرىۋېتىڭلار"دېدى.»[27]

 بىز قۇرئان كەرىمنىڭ ھاياتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدىكى زور تەسىرىگە ئېرىشەلمەستىن، ئۇنى قانچىلىك كۆپ تىلاۋەت قىلساقمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمايمىز. چۈنكى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن نەرسە قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىرى ئىدى. شۇڭا قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشتىن بىرىنچى مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتىن ئىبارەت بولىشى لازىم.

قۇرئاننىڭ تەسىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى  ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ئادات قىلىش، تىلاۋەت قىلغاندا، تىنچ ئورۇننى تاللاپ، ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك مىقداردا ئاۋازنى چىقىرىپ، ئالدىرىماي، مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش لازىم. ئىمكانقەدەر قۇرئاننى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇش تولىمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھېسسىياتنى ئۆرلىتىش، دىلنى يۇمشىتىش رولىغا ئىگە. بىرەر ئايەتتىن تەسىرات ھاسىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، شۇ ئايەتنى قايتا-قايتا ئوقۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»[28] دېگەن ئايەتنى تەھەججۇد نامىزىدا بىر كېچە تەكرارلاپ چىققانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

قۇرئان ئوقۇشتا ۋە ئۇنى ئاڭلاشتا ساناپ بولغۇسىز ھۇزۇر-ھالاۋەت بار. ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا ماڭا خىتاب قىلىۋاتىدۇ دېگەن ھېس-تۇيغۇغا كېلەلىگەن ئادەملا بايقىيالايدۇ. مەسىلەن: «زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن»[29] « نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىن»[30]« بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن»[31] دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ئادەم بۇ سۆزلەرنى ئاللاھ تائالا ماڭا قارىتىپ سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا تەلەب قىلغان بويىچە بولىۋاتامدۇ ياكى ئەكسىچە كېتىپ بارامدۇ؟ بۇنى بىلىدۇ ۋە ئۆزىنى ھەم ئەھۋالىنى بۇ ئايەتلەردە بۇيرۇلغان بويىچە توغرىلايدۇ.

شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ«رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟»[32]« زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن»[33]دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمرىنى ئورۇندىغان ئادەم قۇرئان كەرىمنىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرگەن بولىدۇ.

ئەبۇلھەسەن نەدەۋى[34] ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبال[35] ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ مۇشۇ ئۇسلۇبنىڭ بەرىكىتى بىلەن قۇرئاننىڭ ھالاۋىتىنى ئەڭ تولۇق تېتىيالىغان ۋە ئۇنىڭ سايىسىدا ھۇزۇرلۇق ھايات كەچۈرگەن شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەللامە ئىقبال ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن:«مەن ھەر ئەتىگىنى بامدات نامىزىدىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. ھەر كۈنى دادام مەندىن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايتتى. مەن «قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن»دەپ جاۋاب بېرەتتىم. دادام ھەر كۈنى شۇ بىر خىل سوئالنىلا سورايدۇ، مەنمۇ  شۇ بىر خىل جاۋابنىلا بېرىمەن. بىر كۈنى مەن دادامدىن «دادا ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە مەندىن نېمە قىلىۋاتقىنىمنى سوراشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟ »دەپ سورىۋىدىم. دادام ماڭا «بالام! مەن ساڭا قۇرئاننى خۇددى ساڭا چۈشكەندەك ئوقۇغىن دېكچى ئىدىم»دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن قۇرئاننى خۇددى ئاللاھ تائالا ماڭا چۈشۈرگەندەك ھېس-تۇيغۇ بىلەن ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ پارلاق نۇرىدىن ۋە جەۋھەرلىرىدىن مېنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىم بارلىققا كەلدى.»[36]

قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىر كۈچى

قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىر كۈچى پەۋقۇلئاددە كۈچ بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تولىسى قۇرئان كەرىمنىڭ قەلبلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلىشتەك مۆجىزىسى بىلەن ئىمان ئېيتقان. ئىسلامغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سىڭلىسى تىلاۋەت قىلغان ئايەتنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇپ چىقىشى بىلەن بىردىنلا قەلبى ئېرىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن ئىسلامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇلىرىدىن بىرى بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغانلىقى، جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاش بىلەن بىردىنلا پىكرى ئۆزگىرىپ ئىمان ئېيتقانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: « بىر كۈنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام نامازنىڭ پەرزىگە تۇر سۈرىسىدىن قىلغان تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ :« ياكى ئۇلار ئۆزلىكىدىن يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار ئىشەنمەيدۇ.....»دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، بىردىلا دىلىم ئىمانغا كېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمۇمنى ھاياجان قاپلىۋالدى، قەلبىم خوشاللىقتىن ئۇچۇشقا ھازىر بولغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى.»

قۇرئاننىڭ تەسىرىدىن ئۇبادە ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نامازدا تۇرغىنىدا مۇشرىكلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق ئوقياسى تېگىپ قانلىرى ئېقىپ تۇرسىمۇ، نامىزىنى بۇزمىغانلىقى ۋە قىرائىتىنى توختاتمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن كەلگەن نەجىرانلىق خرىستىئانلار ئۆمىكىمۇ ئاڭلىغان قۇرئاننىڭ تەسىرىدىن يىغلاپ كەتكەن. بۇ ۋەقەلىكنى قۇرئان كەرىم مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:« ئۇلار پەيغەمبەرگە چۈشكەن قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قويۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن.»[37] 

قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىرى ئىنسانلار ئۈچۇنلا ئەمەس، بەلكى جىنلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات نامىزىغا ئوقۇغان قىرائىتىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ تەسىرىدىن مۇسۇلمان بولغان. قۇرئان كەرىم جىنلارنىڭ تىلىدىن ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« راستىنلا بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ بىر قۇرئاننى ئاڭلىدۇق-دە، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق.»[38] 

قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىنسان ئەقلىنىڭ مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا چۈشۈرسەك، چوقۇم سەن ئۇنىڭ اﷲ تىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى) ئويلىسۇن دەپ بايان قىلىمىز.»[39] 

شۇنى كەسكىن ئېيتىمىزكى، قولىمىزدىكى قۇرئان ئىسلام مىللىتى مۇھتاج بولىۋاتقان مەنىۋى ئېنېرگىيىنىڭ ئۆزىدۇر. قاچانىكى، بىز قۇرئاننى مەنىۋى  كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنىڭ مەنبىئى ۋە ئىچىمىزدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان روھىيەت بۇلىقىغا ئايلاندۇرالىساق، ئۇنىڭ ھەۋزى كەۋسىرى بىلەن روھىمىزنى تىرىلدۈرەلەيمىز ۋە قاششاقلىقتىن چۆلدەپ كەتكەن مەنىۋى ھاياتىمىزنى چوقۇم ياشارتالايمىز. نەتىجىدە، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.

بەزىلەر مۇنداق دېيىشى مۇمكىن، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساھابىلارنىڭ قەلبىگە شۇنداق زور تەسىر قىلغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولالماسمۇ؟

سەييىد قۇتۇپ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:« ئىسلام دەۋىتىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات بولىشىغا باغلىق بولىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇ دەۋەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇم قىلمىغان، ئۇنى ساماۋى دىنلارنىڭ ئاخىرقىسى قىلمىغان ۋە تاقىيامەتكىچە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بۇ دىنغا باغلىمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى قوغداشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئىسلام دەۋىتىنى پەيغەۋمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ تاقىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ۋە مېۋىسىنى بېرىپ تۇرىدىغان قىلغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى 23 يىللىق دەۋەتتىن كېيىن ۋاپات قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ باشلاپ بەرگەن ئىسلام دەۋىتى داۋام قىلماقتا.

ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەۋلادلىرى بولغان ساھابىلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن مەنبە قۇرئان كەرىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بولسا، بۇ مەنبەنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىر ئەسەردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن سورالغىنىدا، «ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»[40]دېگەن.»[41]

ساھابىلار قۇرئان كەرىمگە قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟

سەييىد قۇتۇب مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ياكى بىلىم ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئوقۇمايتتى. بەلكى ئوزۇقلىنىش، ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيتتى.

توغرا، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر قومانداندىن بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندەك تاپشۇرۇپ ئالاتتى. شۇڭا ئۇلار كۈندىلىك ئالىدىغان تەلىملىرىدە ىزيادىنى خالىمايتتى. چۈنكى ئۇلار كۈندىلىك ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ ماڭغانلىقتىن، ئۈستىلىرىگە كۆپ تەكلىپلەرنى ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىۋېلىپ ئەمەل قىلالماي قېلىشلىرىنى ئەنسىرەيتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار-ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇنىڭ رىۋايەت قىلغىنىدەك[42]- ئون ئايەتنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياتلاپ، ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئاندىن باشقىسىغا يۆتكىلەتتى.

ئۇلارنىڭ قۇرئان ئەمىرلىرىنى ئىجرا قىلىش مەقسىتى بىلەن قوبۇل قىلىشىنى ئۇلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھالاۋەت ئىپۇقلىرىنى ئېچىپ بېرەتتى. ئۇلار قۇرئاننى ئىزدىنىش، مەلۇقامت ئىگىلەش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان بولسا، بۇنداق ھالاۋەت ئۇپۇقلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئېچىلمىغان بولاتتى. قۇرئان ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي دەستۇرىغا ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى قۇرئان كەرىم خۇددى ئۇلارنىڭ تومۇرلىرىدا ئاققان قانغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ھايات ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى كۆرسەتكەن ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ خەزىنىسىگە پەقەت ئۇنىڭغا تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىق روھى بىلەن يۈزلەنگەن ئادەمگىلا بېرىلىدۇ.

چۈنكى قۇرئان كەرىم ئوقۇپ كۆڭۈلنى خوش قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب ئەمەس ياكى ئەدەبىيات ياكى تارىخ كىتابى ئەمەس. بەلكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ دەستۇرى بولۇش ئۈچۈن چۈشكەن كىتابتۇر.»[43]

قۇرئان كەرىمدىن مەنپەئەت ئېلىشنىڭ شەرتلىرى

قۇرئان كەرىم مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغان، قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان بىر كىتاب تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ مۆجىزىلەرنى بىزدە يارىتالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ قەلبىمىزنى تىرىلدۈرەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساھابىلارغا ئوخشاش قىلىۋېتەلمەيدۇ؟

قۇرئان كەرىم بىزنىمۇ خۇددى ساھابىلارنى ئۆزگەرتكەندەك ئۆزگەرتىشكە ۋە بىزدىمۇ خارىقى ئادەتلەرنى يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر. ئەمما ئۇنىڭ بىرلا شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ قۇرئان كەرىمگە خۇددى ساھابىلەر مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغىنىدەك قوبۇل قىلىپ ئىجرا قىلىدىغان ھالەتكە كېلىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

بۇنداق ھالەتكە كېلىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى قەلبىمىزنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى بىلەن تولىشىدۇر. بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى ھەممىنى بېسىپ كېتىدىغان بىر تۇيغۇغا ئايلانغىنىدا، قۇرئان كەرىم چوقۇم بىزگە تەسىر قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا « مېنىڭ تەھدىدلىرىمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىل»[44] دەپ بۇيرىغان. بۇ مەنىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. بەقەرە سۈرىنىڭ بېشىدىكى ئايەتتىلا بۇ شەرت ناھايىتى روشەن يۇرۇتۇپ بېرىلگەن:«بۇ كىتابتا قىلچە شەك يوق، ئۇ تەقۋادارلار(ئاللاھتىن قورقىدىغانلار)ئۈچۈن بىر يول كۆرسەتكۈچىدۇر.»[45] « بىز قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن چۈشۈردۇق.»[46]

قۇرئان شۇ قۇرئاندۇر. لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى دىللارنىڭ سۈزۈكلىكىگە ۋە قوبۇل قىلىشتىكى ئەھۋالىغا قاراب بىر خىل بولمايدۇ. «ئيىتقىنكى، قۇرئان ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بار، قۇرئان ئۇلارنىڭ(دىللىرىغا) كورلۇقتۇر.»[47]

قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشتىن مەقسەت ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان قەلبنىڭ ئويغاق ۋە سەگەك بولىشى شەرت. « بىز ئۇنىڭغا شېئىر ئۆگەتمىدۇق. زادى شېئىر ئۇنىڭغا ياراشمايتتى. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۈشكەن) ۋەز-نەسىھەت ۋە نەسىھەت ۋ روشەن قۇرئاندۇر.»[48]

قۇرئان كەرىم كىملەر ئۈچۈن  ۋەز-نەسىھەت؟

قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ ھەيبىتىدىن ئەيمىنىدىغان، جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقىدىغان، غەزىبىگە دۇچار بولۇشتىن ھەزەر قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋەز-نەسىھەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە قادىردۇر.«ئاللاھتىن قورقىدىغان ئادەم ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.»[49] «ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن بۇنىڭدا ئىبرەت بار.»[50]  دېمەك، قۇرئان كەرىمدىن مەنپەئەت ئالىدىغانلار پەقەت ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغانلاردۇر.

قۇرئان كەرىم ئىماننىڭ مەركىزىي نوقتىسىدۇر

ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭ دەردى ئىماننىڭ ئاجىزلىق دەردىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆرۈش مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ. بىز ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرمەي تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرەلمەيمىز، قەد كۆتىرەلمەيمىز ۋە بېشىمىزغا كەلگەن تەلەيسىزلىكلەردىن قۇتۇلالمايمىز. چۈنكى ئىسلام مىللىتى ئىماننىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتۈرگەن مىللەت بولۇپ، بىزمۇ شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتىرىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« بۇ ئۇممەتنىڭ ئاخىرىنىڭ ئەھۋالى پەقەت ئالدىنقىلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈزۈلگەن نەرسە بىلەنلا تۈزىلىدۇ.»[51]

ئىماننى كۈچەيتىشنىڭ چارىلىرى ۋە سەۋەبلىرىمۇ كۆپ. مەسىلەن: تائەت-ئىبادەتنى خالىس قىلىش، قۇرئاننى قائىدىسىگە ئويغۇن رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش يولىدا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلار ئىماننى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئىماننى كۈچەيتىش چارىلىرى ئىچىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ھەقىقىي مۆمىنلەر ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا يۈرەكلىرى تىترەپ كېتىدىغان، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، ئىمانى كۈچىيىپ كېتىدىغان ۋە ئاللاھقىلا يۆلىنىپ ئىشەنچ قىلىدىغانلاردۇر.»[52]

قۇرئان كەرىمنىڭ قەلبلەرگە بېرىدىغان تەسىر كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ھېچقانداق مەنبە ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتكە چۈشەلمەيدۇ. دۇنيادا ئىنسانلارنى ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە باشقا تەرەپلەردىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر كىتاب كۆرۈلگەن ئەمەس. قۇرئان كەرىم ئۆز ۋاقتىدا، پىكىر ۋە ئېتىقادتا خۇراپاتقا چۆكۈپ كەتكەن، ئىجتىمائىي تەرەپتىن ئىنتايىن تارقاق، سىياسىي جەھەتتىن ئۇرۇشقاق، قىساسخور، ھەتتا مىللەت قاتارىدىن سانالمايدىغان ئەرەبلەرنى تەربىيىلەپ، ئۆزگەرتىپ، دۇنياغا ئادالەت، رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئۇرۇغىنى چاچىدىغان، گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەن ئىدى

ئىسلام شائىرى مەرھۇم مۇھەممەد ئىقبال قۇرئان كەرىمنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن ئىكەن:« قۇرئان كىتابلا ئەمەس، بەلكى ئۇ قەلبكە كىرسە، ئىنسان ئۆزگىرىدۇ، ئىنسان ئۆزگەرسە، دۇنيا ئۆزگىرىدۇ.»

توغرا، قۇرئان كەرىم قەلبلەردىن چىن ئورۇن ئالغان ۋاقىتلاردا، ئىنسانلار ئۆزگەرگەن، ئاندىن ئۇلار دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئىدى.

قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ كارامىتى ھازىرمۇ بار. ئۇ تاقىيامەتكىچە شۇنداق داۋام قىلىدىغان مۆجىزە. قاچانىكى بىز قۇرئان كەرىمگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش چىن قەلبىمىز ۋە پۈتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يۈزلىنىدىغان بولساق، ئۇ بىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىشكە قادىر. ئۇ تەسىرىنى يوقىتىپ قويغان ئەمەس ياكى كونا سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئەمەس. بەلكى ئۇ تېكىستى ۋە جىمى مۆجىزىسىدە خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ساھابىلار ئوقۇغان قۇرئان ۋە ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن قۇرئان قولىمىزدىكى قۇرئاننىڭ ئەينەن ئۆزىدۇر. ئۇنداقتا، مۈشكىلە قۇرئاندا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزدە.

ئىمام ھەسەن بەننا ئەتراپىدىكىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن:« سىلەر ئىسلام مىللىتىنىڭ قەلبىنى تىرىلدۈرىدىغان يېڭى روھسىلەر. سىلەر بۇ مىللەتنى قۇرئان بىلەن تىرىلدۈرىسىلەر.»

پاكىستاندىكى ئىسلام جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدى مۇنداق دېگەن ئىكەن:« ئى مۇسۇلمانلار! قۇرئاننى كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ بىلەن قەد كۆتىرىڭلار! يۇقىرى ئۇپۇقلارغا ئۆرلەڭلار! باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن تەلمۈرۈپ يۈرۈش بىزنىڭ شەنىمىزدىن ئەمەس، بەلكى بىز ئۆز پرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.»

قۇرئان يادلاش

قۇرئان كەرىمنى يادقا ئېلىش ناھايىتى ياخشى ئىش. قۇرئان يادلاش ئىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن ئېسىل ئادەت. ئەينى ۋاقتىدا ساھابىلاردىن قارىي بولغانلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. دۇيادا قۇرئان كەرىمدىن باشقا ھېچقانداق كىتاب بۇنچىلىك يادقا ئېلىنمكىغان ۋە بۇنداپ يادلاش شېرىپىگە ئېرىشكەن ئەمەس. تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى كىتابلاردىن بىرەرسىنى يادقا ئالغا ئادەم يوق دۇنيادا. ئەمما قۇرئاننى يادلىغان قارىيلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېپىلىدۇ. ھەتتا ھەربىرمەھەللىدە بىر قانچىسى تېپىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى قەغەز يۈزىگە يېزىلغان ۋە قارىيلارنىڭ دىلىدا ساقلانغان ھالدا ساقلاپ كەلمەكتە.

 دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بالىلارنىڭ قۇرئاننى يادلىشى ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلاشنىڭ مۇقەددىمىسى سانىلىدۇ. شۇڭا كۆپلىگە ئىسلامى فاكۇلتېتلارغا قوبۇل بولۇشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئاننى كامىل يادقا ئالغان بولىشى ياكى ھېچ بولمىغاندا 20 پارا ياكى 15 پارا يادقا ئالغان بولىشىدىن ئىبارەتتۇر. بەزى فاكۇلتېتلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرئان كەرىم تولۇق يادقا ئېلىنىپ بولىدۇ. چۈنكى قۇرئاننى يادلاش ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئەرەب تىلىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۇنى تولۇق ئىگىلەش ئۈچۈن ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.

بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ قۇرئان يادلاش ئىشى ئەزەلدىن مەۋجۇد. بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتلاردا بالىلارنى قارىي قىلىش جەڭگىۋارلىقى ئاشماقتا. ھەتتا دىنىي ئىلىم ساھەسىدە ئوقۇغانلار ئىچىدە قۇرئان يادلاش دولقۇنى ھەممىدىن كۈچلۈك بولماقتا. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. ئەمما ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلاردا قۇرئاننى يادلىغان قارىم خۇددى ئىسلامىي ئىلىملەردە تولۇق يېتىشىپ بولۇپ، ئۇستازلاردىن شاھادەت ئېلىپ چىققان كاتتا ئالىملاردەك ياكى بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىنىپ بولۇپ دۇكان ئايرىغان ھۈنەرۋەندەك قۇرئاننى خەتمە قىلىپ بىر توننى كىيگەندىن كېيىنلا دۇكان ئايرىپ چىقىپ، شۇنىڭغا كىپايە قىلىدىغان، ئىلىم تەھسىل قىلىش، ھېچ بولمىغاندا ئۆزى يادلىغان شۇ قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلىش ئۈچۇن يول ئالمايدىغان ئادەت بار. بۇ توغرا ئەمەس. گەرچە قۇرئان يادلىغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك كالامىنى دىلىغا يەرلەشتۈرۈپ ئۇنى يادىدا ساقلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىگىچە ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئەمەل قىلمىغىچە قۇرئاننى ساقلىغان قاپچۇق ياكى ساندۇق بولۇشتىن باشقا ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس.

توغرا، قۇرئاننى ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەستىن، روھىغا ئەمەل قىلماستىن قەلبىدە ساقلىغان ئادەم ساندۇققا ياكى قاپچۇققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ نېرىسىغا كېتەلمەيدۇ.

قۇرئاننى قانداق ساقلاش كېرەك؟

ئەرەبلەر قۇرئان كەرىمنى يادقا ئېلىپ، مەنىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭ قانۇن-پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنى تىلى، دىلى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ياشناتقان ئادەمنى «ھامىلۇل قۇرئان» يەنى «قۇرئاننى كۆتۈرگۈچى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ كۆتۈرۈش قۇرئاننى يادلاپ مېڭىدە ساقلاپ نەگە بارسا شۇ يەرگە كۆتۈرۈپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇرئاننىڭ تېكىستىنى، مەنىسىنى، قانۇن-پرىنسىپلىرىنى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئەمر-پەرمانلىرىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئاۋۋال ئۆزىگە يەرلەشتۈرۈپ، ئاندىن كىشىلەرگە يەتكۈزۈش، ئۇلارغا ئۆگىتىش دېگەنلەرنى تەقەززا قىلىدىغان كۆتۈرۈشتۇر. بۇ كۆتۈرۈش قۇرئاننى يادلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئۆگەنمىگەنلەرنى ياكى ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى «ھامىل ئەل قۇرئان» دېگەن ئۇنۋان كاتتا ئۇنۋان بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ «قارىم»، «قاراخۇنۇم» ۋە «قارىھاجىم»دېگەن ئۇنۋانلىرىمىزدىن ئەلۋەتتە چوڭ.

قارىيلىق دېگەن بىر ئاتاق

شۇڭا بالىلارغا قۇرئاننى يادلىتىپ بولۇپ توختاپ قېلىش، گويا ئۇلار قۇرئاننى يادلاش بىلەن مەقسەتنى ھاسىل قىلغاندەك مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىش ئىنتايىن خاتا ئىشتۇر. ئۆزى يادلىغان، قەلبىگە ئورناشتۇرغان، تىلى بىلەن شۇنداق چىرايلىق تىلاۋەت قىلىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ قۇرئاندا نېمىلەرنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى نېمىلەرگە بۇيرىغانلىقىنى ۋە نېمىلەردىن توسقانلىقىنى بىلمىگەن قارىملار ياخشى-ياماننى، گۇناھ-ساۋابنى بىلمەيدۇ. ھەتتا قۇرئان ئىنسانلارغا سوۋغا قىلغان گۈزەل ئەخلاقلارنىمۇ بىلمەيدۇ. تېخى ئۇلاردىن بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى تەن ئالماستىن، ئۆزلىرى دىنىي ئۆلىمالارغا ئوخشىتىدۇ ياكى ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن كۆرىدۇ. ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇ «قارىم»دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، باشقا ئۇنۋانغا ئۆزلىرىنى ھاجەتسىز دەپ بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇنداق قارىملارنىڭ مۇسۇلمانلارغا رامىزاندا خەتمە ئوقۇپ بېرىش، نەزىر-چىراقلاردا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.

بىز بالىلىرىمىزنى بۇ ئىشلار ئۈچۈنلا ئوقۇتىمىزمۇ؟ ئۇلار كىمگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ؟

ھامىلۇل قۇرئان بولۇش ھەقىقەتەن شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قارىيلىقتىن چوڭ ئۇنۋاندۇر. مەسىلەن: قۇرئان كەرىمنىڭ لەيل سۈرىسىنى يادقا ئېلىش ئۈچۈن بىر قانچە مىنۇت ياكى كۆپ بولغاندا يېرىم سائەت كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنى شۇ بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە يادقا ئالغان ئادەمنى لەيل سۈرىسىدە بۇيرۇلغان ئىسلامىي  ئەخلاقلارنى ئۆزىگە يەرلەشتۈرگەن ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟

قۇرئان بىزنىڭ چىقىش يولىمىزدۇر

قۇرئان كەرىم ئىلگىرى دۇنيانى تىترەتكەن ئەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىغان ئىكەن، ھازىرمۇ چىقىرىشقا قادىردۇر. بۇ ئارزۇ-ئارمان ياكى خىيال ئەمەس. بەلكى تارىخ ئىسپاتلىغان ھەقىقەت ۋە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن بىشارەتتۇر. ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدى رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىختىلاپلار بۇىلەن پىتنىلەر ھەققىدە خەۋەر بەرگەندە، ھۇزەيفە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئەگەر مەن شۇنداق مۇسىبەتكە يولۇقسام نېمە قىلىشىم كېرەك؟»دەپ سورىغاندا، ئۇنىڭغا:« ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگەنگىن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن. ئۇ سېنىڭ ئۈچۈن چىقىش يولىدۇر»دەپ جاۋاب بەرگەن. ھۇزەيفە يەنە قايتىلاپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭغا:« ئىللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگەن ۋە ئەمەل قىل. نىجاتلىق شۇنىڭدىدۇر»دېگەن.[53]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا ھەججىدىن قايتىپ كېلىپ تۇنجى خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھنىڭ كىتابىدا نۇر ۋە ھىدايەت باردۇر. ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ يولىدا يۈرگەن ئادەم ھىدايەت ئۈستىدە بولغان بولىدۇ، خاتالاشقان ئادەم ئېزىپ كېتىدۇ.»[54]

شەكلەن ئۆزگىرىش پايدا بەرمەيدۇ

ئىسلام دۇنياسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاجىزلىق، خورلۇق ۋە پارچىلىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. زامانىمىزدا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن ئېغىر مۇسىبەتلەر ۋە چوڭ كېلىشمەسلىكلەر كەلمەكتە. ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇش، ئەقىدىسىنى سۇسلاشتۇرۇش جەھەتتە غەلىبە قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلاردا قىسمەن ئويغۇنۇشلار ۋە شەكلىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن بولدى. ئەمما بۇلار كۈتۈلگەندىن ئەلۋەتتە يىراقتا تۇرماقتا.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلاردا دىنىغا قايتىش سەپەرۋەرلىكى باشلانغان بولۇپ، بەزى شەكلىي جەھەتلەردە ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەسىلەن: مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ باشلىرىغا ئىسلامىي ھىجاب ئارتىشى، مەسجىدلەردە ناماز ئوقۇيدىغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش قىلىش مەككىگە كېلىدىغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى دېگەنگە ئوخشىغان بەزى ئىجابىيلىقلار ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئىشلار ئاساسىي مەقسەتتىن خېلىبەك يىراقتا بولغانلىقتىن، نە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى ئۆزگەرمىگەن، نە ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى تۈزەلمىگەن، نە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ھەل بولمىغان.

مەسجىد ھەرەمدە ھەر جۈمە كۈنى مىڭلارچە مۇسۇلمان پەلەستىننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازات بولىشىنى، يەھۇدىيلارنىڭ يوقىلىشىنى ۋە مۇسۇلمانالارنىڭ غەلىبە قازىنىشىنى ئاللاھ تائالادىن تىلەيدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن بۇ دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ؟ ئەڭ ئۇلۇغ جاي ھەرەمدە قىلغان دۇئالار نېمە ئۈچۈن ئىجابەت بولمايدۇ؟ چۈنكى مۇنداق دۇئا قىلىش يىللاردىن بېرى ئادەتكە ۋە رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان. كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاراپ، نىيىتى بۇزۇق، ئەخلاقى ناچار، ئىمانى ئاجىز بولۇپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالا بۇ كائىناتتا شۇنداق بىر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتنى بېكىتىۋەتكەنكى، ئۇنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ھەتتا پەيغەمبەر ئۈچۈنمۇ ئۇنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ« ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دېگەن قانۇنىيەتتۇر. بۇنى قۇرئان كەرىم « ھەر كىم پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»[55] دەپ تەبىرلىگەن. ئەگەر  سەۋەب قىلماستىن، ئىشلىمەستىن،  دۇئا بىلەنلا ئىش ھەل بولىدىغان بولسا ئىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جىھاد قىلمىغان بولار ئىدى، دۇئاغىلا تايىنىپ ئىشىنى ھەل قىلغان بولار ئىدى. ئەمما ئۇنداق ئەمەس. سەۋەب بىلەن دۇئا بىرلەشمىگەندە مەسىلە ھەل بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار دۈشمەنلىرىگە قارشى تەدبىر ئالماستىن، ئۇلارغا ئۆزلىرى قوراللانغان پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللىنىپ تاقابىل تۇرماستىن، ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن سەۋەب قىلىش قانۇنىغا ۋە  قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي قانۇنىغا ئەمەل قىلماستىن ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلالمايدۇ. پەلەستىن ۋە باشقا ئىسلام دىيارلىرىنىڭ كاپىرلارنىڭ مۇستەملىكىسىدە قالغىنى قالغان.

دېمەك، مۇسۇلمانلاردىكى شەكلىي ئۆزگىرىش ۋە زاھىرىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويۇش ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. پەقەت ئۇلار ئىچىدىن ئۆزگەرمىگىچە، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەۋزى كەۋسىرى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنى غۇسلە قىلدۇرماستىن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار سەۋەب قىلماي مەسجىد ھەرەمدە مىڭ يىل دۇئا قىلسىمۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتكە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا زىت ئىشتۇر.  

ئىسلام مۇتەپەككۇرى مەرھوم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دېمەك ـ كەم ـ زىيادە قىلىشقا بولمايدىغان، ھەتتا بارماقلار بىلەن سانىغىلى بولىدىغان ئازغىنە ئىبادەتلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئىنساننىڭ ھاياتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە سالاھىيەتلىك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بىرەر زاۋۇتنى ياسىماقچى بولغان ئېنژىنېر ئۇ زاۋۇتتىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆزدە توتماستىن، بەلكى بۇ زاۋۇتنىڭ ھەمىشە ئىشلەپچىقىرىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئايروپىلاننىڭ سالاھىيىتى ـ ئۇنىڭ ئۇچۇش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى، قەلەمنىڭ سالاھىيىتى ـ يېزىش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى، ئىنساننىڭمۇ ئەمەل ـ ئىبادىتىنىڭ ھەمىشە ئاللاھقا يارارلىق بولۇپ، قوبۇل بولۇشى پەقەت ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ نىيىتى ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى ئۆزلىكىدىن ئىبادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. پۇل چىقىرىدىغان زاۋۇتمۇ ئۇنىڭغا كىرگەن قىممەتسىز خام ئەشيالارنى قىممەتلىك پۇل قىلىپ چىقىارغىنىدەك، ئىنساننىڭ نىيىتى سالاھىيەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى كاتتا ئىبادەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ»([56]).

 

 ئىسلام ئۇممىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى يەنە ئىسلام بىلەن بولىدۇ  

مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر كۈنلەر كەلمەكتە. مۇسۇلمانلار زامانىمىزدىككىدەك پارچىلىنىش، خورلىنىش ۋە بوزەك قىلىنىشلارنى مۇندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئەسىردە كۆرۈپ باقمىغان بولسا كېرەك.

ئىسلام دۈشمەنلىرى بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ زەئىپلەشكىنىدىن پايدىلىنىپ، كۈچ ۋە سىياسەت بىلەن ئۇلارنىڭ يەر زېمىنلىرىنى تالان-تاراج قىلىشتا، بىرلىكىنى پارچىلاشتا غەلىبە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشتا غەلىبە قىلماقتا.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىدا ئىمانى ئاجىز، ئەخلاقى ناچار، ئەقىدىسى زەئىپ ئىنسانلار كۆپلۈكنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ قالغان. شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنغا قىلىدىغان مۇئامىلىسى شەكلىي مۇئامىلە تۈسىنى ئالغان. زاھىرىي ئىبادەتلەرگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەمما ئىچكى دۇنياسىنى ساپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

مەسىلەن: مۇسۇلمان ئاياللاردا ئىسلامىي كىيىنىش نىسبىتى كۆپىيىۋاتىدۇ، ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە بارىدىغانلارنى سانى يىلدىن-يىلغا زور دەرىجىدە كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەتتا مەسجىد ھەرەمگە سىغمايدىغان ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ. يەنە شۇ ئالدامچىلىق، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، سودىدا ساختىپەزلىك، يالغان سۆزلەش، ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن پىرىنسىپىدىن ۋازكېچىش قاتارلىق ئىللەتلەر شۇ بويىچە داۋام قىلماقتا.

ئەمما قارشى تەرەپتە ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنى سەلبى تەرەپكە ئۆزگەرتىشتە تولۇق غەلىبە قىلىپ كېلىۋاتقان. مۇسۇلمان ياشلارنىڭ قەلبىدىكى ئىمان بىلەن ئەخلاقنى گاھ كۈچ بىلەن گاھ ھەر خىل ئازدۇرغۇچ چارىلەر بىلەن يىمىرىپ تاشلاشقا تۇرماستىن ھەرىكەت قىلىۋاتقان. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمان ئىسلاھچىلارنىڭ  ئىسلام ئۇممىتىنى ھەق دىنىغا قايتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش، ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا چوڭ توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلار ئېھتىياج بولىۋاتقان ئەڭ چوڭ جىھاد ھەقىقىي ئىمانغا قايتىشتۇر. ئۇزۇن يىللىق ئېچىنىشلىق تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ كىچىكىمىزدىن يادلىۋالغان نۇقۇل ئىمانىمىز بىلەن زاھىرىي ئىبادەتلىرىمىز  بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ.

ھازىر بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدە ۋە ئىچكى دۇنيايىمىزدا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جىھاد قىلىش ۋاقتىمىزدۇر. بىز ئىسلامنى ئۆزىمىزدە ۋە ئائىلىمىزدە قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن جەمئىيەتتە قۇرۇشقا تىرىشىمىز. مانا بۇ، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام دەۋىتىگە بۇيرىغان تۇنجى ئەمرىدە ئۇنىڭغا:) يچىىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن[57](دېگەن. ھەتتا نامازغا بۇيرشتىمۇ:)ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن([58]دەپ ئەمر قىلغان.

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دۆلىتىنى ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەككىدە 13 يىل ئىمان بىلەن ئەخلاققىلا دەۋەت قىلغان. ئاندىن مەدىنىگە كەلگىنىدىن كېيىنكى 10 يىللىق دەۋىتىنى ئىسلام دۆلىتىنى يەر يۈزىدە قۇرۇش،  مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى تەسىس قىلىش ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشقا ئاتىغان.

مۇسۇلمانلاردا كەم نەرسە ئىلىم- مەرىپەت ئەمەس، بەلكى ئىمان

ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوقتەك تەرەققىي قىلىشى سايىسىدا، ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلاردىكى كەم نەرسە ئىلىم-مەرىپەت ياكى ئىسلامىي ئۇچۇرلار ئەمەس، بەلكى كەم نەرسە ھەقىقىي ئىمان بىلەن ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى يېڭىپ چۈشىدىغان مەنىۋى قۇۋۋەتتۇر.

مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يولى شەخسلەرنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىنىدۇ. شەخسلەرنى ئىسلاھ قىلىش ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمىدۇر. بۇنىڭدىن ئائىلىدىكى ئىسلام تەربىيىسىنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە ياكى غايىبانە بىر كۈچ كېلىپ، ئۇلارنى بۇ پاتقاقتىن چىقىرىپ قويمايدۇ. بەلكى ئۆزلىرى تىرىشىپ، تىرمىشىپ چىقىدۇ.

بىزدىن تەلەب قىلىنغان ئۆزگەرتىش نېمە؟

بىزدىن تەلەب قىلىنغان ئۆزگەرتىش ئۆزىمىزنى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ئەقىل-پىكرىمىزنى ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنغان، ئىش-ھەرىكىتىمىزنى ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرىدىغان، قەلبىمىزنى ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە بېغىشلىغان ۋە ئۇ ياقتۇرغاننى ياقتۇرۇپ، ئۇ يامان كۆرگەننى يامان كۆرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن مەقسەت نېمە؟

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان بىر ئائىلە ۋە مۇسۇلمان بىر جەمئىيەتنى تەسىس قىلغىلى بولىدىغان مۇكەممەل مۇسۇلمان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. زادى ئاللاھ تائالانىڭ بىزدىن تەلەب قىلغىنىمۇ بۇ ئىدى. شۇ ۋاقىتتىلا بىز قۇرئان كەرىمدىكى) مېنىڭ نامىزىم، ئىبادەتلىرىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر(دېگەن ئايەتنىڭ تەقەززاسىغا ئويغۇنلاشقان بولىمىز. شۇ ۋاقىتتىلا ئىمانىمىز تاكامۇللىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ۋە ھېمايىسىگە لايىق بولىمىز.

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش نېمە بىلەن بولىدۇ؟

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى ئېنىق بولغان ئىكەن، بىزگە ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا چارە يوق. ئۆزىمىزنى ئۆزگەتىش ئەقلىمىزنى، قەلبىمىزنى ۋە نەپسىمىزنى ئۆزگەرتىش كۆرۈكىدىن ئۆتىدۇ. يەنى ئەقلىمىزدىكى خاتا ئېتىقاد ۋە خاتا چۈشەنچىلىرىمىزنى تۈزىتىپ توغرىسىنى يەرلەشتۈرۈش، قەلبىمىزدىن ھاۋايى-ھەۋەسنى چىقىرىپ تاشلاپ ئىمانىمىزنى قايتىدىن يەرلەشتۈرۈپ كۈچەيتىش ۋە نەپسىمىزنى ئەقلىمىزغا بويسۇندۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلىشقا كۆندۈرۈش بىلەن بولىدۇ. بۇ جاپالىق باسقۇچ بولۇپ، مېۋىسى مۆلچەرلىگۈسىز كۆپ ۋە مۇكەممەلدۇر.

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش قانداق بولىدۇ؟

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرمەستىن ئەمەلگە ئاشمايدۇ:

بىرىنچى باسقۇچ: قىلماقچى بولغان ئىشقا ئەقىلنى قايىل قىلىش.

ئىككىنچى باسقۇچ: قەلبنى ئەقىلنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇندۇرۇش.

ئۈچىنچى باسقۇچ: قەلبتىن ئورۇندىغۇچى ئورگانلارغا ئەمرنىڭ سادىر بولىشى.

يۇقىرىقى ئۈچ باسقۇچ خۇددى زەنجىردەك بىر-بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئۇلاردىن بىرەرسى ئورۇندالماي قالسا، ئۇنىڭدىن كۈتۈلگەن نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ.

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ قۇرالى نېمە؟

شەكسىزكى، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ قۇرالى قۇرئان كەرىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن قۇرئان كەرىم بىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ باشقىچە ئىنسان چىقىشقا ئەلۋەتتە قادىر.

قېنى ئويلاپ كۆرەيلى، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ نارىسىدە قىزىنى ئېلىپ بىر چۆلگە چىقىدۇ. ئاندىن قىزىنى قۇم ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئورەك كولايدۇ. قەلبى خۇددى ئاپئاق قۇندۇزدەك بۇ نارىسىدە قىز ئاتىسىنىڭ ئورەكنى نېمە ئۈچۇن كولىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئاتىسىغا قاراپ بىر تاتلىق كۈلۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ پاك خىيالى بىلەن مەشغۇل بولغان ھالدا ئولتۇرىدۇ. ئورەك كولىنىپ بولىدۇ. ئادەم قىزىنى يۇلۇپلا كۆتۈرۈپ ئورەككە تاشلايدۇ ۋە ئۇنى تىزدىن كۆمۈشكە ئالدىراپ، ھاسىراپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇم تۆكىدۇ. قىز بولسا، جېنىنىڭ بېرىچە ۋارقىراپ پەرياد قىلىدۇ، ئاتىسىغا يالۋۇرىدۇ، يىغلايدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچىقايسىسى پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى ئادەم قىزىنى تىرىك كۆمۈشكە بەل باغلىغان بولۇپ، بۇ ئىشنى بېجىرمەستىن قايتمايتتى. شۇنداق قىلىپ قىز پەرياد قىلىدۇ، ئاتا ئۈستىگە قۇم تاشلايدۇ. ئاخىرى قىزنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلىدۇ، ئورەكمۇ كۆمۈلۈپ بولىدۇ. ئادەم ئۆيىگە قايتىدۇ.

قىزنىڭ گۇناھى نېمە ئىدى؟ پەقەت قىز تۇغۇلۇپ قالغانلىق ئىدى. قىز ئۆزىنىڭ قانداق بولىشىنى تاللىغانمۇ؟ ياق. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تاللىشى ئىدى.

كۈنلەر ئۆتىدۇ، ئايلار ئۆتىدۇ، ھەتتا يىللار ئۆتىدۇ. بىر كۈنى بۇ ئادەمنىڭ تاشتىن پۈتۈلگەن شۇ قاتتىق قەلبىگە ئىسلام نۇرى كىرىدۇ، قۇرئان كەرىم ئۇنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا سىڭلىسى ئۇنىڭدىن قۇرقۇپ خۇپيانە ئوقۇۋاتقان قۇرئان ئايىتى ئۇنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرىۋەتكەن ئىدى.

شۇ يۈرىكى قاتتىق ئادەم شۇنداق بىر  كۆڭلى يۇمشاق، كۆيۈمچان ۋە شەپقەتلىك بىر ئىنسانغا ئايلانغانكى، ئۇ « مېنىڭ دەۋرىمدە بىرەر مۇسۇلمان ھەقسىزلىققا ئۇچرىسا، ئاللاھ تائالا مېنى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىدۇ»دېگەن سۆزىنى ياڭرىتىش بىلەن بىرگە كېچە-كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ھەتتا پۇقراچە كىيىنىپ ئاخشاملىرى مەدىنە كوچىلىرىدا كىشىلەرنىڭ دەرد-شىكايەتلىرىنى تىڭشايدىغان، مەدىنىدە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەندە پۈتۈن بايلىق ۋە ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ قولىدا تۇرسىمۇ، خەلقنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن:«خەلقىمنى ئاچلىقتىن قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ، تائاملىنىپ ھۇزۇرلىنىش مەن ئۈچۈن ھارام»دېگەن ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇق نان يېيىشكە داۋام قىلغانلىقتىن، ئۇرۇقلاپ ئاخىرى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان دەرىجىدە ئۆزگەرگەن.

ئۇ كىم ئىدى؟ ئۇ ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىدى. قۇرئان كەرىم بۇ ئادەمنى قانداق ئۆزگەرتكەن بولسا، باشقىلارنىمۇ شۇنداق ئۆزگەرتىشكە ئەلۋەتتە قادىر. ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزگەرتىشىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئىزدەشتە تەرەپسىز بولۇش ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش شەرتتۇر.

 قۇرئان كەرىمنى مەلۇمات ئېلىش ياكى بىلىم ئاشۇرۇش ياكى ساۋاب تېپىش مەقسىتى بىلەنلا ئوقۇغان ئادەم ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرەلمەيدۇ. نەتىجىدە قۇرئان كەرىم ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەقەت ئۇنى ھىدايەت تېپىش مەقسىتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ، چۈشىنىپ ئوقۇغان ئادەم چوقۇم ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرەلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتىلا ئۇ ئۆزىنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزگەرتىشىگە تاپشۇرغان بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھىدايەت كىتابىدۇر.

قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ ئاغامچىسىدۇر

ئەرەبلەر ئىسلامدىن ئىلگىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن نامرات، سىياسىي جەھەتتىن مۇقىمسىز ۋە ئۇرۇشقاق، ئىجتىمائىي جەھەتتىن چېچىلاڭغۇ، ھەربىر قەبىلە ئۆزىنى باشقىلىرىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، كىشىلەرگە قەبىلىسى، نەسەبى بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان، بايلار نامراتلارنى ئېزىدىغان، جەمئىيەت ناھەقچىلىكلەرگە ۋە جەۋر-زۇلۇمغا تولغان، ھەركىم ھاياتتىن زېرىككەن، كېلەچەكتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ۋە بىرەر قۇتقۇزغۇچى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالمىسا، ھەممە تۈگىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋەزىيەتتە ئىدى. شۇ ۋەزىيەتتە گويا ئاسماندىن بىر ئاغامچا چۈشتى. ئۇلار ھەممىسى شۇ ئاغامچىغا ئېسىلىپ ئۇلارنى كۈتىۋاتقان ھالاكەتتىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.

ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئاغامچىسى بولغان قۇرئان كەرىم يەر يۈزىدىكى شەھۋەتپەرەسلىك، نەپسىي خاھىشقا بېرىلىش، ئۇرۇش-جېدەل قىلىش، مەنمەنچىلىك، چوڭلۇق تالىشىش، نىشانسىز ۋە ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاش قاتارلىق پەسلىكلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەقىل بىلەن ۋىجداننىڭ ئاۋازىغا قولاق سېلىش، ئىنسانلىققا يارىشىدىغان شەكىلدە ياشاش، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش، رەھىم-شەپقەتلىك، ھەققانىي ۋە ئادالەتلىك بولۇش قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەرگە كۆتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ:« قۇرئان ئاللاھنىڭ ئاسماندىن يەرگە ئۇزاتقان ئاغامچىسىدۇر»دېگەن.[59]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بۇ مەنىنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دېگەن:« بۇ قۇرئاننىڭ بىر تەرىپى ئاللاھنىڭ قولىدا، يەنە بىر تەرىپى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ھالاك بولمايسىلەر ۋە ئېزىپ كەتمەيسىلەر.»[60]

تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدا قىلغان ۋەسىيىتى« ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئېسىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[61]دېگەندىن ئىبارەت بولغان.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەقەرە سۈرىسىنىڭ )كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ(دېگەن ئايىتىدە كەلگەن « سۇنماس، مەھكەم تۇتقا»نى قۇرئان دەپ تەپسىر قىلغان.[62]

قۇرئان كەرىم ئىسلام خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدۇ

قۇرئان كەرىم ئۇنى تىلاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ئىسلام خەرىتىسىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە تەپسىلىي قىلىپ سىزىپ چىقىدۇ. سىزغاندىمۇ ھەر بىر نەرسىنىڭ خەرىتىسىنى ئۆزىنىڭ ھەجمىگە ۋە ئەھمىيىتىگە مۇناسىپ شەكىلدە سىزىدۇ. مەسىلەن: قەلب ئەمەللىرىنىڭ جىسمانىي ئەمەللەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى ئېنىق. قۇرئان كەرىم ھەج سۈرىسىدە ئۇنى بايان قىلىپ:)ئاللاھقا سىلەرنىڭ قۇربانلىقىڭلارنىڭ نە گۆشى، نە قېنى يېتىپ بارمايدۇ. بەلكى سىلەردىن يېتىپ بارىدىغىنى تەقۋالىقتۇر( [63]دەيدۇ. ئىنسان ئەقلى زېھنىگە سىزىلغانلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا قايىل بولغاندىن كېيىن، قۇرئان كەرىمنىڭ قوبۇل قىلىنغانلارنى مېڭىگە يەرلەشتۈرۈش ۋە مەھكەم ئورنىتىش مۆجىزىسى ئىشقا چۈشىدۇ-دە، ئۇنى ھەر خىل بايانلار ۋە تۈرلۈك مىساللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.) بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق.[64](

يۈرۈش-تۇرۇشتىكى خاتالىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قەلبتىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى، نەپسىي ئىستەكلەرنىڭ ئىماننىڭ كۈچىگە غالىب كېلىپ قالغانلىقىدۇر. چۈنكى ياخشى ئەمەللەر قەلبتىكى ئىماننىڭ كۈچىگە ۋە ئۇنىڭ قىممىتىگە قاراپ بولىدۇ.) كىمكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر.([65]

ئىمان ۋە ھاۋايى-ھەۋەس

قەلب ئىماننىنڭ ئورنى بولغىنىدەك، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭمۇ ئورنىدۇر. قەلب ئىنساننىڭ تەسىراتلىرى ۋە ھېسسىياتلىرى توپلىشىدىغان جاي. بۇ دېگەننىڭ مەنىسى، قەلبكە تەسىر قىلغان بىرەر ئىش يا ئىماننى زىيادە قىلىدۇ ياكى ھاۋايى-ھەۋەسنى زىيادە قىلىدۇ. مەسىلەن: قەلب ھاۋايى-ھەۋەس ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىرەر ئىشتىن تەسىرات ئالغىنىدا، ئۇنىڭدىكى ھاۋايى-ھەۋەس كۈچى زىيادىلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك، قەلب ئىمانغا خىزمەت قىلىدىغان ئىشتىن تەسىرات قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇنىڭدىكى ئىماننىڭ كۈچى ئېشىپ كېتىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ قەلبتە ئىماننى كۈچەيتىشتە ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرنى ئۇنىڭدىن قوغلاپ چىقىرىشتا ئاجايىپ سېھىرلىك تەسىرى ۋە مۆجىزىسى بار. بۇ ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا بولغان تەسىر كۈچىنىڭ قۇدرىتىدە كۆرۈلىدۇ. )ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى بىر-بىرىگە ماسلاشقان ۋە زىرىكىلمەستىن قايتا-قايتا ئوقۇلىدىغان بىر كىتاب قىلىپ چۈشۈردى. رەببىدىن قورقىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى بۇ كىتابنىڭ تەسىرىدىن تىترەپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەم بەدەنلىرى ھەم كۆڭۈللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ئىسسىنىپ يۇمشايدۇ. (. [66]

قۇرئان كەرىمنى توغرا رەۋىشتە، جاراڭلىق ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ قەلبلەرگە بېرىدىغان تەسىر كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، ھېس-تۇيغۇنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن ئەقىل قوبۇل قىلغان ھەقىقەتلەرنى ئىمانغا ئايلاندۇرىدۇ. قەلبنىڭ قۇرئان كەرىمدىن تەسىرات ئېلىۋاتقان لەھزىلىرى دەل بۇ ئايەتلەرنىڭ قەلبكە كىرىپ، ئۇنىڭدىكى ئىماننى كۈچەيتىۋەتكەن ۋاقتىدۇر. ئىمان قەلبتە مۇستەھكەملەشكەنسېرى ئۇنىڭ تەسىرى ئەمەلدە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

قۇرئان كەرىم  ۋە نەپسىي خاھىش

نەپسىي خاھىش ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توساق بولۇپ، ئۇ ھەمىشە ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئازدۇرۇپ، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئىنساننىڭ نەپسىي خاھىشقا ئاسانلا بويسۇنۇپ كېتىشىنىڭ سىرى ئۇنىڭ شەھۋەت ۋە ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەنە شۇنداق ياراتقان.

نەپسىي خاھىش ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، گاھىدا ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئۆزىنىڭ كۆزىدە چوڭ كۆرسىتىپ مەغرۇرلاندۇرۇش، گاھ ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالداپ گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

مەلۇمكى، نەپسىي خاھىشنىڭ مۇھەببىتى كۈچلۈك،  ئوتى ياماندۇر. نەپسىي خاھىش چاقىرغان نەرسىلەرنىڭمۇ مۇھەببىتى ھەمىشە شۇنداق كۈچلۈك بولىدۇ. سۇڭا نەپسىي خاھىشقا قارشى كۈرەش قىلىش جىھاد تۈرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. نەپسىي خاھىشنى يېڭىش جېڭى بەكمۇ قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك بىر جەڭدۇر. شۇنداقتىمۇ قۇرئان كەرىم بۇ كۈرەشتە غەلىبە قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئىنسانلارمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ كۈرەشتە غەلىبە قىلغانلىقتىن، دۇنيانىڭ ئەخلاق ئۇستازلىرىغا ئايلانغان.

 



[1] مائىدە سۈرىسى24-ئايەت.
[2] مائىدە سۈرىسى26-ئايەت.
[3] ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
[4] ئال ئىمران سۈرىسى139-ئايەت.
[5] ئەنفال سۈرىسى19-ئايەت.
[6] مۇھەممەد سۈرىسى11-ئايەت.
[7] مۇھەممەد ئەمىن مىسرىنىڭ«مەسئۇلىيەت»ناملىق ئەسىرى39-بەت.
[8] ئەللامە ئەبۇلھەسەن نەدەۋىنىڭ«ئىمان نۇرى ئاستىدا»ناملىق ئەسىرى23-بەت.
[9] ئىبنى ئەبۇ دۇنيانىڭ«ئەل ئوقۇبات»ناملىق ئەسىرى،278-بەت.
[10] ئال ئىمران سۈرىسى160-ئايەت.
[11] ئەنئام سۈرىسى122-ئايەت.

 
[12] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.
[13] بەقەرە سۈرىسى178-ئايەت.

 
[14] بەقەرە سۈرىسى 223-ئايەت.

 
[15] تەكۋىر سۈرىسى27-28-ئايەتلەر.
[16] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.
[17] ئەئراف سۈرىسى203-ئايەت.
[18] نىسا سۈرىسى174-ئايەت.
[19] ئەنكەبۇت سۈرىسى51-ئايەت.
[20] ساد سۈرىسى29-ئايەت.

 
[21] ئەنبىيا سۈرىسى10-ئايەت.

 
[22] «قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟» ناملىق ئەسەر59-بەت.

 
[23] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.
[24] «نەزەرات فى كىتابىللاھ» ناملىق ئەسەرنىڭ34-بېتىدىن.

 
[25] فۇرقان سۈرىسى32-ئايەت.

 
([26]) تىرمىزى رىۋايىتى.
[27] فۇسسىلەت سۈرىسى26-ئايەت.
[28] مائىدە سۈرىسى118-ئايەت.

 
[29][29] لۇقمان سۈرىسى18-ئايەت.
[30] ساد سۈرىسى26-ئايەت.
[31] شۇرا سۈرىسى15-ئايەت.
[32] فۇرقان سۈرىسى45-ئايەت.
[33][33] قەسەس سۈرىسى40-ئايەت.
[34] ئەبۇل ھەسەن نەدەۋى ھىندىستانلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى، كۆپلىگە ئىسلام ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. 1913-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدا دۇنياغا كېلىپ 1999-يىلى ئالەمدىن ئېتكەن.
[35] مۇھەممەد ئىقبال-ئىسلام مۇتەپەككۇرى، شائىر، پەيلاسۇپ ۋە ئەدىب بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىدىستان تەۋەسىدە، سۇنداقلا دۇنيادا زور شۆھرەتكە ئېرىشكەن شەخس. ئۇ 1877-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ھىندىستاننىڭ پەنجاب ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە 1938-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇھەممەد ئىقبال ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق مەيدانى چىڭ تۇرغان شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ؛ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن.
[36] ئەبۇل ھەسەن ننەدەۋىنىڭ« ئىقبال شېئىرلىرى»ناملىق ئەسىرى38-39-بەتلەر.
[37] مائىدە سۈرىسى83-ئايەت.

 
[38] جىن سۈرىسى1-2-ئايەتلەر.

 
[39][39] ھەشر سۈرىسى21-ئايەت.
[40] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[41] يولدىكى ئىشرەتلەر(مەئالىم فىتتەرىق).11-12-نەتلەر.
[42] ئىبنى كەسىر تەپسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە نەقىل قىلغان.
[43] يولدىكى ئىشرەتلەر(مەئالىم فىتتەرىق).11-12-نەتلەر.

 
[44] قاف سۈرىسى45-ئايەت.
[45] بەقەرە سۈرىسى2-ئايەت.
[46] تاھا سۈرىسى2-3-ئايەتلەر.
[47] فۇسسىلەت سۈرىسى44-ئاايەت.
[48] ياسىن سۈرىسى69-70-ئايەتلەر.
[49] ئەئلا سۈرىسى10-ئايەت.
[50] ھۇد سۈرىسى18-ئايەت.
[51] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[52] ئەنفال سۈرىسى2-ئايەت.
[53] ئەبۇداۋۇد، نەسائى، ھاكىم رىۋايىتى.
[54] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[55] نەجم سۈرىسى.
([56])          مەرھۇم  ئۇستاز مۇھەممەد غازالىينىڭ «بۇ بىزنىڭ دىنىمىز» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
[57] شۇئەرا سۈرىسى214-ئايەت.
[58] تاھا سۈرىسى132-ئايەت.
[59] ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، ئەللامە ئەلبانىي«السلسلة الصحيحة»ناملىق ئەسىرىنىڭ5-توم،38-بېتىدە «سەھىھ»دەپ باھالىغان ھەدىس.
[60] ئىبنى ھىببان، تەبەرانىي، ئىبنى ئەبۇشەيبە رىۋايەت قىلغان، ئەللامە ئەلبانىي«السلسلة الصحيحة»ناملىق ئەسىرىنىڭ2-توم،330-بېتىدە «سەھىھ»دەپ باھالىغان ھەدىس.

 
[61] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[62] ئىبنى ئەبۇ شيبە «فضائل القران.»ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلغان ھەدىس.
[63] ھەج سۈرىسى37-ئايەت.
[64] كەھف سۈرىسى54-ئايەت.
[65] ھەج سۈرىسى32-ئايەت.
[66] زۇمەر سۈرىسى23-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار