سۈكۈت ھەممىلا ئادەم بېجىرەلەيدىغان ئىش ئەمەس

سۈكۈت ھەممىلا ئادەم بېجىرەلەيدىغان ئىش ئەمەس

تىڭشاش ئالاھىدە ماھارەت ۋە سەنئەت بولۇپ، قىممىتى پاساھەتلىك سۆزلەشتىن كەم ئەمەس. شۇڭا تىڭشاشنى ئۆگىنىش ۋە ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلاش لازىم. چۈنكى، ئاللاھ تائالا تىڭشاش ئۈچۈن ئىككى قۇلاق ياراتقان بولسا، سۆزلەش ئۈچۈن بىرلا ئېغىز ياراتقان.

تىڭشاش سۆزلەشتىن پايدىلىقتۇر. چۈنكى، بىز سۆزلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا ھېچنەرسە ئۆگىنەلمەيمىز، ئەمما تىڭشىغان ۋاقتىمىزدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىمىز.

سۆزلەش ھەممىلا ئادەم بېجىرەلەيدىغان ئىش، ئەمما سۈكۈت ھەممىلا ئادەم بېجىرەلمەيغان ماھارەتتۇر. شۇڭا ئادەتتىكى ئادەملەر سۆزلەشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ھېكمەتلىك كىشىلەر سۈكۈتنى ۋە تىڭشاپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئىنسانلار ئومۇمەن كۆپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى سۆزلەش ناھايىتى ئوڭاي ئىش بولۇپ، بىر مىنۇتتا 225 سۆزنى ئېيتقىلى بولىدىكەن، ئەمما ئاشۇ سۆزلەرنى ئاڭقىرماق ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى مىنۇت كېتىدىكەن.

ئىنسانلار نورمالدا باشقىلارنىڭ ئۇزۇن سۆزلىرىنى تىڭشاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. چۈنكى تىڭشاش مېڭىنى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرۈشنى ۋە سەۋر- تاقەت بىلەن قۇلاق سېلىشنى تەلەب قىلىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن سۆزلەرنى تىڭشاشتىن زېرىكىش كېلىپ چىقىدۇ. ئىشنىڭ چاتاق يېرى شۇكى، ھەممىلا ئادەم گەپ قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، ئىنتايىن ئاز كىشىلا تىڭشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا كۆپىنچىمىز مۇنازىرىلىشىپ قالغاندىمۇ قارشى تەرەپنىڭ رايىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بەزى كىشىلەر سۆزمەنلىك بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما نورۋېگىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ ماھارەتلىك ناتىق باشقىلارنى كۆپ تىڭشاپ بېرىدىغان كىشىلەر ئىكەن ۋە سۆز بىلەن ئەمەس، تىڭشاپ بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلب قاتلىرىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدىكەن.

ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدىمۇ پۈتۈن ئىنسانلارغا ئۈلگە ئىدى. ئۇ مەككىدە دەسلەپ ئىسلامنى تەشۋىق قىلغان ۋاقىتلىرىنىڭ بىرىدە، مەككىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن ئۇتبە ئىبنى رەبىئە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، بەزى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنى ئىسلام دەۋىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەپ، بۇ يولدا ئەگەر بايلىق خالىسا، پۈتۈن مەككىنىڭ بايلىقىنى يىغىپ بېرىشنى، مەنسەپ تىلىسە، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىۋېلىشنى، ئەگەر ئەقلىدىن ئازغان بولسا، ئەڭ ئۇستا دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنى داۋالىتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق ئېيتىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىپ، سۆز ئارىلىقىدا: «سۆزلە ئەبۇ ۋەلىد،([1]) ئاڭلاۋاتىمەن» دەيدۇ. ئۇتبەنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «سۆزۈڭ تۈگىدىمۇ ئەبۇ ۋەلىد؟» دەيدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ جاۋابىنى چىرايلىقچە بېرىپ، ئۇنى يولغا سېلىپ قويىدۇ. بۇ ئەخلاق ھازىرقى يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ مەدەنىيەتلىك ئىنسانلىرىنىڭ كۆپلىرىدە يېتىلىپ بولالمىغان گۈزەل ئەخلاقتۇر.

سۈكۈت ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەدۇر

تەنقىدلەرگە ۋە ھەر خىل تىل ئۇزىتىشلارغا سۈكۈت قىلىش ۋە رەددىيە بەرمەسلىك ئاجىزلىق ياكى تەن ئالغانلىق ئەمەس، بەلكى سۈكۈت بەزى ھاللاردا ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. كۆپ ھاللاردا رەددىيە بەرمەي سۈكۈت ساقلاشنى ئىختىيار قىلىشىمىز ئەڭ ھېكمەتلىك ۋە ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، نادانغا رەددىيە بېرىمەن دەپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇش ئۆزىنى ئۇنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈرگەنلىكتۇر. شۇنىڭدەك، ھەسەتخورغا بېرىلگەن رەددىيە ئۇنىڭ تىلىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ قويىدۇ، تېگى پەسكە بېرىلگەن رەددىيە ئۇنىڭغا ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

سۈكۈت قىلىشقا تېگىشلىك ئورۇنلار:

1.      ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىغا ئارىلاشماڭ.

2.     تونۇش كىشىلەر بولسىمۇ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ماۋزۇلاردىكى تالاش-تارتىشلارغا ئارىلاشماڭ.

3.     ناۋادا سىزنىڭ قوشۇپ قويىدىغان ئالاھىدە سۆزىڭىز بولمىسا، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئارىلىشىپ ئۆزىڭىزنى چۈشۈرۈشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

4.     غەيۋەت ياكى سۇخەنچىلىك قىلىۋاتقان سورۇنلاردا قەتئىي ئولتۇرماڭ.

5.     ياشتا ياكى مەرتىۋىدە سىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلار تىل ئۇزاتسا ئۇلارغا ھەرگىز رەددىيە بەرمەڭ. بۇنداق چاغدىكى سۈكۈت سىزنىڭ مەرتىۋىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

6.     بىراۋنىڭ سۆزىنى بۆلۈشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى بۇ چوڭ ئەدەپسىزلىكتۇر.

7.     ئەخمەق ۋە نادان كىشىلەر توپلانغان سورۇنلاردا سۈكۈت ساقلاش ناھايىتى ھېكمەتلىك ئىشتۇر.

سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار:

1.      دىنىمىز توسقان ئىشلار سادىر قىلىنسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش پەرزدۇر.

2.     ئۆز ھەققىنى تەلەب قىلىشتىن سۈكۈت قىلىش ئاجىزلىقتۇر.

3.     زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە سۈكۈت قىلىش گۇناھتۇر.

4.     ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن سۈكۈت قىلىش جىنايەتتۇر.

ئىبرەت:

—   سۈكۈت ئالاھىدە بىر تىل بولۇپ، ئۇنى ھەممىلا ئادەم بېجىرەلمەيدۇ.

—   سۈكۈت بەزىدە نۇتۇقتىن ئۆتكۈردۇر.

—  كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاش ئادىمىيلىكتۇر، بىراۋنىڭ سۆزىنى بۆلۈش ئاڭسىزلىقتۇر،

سۈكۈت بەزى ھاللاردا ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەدۇر.

([1]) ئەبۇل ۋەلىد __ ۋەلىدنىڭ دادىسى دېگەن سۆز بولۇپ، ئەرەبلەر ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىر-بىرىنى «پالانىنىڭ دادىسى» دەپ چوڭ بالىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىشىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار