ھايات سىناقتۇر

 

ھايات سىناقتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر لەھزىسى ۋە ھەربىر سەھنىسى پەقەتلا ئىمتىھان ۋە سىناقتىن ئىبارەت بولۇپ، بىز ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمىزدە، گەپ-سۆزىمىزدە ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا ھەرخىل تاللاشلارغا دۇچ كېلىمىز. بۇ تاللاشلارنىڭ ھەربىرى بىزنىڭ سىناقلىرىمىز بولۇپ، ئىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى سىناق ئۈچۈن ياراتقاندەك، ئاسمانلارنى، زېمىننى، شۇنداقلا بارلىق كائىناتنى بىزنىڭ سىنىقىمىز ئۈچۈن ياراتقان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئايەتتە ئېنىق بايان قىلغان:

مۇلك سۈرىسىنىڭ بېشىدا مۇنداق دېگەن: ﴿تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ. الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ﴾ «(پۈتۈن كائىناتنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر» يەنى ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنى ياراتقانلىقى سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، قايىسىڭلارنىڭ ئەڭ ئىخلاسمەن، ئەڭ ئىتائەتمەن، ئەڭ تەقۋادار ئىكەنلىكىڭلارنى سىناش ئۈچۈندۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنى ياراتتى. بۇ ھاياتلىق پەقەتلا سىناق مەيدانىدۇر.

ھۇد سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُ عَلَى الْمَاءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ﴾ «ئاللاھ سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان زاتتۇر. (ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى» يەنى زېمىندىكى ھەر نەرسىنى يارىتىش ۋە كائىناتتىكى شەيئىلەرنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىر تۈرلۈك سىناق بولۇپ، كىم نېمەتكە شۈكۈر قىلىدۇ ۋە كىم ئۇنى ئىنكار قىلىپ تۇزكورلۇق قىلىدۇ؟ بۇنى بىلىش ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىش، يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ يامانلىقىغا يارىشا جازا بېرىش ئۈچۈندۇر.

كەھف سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّا جَعَلْنَا مَا عَلَى الْأَرْضِ زِينَةً لَهَا لِنَبْلُوَهُمْ أَيُّهُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا﴾ « ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ قىلغان ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنى ھەقىقەتەن يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق» يەنى بىز كىمنىڭ ياخشى ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يامان ئىش قىلىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يەر يۈزىدىكى ئىنسان، ھايۋان، تاغ، دەريا، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا مەۋجۇداتنى بۇ زېمىننىڭ زىننىتى قىلىپ ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.

بىز ئۆزىمىزنىڭ دۇنياغا ئىمتىھان ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ئىدراك قىلغان چېغىمىزدا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز جەريانىدا ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرىدىغان ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ ساۋاب قازىنىش پۇرسىتىمىز ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلىپ يېتىمىز. ئۆزىنى ئىمتىھاندا دەپ بىلگەن كىشىنىڭ بارچە غېمى بۇ ئىمتىھاندا قازىنىشتۇر. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خائىن خەنجىرى بىلەن شېھىت قىلىنىپ، نەپەس ئۈزۈش ئالدىدا «كەئبىنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، قازاندىم» دېگەن سۆزى ئۇنىڭ دۇنيا ھاياتىدا ئارزۇ-ئارمىنىغا يەتكەنلىكىنى، رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا شېھىتلىق مەرتىۋىسى بىلەن بېرىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەقسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

مۇئمىن ئادەم ھاياتنىڭ ھەربىر لەھزىسىدە يولۇقۇپ تۇرىدىغان ئىمتىھانلارنى ئۆزىدىكى مۇستەھكەم ئەقىدە ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن قازىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىمانى ۋە ئەقىدىسى سايىسىدا توغرا بولغاننى قىلىدۇ، خاتا ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. ھاياتىنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرغان مۇئمىن ئادەمنىڭ ھەربىر نەپىسى ئىبادەت قاتارىغا يېزىلىپ مېڭىۋېرىدۇ. ئىسلام دىنىمىز بىزنى ئەنە شۇنداق ھاياتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرغان مۇئمىنلەردىن بولۇشقا يېتەكلەيدۇ.

مۇئمىن ئادەم بالا-قازاغا سەۋر قىلىش ۋە نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىدۇ، ھاياتىنى ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى قەلبى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان ئادەم تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە بولغانلىقتىن، بالا، مۇسىبەت كەلسە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئامەت كەلسە كۆرەڭلەپ كەتمەيدۇ، بەلكى ھەممىنى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىدىن بىلىپ كۆڭلىنى تىندۇرىدۇ. ھاياتتىكى ئىمتىھانلار ۋە سىناقلار مۇئمىن ئادەمنى تاۋلايدۇ، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.

دۇنيادا ئەڭ كۆپ جاپا تارتقان زاتلار پەيغەمبەرلەر بولۇپ، ئۇلار ئىنسانلارغا بۇ دۇنيانىڭ سىناق مەيدانى ئىكەنلىكىنى، ئەسلى ھاياتنىڭ ئاخىرەت ھاياتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرەت يولىدىكى بىكەت ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەن. پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈلگىلىك مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ سىناقتا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سىناقلاردىن سالامەت ئۆتۈپ ئەسلى ھايات بولغان ئاخىرەتكە ساغلام قەلب بىلەن بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلگەن ۋە  ﴿لِيَبْلُوَكُمْ﴾ «سىلەرنى سىناش ئۈچۈن»دېگەن ئايەتنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان زاتلار ئىدى. شۇڭا ئۇلار جېنىنى، مېلىنى، ئۆمرىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا ئاتىغان، بۇ دۇنيالىق ھېچ نەرسىسىگە تارتىشمىغان، ھېچ نەرسىنى ئاخىرەتتىن بەك ياخشى كۆرۈپ باقمىغان.

تۇرمۇشىمىز مەيلى باياشاتلىق ئىچىدە ئۆتسۇن، مەيلى جاپا ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئىمتىھان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئادەمنىڭ ھەر ئىككى ھالىتى ئىبادەت قاتارىدا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەم باياشاتلىق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، قىيىنچىلىق ۋە جاپالىق تۇرمۇشى ئۈچۈن سەۋر قىلىدۇ. شەكسىزكى، شۈكۈر بىلەن سەۋر ئىبادەتتۇر.

شۇڭا ھاياتقا ئىجابىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىمتىھان ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمىغان ئادەم دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئالدىدا ۋايسىمايدۇ، ئۇنىڭ پاراغەتلىرى بىلەن غەپلەتكە چۈشمەيدۇ.

دۇنياغا كەلگەن ھەربىر ئىنسان ئىمتىھان ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. بۇ ئىمتىھاندىن ھېچكىم مۇسنەسنا ئەمەس، ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ مۇستەسنا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھېچقانداق بەندىسىنى بۇ ئىمتىھاندىن مۇستەسنا قىلمىغان. ئەڭ كۆپ ئىمتىھانغا تۇتۇلغانلار پەيغەمبەرلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى ھەممىدىن كۆپ ۋە ئېغىر بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولغان.

ئىمتىھان قىلىنىش ۋە سىنىلىش ھەرگىز يامان ئىش ئەمەس، چۈنكى ئۇ قازىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىدۇر. ئەگەر ئۇ يامان نەرسە بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئىمتىھانلارغا تۇتۇلمىغان ۋە ھېچبىر جاپا تارتمىغان بولار ئىدى. ئەكسىچە، ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى ئەڭ چوڭ سىناقلارنى باشلىرىدىن كەچۈرگەن ئەزىمەتلەردۇر.

خۇلاسە كالام: ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر لەھزىسىنىڭ ۋە ھەربىر سەھنىسىنىڭ ئىمتىھان ۋە سىناق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىنىمىزدە، تۇرمۇشتىكى تاللاشلىرىمىزدا توغرىلىقنى ۋە دۇرۇسلۇقنى تاللايدىغان، ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۆزىمىزدىن تەسەللى تاپىدىغان ۋە ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان بەخت-سائادەت ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەييارلايدىغان كىشىلەردىن بولىمىز.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار