كەچۈرۈش كۈچلۈكلەرنىڭ خىسلىتىدۇر

كەچۈرۈش كۈچلۈكلەرنىڭ خىسلىتىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك قوزغاتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئاددىي ئىشلار ئۈچۈنمۇ نادانلىق قىلىپ قويىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تەپەككۇرى ۋە ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدۇ ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئادەم كامالەتكە يەتكەنسېرى كۆڭلى – كۆكسى كەڭ بولىدۇ. ئەپۇچان بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدۇ. تەنتەكتىن بىرى ئۇنىڭغا ئازار بەرگىلى تۇرسا ئۇ خۇددى يولدا ئويناۋاتقان سەبىي بالىلارنىڭ ئۆزىگە تاش ئاتقىنىغا قارىغان پەيلاسوپقا ئوخشاش ئېگىز چوققىدىن پەسكە باقىدۇ.

كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەن چاغدا غەزەپ بەزىلەرنى ساراڭ بولۇش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىنى قان تۆكمىگىچە ئاقلانمايدىغان دەرىجىدە ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ قورغانلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولسا بۇنچىلىك ھالغا يېتىپ قالمايدۇ.

باشقىلارنى كەچۈرەلەيدىغان ئىنسان راستتىنلا كۈچلۈك ۋە ئىرادىلىك ئىنساندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى بايان قىلىپ: «چېلىشىشتا يەڭگەن كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كۈچلۈكتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. كەچۈرۈش ۋە ئەپۇ قىلىش  كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرىدىغان، بىزنى بىئاراملىقتىن ۋە ئەلەمدىن ئازاد قىلىدىغان بىر خىسلەتتۇر. باشقىلارنى كەچۈرگەن ئادەم كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن ئاچچىقتىن خالاس بولىدۇ، غەزەپ، نەپرەتتىن ئازاد بولىدۇ، كەچۈرۈش ئارقىلىق تارلىقتىن كەڭرىلىككە، ئازابتىن راھەتكە چىققاندەك بولىدۇ. چۈنكى بىز باشقىلارنى ئەپۇ قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئۈچۈن قورقۇنچنىڭ ئورنىغا سۆيگۈنى، ئاداۋەتنىڭ ئورنىغا كەڭ قورساقلىقنى تاللىغان بولىمىز. بۇ بىزنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانىي ساقلىقىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە پايدىلىق چارىدۇر. ئەگەر بىز كەچۈرمىگەندە ئۆزىمىزنى نەپرەت ئىچىگە مەھبۇس قىلىۋالغان بولىمىز. چۈنكى ئەپۇ قىلماسلىقنى قارار قىلىش دېگەنلىك ئۆزىمزنى ئازابلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا رازى بولۇش دېگەنلىكتۇر. كەچۈرۈش ئۆتمۈشنىڭ دەرد- ئەلەملىرىنى دىلىمىزدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىق، ئۆزىمىز تاللىۋالغان غەزەپ، نەپرەتنىڭ كىشەنلىرىدىن ئۆزىمىزنى ئازاد قىلغانلىق ۋە كۆڭۈل خۇشاللىقىمىزنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەزىيەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئۆچىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، قاتتىق بىئاراملىققا، غەزەپ، نەپرەتكە ۋە پىسخىكىي جەھەتتىن ئېغىر قالايمىقانچىلىققا مۇپتىلا بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈۋەتكەندە، تاغدەك ئېغىر بىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك راھەتلىنىپ قالىدۇ، تەن ساقلىقى ساقلاپ قالىدۇ. كەچۈرۈشنىڭ پايدىسى ئاۋۋال ئۆزىمىزگە بولىدۇ، چۈنكى بىز كەچۈرۈش ئارقىلىق روھىمىزنىڭ ساپلىقىنى، كۆڭلىمىزنىڭ ئارامىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە بىئاراملىقتىن قۇتۇلغان بولىمىز.

سىز غەزەپ، نەپرەتكە كۆمۈلۈپ تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلالمايسىز ۋە كۆڭلىڭىزنى خوش تۇتالمايسىز. ئەكسىچە، سىز ئاشۇ ئاداۋەتتىن ۋە ئاشۇ ئاچچىقتىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭىزدا، خۇددى پاكىز ھاۋادىن بىر ئوبدان نەپەس ئالغاندەكلا راھەتلىنىپ قالىسىز.

باشقىلارنى كەچۈرۈش كۈچلۈكلەرنىڭ خىسلىتى، ياخشىلارنىڭ ئادىتى، ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ تەدبىرى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار