ماڭقۇرتلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ

 

 

 

ماڭقۇرتلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

  ماڭقۇرت− ئۆزىنىڭ ئەسلىنى بىلمەيدىغان، مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغان ئادەم دېمەكتۇر. « ئاللاھ مۇنداق ئىككى كىشىنى مىسال كەلتۈرىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچا بولۇپ، ئىگىسى ئۇنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق بىر پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە (كىشىلەرنى) ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاش بولامدۇ؟»[1]. ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ. ئايەتتىكى «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان ئادەم» دەل ماڭقۇرت ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەمنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقتۇر، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ماڭقۇرتلاشقان ئادەم ھېچقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، باشقىلارنىمۇ ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. ناۋادا بىر مىللەتنىڭ ياشلىرى ماڭقۇرتلاشتۇرۇلسا، ئۇ مىللەت ئەڭ قىممەتلىك بارلىقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن، ئىگىسىز قالغان بىچارىلەرگە ئايلىنىپ قالىدىكەن-دە ئۆزىنى خارلىقتىن، ئەسىرلىكتىن قۇتقۇزالمايدۇ. چۈنكى ماڭقۇرتلارنىڭ ئۆز خوجايىنلىرىدىن باشقىسىغا قىلچە پايدىسى يوق. شۇڭا بىر مىللەت قەد كۆتۈرمەكچى بولسا، ئۇنىڭ ماڭقۇرتلۇقىن ۋە ماڭقۇرتلاردىن قۇتۇلۇشى شەرت.

  چىڭگىز ئايتماتوۋ ئۆز رومانىدا ماڭقۇرتلارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۆتمۈشلەردە قەبىلىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇراتتى، ئۇرۇشتا ئەسىرگە ئالغانلارنى قۇل قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن، ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشەتتى. ئۇلارنىڭ ئەسىرلەرنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئۇسۇلى مۇنداق ئىدى: ئەسىرلەر پۇت، قوللىرى باغلانغان ھالدا پىژغىرىم ئىسسىققا قاقلىناتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ باش تېرىلىرىنى سويۇپ چىقىرىپ، تۆگىنىڭ تېرىسىنى تەتۈر قىلىپ چاپلاپ قويۇپ، يەنە ئىسسىقتا بىر قانچە كۈن قالدۇراتتى. ئەسىرلەر بۇ ئەسنادا ناھايىتى بەك قىينىلاتتى، ئۆلۈمنى تىلەيتتى، ئەمما ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيتتى. ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئۈچۈن باش تېرىسى سويۇلغان ئەسىرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەتتى، يۈز ئادەمدىن ئۈچ ياكى تۆت كىشى ساق قالاتتى. ساق قالغانلار ماڭقۇرتلاشقان بولاتتى. ماڭقۇرتلاشقانلار ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەتتى، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىپ پەرزەنتى ئىكەنلكىنى بىلمەيتتى، پەقەت ئۆزىنى ماڭقۇرتلاشتۇرغانلار بىردىنبىر ئىگە ۋە پەرۋىشچى دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى بۇيرۇقلىرىنى ئىككىلەنمەي ئورۇندايتتى. بىر ئۇرۇشتا جۇان جۇان دېگەن قەبىلە غەلىبە قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ياشلىرىنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇشقا ئېلىپ كېتىدۇ. شۇ ئەسنادا نايمان ئانا ئىسىملىك ئايالنىڭ ئوغلى جۇمانمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ ۋە ماڭقۇرتلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە ماڭقۇرتلشتۇرۇلغان ياشلارنى ئائىلىلىرى ئىزىمەيدىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ مېڭىسى قۇرۇقدالغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكىلەرنى، ھەتتا ھېچكىمنى تونۇميدىكەن. ئەمما نايمان ئانا ئوغلى جۇلاماننىڭ ھەسرىتىگە چىدىيالماي، بەلكى ئوغلۇم مېنى تونۇپ قالار، چۈنكى مەن ئۇنى ئۆز دىنىنى، تارىخىنى بىلىدىغان، ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە قەيسەر قىلىپ يېتىشتۈردۈم دەيدۇ، تۇرماستىن ئوغلىنى ئىزدەپ، تۆت يىلدىن كېيىن ئاخىر ئوغلىنى تاپىدۇ. بىراق ئانا ئوغلىنى تونۇپ ئۇنى قۇچاقلاش ئۈچۈن ئېتىلىپ كەلگەندە، ئوغلى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە نايمان ئانىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. نايمان ئانا ئوغلىغا ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، ئاتىسىنىڭ ئېتى دۆنەنباي ئىكەنلىكىنى ۋە پالانى مەھەللىدىن كەلگەنلىكىنى قانچىلىك چۈشەندۈرسىمۇ، ئوغلى جۇلامان ئانىسىنى قەتئىي تونۇمايدۇ ۋە ئانىسىنى ئۇ جايدىن قوغلايدۇ. ئانىسى چارىسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە قايتاي دەپ تۇرغىنىدا، ئوغلى قۇلاماننىڭ خوجايىنى كېلىدۇ ۋە جۇلاماندىن ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. جۇلامان: ‹تونۇمايمەن، سەن مېنىڭ بالام دەۋاتىدۇ› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. خوجايىن جۇلامانغا: ‹ئۇ سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس، بەلكى دۈشمىنىڭدۇر. ئۇ ساڭا يامانلىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەن گەپ› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېتىغا مىنىپ ئەمدى قايتاي دەپ تۇرغان ئانىسىنىڭ كۆكسىگە ياچاق بىلەن ئېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ».

چىڭگىز ئايتماتوۋ رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىرانغا قىلغان بىر سەپىرىدە، «سىز رومانىڭىزدا بايان قىلغان ماڭقۇرتلار سابىق سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كىچىك بالىلارنى دارۇلئەيتاملاردا ئۆز ئەسلىنى ۋە ياراتقۇچىسىنى بىلمەيدىغان كوممۇنىست قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى كۆزدە تۇتتىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «ياق، ماڭقۇرتلار كوممۇنىست لاگىرلىرىدا يېتىشتۈرۈلگەنلەرلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيتىنى ۋە كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭقۇرتلاردۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.

مۇستەملىكىچىلەر ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلقلەرنى ئەنە شۇنداق ماڭقۇرتلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ رەزىل سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىرقى زاماندا كىشىلەرنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئۆتمۈشتىكىلەردىن كۆپ ئاسان بولماقتا. چۈنكى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېشىنىڭ تېرىسىنى سويۇشقا ھاجەت بولماستىن، پەقەتلا ئەقىدىسىنى، ئەخلاقىنى ۋە مىللىي روھىنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋالسا يېتەرلىك ئىكەن. شۇڭا بىر مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى سۇيىقەستچىلەرنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ ماڭقۇرتلاشتۇرۇۋېلىشىدىن قوغداش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ دىنىنى، تىلىنى، ۋەتىنىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، تارىخىنى، ئەجدادلىرىنى بىلمەيدىغان بالىلار ئاتا-ئانىسى ياكى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ماڭقۇرتلاشتۇرۇلغان بالىلاردۇر. بالىلارنى ماڭقۇرتلىشىشتىن ساقلاپ قېلىش يەنىلا ئاتا-ئانىنىڭ قولىدىدۇر. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانا ۋەتىنىنى، شانلىق تارىخىنى، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ،  دىنىدىن، تىلىدىن، مىللىي ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ئۆز ئىختىيارى بىلەن ماڭقۇرتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسىدۇر.

شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن ئۆز دىنىنى، تىلىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاللاھ سۆيگۈسى بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ گۈلخانلىرىنى ياندۇرۇشى تولىمۇ مۇھىمدۇر.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم جىھاد پەرزەنتلەرنى ماڭقۇرتلىشىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئاللاھنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ، مۇستەقىل ياشاشنى بىلىدىغان، ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق غەلىبە بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئىشىمىزدا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ۋاقتىمىزدىن، ئارامىمىزدىن، كېرەك بولسا ئىقتىسادىمىزدىن كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىز ھەر جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ناۋادا پەرزەنت تەربىيەسىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغاندەك يېتىشتۈرەلمىگەن بولساق، بىزنىڭ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز نۆلگە تەڭ. بىز ھاياتتامەغلۇپ بولغان بولىمىز. چۈنكى ھازىر بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزدىن چوڭ بايلىقىمىز ۋە كۈچىمىز يوق.

پەرزەنتلىرىمىزنى ماڭقۇرتلىشىشتىن ساقلاشنىڭ يولى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى بۇ ئىللەتتىن قۇتقۇزۇشتىن باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بىخۇتلاشقان، پەرزەنتلىرىمىز نىشانسىز مېڭىۋاتقان، تەشكىلاتلىرىمىز، جەمئىيەتلىرىمىز پىلانسىز ئىش قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ھەممىمىز ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ماڭقۇرتلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتىمىز. دۇنيادا ھەرقانداق مىللەت ئۈمىدىنى ئەۋلادلىرىغا باغلىغاندەك، بىزمۇ مىللەت سۈپىتىمىز بىلەن ئۈمىدىمىزنى ۋە كېلەچەك ئىستىقبالىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە باغلايمىز. ئەھۋال بونداق بولغان ئىكە، ئالدى بىلەن بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىدە كېلەچەك ئۈچۈن روشەن غايە تۇرغۇزۇشىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ئاشۇ غايىگە يېتەكلىشىمىز لازىم. چۈنكى غايىسىز، نىشانسىز ماڭغان ئادەم ھېچبىر يەرگە بارالمىغاندەك، نىشانسىز پەرزەنتلەر بىرەر مەنزىلگە بارالمايدۇ، پەقەتلا ئۆلۈك بېلىقلاردەك سۇنىڭ ئېقىشىغا يۈرۈپ ئاخىرى بىر جايغا توپلىنىپ قالغان كۆپۈك دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، خالاس. مەلۇمكى، كۆپۈكنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ) «كۆپۈك ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ» (رەئد سۈرىسى17-ئايەت)،

 

 



[1] نەھل سۈرىسى، 76-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار