
دۇئادىكى ئىخچاملىقنىڭ سىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئالىرى ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بولغان، ھەتتا ئاللاھ تائالا بىزنى دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمرىنىمۇ قىسقا بىر ئايەت بىلەن ئىپادىلەپ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن ئىجابەت قىلىمەن» دېگەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىنىڭ ھەممىسى ئىخچام، مەزمۇنلۇق ئىدى. شۇڭا دۇئادا مۇھىم بولغىنى سۆزنىڭ كۆپلۈكى ئەمەس، قەلبنىڭ ئىخلاسىدۇر
دۇئا—ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن قۇرىدىغان ئەڭ سەمىمىي ۋە بىۋاسىتە سۆھبىتىدۇر. ئۇ ئاجىز بىر بەندىنىڭ چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىگە ئىلتىجا قىلىشى، يۈرىكىدىكى دەرد-ئەلەملىرىنى، ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىنى تۆكۈشىدۇر. بىراق، بىز كۆپ ھاللاردا دۇئادا سۆزنى ئۇزارتىۋېتىشنى، قاپىيەلىك ۋە ئەدەبىي جۈملىلەرنى تىزىشنى دۇئانىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ، ئويلاپ قالىمىز. ھالبۇكى، ئىسلام نەزىرىدە دۇئانىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ سەمىمىيىتى ۋە مەزمۇننىڭ ئىخچام، مېغىزلىق بولۇشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە ئىخچام دۇئا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «جەۋامىئۇل كەلىم» (ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنە ئىپادىلەش قابىلىيىتى) بېرىلگەن زات ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغىنىدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزمۇنى كەڭ، سۆزى ئىخچام بولغان دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى ۋە باشقىسىنى تەرك ئېتەتتى. مەسىلەن، قۇرئان كەرىمدىكى «رەببىمىز! بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ۋە بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن) دېگەن دۇئا پەيغەمبىرىمىز ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان دۇئا ئىدى. بۇ قىسقىغىنە بىر جۈملىنىڭ ئىچىگە ئىنساننىڭ ئىككى دۇنيالىق بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ۋە قۇتۇلۇش يوللىرى مۇجەسسەملەنگەن.
ئۇزۇن دۇئانىڭ سەلبىي تەرەپلىرى
دۇئانى ئۇزارتىۋېتىش بەزىدە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. خۇشۇئنىڭ يوقىلىشى
خۇشۇئ — پۈتۈن زېھىننى يىغىپ، ئاللاھ بىلەنلا بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، سۆز ئۇزارغانسېرى كىشىنىڭ زېھنى چېچىلىپ، قەلب دۇئانىڭ مەنىسىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ-دە، دۇئا پەقەت تىلنىڭ قۇرۇق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
2. سۈنئىيلىك ۋە تەكەللۇپ
ئادەم ئۇزۇن سۆزلەش ئۈچۈن قاپىيە قوغلىشىپ، ئۆزىمۇ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان مۇرەككەپ ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ بولسا دۇئادىكى تەبىئىيلىك ۋە سەمىمىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ.
3. جامائەتنى زېرىكتۈرۈش
بولۇپمۇ جامائەت بىلەن بىللە قىلىنغان دۇئالاردا، دۇئا قىلغۇچىنىڭ سۆزنى بەك سوزۇۋېتىشى ئارقىدا «ئامىن» دەپ تۇرغان كىشىلەرنى چارچىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇزىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئىمام بولغۇچىلارنى نامازنى ۋە دۇئانى يەڭگىل، ئىخچام قىلىشقا بۇيرۇغان.
ئىخچام دۇئانىڭ روھىي كۈچى
ئىخچام دۇئا — مەقسەتنىڭ ئېنىقلىقى ۋە قەلبنىڭ ھازىرلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئۇ تىلىغا چىقىرىشتىن بۇرۇنلا بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، دۇئادا تەپسىلاتلارغا پېتىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
مەسىلەن، «ئى ئاللاھ، ماڭا ئىككى دۇنيادا سالامەتلىك ۋە ھىدايەت بەرگىن»، «ئى رەببىم، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن»، «ماڭا رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان ئەمەللەرنى نېسىپ قىلغىن» دېگەندەك قىسقا، ئەمما يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان بىر ئېغىز سۆز، سائەتلەرچە داۋاملاشقان غەپلەتتىكى دۇئادىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ.
يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلىق قارنىدا تۇرۇپ قىلغان «لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ» دېگەن قىسقىغىنە دۇئاسى ئۇنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققان ئەمەسمىدى؟
ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مۇھىم بولغىنى سۆزنىڭ كۆپلۈكى ياكى ئاھاڭدارلىقى ئەمەس، بەلكى تىترەپ تۇرغان بىر قەلب ۋە سەمىمىي بىر نىيەتتۇر. دۇئانى ئىخچام قىلىش ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭدىكى ئارتۇقچە پوستلارنى ئېلىۋېتىپ، ئەڭ ساپ مېغىزىنى ئاللاھ تائالاغا سۇنۇشتۇر. شۇڭا، دۇئا قىلغاندا تىلىمىزنى ئەمەس، قەلبىمىزنى سۆزلىتەيلى، ئاز سۆزلەپ، چوڭقۇر ھېس قىلايلى!.
ئۇنتۇمايلىكى، بەزىدە ئاللاھ ئۈچۈن ئاققان بىر تامچە ياش سائەتلەپ قىلغان ئۇزۇن دۇئالاردىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. چۈنكى كۆز يېشى ئەڭ سەمىمىي دۇئادۇر.

