
ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھاجىتىمىز
«ئىبادەت» دېگەن سۆز لۇغەتتە «بويسۇنۇش»، «ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە[1]، ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئىبادەت — ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ھايات كەچۈرۈش دېگەنلىكتۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە: «ئىبادەت ― ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەرقانداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆز ۋە ئوي – پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر» دېگەن. ئەللامە يۈسۈف ئەل قەرداۋىي «ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، ئىنساننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ئەمەللىرىنى، تىلى ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»[2] دېگەن. ئىنساننىڭ روھى ئاللاھ تائالادىن، تېنى تۇپراقتىن كەلگەن. شۇڭا روھنىڭ ئوزۇقى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن، تەننىڭ ئوزۇقى زېمىندىن چىققان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن بولىدۇ. يەنى بەدەننىڭ ئېھتىياجى تائام بىلەن قامدالغاندەك، روھنىڭ ئېھتىياجى ئىبادەت بىلەن قامدىلىدۇ. بىز يانفونىمىزغا توك قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولغاندەك، ئۆزىمىزگە ئىبادەت ئارقىلىق مەنىۋى ئوزۇقلارنى قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاجمىز. خۇددى ئادەم تاماق يېمىسە بەدىنى ئۆرە تۇرمىغاندەك، توك قاچىلانمىغان يانفون ئۆچۈپ قالغاندەك، ئىنسان ئىبادەت قىلمىسا دىننى تۇرغۇزالمايدۇ ۋە قەلبىدىكى دىنىي روھ ئۆچۈپ قالىدۇ. شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ئىبادەتكە موھتاجمىز.
{وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ} «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم » [3]. دىنىمىزدا ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، مۇئامىلىۋى ئىبادەت؛ يەنە بىرى، سىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر
سىمۋوللۇق ئىبادەت — ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، زىكىر ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرگە مەركەزلىشىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر بىزنىڭ روھىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، ئىمانىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.
مۇئامىلىۋى ئىبادەت — دۇرۇسلۇق ۋە توغرىلىق دېگەنلىك بولۇپ، مۇئامىلە بىلەن ئەخلاققا مەركەزلىشىدۇ.
سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ خۇددى ناماز گۇناھتىن توسقاندەك، روزا تەقۋالىققا ئېلىپ بارغاندەك، زاكات سېخىيلىقنى ئۆگەتكەندەك، ھەج ئېغىر-بېسىقلىققا كۆندۈرگەندەك، سەدىقە كۆيۈمچانلىقنى ئۆگەتكەندەك، قۇرئان ئوقۇش ئىماننى كۈچلەندۈرگەندەك. شۇنداق قىلىپ ھەممىسى بىرلىكتە ئەخلاقنى تولۇقلايدۇ.
ئەخلاق ۋە دۇرۇسلۇق دىنىمىزنىڭ غايىسىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم»[4] دېگەن. شۇڭا مۇئامىلىۋىي ئىبادەتنىڭ جېنى گۈزەل ئەخلاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇئمىن ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ»[5] دېگەن.
ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى پاناھلىنىش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا كەلگەن مۇسۇلمانلارغا: «دىنىڭلارنى ماڭا چۈشەندۈرۈڭلار» دېگەندە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئى پادىشاھ! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا-پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، ھۆر كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق قەۋم ئىدۇق. ئاللاھ بىزگە نەسەبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئەمىنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ساقلاشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارامدىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇدى. بىزنى زىنا-پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلدى». دىننىڭ نېگىزى مانا مۇشۇدۇر.
سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەردە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى تولدۇرالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ئۇ ھېچقانداق مال-مۈلكى بولمىغان كىشىدۇر» دېيىشكەن. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ پۇل-مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ياخشى ئەمەلى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»[6] دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بىرەر مۇئمىننىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق كىرگۈزۈشتۇر»[7] دەپ كۆرسەتكەن[8]. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە قەرز بېرىپ تۇراتتى. خىزمەتچىسىگە ›قىيىنچىلىقى بولۇپ قەرزنى بېرەلمەيدىغان قەرزدارلارنىڭ قەرزىسىنى ئۆچۈرگىن، ئاللاھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆچۈرگەي› دەيتتى. سودىگەر ئۆلدى، ئاللاھ ‹بىز ئۇ بەندىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈشكە ھەقلىقمىز› دېدى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرىۋتتى».
([1]) «لىسانۇل ئەرەب» 5-توم، 2776- بەت.
[2] دوكتۇر يۈسۈف ئەل قەرداۋىينىڭ «العبادة في الإسلام «(ئىسلامدا ئىبادەت) ناملىق ئەسىرىدىن.
[3] زارىيات سۈرىسى:56-ئايەت.
[4] ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[5] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[6] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[8] ئىمام تەبەرانىي رىۋايىتى.

