ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئوقۇغان ھېساب ئەمەس، ئىشىنىپ ئەمەل قىلىش كېرەك

ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئوقۇغان ھېساب ئەمەس، ئىشىنىپ ئەمەل قىلىش كېرەك

مۇھەممەد يۈسۈپ

1.     زاكات ۋە سەدىقە بىلەن پۇل-مال كېمىيىپ كەتمەيدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سەدىقە قىلىش بىلەن پۇل-مال كېمىيىپ كەتمەيدۇ»[1] دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدا «ئى بەندەم! بەرگىن، مەن ساڭا بېرىمەن»[2] دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. سىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىر تىيىنغا چاغلىق پۇلنى بىرەر يوقسۇلنىڭ ئالىقىنىغا قويغىنىڭىزدا، ئاللاھ تائالا سىزگە شۇ بىر تىيىننىڭ مۇكاپاتىنى ئاخىرەتتىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادا بېرىشكە باشلايدۇ، شۇ سەدىقىنىڭ يۈزىسىدىن سىزگە بەرىكەت، تەن ساقلىقى، خاتىرجەملىك ۋە كۈتۈلمىگەن يەردىن ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. مەلۇم بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئالدىراپ جۈمەگە كېتىپ باراتتى. مەسچىتنىڭ ئالدىدا ياخشى ئىشلار ئۈچۈن ياردەم توپلاۋاتقان بىر كىشىنىڭ «رەببىمىز ‹بەرگىن، مەن ساڭا بېرىمەن› دەپ ۋەدە قىلدى، ياردەم قىلىڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يانچۇقىنى كولايدۇ، يانچۇقىدا ئارانلا بەش رىيال پۇلى قالغان بولۇپ، ئۇنى ساندۇققا تاشلايدۇ، گويا «ئى رەببىم! بەرگىن دېدىڭ، بار پۇلۇمنى بەردىم، ئەمدى سەن ماڭا بەرگەيسەن» دېگەندەك، خىيالچان ھالدا مەسچىتكە كىرىپ كېتىدۇ. شۇ ئاخشىمى بىر دوستى ئۇنى يوقلاپ كىرىپ، «ئاداش! ماڭا بىر خەيرىيەت جەمئىيىتىدىن پۇل كەپتۇ، بۇ ماڭا ئارتۇق. شۇڭا ساڭا يېرىمىنى بېرەي» دەيدۇ. ئۇنىڭ ياق دېگىنىگە قارىماي، ئىككى مىڭ رىيال پۇلنى بېرىپ چىقىپ كېتىدۇ.

2.    ئاللاھ تائالا بىرگە ئون ھەسسە بېرىدۇ

بىر كۈنى توساتتىن بىر ئائىلىنىڭ ئىشىكى قېقىلدى، ئايال ئالدىراپ چىقىپ قارىسا، بىر ھاجەتمەن تۇرغۇدەك. ئايال پارچە پۇل ئىزدەپ يانچۇقىنى كولىۋىدى، يۈز رىياللىق بىرلا قەغەز پۇل چىقتى. ئايال ئازراق ئىككىلەندى-دە، قولىدىكى يۈز رىيالنى ھاجەتمەنگە بېرىۋەتتى. ئايال «ئى ئاللاھ! بىرگە ئوننى بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئىدىڭ»[3] دېگىنىچە ئۆيىگە قايتىپ كىرىپ ناشتىلىق تەييارلىدى. ئېرى بىلەن ناشتا قىلايلى دەپ ئولتۇرۇشىغا ئۈستەل ئۈستىدە بىر كونۋېرتنىكۆرۈپ قالدى. بۇ ئارىدا ئېرى ئۇنىڭغا بۇ كونۋېرتنىتۈنۈگۈن پوچتىدىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتىپ ئايالىغا سۇندى. ئېچىپ قارىسا، ئايالنىڭ گېزىتكە ئەۋەتكەن بىر ماقالىسى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن مىڭ رىيال مۇكاپات پۇلى ئىكەن. ئايالنىڭ ھاجەتمەنگە بەرگەن يۈز رىيال سەدىقىسى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون ھەسسە ئاتا قىلىپ مىڭ رىيالنى ئۇدۇللىغان ئىدى.

3.     بەرگەننىڭ ئورنىنى ئاللاھ ئۆزى تولدۇرۇپ بېرىدۇ

بىر ئەر-ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەر ئەتىگىنى ئىككى پەرىشتە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، <ئى ئاللاھ! ياخشىلىق يوللىرىغا چىقىم قىلغۇچىغا چىقىم قىلغان نەرسىسىنىڭ ئورنىنى بەرىكەت بىلەن تولدۇرۇپ بەرگىن> دەپ دۇئا قىلسا، يەنە بىرى <ئى ئاللاھ! بېخىللىق قىلىپ چىقىم قىلمىغان كىشىنىڭ پۇل-مېلىنى ھالاك قىلىۋەتكىن> دەپ دۇئا قىلىدۇ»[4] دېگەن ھەدىسىنى ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلىنىدۇ ۋە ھەر ئەتىگىنى پەرىشتىنىڭ ياخشى دۇئاسىنى ئېلىشنى نىيەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاشۇ كۈنىدىن باشلاپ ھەر ئەتىگىنى ئىنتايىن ئاز مىقداردا پۇلنى ياخشىلىق يوللىرىغا ئاتاش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇشنى، ئاندىن ھەر جۈمە كۈنى ئۇنى بىرەر ھاجەتمەننىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇشنى ئادەت قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ تىجارىتى يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. پۇل-مال ھەر تەرەپتىن كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن تۇغقانلىرى ۋە بەزى دوستلىرى ئۇلارغا بەرىكەت تىلەيدۇ ۋە بۇنداق تېز باي بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ سىرى ھەققىدە سورىشىدۇ. ساھىبخان دەسلەپتە ھېنېمە دېمەيدۇ ۋە «ئاللاھقا شۈكۈر!» دەپ كۇپايە قىلىدۇ. كېيىنچە ئۇلارغا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.



[1] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[2] ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[3] ئەنئام سۈرىسى: 160- ئايەت.
[4] بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار