ئىرادىنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ

ئىرادىنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

غەلىبە ياشقا باغلىق ئەمەس

كونىلار «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان ئىكەن. دېمىسىمۇ، دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىملارنىڭ نۇرغۇنى يېشى چوڭۇپ قالغاندا ئوقۇشنى باشلىغان ۋە  كۆپلىگەن ئىجادلار ئىجادىيەتلىرىنى ئاخىرقى ئۆمۈرلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىكەن. مەسىلەن:

-        ھەنەفىي مەھىپىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئىمام قۇدۇرىي قىرىق ياشتىن ئاشقاندا ئوقۇشنى باشلىغان ۋە ھەنەفىي فىقھىدا ئۆچمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

-        ئىمام ئىبنى ھەزم يىگىرمە ئالتە يېشىدا ئوقۇشنى باشلىغان بولۇپ، يىگىرمىدىن ئارتۇق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.

-        ئۆلىمالارنىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان ئالىم ئىززۇددىن ئىبنى سالام يېشى چوڭۇپ قالغاندا ئوقۇشنى باشلاپ، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇنتۇلماس ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

-        ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ شەيخۇلئەزھەرلىك ماقامىغا چىققان ئەللامە خالىد ئەزھەرىي چوڭ ياشتا ئوقۇشقا باشلىغان ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلغان.

-        مىسىرنىڭ مەشھۇر مۇپتىلىرىدىن ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەل ئۇمەۋىي ېيشى خېلى چوڭۇپ قالغاندا ئوقۇشقا باشلىغان ئىكەن.

-        سۇقراتنىڭ مۇزىكا تالانتى سەكسەن يېشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن.

-        كولومبۇس ئامېرىكىنى كەشپ قىلغان تۇنجى سەپىرىدە ئەللىك ياشتىن ئاشقان ئىكەن.

-        گالىلىيو ئاينىڭ يۆنىلىشىنى كەشپ قىلغاندا يەتمىش ئۈچ ياشتا ئىكەن.

-        ئالىكساندىر فىلىنبىڭ پېنسىلىننى ئىجاد قىلغاندا يېشى ئەللىككە يېقىنلاشقان ئىكەن.

-        ۋولتېر، نىيۇتىن، سپىنسىر، تالىراند ۋە توماس جىفىرسون قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى چوڭ ياشتا ئوقۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆمرى ئىچىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىجادىيەتلەرنى ياراتقان ئىكەن.

 

مېيىپلىق غەلىبە ئۈچۈن توسالغۇ ئەمەس

-        ئالتە چوڭ مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئىمام تىرمىزى ئەما ئىدى. ئەمما ئۇ ئەستە تۇتۇشتا ۋە ئاڭلىغانلىرىنى توغرا شەكىلدە رىۋايەت قىلىشتا مىسال قىلىناتتى. ئىمام تىرمىزى ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «كاتتا ئالىملاردىن بىرى مېنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن تونۇلمىغان ھەدىستىن بىرىنى سورىۋىدى، مەن ئۇ ھەدىسنى باشتىن ئاخىرغا قەدەر تولۇق ئوقۇپ بېرىۋىدىم. ئۇ › بۇ ساھەدە سەندىن ئارتۇق بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم› دېدى».

-        تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ بىر كۆزى كۆرمەيتتى. لېكىن ئۇ بىلىمىنىڭ موللۇقى بىلەن «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلىماسى» دەپ تونۇلغان.

-        تاھا ھۈسەين كىچىك ۋاقتىدا كۆزلىرى تۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ماھىرى بولۇپ تونۇلۇشىغا ۋە 1973- يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولالمىغان.

-        ئامېرىكىنىڭ 32- رەئىسى فرانكلىن روزۋېلت كىچىك ۋاقتىدا بىر كۆزىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئامېرىكىغا ئۈچ قېتىم ئارقائارقىدىن رەئىس بولۇشىغا توسالغۇ بولالمىغان.

-        ھاماس ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد ياسىننىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي پەلەج ئىدى. ئەمما ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام ھەرىكىتى ھاماسنى قۇرۇپ چىقىپ ئىسرائىل تاجاۋۇزچى كۈچلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بەرگەن ۋە پەلەستىننى ئىسرائىلىيەنىڭ يوتۇپ كېتىشىدىن قوغدىغان.

-        سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىجادكار مۇھەننەد ئەبۇدىيە قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان ۋە بىر پۇتى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، يەنە 22 ئىجادىيەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قولىغا كەلتۈرگەن.

نامراتلىق غەلىبىگە توسالغۇ ئەمەس

-        قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئەڭ ئىشەنچلىك كىتاب «سەھىھ بۇخارى»نىڭ مۇئەللىپى ئىمام بۇخارى ئاتىسىدىن كىچىك قالغان يېتىم ئىدى.

-        ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام شافىئىي كەمبەغەل ۋە يېتىم ئىدى.

-        تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقھى ئىلىملىرىدە تولغان كاتتا ئۆلىمالارنىڭ تولىسى يوقسۇل ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يوقسۇللۇقى ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغان.

ئىبرەت:

-        ئىرادىنى توسالايدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر.

-        غەلىبىنىڭ يولىغا ھېچقاچان پايانداز سېلىنمىغان.

-        نەتىجە قازانغانلارنىڭ ھەممىسى شارائىتى تولۇق ئەمەس كىشىلەر ئىدى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار