مەشغۇل بولغانلىق قازانغانلىق ئەمەس

 

 

مەشغۇل بولغانلىق قازانغانلىق ئەمەس

مۇھەممەد يۈسۈپ

بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا ئادەم مەشغۇل، ھەممىلا ئادەم ئالدىراش، ھەممىلا ئادەمنىڭ ۋاقتى قىس ئۆتمەكتە. «ۋاقتىم يوق» دېگەن سۆزنى كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئاڭلايدىغان بولدۇق، ھەتتا بۇ سۆزنى ئىش -ئوقىتى يوق، بىكار يۈرىدىغان كىشىلەردىنمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. نۇرغۇن دوستلىرىمىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرى كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى يوق، ھەتتا بەزىسىنىڭ ھېچبىر ئىشى يوق، ئەمما ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، «كۆرۈنمەيلىغۇ؟» دەپ سورىساق، «ئالدىراش» دەپ قويىدۇ.

ھەقىقەت شۇكى، مەشغۇل بولغانلىق قازانغانلىق مەنىسىگە كەلمەيدۇ، قازىنىشمۇ ھەمىشە مەشغۇل بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. شۇنىڭكدەك، ئۆزىڭىزنى مەشغۇل دەپ ئويلىشىڭىز بىلەن مەشغۇلىيەت ئىچىدە بولىشىڭىزنىڭ ئارىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. چۈنكى، بەزى كىشىلەر ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق، يا دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك قىلچە پايدىسى يوق ئىشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىش ۋە مەشغۇلىيەت دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىھۇدە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنى «مەشغۇل» دەپ قارايدۇ.

 

«ۋاقتىم يوق» باھانىسى

ئەمەلىيەتتە، ھەمىشە «ۋاقتىم يوق» دەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ۋاقىت باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان، ئىشلارنىڭ مۇھىملىرىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار پىلانسىز ياشايدۇ، ئەرزىمەس مەشغۇلىيەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئالدايدۇ. ئەمما ئەقىللىك كىشىلەر ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ ۋە بىر مىنۇتمۇ ۋاقتىنىڭ بىكارغا ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر مىنۇت ۋە ھەربىر سائەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆمرىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

ھەربىر ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتا چوقۇم پىلانى بولۇشى، پىلان بولغاندىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك دېگەندەك كونكېرت پىلان تۈزۈلۈشى، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، يىللىق پىلانى بولۇشى ۋە ھەر ئاخشىمى ئەتىسى قىلىدىغان ئىشنىڭ پىلانىنى قىلماي ئۇخلىماسلىقى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى، قىلىدىغان ئىش قانچىلىك ئېنىق ۋە پىلانلىق بولسا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇنچىلىك ئوڭاي ۋە تېز بولىدۇ. پىلانسىز ئىنسان ئۆلۈك بېلىقتۇر.

نەتىجە قازانغانلارنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشقانلار بىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋاقىت بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتنى يانچۇقىدىكى پۇلدىنمۇ بەك چىڭ تۇتقان ۋە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىگەن. شۇڭا ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىنى ياراتقان.

 

«ۋاقتىم بارغۇ» ھىيلىسى

يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، ھەر ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» دەپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك تۆھپىسى ياكى بىرەر ئەسلىمىسى بولمىغان. ھەممە ئىشنى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا ئالدىراپ- تېنپ قىلىدىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن ئۆزىنى بىھۇدە ئازابلايدىغان ئەخمەقلەردۇر. مۇنداقلارنىڭ قىلغان ئىشى ھەمىشە كەمتۈك، چولتا بولىدۇ، ھەرگىز غەلىبىلىك بولمايدۇ. چۈنكى ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» مۇئامىلىسىنى قىلىپ، باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە قىلىدىغان ئىشىنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ، بارىدىغان يېرىگە كېچىكىپ بارىدۇ. بۇ ئارىدا كۆپ ئىزتىراپ چېكىدۇ، ئىشىنى ئالدىرا تېنەپ چالا _ پۇچۇق قىلىدۇ. ئەمما ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان ئادەم ھەرقانداق ئىشنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بارىدىغان يېرىگە ۋاقتىدا بارىدۇ، ئىزتىراپ چەكمەيدۇ، كېچىكىپ قېلىپ ئالاقىزادە بولمايدۇ، ھەممە ئىشنى تەمكىنلىك بىلەن قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ.

 

ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەڭ بېرىلگەن نېمەتتۇر

گەرچە ئىنسانلار كۈچ-قۇۋۋەتتە، ئەقىل-پاراسەتتە ۋە تەن ساقلىقىدا پەرقلىق بولسىمۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ۋاقىتقا ئىگە بولۇشتا باراۋەردۇر. چۈنكى، ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەڭ بېرىلگەن بولۇپ، بىر يىلدىكى 52 ھەپتە، بىر كېچە-كۈندۈزدىكى 24 سائەت ھەممە كىشىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. ئەمما پادىشاھقىمۇ، پۇقراغىمۇ، ئالىمغىمۇ، ئاۋامغىمۇ ئوخشاش بېرىلگەن بۇ ۋاقىت ھەممىلا ئادەمدە مېۋە بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، بەزىسى ئازراق پايدىلىنىدۇ ۋە بەزىسى قىلچە پايدىلانماي بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. پىلانلىق ياشىغان ئادەم ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلانغان ئادەمدۇر. مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ 24 سائىتىنى 48 سائەتكە چىقىرىپ ئىشلىگەن. شۇڭا ئۇلار ئاز ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئىمام غەززالىي، ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار 50 يىلدىن ئاز ياشىغان. ئەمما قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان كاتتا ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان. بەزى ئۆلىمالارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەربىر كۈنىگە 90 بەتتىن توغرا كەلگەنلىرى بار. مەلۇمكى، كۈنىمىزدە 90 بەتنى بىر كۈندە ئوقۇپ بولالمايدىغانلار كۆپ. ئۇلار ۋاقىتىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى پىلانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆمرىگە ئۆمۈر قوشقان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، بەزى كىشىلەر 100 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياشايدۇ. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ھېچ نەرسىسى چىقمايدۇ، تىلغا ئالغۇدەك بىرەر نەرسە قالدۇرالمايدۇ.

 

ۋاقىت باشقۇرۇش ھەققىدە بەزى تەكلىپلەر

1.         بۇرۇن يېتىپ سەھەر تۇرۇڭ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار نەتىجە قازىنىش، تەن ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپتىن پايدا تاپىدۇ. بۇ قانۇن بىلەن زىتلشقانلار ھەر تەرەپتىن زىيان تارتىدۇ. رېئاللىق بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

بۇرۇن يېتىپ سەھەر تۇرۇش نەتىجە قازانغانلارنىڭ ئادىتىدۇر. چۈنكى، ئاخشىمى ۋاقتىدا ئۇخلىماي زايە قىلىۋېتىلگەن ۋاقىتنىڭ بەدىلى ئەتىكى مۇھىم مەشغۇلاتتىن چوقۇم تۆلىنىدۇ.

2.         ئەتىگەنلىك ۋاقتىڭىزنى زايە قىلىۋەتمەڭ. چۈنكى، ئەتىگەن زېھىن ئوچۇق ۋاقىت بولغانلىقتىن، ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ئەتىگەندە قىلىۋېلىش لازىم. ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا تېلېفونغا قاراش ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئەڭ زىيانلىق ئىشتۇر. ئەگەر كەلگەن ئۇچۇرلارغا قاراش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە قارىۋېتىپ، ئاندىن دەرھال مۇھىم ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئاقىلانىلىكتۇر.

3.         ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلېفوننى ئۆزىڭىزدىن يىراقلاشتۇرۇڭ. چۈنكى، سىز ئۇخلايمەن دەپ يوتقانغا تېلېفون بىلەن كىرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇزۇنغىچە ئۇخلىمايسىز، ھەتتا ئۇخلىيالمايسىز. شۇڭا يوتقانغا تلېفونسىز كىرىپ، كەچلىك زىكىرلەرنى ئوقۇپ، ئەگەر ئۇلارنى بىلمىسىڭىز ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ، يەنە بىلگەن دۇئالىرىڭىزنى ئوقۇپ ياتسىڭىز ئۇيقۇنىڭ لەززىتىنى ئالالايسىز. ئەگەر جىم ياتسىڭىز ئۇيقۇڭىز كەلمەيدىغان ئادىتىڭىز بولسا كىتاب ئوقۇڭ. بۇ ئەڭ ياخشى چارىدۇر.

4.         ئۇخلايدىغان ۋە تۇرىدىغان سائىتىڭىز ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسۇنكى، ھەرگىز قالايمىغان بولمىسۇن. چۈنكى، تەرتىپلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۇيقۇ ۋە تۇرۇش سائەتلىرىمىزمۇ تەرتىپلىك بولۇشى لازىم. ئاخشىمى سائەت 11 دىن كېيىن  قالماي ئۇخلاش، ئەتىگىنى ناماز بامداتتىن بۇرۇن تۇرۇش غەلىبىلىك كىشىلەرنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ئادىتىدۇر. چۈنكى، ئىنسان بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەت كەچ سائەت 11دىن باشلاپ زەھەر تازىلايدۇ. مەسىلەن: جىگەرنىڭ تازىلىنىش سائىتى كەچ سائەت 11دىن كېچە سائەت 3 كىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ ئارىلىقتا بىزنىڭ چوقۇم ئۇخلىغان بولۇشىمىز شەرتتۇر.

5.         نەتىجە قازىنىشنىڭ تاكتىكىسىنى ئۆگىنىۋېلىڭ. نەتىجە قازىنىشنىڭ تاكتىكىسى پىلانلىق ۋە ئىزچىل ئىشلەشتۇر. چۈنكى، نەتىجە كۆپ ئىشلەش ياكى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى پىلانلىق ئىشلەش بىلەن قولغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلسىڭىز بىر كۈندە ئىككى كۈنلۈك ئىشنى تاماملىغان ۋە ۋاقتىڭىزغا ۋاقىت قوشقان بولىسىز.

 

ئىبرەت:

-        مەشغۇل بولغانلىق نەتىجە قازانغانلىق مەنىسىگە كەلمەيدۇ، چۈنكى مەشغۇل بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا نەتىجە قازىنىپ كەتمەيدۇ.

-        نەتىجە قازىنىش ئۈچۈنمۇ ھەمىشە مەشغۇل بولۇش شەرت ئەمەس، ئەمما پىلانلىق قىلىش شەرتتۇر.

-        قازانغانلار ئېنىق پىلان ۋە روشەن يول خەرىتىسى بويىچە ماڭغانلار بولۇپ، مەشغۇل بولغانلار جۇۋازدا ئايلانغان چارۋىلارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆمۈر بويى شۇنداق مەشغۇل بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ھاياتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار