
المُتَكَبِّرُ ئەلمۇتەكەببىر
ئاللاھ تائالانىڭ «المُتَكَبِّرُ» دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىمنىڭ ﴿هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ﴾[1] دېگەن ئايىتىدە كەلگەن.
«المُتَكَبِّرُ» ئاللاھ تائالانىڭ زاتى، ئىسىم-سۈپەتلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر نەرسىنىڭ ئەيىبلىك، ناقىس ۋە يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسمىدۇر.
«المُتَكَبِّرُ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئۆزىدىن باشقا ھەممىنى تۆۋەن كۆرگۈچى، بارچە مۇكەممەللىكنى ۋە كاتتىلىقنى ئۆزىدىلا كۆرگۈچى، باشقىلارنى ئۆزى بىلەن ھەرگىز تەڭ ئەمەس دەپ قارىغۇچى دېگەنلىكتۇر. «المُتَكَبِّرُ» دېگەن بۇ سۈپەت ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن مۇكەممەللىكنى، بەندىگە نىسبەتەن نۇقسانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەممىنىڭ ئىگىسى ۋە ھەممىنىڭ كاتتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە تەڭلىشەلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ھەممىدىن كاتتا بىلىش، باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرۈش ھەققى بار، ئەمما بەندىلەرنىڭ بۇنداق ھەققى يوق. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا موھتاج بولۇش جەھەتتە ھەممىسى ئوخشاش بەندىدۇر.
«مۇتەكەببىر» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «مۇتەكەببىر» دېگەن ئىسمىدىن ئاللاھ تائالاغا ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى، موھتاجلىقىنى ھەر زامان ئىپادىلەپ تۇرۇشنى، ئائىلە ئەزالىرىمىزغا ئىللىق، مېھرىبان، كەمتەر بولۇشنى، پۈتۈن ئىنسانلارغا كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆگىنىمىز.
ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ تائالانى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. بىز ئۇنى بىلمەكچى بولساق، بىزنىڭ بىلگەنلىرىمىز پەقەتلا دېڭىزدىن بىر تامچە بولىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن يىڭنىنى دېڭىز سۈيىگە چىلاپ چىقارغانغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر.
ئاللاھ تائالا ئۈچۈن تەكەببۇرلۇق كامالەتتۇر، بەندىگە نىسبەتەن نۇقساندۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى، «بول» دېيىش ئارقىلىق ھەرقانداق بىر ئىشنى دەرھال بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان ۋە خالىسا بىر ئاندا يوق قىلىۋېتەلەيدىغان قۇدرەتلىك زاتتۇر. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ، كامالىتىنىڭ، ئىلمىنىڭ، ۋە قۇدرىتىنىڭ چېكى يوق. شۇڭا ئاللاھ تائالا تەكەببۇرلۇق قىلسا، يەنى ئۆزىنىڭ قالتىس ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرسە، بۇ ئۇنىڭ كامالىتىدۇر ۋە ھەققىدۇر. ئەمما ئىنسانلاردىن بىرەرسى – مەيلى ئۇ ھارۇن رەشىد كەبى مەشھۇر پادىشاھ بولۇپ كەتسۇن ياكى قارۇندەك كاتتا باي بولۇپ كەتسۇن-تەكەببۇرلۇق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ ۋە ھەددىنى بىلمىگەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەكەببۇرلۇق قىلىشقا ھەقلىق ئەمەس.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشكە تامامەن ھەقلقتۇر. چۈنكى، ئۇ كامالەت ئىگىسى بولۇپ ھەممە تەرەپتىن مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق مۇكەممەل سۈپەتلەرگە لايىقتۇر. ئەمما ئىنسان ئۇنداق ئەمەس، قورقۇنچاق بىر ئادەم ئۆزىنى «مەن باتۇر» دېسە، بېخىل ئادەم ئۆزىنى «مەن سېخىي» دېسە، نادان ئادەم ئۆزىنى «مەن ئالىم» دېسە نۇقسانلىقتۇر. چۈنكى، ئۇ ئۆزىدە يوقنى دەۋا قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئالىم «مەن ئالىم، سېنىڭ سوئالىڭغا جاۋاب بېرىمەن» دېسە، بۇ كامالەت. باتۇر ئادەم «مەن باتۇر، سېنى قوغدايمەن» دېسە، بۇ كامالەت. سېخىي ئادەم «مەن سېخىي، مانا بۇنى ئال» دېسە، بۇ كامالەت.
شۇڭا، «ئاللاھ مۇتەكەببىردۇر» دېگىنىمىزدە، بۇ كامالەتتۇر. ئەمما «پالانى مۇتەكەببىردۇر» دېگىنىمىزدە، بۇ نۇقسانلىق ۋە ھەددىنى بىلمەسلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئەزىزلىك ۋە كىبىر مېنىڭ كىيىمىمدۇر، كىمكى ئۇنى مەندىن تالىشىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا تاشلايمەن»[2].
مۇتەكەببىرنىڭ يەنە بىر مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشتىن يىراق تۇرىدىغان، كىبىر ۋە كاتتىلىقنى پەقەتلا ئۆزىگە خاس قىلغان، مەخلۇقاتىغا ئاتا-ئىھسان قىلىشنى ئۆز پەزلىدىن ئۈستىگە ئالغان، رەھىم-شەپقەت ۋە مەغپىرەتنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان، پادىشاھلىقى مەڭگۈ زاۋال تاپمايدىغان زات ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىنسانغا يارىشىدىغىنى كەمتەرلىكتۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»[3] دەپ كۆرسەتكەن. يەنە: «كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر دەرىجە كەمتەرلىك قىلسا، ئاللاھ ئۇنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»[4] دېگەن. مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە بېشىنى ئېگىگەن ھالدا كىرگەن، ھەتتا سەللىسى تۆگىسىنىڭ بوينىغا تېگىپ قالغان ئىدى.
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگىنىدە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ ئوڭايسىزلانغاندا، ئۇنىڭغا: «ئوڭايسىزلانما! مەن پەقەت مەككىدە قۇرۇتقان گۆش يەپ كۈن كەچۈرىدىغان بىر ئايالنىڭ ئوغلىمەن» دېگەن.
ئۆلىمالاردىن بىرى: «ئى رەببىم، ساڭا نېمە بىلەن يېقىنلىشاي؟» دېگەندە، قەلبىگە: «ئى بەندەم، ماڭا مەندە يوق نەرسە بىلەن يېقىنلاشقىن» دېگەن ئىلھام كېلىدۇ. ئۇ: «ئى رەببىم، سەندە يوق بولغىنى نېمە ئۇ؟» دەيدۇ. «خارلىق ۋە موھتاجلىق» دەپ جاۋاب كېلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالاغا بولغان موھتاجلىقنى، ئاجىزلىقنى ۋە خارلىقنى ئىزھار قىلىش ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلشنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇقلۇقىنى بىلەمسىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەلمۇتەكەببىر» دېگەن ئىسمىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى پەقەت كائىنات ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن كىشىلەرلا بىلىدۇ. ئالىملار: «كائىناتتا مىلياردلىغان گالاكتىكا بار، ھەر بىرىدە مىلياردلارچە يۇلتۇز بار. زېمىن بىلەن ئاي ئارىسىدا بىر سېكۇنت نۇر، نۇر بىر سېكۇنتتا ئۈچ يۈز مىڭ كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدا سەككىز مىنۇت، يەر شارى بىلەن ئەڭ يېقىن يۇلتۇز ئارىسىدا تۆت يىل نۇر مۇساپىسى بار. ئەگەر ماشىنا بىلەن بارساق، ئەللىك مىليون يىل كېتەتتى» دەيدۇ.
شۇنداقلا، قۇتۇپ يۇلتۇزى تۆت مىڭ نۇر يىلى مۇساپىسىدە، ئېندىرومېدا گالاكتىكىسى بىر مىليون يىل، كېيىن بايقالغان بىر گالاكتىكا ئون ئالتە مىليارد نۇر يىلى مۇساپىسىدە تۇرماقتا. ئاللاھ تائالا:﴿فَلَا أُقْسِمُ بِمَوَاقِعِ النُّجُومِ . وَإِنَّهُ لَقَسَمٌ لَوْ تَعْلَمُونَ عَظِيمٌ﴾ « يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇر»[5] دېگەن.
يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدا يۈز ئەللىك سەككىز مىليون كىلومېتىرلىق مۇساپە بار، قۇياش يەر شارىدىن بىر مىليون ئۈچ يۈز مىڭ ھەسسە چوڭ. ئەقرەب يۇلتۇزى ئىچىدە كىچىك قىزىل يۇلتۇز بار بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇياش بىلەن يەر شارى ۋە ئارىدىكى مۇساپە سىغىدۇ.
كائىنات ھەر زامان ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ۋە چەكسىز قۇدرەت كامالىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ﴿سَنُرِيهِمْ آيَاتِنَا فِي الْآفَاقِ وَفِي أَنْفُسِهِمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ﴾ «ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىن ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز»[6]
بىلەمسىز؟ بىر جۈپلىشىشتە ئەر تەرەپتىن ئۈچ يۈز مىليون ھۈجەيرە چىقىدۇ، ئۇنىڭ ھەر بىرىدە بەش مىليارد مەلۇمات بار. بۇلارنى پەقەت مىكروسكوپ بىلەنلا كۆرگىلى بولىدۇ. مېڭىدە بىر يۈز قىرىق مىليارد ھۈجەيرە بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھازىرغىچە بىلىنمىگەن. كۆزدە بىر يۈز ئوتتۇز مىليون تاياقچە ۋە كونۇس بار، كۆرۈش نېرۋىسىدا توققۇز يۈز مىڭ نېرۋا بار. بۇلارنى شۇنداق ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغان كىم؟ شەكسىزكى، ئاللاھ!
ناۋادا سىز شىمالىي قۇتۇپقا بېرىپ، تېمپىراتوراسى سەکسەن دەرىجە تۆۋەن بولغان جايدا قېلىن كىيىنىپ يۈرسىڭىزمۇ، كۆزىڭىزنى يېپىپ يۈرەلمەيسىز. سىرتتىكى ھاۋا كۆز سۈيىگە تەگسىلا ئۇنى مۇزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە قاتتىق سوغۇق تۇرۇقلۇق، كۆزلەر مۇزلىمايدۇ. ئۇنداقتا، كۆز سۈيىگە مۇزلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىنى قويغان كىم؟ شەكسىزكى، ئاللاھ!.
مېڭىدە ئاۋازنىڭ قۇلاققا يېتىش تېزلىكىدىكى پەرقنى ھېسابلايدىغان ئۈسكۈنە بار. ئوڭ تەرەپتىن كەلگەن ئاۋاز ئوڭ قۇلاققا سول قۇلاققا يېتىشتىن بىر مىڭ ئالتە يۈز يىگىرمە بەش مىليون سېكۇنت بۇرۇن يېتىپ بولىدۇ، مېڭە بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق شۇ پەرقنى ھېسابلىغاندىلا ئاۋازنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىدۇ. ئەگەر شۇ ئۈسكۈنە بولمىسا مېڭە ئاۋازنىڭ قايسى تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ ئۈسكۈنىنى ياراتقان ۋە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان كىم؟ شەكسىزكى، ئاللاھ!
جىگەردە بەش مىڭدىن ئارتۇق ۋەزىپە بار، جىگەرسىز ئادەم پەقەتلا ئۈچ سائەت ياشىيالايدۇ. دېمەك، ئىنساننىڭ ئىچىگە كاتتا بىر دۇنيا يوشۇرۇنغان. ﴿أَتَحْسَبُ أَنَّكَ جِرْمٌ صَغِيرٌ وَفِيكَ انْطَوَى الْعَالَمُ الْأَكْبَرُ﴾ «سەن ئۆزۈڭنى كىچىك بىر جىسىم دەپ قالدىڭمۇ؟ ھالبۇكى، سەندە ئەڭ چوڭ دۇنيا يوشۇرۇنغان». ﴿ وَفِي الْأَرْضِ آَيَاتٌ لِلْمُوقِنِينَ. وَفِي أَنْفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ﴾ «زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا (ئاللاھقا) چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار، سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟»[7].
سىز كۈچ-قۇۋۋەت، ئىلىم-مەرىپەت ۋە تەن ساقلىقى جەھەتتە كامالىڭىزغا يەتكەن چېغىڭىزدىمۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەرنى قىلىۋاتقان چېغىڭىزدىمۇ ئۇنىڭغا مۇھتاجسىز. شۇڭا ھەرگىز كۆرەڭلىمەڭ!
بىر ئۆلىما: «مەن كېچە تەھەججۇد نامىزىغا تۇرالىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە تەمەننا قىلغاندىن كۆرە، كېچە تۇرالمىغانلىقىم سەۋەبلىك پۇشايمان قىلغىنىم ئەلا» دېگەن ئىكەن.
بىر تامچە قان مېڭە تومۇرلىرىدىن بىرىدە توختاپ قالسا ئادەم پالەج بولىدۇ. يەنە بىر جايدا توختاپ قالسا ئەسكە ئېلىش ئىقتىدارىنى، يەنە بىر جايدا توختاپ قالسا كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. ئۇ چاغدا دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك يوق بولغان بولىدۇ.
قان ھۈجەيرىلىرى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھەر سېكۇنتتا ئىككى يېرىم مىليون قىزىل ھۈجەيرە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بەزىدە بۇ ئىش سەۋەبسىز توختاپ قالىدۇ، بۇ بىر خىل نادىر قان كېسەللىكى بولۇپ، ئۇ «ئاپلاستىك ئانېمىيە» (Aplastic Anemia) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
دېمەك، بىز نېمىگە تەكەببۇر قىلىمىز؟ بىزنىڭ مېڭىمىز، مېڭە تومۇرلىرىمىز، نېرۋىمىز، يۈرىكىمىز، ئاشقازىنىمىز، ئۆپكىمىز ئۆز ئىلكىمىزدىمۇ؟ ياق. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا بىز قانداق باشقۇرالىغان بولار ئىدۇق؟
ئۇخلاۋاتقان چېغىڭىزدا ئېغىزىڭىزدىكى سۇ كۆپەيسە، مېڭىگە سىگىنال بېرىلىدۇ، مېڭە ئۆپكە يولىنى ئاچىدۇ، سۇ ئۆپكىگە چۈشىدۇ. سىز ئۇخلاۋاتقاندا ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا ئوڭ-سولغا چۆرۈلىسىز، ھەتتا يەتتە- سەككىز قېتىم.
قان ئىچىدە بىر خىل سۇيۇقلۇق ھورمونى بار بولۇپ، ئاشۇ ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلۇقى بىلەن قان سۇيۇلىدۇ. بىرىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە قان تومۇرلاردا قېتىش يۈز بېرىدۇ، يەنە بىرىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كەتسە قان سۇدەك بولۇپ كېتىدۇ. بۇنى كىم تەڭشىدى؟ شەكسىزكى، ئاللاھ!
ناۋادا نەپەس ئېلىش، تاقاملارنى سىڭدۈرۈش ۋەزىپىسى بىزگە چۈشكەن بولسا قانداق قىلار ئىدۇق؟ شەكسىزكى، ئۇ چاغدا پۈتۈن ۋاقتىمىز يېگەنلىرىمىزنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن كەتكەن ۋە نەپەس ئېلىش ئۈچۈن قەتئىي ئۇخلىمىغان بولاتتۇق. ﴿إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ﴾ «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ»[8].
[1]ھەشىر سۈرىسى 23-ئايەت.
[2] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[3] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[5] ۋاقىئە سۈرىسى، 75-76 -ئايەت.
[6] فۇسسىلەت سۈرىسى، 53-ئايەت.
[7] زارىيات سۈرىسى: 21-22- ئايەتلەر.
[8] فاتىر سۈرىسى: 28- ئايەت.

