
بۈگۈن ئايا سوفيادا جۈمە نامىزى
مۇھەممەد يۈسۈپ
بۈگۈن 482 يىل مەسجىد بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەندىن، مۇزېيغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ئايا سوفيا مەسجىدىدە 86 يىلدىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلۇشى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىقتۇر.
دۇنيا زالىملىرىنىڭ ھەقسىزلىقى، كاپىرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلىرى سەۋەبلىك يۈرەكلىرى زەرداپ بولغان، كۆڭۈللىرى قاتتىق بىئارام بولغان، ئاللاھ تائالانىڭ نۇسرىتىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان ئىسلام ئۈممىتى، خۇسۇسەن ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، بۇ ھادىسە ئۇلارغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان كاتتا ھادىسىدۇر. بۇ ھادىسە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ روھىنى كۆتۈرگىسى، ئىسلامنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشۇرغۇسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەزىزلىقىنى ئۆزلىرىگە ئەسلەتكۈسى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۈممىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن خۇش بېشارەت بېرىمىز: نَصْرٌ مِنَ اللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ «سىلەر ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر نېمەت ئاللاھتىن (سىلەرگە) كېلىدىغان ياردەم ۋە يېقىندا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان غەلىبىدۇر. مۇئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن» .
بۇنىڭغا نارازى بولغۇچىلارغا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى كۇپايە: مُوتُوا بِغَيْظِكُمْ «ئاچچىقىڭلاردىن ئۆلۈڭلار!» .
ئايا سوفيا — مىلادىيە 532-537- يىللىرى ئارىسىدا ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى جاستىنيانۇس تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان چېركاۋ بولۇپ، بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئورنى ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي يېرېم ئارىلى بولغان كونا شەھەر مەركىزىدە.
1453-يىلى ئىستانبۇل ئوسمانىيلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغاندا، سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ئۇنى ئۆز خىراجىتى بىلەن رېمونت قىلدۇرغان، ئاندىن مەسجىدكە ئۆزگەرتكەن. چۈنكى ئايا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، سوفيا خىرىستىيانلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىچكى ئۇرۇشلىرى داۋامىدا كۆپ جايلىرى ۋەيران قىلىنغان، ھەتتا گۈمبەزلىرىمۇ چۆكۈپ كەتكەن ھالدا ئىكەن. 1924 – يىلى ئوسمانىيلا خەلىپىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1935- يىلىغا كەلگەندە، شۇ دەۋردىكى كامالىست زېھنىيەت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئايا سوفيا مەسجىدتىن مۇزېيخانىغا ئۆزگەرتىلىپ، خەلققە ئوچۇق زىيارەتگاھقا ئايلاندۇرۇلغان. 2020 – يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12 – دۆلەت رەئىسى رەجەب تاييىب ئەردۇغاننىڭ تەشەببۇسى ۋە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن قايتا مەسجىدگە ئۆزگەرتىلدى.
مەسجىدنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
مەسجىدلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۈيۈملۈك بولغان مۇقەددەس ئورۇنلاردۇر. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرگە مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا، مەسجىد بىنا قىلىشنىڭ ۋە مەسجىدلەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قىلغان ئىشى مەسجىد بىنا قىلىش بولغان. مەسجىدلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇ ماۋزۇدا گەپنى ئۇزارتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايمەن.
ئىسلام مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ دىن، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ
ئىسلام دىنىي ئىنسانلارنىڭ پىكىر، ئېتىقاد ۋە ئۆرپ- ئادەت ئەركىنلىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەڭ ئىلغار دىندۇر. ئىسلامنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئىنسانلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنىڭ تىپىك مىسالى تۆۋەندىكىچە: ئىسلام مۇسۇلمان ئەمەس ئەسىرلەرنى، پەتھى قىلىنغان زېمىن ئىگىلىرىنى ۋە ئىسلام دۆلىتىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلەرنى ھېچبىر زامان ئۆزىگە ئوخشاش ئېتىقادقا، ئوخشاش ئۆرپ-ئادەتكە ۋە ئوخشاش مەدەنىيەتكە مەجبۇرلىغان ئەمەس، بەلكى ئىسلام تېررىتورىيىسى ئىچىدە دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىش شەرتى بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادىدا قېلىشقا رۇخسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇددۇسنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى چېركاۋنى يىقىتىۋەتمەستىن ئۆز پېتى قالدۇرغانلىقى، مىسىر زېمىنىدىكى پىرامىدالارنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ۋە خىرىستىيانلارنىڭ چېركاۋلىرىنىڭ ئۆز پېتى قالدۇرۇپ قويۇلغانلىقى، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىكى نۇرغۇن چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ ئۆز پېتى قالدۇرۇلغانلىقى ئىسلام ئادالىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر. يۇقىرىقىلار بولسا ئىسلامنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئىنسانلارنىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا مۇئامىلىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
تارىختا مۇسۇلمان ئەمەس ھاكىمىيەتلەر ئىشغال قىلغان مۇسۇلمانلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولغان؟
بىز يۇقىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ۋە باشقا ساھەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. ئەمدى مۇسۇلمان ئەمەس ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىسلام زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى قىلمىشلىرىغا بىر قاتار كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى. ئىسپانىيەدىكى خىرىستىيانلار تارىخى مەسجىد ۋە جامەلەرنى زورلۇق بىلەن چېركاۋلارغا ۋە مۇزىخانىلارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن. مەسىلەن: غەرناتە شەھىرىدىكى «قىزىل قەسر مەسجىدى»نىڭ چېركاۋغا ئۆزگەرتىلىپ «سانتا مارىيا» دەپ ئاتالغانلىقى، «قۇرتۇبە مەسجىدى»نىڭ «مەريەم چېركاۋى»غا، تۇلەيتىلە شەھىرىدىكى «باب مەردۇم مەسجىدى»نىڭ «ئىيسا نۇرى چېركاۋى»غا، «ئىشبىلىيە مەسجىدى»نىڭ «مارىيا چېركاۋى»غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى. ئالجىرىيەدىكى بەزى مەسجىد، جامەلەرنىڭ چېركاۋغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىمۇ كۆپچىلىككە مەخپىي ئەمەس. دۇنيادا كاپىرلار تەرىپىدىن ھەر خىل نەرسىلەرگە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەسجىد ۋە جامەلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. يۇقىرىقى بايانلاردىن مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ.
ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلىشى بەزىلەر دەۋا قىلغىنىدەك خىرىستىيانلارنىڭ ھېسسىياتىنى زېدىلىگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟
ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى، جۈملىدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىز ئۇيغۇرلارنى زور خۇشاللىققا چۆمدۈردى. لېكىن بۇ ئىش مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ ۋە بۇ دۆلەتلەرگە بېقىندى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ھەققى بولغان بۇ ئىشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەتتا پەتىۋا خاراكتېرلىك باياناتلارنى ئېلان قىلغانلارمۇ بولدى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ نارازى بولۇپ، قارشى چىقىش ھەققى يوق. چۈنكى ئايا سوفيا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە خاستۇر.
بۇ سۆزىمىزگە تۆۋەندىكىلەرنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈشىمىز مۇمكىن:
1- ئايا سوفيا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر جاي بولۇپ، ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە خاستۇر.
2- ئايا سوفيا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك 1453-يىلدىن 1935- يىلغىچە مەسجىد، 1935- يىلدىن تاكى ھازىرغا قەدەر مۇزېي قىلىپ قوللىنىلغان. يەنى ئالتە ئەسىرگە يېقىن خىرىستىيانلار ئىبادەت قىلىدىغان چېركاۋ قىلىپ قوللىنىلمىغان. خىرىستىيانلارنىڭ ئالتە ئەسىرگە يېقىن زېدىلەنگەن ھېسسىياتى ئەمدى نېمە دەپ زېدىلەنگۈدەك؟
3- ئايا سوفيا بۇرۇن چېركاۋ ئىدى، شۇڭا ھازىرمۇ چېركاۋ بولۇشى ياكى چېركاۋ بولمىغاندىمۇ مۇزېي پېتى قالدۇرۇلۇشى كېرەك دېگۈچىلەرنىڭ پىكىرنى ئېتىبارغا ئالغىنىمىزدىمۇ ئۇلارنىڭ نارازىلىقى يەنىلا ئورۇنسىز. چۈنكى شۇ زامانلاردىكى دۇنيانىڭ ئۇرۇش ئەنئەنىسى بويىچە، قانداقلا بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتنى ئىشغال قىلسا، شۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ سىمۋوللۇق جايلىرىنى باشقا نەرسىلەرگە ئۆزگەرتىۋېتىش نورمال بىر ئىش ئىدى. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئىستانبۇلنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن، باشقا چېركاۋلارغا تەگمەي، بىرلا ئايا سوفيانى رېمونت قىلىپ مەسجىدكە ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايا سوفيا خىرىستىيانلارنىڭ مۈلكى ئەمەس، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۈلكىدۇر.
4- بۇنى دېگەنلەر خىرىستىيانلارنى ئويلاپتۇ-يۇ، دۇنيادىكى بىر يېرىم مىلياردتىن كۆپرەك مۇسۇلماننىڭ، خۇسۇسەن تۈركىيەدەك 99% مۇسۇلمان ياشايدىغان بىر دۆلەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتىنى ھېچ ئويلىماپتۇ. بۇ تەرىپى ناھايىتى ھەيران قالارلىق!
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئىنسانلار ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن مۇسۇلمانلار بولغاندەك، ئاقمايدىغان سەپسەتىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇ قارارغا قارشى چىققانلارمۇ ئاز بولمىدى. ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە قارشى چىققۇچىلار مۇزېينى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ياكى ئايا سوفيانى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئىسلامغا، ئىسلامنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدلەرنى يامان كۆرگەنلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭغۇ مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلامنى يامان كۆرۈشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىپ تۇرۇقلۇق، ئىسلامنى ياقتۇرمايدىغان، ئىسلامغا قارشى كۈچلەرنىڭ يېنىدا سەپ تۇتىدىغان، ئۆزلىرىدىكى ئىززەتنى سېتىپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە كۈچۈكلىنىدىغان دۆلەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ قىلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلىشىگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ زېھنىيىتى بويىچە بولغاندا، بۇ قارار دۇنيا خىرىستىيانلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەيدىغان توغرا قارار ئەمەس ئىكەن. بۇلار خىرىستىيانلارنى ئويلاپتۇ _ يۇ، دۇنيادىكى ئىككى مىلياردقا يېقىن مۇسۇلماننىڭ ھېسسىياتىنى ھېچ ئويلىماپتۇ. ئىسپانىيەدىكى تارىخىي مەسجىد ۋە جامەلەرنىڭ خىرىستىيانلار تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن چېركاۋلارغا ۋە مۇزېيخانىلارغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى، ھەتتا ئالجىرىيەدىكى بەزى مەسجىد، جامەلەرنىڭ چېركاۋغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى ھەممىسى ياخشى بىلىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ غەرناتە شەھىرىدىكى «قىزىل قەسر مەسجىدى»نىڭ چېركاۋغا ئۆزگەرتىلىپ «سانتا مارىيا» دەپ ئاتالغانلىقى، «قۇرتۇبە مەسجىدى»نىڭ «مەريەم چېركاۋى»غا، تەلىتە شەھىرىدىكى «باب مەردۇم مەسجىدى»نىڭ «ئىيسا نۇرى چېركاۋى»غا، «ئىشبىلىيە مەسجىدى»نىڭ «مارىيا چېركاۋى»غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى.
ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە (توغرىسى مەسجىدكە قايتۇرۇلغانلىقى) قارشى چىققۇچىلار مۇزېينى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ياكى ئايا سوفيانى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئىسلامغا، ئىسلامنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدلەرنى يامان كۆرگەنلىكتىن بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلامنى يامان كۆرۈشى تەبىئىي بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ، ئىسلامنى ياقتۇرمايدىغان، ئىسلامغا قارشى كۈچلەرنىڭ يېنىدا سەپ تۇتىدىغان، ئۆزلىرىدىكى ئىززەتنى سېتىپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىدىغان ناكەسلەرنىڭ قىلمىشىنى لەنەتلىمەي تۇرالمايمىز.
يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ «ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچىبولىدۇ. ئاللاھ بولسا كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر».
ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە قايتۇرۇلغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان، ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان كاتتا ھادىسىدۇر. بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبىسى دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق مۇسۇلمانى تەبرىكلەيمەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى رەجەب تاييىب ئەردۇغانغا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

