ئاللاھ تائالانىڭ «ئەلۋەلىي» دېگەن ئىسمى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەلۋەلىي» دېگەن ئىسمى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش

ئاللاھ تائالانىڭ «الوَلِيُّ» دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ]وَهُوَ الْوَلِيُّ الْحَمِيدُ] [1]، ]اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آَمَنُوا[[2] ، ]أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ[[3] قاتارلىق ئايەتلىرىدە كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: [إنَّ اللَّهَ قالَ: مَن عادَى لي وَلِيًّا فقَدْ آذَنْتُهُ بالحَرْبِ] «ئاللاھ ئېيتتىكى، ›كىمكى مېنىڭ بىرەر دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئاچىمەن»[4].

«الوَلِيُّ» ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنىڭ ئىگىسى، مۆمىنلەرنىڭ دوستى ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىمدۇر.

«الوَلِيُّ» دېگەن سۆز لۇغەت ئېتىبارى بىلەن «دوست»، «ئىگە»، «مەدەتكار» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، ئەمما بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالاغا ئىشلىتىلگەندەك، مۇئمىنلەرگىمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىشلىتىلگەندە، ئۇنىڭ جىمى مەخلۇقاتنىڭ ئىگىسى، مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارى ئىكەنلىكىنى، مۇئمىنلەرگە ئىشلىتىلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرى، ئىتائەتچان، تەقۋادار بەندىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  [اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آَمَنُوا[ «ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىگىسىدۇر»، [أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ[ ﴿بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (يېقىن بەندىلىرىگە ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، (ئۇلار دۇنيادا قويۇپ كەتكەنلىرىگە) قايغۇرمايدۇ﴾ دېگەن ئايەتلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

 

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئىگىسى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ دوستىدۇر

ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارلىقى ئومۇمىي ۋە خاس دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

ئومۇمىي ئىگىدارلىق بارچە مەخلۇقاتقا قارىتىلغان ئىگىدارلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا رىزىق بېرىپ ياشىتىدىغانلىقىنى، ھاياتلىقنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ﴿أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ فَاللَّهُ هُوَ الْوَلِيُّ﴾ «بەلكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلارنى مەدەتكار قىلىۋالدى، پەقەت ئاللاھلا ھەقىقىي مەدەتكاردۇر»[5].

خاس ئىگىدارلىق مۇئمىنلەرگە قارىتىلغان ئىگىدارلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يېتەكلەش، يامانلىقلاردىن قوغداش قاتارلىق ئىشلاردا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ﴿إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ﴾ «شەكسىزكى، مېنىڭ ئىگەم كىتابنى (قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھتۇر، ئۇ سالىھلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ»[6].

 

  ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمگە موھتاجلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ياردەم تىلىشىنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن. ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەش ئىبادەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىبادەت بىلەن ياردەم تىلەش يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن. فاتىھە سۈرىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت بولغان ﴿ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ﴾ «(ئى رەببىمىز!) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز»[7] دېگەن ئايەت بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ ئىبادەت قىلالمايدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىمەي تۇرۇپ ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

 

ئەڭ كۈچلۈك دوستلۇق ئاللاھ تائالانىڭ دوستلۇقىدۇر

ئاللاھ تائالا بىلەن مۇئمىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇئمىنلەرنىڭ ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن بولىدۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى دوستلۇقلار ساداقەت، ياردەملىشىش ۋە ئىزدىشىش بىلەن بولىدۇ.

ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كۈچلۈك دوستلۇق ئاللاھ تائالانىڭ دوستلۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشكەن ئادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئادەمدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دوستلىرىغا ياردەم قىلىدۇ، يول كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنى ھىمايە قىلىدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە دۈشمەنلىرى ئالدىدا تەرك ئەتمەيدۇ. ﴿اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آَمَنُوا يُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ﴾ «ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ)  قاراڭغۇلۇقلىرىدىن )ئىماننىڭ) يۇرۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ»[8]. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا: «كىمكى مېنىڭ بىرەر دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئاچىمەن»[9] دەپ كۆرسەتكەن.

مۇئمىنلەرنىڭ ئۆزئارا دوستلۇقى ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە غەلىبىلىك دوستلۇق بولۇپ، ئۇ ئاخىرەتتىمۇ ئەسقاتىدۇ. ﴿ وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ يَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَيُطِيعُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ أُولَئِكَ سَيَرْحَمُهُمُ اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ﴾ «مۇئمىن ئەرلەر، مۇئمىن ئاياللار بىر _ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[10].

 

ئاللاھ تائالا ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر

قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، يەر-زېمىن سۇغا قاتتىق تەشنا بولغان، دېھقانلار يامغۇرغا زارلانغان، ئىنسانلار ھۆل-يېغىندىن ئۈمىدسىزلەنگەن بىر پەيتلەردە، ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتى بىلەن يالغۇر ياغدۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى، ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر. ﴿وَهُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ الْغَيْثَ مِنْ بَعْدِ مَا قَنَطُوا وَيَنْشُرُ رَحْمَتَهُ وَهُوَ الْوَلِيُّ الْحَمِيدُ﴾ « ئاللاھ ئىنسانلار (يامغۇردىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغان ۋە رەھمىتىنى ھەر تەرەپكە يايىدىغان زاتتۇر. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»[11].

 

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر

ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇسا، ئۇلار ئۈچۈن ئاشۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ، ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى شۇ ئىشقا تەلپۈنىدىغان، ئېغىر كۆرمەيدىغان، خۇشاللىق بىلەن ئورۇندايدىغان قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا مۇئمىنلەر ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى كۆڭۈل خۇشاللىقى بىلەن قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن چەكسىز ھۇزۇر ئالىدۇ.

ئۇ يەنە ئۇلارنى بىرەر ئىشتىن مەنئى قىلسا، ئاشۇ ئىشنى ئۇلارغا يامان كۆرسىتىدۇ، قىيىنلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا بارىدىغان يوللارنى تاقايدۇ، ناۋادا ئۇلار بىرەر گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئارامسىزلىق ۋە پۇشايماننى ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەۋبە قىلىدۇ ۋە توغرىلىققا قايتىدۇ. بۇ ئىشلار مۇئمىن ئادەمنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇنى ھېس قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا مەدەتكارلىقىغا شۈكۈر قىلىدىغانلار ئىنتايىن ئازدۇر. ﴿ وَقَلِيلٌ مِنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ﴾ «بەندىلىرىمدىن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئازدۇر»[12].

 

ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتىنى قوغدايدۇ

ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى شۇكى، مەخلۇقاتنى ئاجىز، ياردەمگە موھتاج قىلىپ ياراتقانلىقى، ئاندىن ئۇلارغا قوغدىنىش قوراللىرىنى ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش چارىلىرىنى ئاتا قىلغانلىقىدۇر. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئۇچارقۇشلارنى يارىتىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئۇچۇش ئۈچۈن قاناتلارنى ياراتقان، بېلىقنى يارىتىش بىلەن ئۇنىڭغا سۇ ئۈزىدىغان ماھارەتنى ئاتا قىلغان، ئاتنى يارىتىش بىلەن ئۇنىڭغا تېز يۈگۈرىدىغان، خەتەرلەردىن ئاتلاپ ئۆتىدىغان قۇدرەتنى ياراتقان، كىيىكنى يارىتىش بىلەن ئۇنىڭغا يىرتقۇچلاردىن قوغدىنىدىغان قاتتىق مۈڭگۈزنى ياراتقان. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ھەربىر جانلىققا ئۆزىنى قوغداش قورالىنى ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش چارىلىرىنى ئاتا قىلغان.

ئۇنىڭ ھەممىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلى ئانىلارنىڭ قەلبىگە ئورناشتۇرغان مۇھەببەت، قوغداش ۋە پىداكارلىق روھى بولۇپ، مەيلى ئىنسان ياكى باشقا جانلىق بولسۇن، ھەرقانداق ئانا ئۆز بالىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ، ھەرقانداق ئاجىز ئانىمۇ بالىسىنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە كۈچلىنىپ كېتىدۇ، چىشى ھايۋان بالىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلارغا قارشى ئېتىلىشتا ئۆز ھاياتىنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ، بەزىدە ئۆزىدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرۇشتا يىرتقۇچلاردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورنىتىۋەتكەن پىداكارلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ جىمى مەخلۇقاتنى قوغدايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

 

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دەردلىرىنى تىڭشايدۇ

بىر ئادەم ئۆلىمالاردىن بىرىگە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك خاپىلىقلارغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۆلىما ئۇ ئادەمگە قاتتىق ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بارچە دەردىنى تولۇق ۋە تەپسىلىي ئېيتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەم بارلىق خاپىلىقلىرىنى تولۇق ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «دەردىڭىز ھەقىقەتەن كۆپ، خاپىلىقلىرىڭىز چوڭ ئىكەن، كاشكى، قولۇمدىن كەلسە، سىزنى بارلىق خاپىلىقلىرىڭىزدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسام نېمىدېگەن ياخشى بولار ئىدى. ئەمما مەن سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلايلى، بۇ كېچە تەھەججۇد نامىزىغا تۇرۇڭ، ئاندىن سەجدىلەرنى ئۇزۇن-ئۇزۇن قىلىڭ ۋە شۇ سەجدىلىرىڭىزدە ئاللاھ تائالاغا پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن ئېچىلىڭ، ئاندىن سىز ماڭا ئېيتقان دەردلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ۋە بارلىق تىلەكلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا تەپسىلىي ۋە تولۇق ئېيتىڭ» دەيدۇ.

ئۆلىما دەيدۇكى، «ھېلىقى ئادەم ساق بىر ھەپتىدىن كېيىن ماڭا قايتا تېلېفون قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ۋە سۆزلىرىدىن خۇشاللىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. كۆپ رەھمەت ۋە تەشەككۈرلىرىدىن كېيىن، دېدىكى، ‹يا شەيخ! مەن ئۆزلىرى دېگەن بويىچە كېچىلىرى سەجدىلىرىمدە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرغان ۋە بارلىق دەردلىرىمنى ئۇنىڭغا تۆككەندىن كېيىن، ئۇ مېنىڭ خاپىلىقلىرىمنى كۆتۈرۈۋەتتى، تىلەكلىرىمىنىمۇ بەردى. مەن جىق گەپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئالماي، لېكىن بىر تەلىپىم بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۆزلىرىگە دەردىنى ئېيتىپ كەلگەن ھەرقانداق ئادەمگە كېچىلىرى ئۇزۇن-ئۇزۇن سەجدە قىلىپ، دەردلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تۆكۈشىنى، دەيدىغان سۆزى ۋە كىچىككىنە بولسىمۇ بىرەر تەلىپى قالمىغانغا قەدەر بېشىنى سەجدىدىن قەتئىي كۆتۈرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىشنى سورايمەن›. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەنە بىر قانچە كىشىگە شۇنداق تەۋسىيەلەرنى قىلدىم».

چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان. ئاللاھ تائالا ۋەدىسىگە قەتئىي خىلاپلىق قىلمايدۇ.

 

 

ئاللاھ تائالا سالىھ بەندىلىرىنى ھىمايە قىلىدۇ

سالىھلار- ئاللاھ تائالانىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغان، ئەمەللىرى تەلەپكە لايىق بولغان مەسئۇلىيەتچان كىشىلەردۇر. «سالىھ» دېگەن ئاتالغۇ ئاللاھ تائالاغا ئۆزى ۋە ئەمەللىرى ياراملىق بولغان كىشىلەرگە بېرىلگەن بىر ئۇنۋاندۇر. مۇشۇنداق كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسىگە، ياردىمىگە ۋە مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ﴿وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ﴾ «ئاللاھ سالىھلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ»[13] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئىنسان قۇرئان كەرىمگە قانچىلىك يېقىنلاشقانسېرى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىقا يول ئالغان بولىدۇ. قۇرئان كەرىمگە يېقىنلىشىش ئۇنى ئوقۇش، مەنىسىنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.

 

   «ۋەلىي» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

ئاللاھ تائالانىڭ «ۋەلىي» دېگەن ئىسمىدىن ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرى بولغان مۇئمىنلەرنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارغا ياردەم قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمەنلىرى بولغان كاپىرلارنى يامان كۆرۈش، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش، ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ تەرەپدارى بولۇش ۋە ئاللاھ تائالانى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىمىز. ]أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ[ ﴿بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (يېقىن بەندىلىرىگە ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، (ئۇلار دۇنيادا قويۇپ كەتكەنلىرىگە) قايغۇرمايدۇ﴾[14].



[1] شۇرا سۈرىسى 28- ئايەت.
[2] بەقەرە سۈرىسى 257- ئايەت.
[3] يۇنۇس سۈرىسى: 62- ئايەت.
[4] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[5] شۇرا سۈرىسى:9- ئايەت.
[6] ئەئراف سۈرىسى: 196- ئايەت.
[7] فاتىھە سۈرىسى:5- ئايەت.
[8] بەقەرە سۈرىسى: 257- ئايەت.
[9] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[10] تەۋبە سۈرىسى: 71- ئايەت.
[11] شۇرا سۈرىسى: 28- ئايەت.
[12] سەبەئ سۈرىسى: 13- ئايەت.
[13] ئەئراف سۈرىسى: 196- ئايەت.
[14] يۇنۇس سۈرىسى: 62- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار