
رامىزان ئىبادەت، تېپىلماس پۇرسەت
مۇھەممەد يۈسۈپ
دىنىمىزدا روزا تۇتۇش پەرز بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، ئۆزىنى پاكلاش، ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە كۆپرەك ئىبادەت قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش پۇرسىتى بولۇپ كەلدى. بۇيىلقى رامىزان ئۆتمۈشتىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە ئىبادەت ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت بولۇپ كەلدى. دېمەك، بىزگە بۇ ئايدا ھەم رامىزان پۇرسىتى ھەم ئۆيدە ئولتۇرۇش پۇرسىتى بولۇپ قوش پۇرسەت بار. بۇنداق پۇرسەتلەر ھەمىشە كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا قولىمىزدىكى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ ياخشىدۇر.
ھاياتلىق سەپىرى ئاللاھ تائالاغا كېتىپ بارغان ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، بۇ ھاياتتا ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن شەرىئەت قانۇنى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش يارىتىلىشنىڭ ئاساسلىق غايىسىدۇر. «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى ماڭا قۇلچىلىق قىلسۇن دەپلا ياراتتىم» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ھەقىقىي مۇئمىن ئادەمنىڭ ھاياتى ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ بىرى، مۇئمىننىڭ ھاياتى بولغان ئەمەلىي ئىبادەتتۇر، يەنە بىرى، سىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەمەلىي ئىبادەتنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە ئۇنى ساغلام داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ئىبادەتلەردۇر.
ئاللاھ تائالا ئەمەلىي ئىبادەتنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ۋە داۋاملىشىشى ئۈچۈن، سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ۋە يىلنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتلىرىغا بەلگىلىگەن. رامىزان ئېيى مۇئمىن ئادەمنىڭ ئۆزىنى رېمونت قىلىۋېلىشى، مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن چوڭ پۇرسەتلەرنىڭ بىرىدۇر. رامىزان ئېيى ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش، ئەخلاقىمىزنى تۈزەش، تەقۋالىقىمىزنى ئاشۇرۇش يولىدا بىز ئۈچۈن چوڭ بىر ئىلاھىي مەكتەپتۇر، تەربىيەلىنىش كۇرسىدۇر. ئىنسان نەپسى كۆپىنچە ھاللاردا غەپلەتلەر بىلەن ئۆزىنى تېز ئۇنۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە خاتالىقلىرىنى كۆرمەيدۇ، كۆرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. خۇددى ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ھېرىس بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. لەززەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك بولغان ھەممە نەرسىگە باغلىنىدۇ. ئۆزىنى ياراتقاننى ئۇنۇتىدۇ، ئاخىرەت ھەققىدە ئانچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. روزا بولسا ھەرقانداق غاپىل، ھاكاۋۇر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ، روزا تۇتۇش جەريانىدىكى ئاچلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئاۋۋال ئاشقازىنىنى ئويلايدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىدۇ، ئاجىز بەدىنىنىڭ نەقەدەر كىچىك ۋە چىدامسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۆزىنىڭ شەپقەتكە قانچىلىك موھتاج بولىدىغان ئاجىز بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا، ئەقىللىق ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ پىرئەۋنلىقىنى تاشلاپ، ئاجىزلىقىنى ۋە موھتاجلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش يولىغا كىرىدۇ.
مۇئمىن ئادەم روزا تۇتۇش جەريانىدا، يالغان گەپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ، گۇناھ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، مەردلىك ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىش كۆرۈشكە ئۆزىنى كۆندۈرىدۇ. رامىزان كېچىلىرى قۇرئان ئوقۇش، ئاڭلاش ۋە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش ئارقىلىق ئىمانىنى، تەقۋالىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇلۇغ رامىزان ئېيى مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەتتۇر. بىز ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلىنىشكە ھەرقانداق بىر مىللەتتىن بەكرەك موھتاجمىز. شۇڭا، رامىزان ئېيىدىكى مەنىۋىياتقا تولغان خەيرلىك كېچىلەر بىزنىڭ چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان قىممەتلىك ۋاقتىمىزدۇر. رامىزاندا بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ئەخلاقىمىزنى رېمونت قىلىش، ئىبادەتلىرىمىزدىكى نۇقسانلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە تېگىشلىك بولۇشقا تىرىشىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ خەلقىمىزنىڭ بېشدىكى ئېغىر كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەش بىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلساق، بىز ئۇلۇغ رامىزاننىڭ بەرىكەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىكلەرنى قىسمەن بولسىمۇ قىلغان بولىمىز.
بۇ رامىزاندا بويىچە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەمەللەر
بۇ رامىزان بويىچە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئەمەللەر تۆۋەندىكىچە:
1. قۇرئان ئوقۇش، بىر-بىرىگە تىڭشىتىش، تەراۋىھ نامىزىدا ئوقۇش، بۆلۈشۈپ ئوقۇپ تاماملاش رامىزاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەرنىڭ ئالدىنقىسىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆلىمالار ئۇنى قۇرئان ئېيى دەپ ئاتايدۇ.
2. قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىش، قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىنى ۋە تەپسىرلىرىنى ئائىلىدە بىرلىكتە ئوقۇش ئەڭ كاتتا ئەمەل سانىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم مەنىسىنى بىلىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان ئىلاھىي دەستۇر بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئاۋۋال قىسقا سۈرىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلىساق ياخشى.
3. رامىزان بويىچە دۇئانى كۆپ قىلىش، خۇسۇسەن ئىپتار ۋاقتىدا، بەش ۋاز نامازدىن كېيىن، تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن دۇئانى كۆپ قىلىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىز دۇئا قىلىش ئارقىلىق ھەم تىلىكىمىزگە ئېرىشىمىز ھەم ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز، بولۇپمۇ رامىزاندا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز. بۇ ئايدا ئانا ۋەتىنىمىزدىكى ئەزىز خەلقىمىز ئۈچۈن كۆپلەپ دۇئا قىلىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر.
4. رامىزان بويىچە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ھەدىس يادلاشنى يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر ياكى ئىككى ھەدىسنى يادلاپ بىر-بىرىمىزگە ئوقۇپ بېرىش ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. ھەدىس قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمەلىي تەتبىقاتى بولۇپ، ھەدىس ئۆگىنىش قۇرئان ئۆگىنىشكە ئوخشاشلا مۇھىم ئەمەلدۇر. ھەدىس يادلاشنى ئاۋۋال ئىمام نەۋەۋى توپلىغان قىرىق ھەدىسنى يادلاشتىن باشلىساق ياخشى.
5. خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش رامىزاندا قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا تېخىمۇ بەك سېخىي بولۇپ كېتەتتى، كۆپ سەدىقە قىلاتتى، پېقىرلارنى، ئاجىزلارنى ۋە يېتىمنلەرنى تېخىمۇ كۆپ يوقلايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزاندا قىلىنغان ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب بېرىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئاي مىڭ ئايدىن پەزىلەتلىك ئاي بولغانلىقتىن، بۇ ئايدا قىلىنغان ئەمەللەرگىمۇ شۇنداق ھەسسىلەپ ساۋاب يېزىلىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بىزدە سەدىقە ۋە خەير-ساخاۋەت قىلىش دېگەننى يانچۇقىمىزدىكى تۆمۈر تەڭگىلەردىن قۇتۇلۇش دەپ چۈشىنىلىپ قالغانلىقتىن، يوللاردىكى ۋە مەسجىدلەرنىڭ ئالدىدىكى تىلەمچى بايلارغا بىر- ئىككى تىيىن پۇل بېرىپ قويساق، ئۆزىمىزنى ئالەمچە ياخشى ئىش قىلغاندەك ھېس قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن چىقىم قىلمىغۇچە ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن. زاكاتنى، سەدىقىنى ۋە خەير- ئېھساننى ئاۋۋال يېتىملەرگە، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا، ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ تاپقانلىرىنى ئائىلىسىنىڭ چىقىملىرىغا يەتكۈزەلمىگەن موھتاج كىشىلەرگە بېرىش ھەممىدىن ئەۋزەلدۇر. ئەمما ئۆزى ياش ۋە تېنى ساق تۇرۇقلۇق ئىشلەشنى خالىمايدىغانلارغا، خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ ياردەملىرىگە كۆنۈپ قالغانلارغا بېرىش دۇرۇس ئەمەس.
6. قانداقلا بىر مۇسۇلمانغا قارىتا كۆڭلىدە ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن كىشى مۇشۇ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى كەچۈرۈۋېتىپ رامىزاننى پاك قەلب بىلەن تۇتۇشى ئەقىلنىڭ ۋە دىننىڭ بىردەك تەقەززاسىدۇر. چۈنكى بىز ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۆزىمىز باشقىلارنى كەچۈرمىسەك، بىز ئاللاھ تائالادىن قانداقمۇ كەچۈرۈمنى ئۈمىد قىلالايمىز؟ شۇڭا، ئاۋۋال بىز باشقىلارنى ئەپۇ قىلايلى، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلەيلى، ھەتتا باشقىلارنى ئەپۇ قىلغانلىقىمىز بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشى ئۈچۈن ۋەسىلە بولىدۇ.
7. ئاچچىقلانماسلىقنى، سەۋرچان بولۇشنى ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىش. رامىزاندىكى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇلۇق بەزى كىشىلەرنى كونترولدىن چىقىرىپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئادەتتىكى ئىشلارغىمۇ تېزلا ئاچچىقلاپ چېچىلىپ كېتىدۇ. بۇ كۆپ كىشىلەردە يۈز بېرىدىغان ئەھۋال. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئاچچىقلانماسلىققا، ھەتتا بىزگە ئەزىيەت قىلغان كىشىگىمۇ «مەن روزىدار» دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا بۇيرۇغان. مۇسۇلمان ئادەم رامىزان كۈندۈزلىرىدە ئاچلىققا، ئۇسسۇلۇققا، ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئاندىن بۇ بىر ئايلىق ئۆگىنىشنى يىل بويى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە ئالىيجانابلىققا ئادەتلىنىدۇ.
8. ئائىلىدە كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش ھەم رامىزان ھەم ھازىرقى مەجبۇرىي دەم ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. بىر كىتابنى قاتاردىن نۆۋەتلىشىپ ئوقۇش، ئائىلىدىكى ھەربىر شەخس بىرەردىن كىتابنى تاللاپ ئوقۇپ چىقىپ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېرىش، پەرزەنتلەر كىچىك بولسا ئاتا ياكى ئانا ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ياخشىدۇر. ئوقۇيدىغان كىتاب چوقۇم ئۇيغۇچە بولۇشى لازىم. چۈنكى تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىلدىكى كىتابلارنى پەرزەنتلەر باشقا ۋاقىتلاردىمۇ مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارىي ئوقۇيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ھەمىشە بۇنداق ئوقۇش پۇرسىتى تېپىلماسلىقى مۇمكىن، كۆپلەپ ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى مۇشۇ كۈنلەردۇر. ئائىلىدە ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزگە ھەم بىلىم ئۆگىتىمىز ھەم ئۇلارغا ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئۆگەتكەن بولىمىز.

