
ئاللاھ تائالانىڭ «القريب» (يېقىن) دېگەن ئىسمى ھەققىدە
مۇھەممەد يۈسۈپ
يالغۇزلۇق تارتىۋاتامسىز؟ روھىڭىز ئازابلىنىۋاتامدۇ؟ يېقىن دوستىڭىز سىزنى رەنجىتتىمۇ؟ ئىشەنچ قىلغان كىشىلىرىڭىز سىزدىن يىراقلىشىپ كەتتىمۇ؟ سىزدىن ۋاپا كۆرگەنلەر جاپا قىلدىمۇ؟
دىلىڭىزنى ياشارتىشنى خالامسىز؟ روھىڭىزنى كۆتۈرۈشكە، مەنىۋىيىتىڭىزنى كۈچەيتىشكە موھتاج بولۇۋاتامسىز؟ ھەقىقىي بىر ۋاپادار ئىزدەۋاتامسىز؟ ئۇنىڭ ۋاپادارنىڭ يۈرىكىڭىزنى ئىللىتىشىنى، بېشىڭىزنى سىلىشىنى خالامسىز؟
ئۇنداقتا، سىز ھەممىنى كۆڭلىڭىزنى چىقىرىۋېتىڭ، سىزنى قەتئىي يالغۇز قويمايدىغان، سىزگە مەدەت بېرىپ قوللايدىغان، ھەرگىز جاپا قىلمايدىغان ھەقىقىي ۋاپادار زاتقا يۈزلىنىڭ، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ۋە شەپقىتىنى تىلەڭ.
رەببىڭىز ئاللاھ تائالا سىزگە جان تومۇرىڭىزدىنمۇ بەك يېقىندۇر. نۆۋەت سىزدە، سىز ئۇنىڭغا يېقىنلىق ئىزدەپ بىر قەدەم ئالسىڭىز، ئۇ سىز تەرەپكە ئىككى قەدەم ئالىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدا «بەندەم ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارىمەن» دېگەنلىكى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
سىز ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولغىنىڭىزدا، دىلىڭىز ھەممە ئىشتىن ئارام تاپىدۇ، كۆڭلىڭىز بارچە قورقۇنچلاردىن خاتىرجەم بولىدۇ، ھاياتىڭىز ھۇزۇرلۇق، كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتىدۇ.
گەرچە ئاللاھ تائالا سىزدىن ئىنتايىن يۇرىقىدا، ماكان جەھەتتە يىراقتا — ئەرشتە بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ سىزگە جان تومۇرىڭىزدىنمۇ بەك يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا جەزم قىلىشىڭىزن خالايدۇ. ئۇ سىزنىڭ گەپ- سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئىش -ھەرىكەتلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا سىزنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشىڭىز مەخپىي قالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مەسجىدكە كىرىۋىدى، ساھابىلەرنىڭ ناھايىتى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىڭلار، سىلەر ئاڭلىمايدىغان ياكى يىراقتىكى بىرىنى چاقىرىۋاتمايسىلەر، بەلكى ھەممىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇرىدىغان تۇرىدىغان ۋە سىلەرگە يېقىن بولغان زاتنى چاقىرىۋاتىسىلەر» دېدى. بەندە دۇئاسىنى تۈگىتىپ بولغىچە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدۇ. ياكى دەرھال تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ بېرىدۇ، ياكى تىلىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بىر ۋاقىتقا كېچىكتۈرىدۇ ۋەياكى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنى بالا-قازادىن ۋە زىيان-زەخمەتتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئەجىر بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە يېقىنلىقى ماكان ياكى مەرتىۋە جەھەتتىكى يېقىنلىق ئەمەس، بەلكى بىلىش، ئاڭلاش، كۆرۈش، ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىش، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىش جەھەتتىكى يېقىنلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ئەرشتە بولۇپ، ئۇ ئىلمى بىلەن بىزنى ۋە كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى قورشاپ تۇرىدۇ، ھەممىنى نەق مەيدان كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ «القريب» (يېقىن) دېگەن ئىسمىنىڭ كۆپلىگەن مەنىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:
1. ئاللاھ تائالانىڭ دۇئا قىلغۇچىغا بولغان يېقىنلىقى.
ئاللاھ تائالا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرغان كىشىگە ئەڭ يېقىندۇر. بىر كۈنى كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «رەببىمىز بىزگە يېقىنمۇ ياكى يىراقمۇ؟ ئەگەر يېقىن بولسا مۇناجات قىلايلى، ئەگەر يىراق بولسا چاقىرايلى» دېگەندە، ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَان فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ «(ئى پەيغەمبەر!) بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. شۇڭا ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا تولۇق ئىشەنسۇن» .
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە يېقىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىشتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇماستىن، ئۆزى بىۋاسىتە جاۋاب بېرىپ: «مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن» دېگەن. ئاندىن بۇ يېقىنلىقىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ: «ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن» يەنى دۇئا قىلغۇچىغا يېقىنمەن دېگەن.
ئاللاھ تائالانىڭ دۇئا قىلغۇچىغا يېقىنلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى شۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەردلىرىىنى ئاڭلايدۇ، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدۇ، كېسەللىرىگە شىپالىق بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىندىن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە قانچىلىك؟» دەپ سورالغاندا، «ئىجابەت بولغان دۇئادۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن. چۈنكى ئىجابەت بولىدىغان دۇئانى ئاللاھ تائالا ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرىدۇ ۋە ئىجابەت قىلىدۇ.
«شۇڭا ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا تولۇق ئىشەنسۇن» يەنى ئاللاھ تائالادىن دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى، ھاجىتىنىڭ راۋا بولۇشىنى، كېسىلىگە سىپالىق بېرىشىنى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويۇشىنى تىلىگەن ئادەم دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يول تېپىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭغا چىن ئىشەنسۇن.
2. ئاللاھ تائالانىڭ تەۋبە قىلغۇچىلارغا بولغان يېقىنلىقى
ئاللاھ تائالا گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغان بەندىلىرىگە ھەقىقەتەن يېقىندۇر. ئۇلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ، ئورنىغا ساۋاب يازىدۇ. فَاسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٌ مُجِيبٌ «ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. چۈنكى رەببىم (ئۆزىگە يۈزلەنگەن كىشىگە) يېقىندۇر، (دۇئالارنى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر» .
3. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى كۆزىتىشتىكى يېقىنلىقى
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىدا ۋە ئىلمى بىلەن ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدىغانلىقىدا قىلچە شەك يوقتۇر. وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ « سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئۇ سىلەر بىلەن بىللىدۇر» . وَلَا أَدْنَى مِنْ ذَلِكَ وَلَا أَكْثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمْ أَيْنَ مَا كَانُوا «مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر» . ئاللاھ تائالا ئۆز ئىلمى بىلەن بەندىلىرىگە ئىنتايىن يېقىندۇر، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ «بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلتۈرگەنلىرىنىمۇ بىلىمىز، بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز» .
4. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قوغداش، ياردەم قىلىش جەھەتتىكى يېقىنلىقى
بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، تەقۋادار ۋە بۇيرۇلغان ئىشلارنى كۆڭۈل بۆلۈپ، قېتىرقىنىپ قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە بولغان يېقىنلىقى بولۇپ، ئۇلارنى ئاسرايدۇ ۋە ئالاھىدە قوغدايدۇ. إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ «شەكسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) مۇكەممەل قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» .
5. ئاللاھ تائالانىڭ زىكىر ئېيتقۇچى بەندىلىرىگە بولغان يېقىنلىقى
شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ياد ئەتكەن، ھەمدۇسانا ۋە تەسبىھلەرنى ئېيتقان بەندىلىرىگە تولىمۇ يېقىندۇر. ئۇلارنى كاتتا ئەجىرلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، بارچە بەختسىزلىكلەردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا «مەن مېنى ياد ئەتكەن بەندەم بىلەن بىللە» دېگەن. ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان كىشىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!
ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلەن ۋە ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىز ھېچ نەرسىدىن قورقمايسىز، پۈتۈنلەي خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىسىز. ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى ۋەسەنلىك بىلەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشتىن قورققاندا، ئاللاھ تائالا: لَا تَخَافَا إِنَّنِي مَعَكُمَا أَسْمَعُ وَأَرَى «سىلەر قورقماڭلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، (ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (مۇئامىلىسىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن» دەپ ئۇنىڭ ۋە ئاكىسى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقى ئۇلارنىڭ پىرئەۋندىن قورقماسلىقى ئۈچۈن كۇپايە ئىدى.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە يېقىنلىقى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە سالىھ بەندىلىرىگە خاس بولغان يېقىنلىقىدۇر. يەنە بىرى، ئومۇمىي بەندىلىرىگە بولغان يېقىنلىقىدۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ خاس يېقىنلىقى ياردەم قىلىش، يېتەكلەش ۋە قوغداش مەنىسىدە بولىدۇ، ئومۇمىي يېقىنلىقى بولسا بىلىش، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش مەنىسىدە بولىدۇ. يەنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ۋە سالىھ بەندىلىرىنى ئالاھىدە قوغدايدۇ، ئۇلارغا ھەر زامان ياردەم قىلىدۇ، بارچە مەخلۇقاتىنى بولسا كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بولغان يېقىنلىقى ياردەم قىلىش، قوغداش ۋە ئاسراش مەنىسىدىكى يېقىنلىق ئىدى. شۇڭا، ئۇ پىرئەۋننىڭ ئالدىغا دادىللىق بىلەن بېرىپ ھەق سۆزىنى قورقماي ئېيتقان ۋە ئۇنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان.
ئاللاھ تائالا سىزگە ھەقىقەتەن يېقىندۇر. ئۇنىڭ ياردىمىگە ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، پەقەتلا قەلبىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ، تىلىڭىزنى مىدىرلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا زىكىر ۋە تەسبىھ ئېيتىشىڭىز يېتەرلىكتۇر. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا بېلىقنىڭ قارنىدىكى قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىنتايىن پەس ئاۋاز بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىپ: لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ «(ئى رەببىم!) سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن (بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن راستتىنلا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ ئىلتىجا قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نىداسىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنى قۇتقۇزغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىن ئىدى.
وَاسْجُدْ وَاقْتَرِبْ «(ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن ۋە (بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن» . دېمەك، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەتلەر بىلەن يېقىنلىق ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ خاس يېقىنلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، پەرز، ۋاجىب ۋە سۈننەت ئەمەللىرىنى تولۇق ئورۇنداش، يامان، گۇناھ ئىشلارىن يىراق تۇرۇش ۋە نەپلى (ئىختىيارىي) ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ خاس يېقىنلىقى بەندىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كېلىدۇ. أُولَئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ «ئۇلار قانداق قىلساق ئاللاھقا يېقىن بولارمىز دەپ رەببىگە يېقىن بولۇش يولىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىدۇ» . مۇئمىن ئادەمدە چوقۇم ئالىي ھىممەت ۋە يۈكسەك ئىرادە بولۇشى، ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ يېقىن بولۇشنى تىلىشى ۋە شۇنىڭغا لايىق ئەمەللەرنى قىلىشى لازىم.
ئى رەببىم! سېنىڭ «القريب» دېگەن ئۇلۇغ ئىسمىڭغا ۋە بارلىق گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىڭگە بولغان چىن ئىمانىمنى ۋەسىلە قىلىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن. ئى رەببىم! بىزنى ئۆزۈڭگە ئەڭ يېقىن بەندىلىرىڭ قاتارىدىن قىلغىن، بىزگە خاس يېقىنلىقىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن، ھاياتنىڭ رەھىمسزلىكىگە، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىغا بىزنى تاشلاپ قويمىغىن، بىزگە مەدەت بەرگىن، بىزنى قوغدىغىن، بىزگە بولغان خاس يېقىنلىقىڭ بىلەن بىزنى فىردەۋس جەننەتلىرىنىڭ ئەھلىدىن قىلغىن، ئامىين.

