ھاياتىنى ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغانلار

ھاياتىنى ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغانلار

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىبادەت __ ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان بويىچە ياشاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان قۇلچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ  ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇرۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشىغان سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالا  بۇيرۇغان ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. چۈنكى خۇددى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە دېگەندەك، ئىبادەت ― ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەر قانداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىش _ ھەرىكەت، گەپ _ سۆز ۋە ئوي _ پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر. ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلار: ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج – ئۆمرە قىلىش، توغرا ۋە راست سۆزلەش، ئامانەتنى ئادا قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش، ئاتا _ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا سىلە _ رەھىم قىلىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىقلارغا بۇيرۇش، يامانلىقلاردىن توسۇش، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، قوشنىلارغا، پېقىرلارغا، يېتىملارغا، مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھايۋانلارغا رەھىم قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دوئا قىلىش، زىكىر ئېيتىش، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇھەببەت، ئىخلاس قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش، رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئۇنىڭغا تايىنىش، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش، بالا _ قازالارغا سەۋر قىلىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش، زۇلۇمغا ۋە زالىملارغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلاردۇر.

شەكسىزكى، پەيغەمبەرلەر پۈتۈن ھاياتىنى ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئۈلگىلىك زاتلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز مىللىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بەختسىز  بولۇپ قېلىشىنى ۋە جاپاغا قېلىشىنى شەرەپ بىلىدىغان، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشنى، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان زاتلار ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ يامانلىقلىرىغا ۋە ھەر تۈرلۈك ئەزىيەتلىرىگە قارشى ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا تۇرماستىن ھىدايەت تىلىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداشنى ھەممىنىڭ ئالدىدا قويغانلىقى ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

ھاياتىنى ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈش دېگەن ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غېمى بىلەن ياشاش، باسقان ھەربىر قەدىمىدە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش، توغرا گەپ قىلىش ۋە توغرا ئىش قىلىش، ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن چەك-چېگرا ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ئىبادەتتۇر.

پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ، جۈملىدىن ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۇنىڭ ئۈلگىلىك ساھابىلىرىنىڭ، تابىئىنلار ۋە كېيىنكىلەر ئىچىدىكى ئۈلگىلىك زاتلارنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتالغان، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياشانغان ھايات ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئوسمان ئىبنى ئەففان قاتارلىق ئۈلگىلىك تۆت خەلىپە، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئەبۇ زەر قاتارلىق ساھابىلەر، كېيىنكىلەردىن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىق زاتلار، يەنە مىڭلارچە ئۈلگىلىك زاتلار، 21- ئەسىردىكى ئۈلگىلىك ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىزدىن ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق زاتلار ھاياتىنى ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك.  چۈنكى ئۇلار ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرىتى ئۈچۈن ياشىغان، ھاياتىنى ئۇلارنىڭ غېمىدە ئۆتكۈزگەن ئەزىمەتلەردۇر.

ئاددىي بىر مىسال: مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ تۈرمىدە ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلەردىن ئۆيىدە قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىماستىن، تالىپلارنىڭ ۋە ئوقۇ-ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ قانداق كېتىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغانلىقى ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئاتالغان، ئىبادەت ئىچىدىكى بىر ھايات ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. يەنە شۇنىڭدەك مىڭلارچە ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىملار ھاياتىنى ئىسلامغا ئاتىغان ۋە ئاتىماقتا.

ئىسلام بىزدىن ئەنە شۇنداق ياشىشىمىزنى، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەنە شۇنداق ئىگە چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلغان ئىكەنمىز، ئۇنى قوغداشنى، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى  ئۈستىمىزگە ئالغان بولىمىز. ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياشاش  پەيغەمبەرلەرنىڭ ياشاش تەرزىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياشاش ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۆلۈشتىن ئەلۋەتتە قىيىن، ئەلۋەتتە شەرەپلىكتۇر. چۈنكى ھەقىقىي مۇئمىن بولۇپ ياشىماق ھەرگىز ئوڭاي ئەمەس.

ئۆزىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلغان ئادەم ھەرگىز بىغەم ياشىمايدۇ، غەپلەتتە ياتمايدۇ، ھاياتتا ئۆزىنىڭ بىر مۇددىئاسى، بىر غايىسى بارلىقىنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارمايدۇ، چۈنكى ئۇ دەۋا ئادىمىدۇر، ئۇ مەسئۇلىيىتى ئېغىر ئادەمدۇر. ساھابىلەرنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىپ قويۇپ جىم ياتمىغان، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش، ئىسلام ئەقىدىسىنى مۇشرىكلارنىڭ خۇراپىي ئەقىدىلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىش يولىدا توختىماي كۈرەش قىلغان.

ۋەھيىنىڭ بۆشۈكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇرتى بولغان مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنىڭ ۋە ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ھەق دىننى  كامالىغا يەتكۈزۈپ: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ يەنى «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالىغا يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»  دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغانلىقى بىزگە شۇنى ئىپادىلەپ بېرىدۇكى، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ غەلىبىسى ۋە ھەقىقىي ئۈستۈنلۈكى ئۆز ۋەتىنىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

كېلىڭلار دوستلار! ئالدى بىلەن بىز ئاللاھ تائالادىن ھاياتىمىزنى ئىبادەتكە ئۆرۈپ بېرىشىنى، بىزنى تائەت- ئىبادەت ئىچىدە ئۆمۈر ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلىشىنى تىلەيلى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاياتىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى. بۇ ئىش نىيەت بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى نىيەتنى دۇرۇسلاپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش بىلەن بولىدۇ. ناۋادا بىز ئاللاھ تائالادىن «ئى ئاللاھ! ئى رەببىم! مېنىڭ ھاياتىمنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇپ بەرگىن، مېنىڭ ياتقىنىم، تۇرغىنىم ۋە ماڭغانلىرىم ئىبادەت بولۇپ پۈتۈلۈپ ماڭسۇن» دەپ تىلەپ قويۇپ، ئەمەلىيىتىمىز ئەكسىچە بولسا، يەنى ھارام يېيىشتىن قورقمىساق، يالغان گەپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىمىسەك، ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلماسلىقتىن ئۇيالمىساق، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت قىلىش مەيدانىغا كىرمىسەك، ئۆزىمىز مەنسۇپ بولغان دىنغا ۋە ۋەتەنگە خىزمەت قىلمىساق، ئاللاھ تائالا قانداقمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇپ بەرسۇن؟!

ئويلاپ باقايلى! ناۋادا بىز  پەيغەمبەرلەر قىلغان ئەڭ ئېسىل دۇئالارنى قىلىپ قويۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلمىساق، نەپسىمىزنىڭ ئىستەكلىرىدىن كېچىپ خەلقىمىزنىڭ غېمىنى يېمىسەك، ئۆزىمىز تىلىگەن ۋە ئۆزىمىز نىيەت قىلغان ياخشى ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىساق، بىز قانداقمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدا ماڭغان بولىمىز؟ قانداقمۇ ئاللاھ تائالانىڭ نۇسرىتىگە لايىق بولىمىز؟

شۇڭا دەيمىزكى، ھەرىكەت بىلەن دۇئا قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش بولۇپ، ئىككىسى تەڭ كەلسە، بىزنى نىشانىمىزغا ئېلىپ بارىد


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار