بىز پۇشايمان قىلىدىغان 20 ئىش

 بىز پۇشايمان قىلىدىغان 20 ئىش

مۇھەممەد يۈسۈپ

پۇشايمان قىلىش ئىنسان خاراكتېرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ بىزدىن سادىر بولغان ۋە ئوڭشىغىلى بولمايدىغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز پۇشايمان قىلىمىز. پۇشايمان قىلمايدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. پۇشايمان قىلىش ئەيىب ئەمەس. چۈنكى ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز خاتالىقىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلغان. ﴿رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنْفُسَنَا وَإِنْ لَمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز»[1].

كاشكى، بىزدىمۇ كومپىيۇتېرنىڭCTR+Z كۇنۇپكىسىدەك كۇنۇپكا بولسا ئىدى، بارلىق خاتالىقلىرىمىزنى ۋە ئوڭشىغىل بولمايدىغان ھاماقەتلىكلىرىمىزنى كۇنۇپكىغان بىرنى ئۇرۇش بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلىيالىغان بولساق. بىز تارىخىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمىز، ھاماقەتلىكلىرىمىزنى ئۆچۈرەلمەيمىز، قىلمىشلىرىمىزنى يوق قىلالمايمىز، پەقەتلا رەھىم-شەپقەتلىك ئىگىمىزگە ئىلتىجا قىلىپ تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەيمىز. شەكسىزكى، تەۋبە بىزگە بېرىلگەن ئەڭ زور نېمەت ۋە چىقىش يولىدۇر. «تەۋبە گۇناھنى يەر، سەدىقە بالانى يەر» دەپ ئەجدادلىرىمىز بىكارغا ئېيتمىغان. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گۇناھىغا تەۋبە قىلغان ئادەم گۇناھ قىلمىغاندا ئوخشاشتۇر»[2] دەپ كۆرسەتكەن.

شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، قىلمىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش بولۇپ، ئۇ ﴿الذُّنُوبَ﴾ «گۇناھلار» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى، مەخلۇقاتقا قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىش بولۇپ، ئۇ ﴿السَّيِّئَاتِ﴾ «يامانلىقلار» دەپ ئاتىلىدۇ. گۇناھلارنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىۋاسىتە مەغپىرەت قىلىدۇ. ﴿إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾ « ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ»[3]. ئەمما يامانلىقلارنى يامانلىق قىلىنغۇچىلار كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلىدۇ. ﴿فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ﴾ «كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (بۇزغانلىرىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ»[4] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. ﴿إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾«ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ»[5] دېگەن ئايەت بىراۋغا يامانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىپ رازىلىقىنى ئېلىش ئارقىلىق يامانلىقنى يۇيۇغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

بىز پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار

كۆپىنچىمىز ئالدىمىزدىكى ئون يا يىگىرمە ۋەياكى ئوتتۇز يىلدىن كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

1.     ئاتا-ئانىمىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولالمىغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.

2.     تاپاۋىتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىقتىسادچان بولمىغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.

3.     بىز قولىمىزدىن بەرگەن پۇرسەتلەر ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

4.     يېتەرلىك دەرىجىدە ئوقۇمىغانلىقىمىزغا، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگنمىگەنلىكىمىزگە مۇشايمان قىلىمىز.

5.     ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى پەرزەنتلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزمىگەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.

6.     ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.

7.     خالاپ-خالىماي بىراۋغا ئەزىيەت يەتكۈزۈپ سالغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.

8.     ئۆزىمىز خالىمىغان ئىشقا «ياق» دېيەلمىگەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.

9.     ھاياتىمىزنىڭ پىلانىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.

10.                       خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغان ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

11.                       باتىللىقىنى بىلمەي ئەقىدە قىلغان ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

12.                       ياشلىقىمىزدا غەنىيمەت بىلمىگەن پۇرسەت ۋە پىكىرلەر ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

13.                       ئاتا-ئانىمىزنى رەنجىتكەن ياكى پەرزەنتلىرىمىزنى خىجالەتتە قويغان ھەربىر قىلمىشىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.

14.                       كىشىلەرگە ئۆزىمىزنى ئەرزىتىش ئۈچۈن كىيىۋالغان ماسكىلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

15.                       بىز ئەمەل قىلمىغان ھەربىر نەسىھەت ياكى مەسلىھەت ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

16.                       بىز يېرىم يولدا ۋاز كەچكەن پىلانلىرىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

17.                       ئۆزىمىزدىن ئاجىز بىرىگە كۈچىمىزنى كۆرسەتكەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.

18.                       ئائىلىدىكى مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن ھەربىر دەقىقىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.

19.                       ئاددىي ئىشلار سەۋەبلىك جورىمىزنى ياكى پەرزەنتلىرىمىزنى رەنجىتكەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.

20.                       ئارقىمىزدا بىرەر كاتتا ئىش ياكى بىرەر گۈزەل ئەسەر قالدۇرماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشماقچى بولساق، ئۇنىڭغا چوقۇم پۇشايمان قىلىمىز.

 

پۇرسەت كېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن يۇقىرىقى ئىشلارنى ئويلاپ، ھەربىرىگە جاۋاب تېپىشقا تىرىشىڭ!

ئىنسان قېرىشتىن قورقمايدۇ، بەلكى ئارقىسىدا ئۆزىنى ئەسلىگۈدەك بىرەر ئەسەر قالدۇرالماسلىقىدىن قورقىدۇ. چۈنكى قورقىدىغان نەرسە ياشىنىپ قېلىش ياكى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكى دۇنياغا كەلمىگەندەكلا يوقاپ كېتىشتۇر. شۇڭا ھاياتىڭىزدىن ئىز قالدۇرۇشقا ئالدىراڭ!

 

ئىبرەت:

-        پۇشايمانلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن قېرىشىڭىزنى كۈتمەڭ.

-        ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرى ۋە ھاماقەتلىكلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ھەممىسىنىڭ پۇشايمىنى بىر خىلدۇر.

-        بىز كېلەچەكتە پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار ھازىر قىلىشقا ئىككىلىنىپ يۈرگەن ئىشلىرىمىزدۇر.



[1] ئەئراف سۈرىسى: 23-ئايەت.
[2] ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
[3] زۇمەر سۈرىسى: 53- ئايەت.
[4] مائىدە سۈرىسى: 39- ئايەت.
[5] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار