
ئىسلام ۋە ئىنسان تەبىئىتى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىنسان تەبىئىتى ئىسلام دىنى بىلەن تامامەن ماسلىشىدۇ. ھەرقانداق ئادەم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ھازىر بولغان ھالدا دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇ تەربىيە، ئائىلە ۋە مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن يا مۇسۇلمان بولۇپ يېتىلىدۇ ياكى باشقىچە بولۇپ يېتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەرقانداق بالا ئىسلام دىنىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھازىر بولغان تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا ـ ئانىسى يەھۇدىي قىلىدۇ ياكى خرىستىئان قىلىدۇ ياكى مەجۇسىي قىلىدۇ»( ) دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ. (ئى پەيغەمبەر!) سەن توغرا دىنغا _ ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ ( ).
بۇ ئايەت، ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلغان ھەق دىن بىلەن توغولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدە ئاللاھقا ئىشىنىش ئېڭى تۇغۇلۇشتىن بىرى باردۇر. بەزى چاغلاردا، بولۇپمۇ راھەت ـ پاراغەتلىك چاغلاردا ئىنسانلارنىڭ غاپىللىقى سەۋەبى بىلەن، بۇ دىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
ئەمما ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئېغىر كۈنلەر كېلىپ، ئۇنىڭدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن چارىسى تۈگىگەن ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ۋاقىتتا، بۇ دىن ئۇلارنىڭ قەلب قاتلىرىدىن پارتلاپ چىقىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئۇلار پۈتۈن كامالىي ئىخلاس بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۆزلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇناجات قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىدۇر. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنساننىڭ بېشىغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، ئۇ رەببىگە يۈزلەنگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ (ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ) ئۆز پەزلىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان چاغدا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ( ).
ئىسلام ۋە تەبىئەت
ئاللاھ تائالانى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچىدىغانلار تەبىئەتكە سېغىنماقتا. بۇلارنىڭ پەلسەپىسى خۇددى پادىشاھقا ئىسيانكارلىق قىلىپ جاللاتتىن مەدەت تىلىگەن ئىسيانكارنىڭ پەلسەپىسىگە ئوخشاش بىر مەنتىقسىز پەلسەپىدۇر. تەبىئەتكە چوقۇنۇش بۇتپەرەسلىكنىڭ زامانىۋىيلاشقان يېڭى نامى بولۇپ، ئىنكار ماۋزۇسىدا يېڭىلىق يوق، ئاتالغۇلار ئۆزگەرگەن بولىسىمۇ، بۇتپەرەسلەرنىڭ مەنتىق ئۆلچىمى ئۆزگەرگىنى يوق.
تەبىئەتمۇ ئاللاھ تائالا ياراتقان مەۋجۇداتلار قاتارىدىكى بىر ئەسەر ياكى سەنئەت. سەنئەتكارنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن سەنئەتنى سەنئەتكار دەۋېلىش ئىزاھنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغانلار ھەممە نەرسىنى «تەبىئەت ياراتتى» ياكى «تەبىئەتنىڭ تەقەززاسى» دەپ قۇتۇلماقچى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر دەۋرىدىمۇ بۇ خۇراپاتقا ئىشىنىدىغان ئىنسانلار مەۋجۇت.
تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ مەنىسى
دۇنياغا داڭلىق«لسان العرب»ناملىق بۈيۈك قامۇسنىڭ ئاپتورى ئىبنى مەنزۇر«تەبىئەت» ئاتالغۇسىنىڭ سۆز يىلتىزى بولغان« طبع»سۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:« طبع – ھەر نەرسىنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى دېگەنلىك بولۇپ، ئىنساننىڭ يارتىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە خاسلىقى ئۇنىڭ تەبىئىتى ھېسابلىنىدۇ. «طبيعة» سۆزى«فعيلة» ۋەزنىدە بولۇپ، ئىش ھەرىكەتنى ئورۇندىغۇچى ئەمەس، بەلكى ئورۇندالغۇچى مەنىسىدە كېلىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، تەبىئەت ياراتقۇچى ياكى پەيدا قىلغۇچى ۋە ياكى بىرەر ئىش قىلغۇچى بولالمايدۇ» .
ھەر نەرسىنى تەبىئەت ياراتقان دېگۈچىلەردىن تەبىئەت دېگەن نېمە دەپ سورالسا، ئۇلارنىڭ بەزىسى «تەبىئەت-يوشۇرۇن كۈچ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بىز بۇ جاۋابقا قوشۇلغان تەقدىردە، تەبىئەت ئاللاھ تائالانىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بولماي نېمە؟ يەنە بەزىسى «تەبىئەت- شەيئىلەرنىڭ سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. تەبىئەت بۇ ھالىتىدە قانداقمۇ ياراتقۇچى بولالىسۇن؟! يەنە بەزىسى«تەبىئەت-شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك شەيئىلەر ئۆز-ئۆزىنى ياراتقان دېگەندىن ئىبارەت سەپسەتىدۇر.
تەبىئەت ئاللاھ تائالانىڭ سەنئىتىدۇر
تەبىئەت ــ ئۆزلىكىدىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇتلەق كۈچ ئەمەس، بەلكى ئۇ تەسىر ئاستىدا قالغان ئاجىز بىر سەنئەت ياكى ئەسەردۇر. تەبىئەت ــ ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىرتقى مۇتلەق ئىرادىگە بويۇن ئېگىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ ۋە يېڭى يارىتىلىشلار ئۈچۈن مەيدان ھازىرلايدۇ.
كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى ھەربىر سەنئەت بىرەر بىناغا، بىرەر رەسىمگە ۋە بىرەر كىتابقا ئوخشايدۇ. «بۇلارنىڭ يارىتىلىشى ئۆزلىرىدىكى شەيئىيلەرنىڭ خاراكتېرىدىن كېلىپ چىققان» دېگۈچىلەر خۇراپاتچىلاردۇر. چۈنكى بىرەر بىنا قۇرۇپ چىقىشتا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىلانىنى سىزىش ئۈچۈن ئىنژىنېرغا ۋە ئۇنى شۇ پىلان بويىچە پۈتتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىناكارغا ئېھتىياجلىق بولغان يەردە، كائىناتتىكى ھەربىر سەنئەت ۋە ھەربىر مەۋجۇدات مەلۇم بىر ئۆلچەم، مەلۇم بىر قانۇنىيەت بىلەن مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن بىرەر ياراتقۇچىغا مۇھتاج ئەمەسمۇ؟!
قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى جاكارلاپ مۇنداق دېگەن: (بارچە مەخلۇقاتنى) يارىتىپ مۇكەممەل قىلغان، (ياشاش يوللىرىنى) تەقدىر قىلىپ، ئۇلارنى (ئۇنىڭغا) يېتەكلىگەن، (زېمىندىن) ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوپقۇرۇق ئوت _ خەسكە ئايلاندۇرغان ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن .
تەبىئەتكە قارىتىلغان بۇرچىمىز
ئاللاھ ياراتقان جانلىق – جانسىز ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىز ئىنسانلار ئۈچۈن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئالاھىدە ۋەزىپىسى ۋە پايدىسى بار. بىز مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىزگە قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما ئاللاھ تائالا ھېچبىر نەرسىنى بېكارغا ياراتقان ئەمەس. شۇڭا مەۋجۇداتلاردىكى گۈزەللىكلەرنى ۋە يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتلەرنى بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىرىشىشىمىز، ئاللاھ تائالا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ پايدىسىنى كۆرگىنىمىزدە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئادا قىلىشىمىز ۋە ئاللاھ تائالا تەبىئەتتە بېكىتكەن تەڭپۇڭلۇقنى بۇزماسلىقىمىز لازىم.

