ئۈمىد _ ھاياتنىڭىزنىڭ چىرىغىدۇر

 

 

ئۈمىد _ ھاياتنىڭىزنىڭ چىرىغىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

)وَلَا تَيْئَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِنَّهُ لَا يَيْئَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ( يەنى «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ».

ئۈمىد ئىنسان ھاياتىنى يورۇتىدىغان چىراغ. ئۈمىد سايىسىدا ئىنسانلار ھاياتلىق سەپىرىنى بەھۇزۇر داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى  يېڭىپ مەنزىلگە يېتىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇئمىنلەرنى ئۈمىدۋار بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.  )فَسَيَكْفِيكَهُمُ اللَّهُ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ( «(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا قارشى) ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر»[1]، )لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا(  «غەم قىلمىغىن، شەكسىزكى، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە»[2]، )فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا . إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا(  «ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار. ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار»[3]،  )قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ( «(ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[4]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: [ما يصيب المسلم من نصبٍ، ولا وصبٍ، ولا همٍّ ولا حزنٍ ولا أذًى ولا غمٍّ، حتى الشوكة يشاكها؛ إلا كفر الله بها من خطاياه] «مۇسۇلمان ئادەم تارتقان ھەربىر جاپا، ھەرقانداق كېسەل، ھەرقانداق غەم، كۆڭۈلسىزلىك، ئەندىشە ۋە ئەزىيەت، ھەتتا بەدىنىگە كىرگەن بىرەر تىكەن چاغلىق مۇسىبىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»[5].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «سىلەر ئاللاھتىن جەننەتنى تىلىمەكچى بولساڭلار، فىردەۋس جەننىتىنى تىلەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ تىلىكى ۋە ئارزۇسى ھەرگىز ئاددىي بولماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇ ئاشۇ ئارزۇسىغا ۋە ئاشۇ تىلىكىگە ئاساسەن تىرىشىدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ كېلەچىكىدىن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن ناھايىتى بەك ئۈمىدۋار ئىدى. بىر كۈنى مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ماڭا زېمىننى يىغىپ كۆرسەتتى، مەن ئۇنىڭ كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىش تەرەپلىرىنى كۆردۈم، مېنىڭ ئۈممىتىم ماڭا كۆرسىتىلگەن جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولىدۇ»[6]. ئۇ  يەنە مۇنداق دېگەن: «كىسرا (ئىران ئىمپېراتورى) ھالاك بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىسرا كەلمەيدۇ، قەيسەر (رىم ئىمپېراتورى) ھالاك بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قەيسەر كەلمەيدۇ، جېنىم ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئاللاھ يولىدىكى جىھادقا ئىشلىتىسىلەر»[7]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە ئەنە شۇنداق ئۈمىد بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىن بەرگەن خەۋەرلىرى مەشھۇر تۆت خەلىپىنىڭ دەۋرىگە ئەمەلگە ئاشقان. مۇسۇلمانلار رىم ۋە ئىران ئىمپېراتورلۇقلىرىنى يىقىتىپ، ئۇ جايلاردا ئىسلام بايرىقىنى تىكلىگەن.

ساھابىلەرمۇ ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىدى. ئۇلار ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قايسى؟»، «ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئەمەل قايسى؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «قۇستىنتىنىيە چوقۇم فەتھى قىلىنىدۇ، ئۇنى فەتھى قىلىدىغان ئەمىر نېمىدېگەن ياخشى ئەمىر، ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن!»[8]. ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى پەيغەمبەرلىك مۆجىزلىرىدىن سانايدۇ. مۇشۇ ھەدىستە ماختالغان ئەمىر ۋە ئاشۇ قوشۇن بولۇش بولۇش ئۈچۈن ئۈمەۋىيلەر، ئابباسىيلار خەلىپىلىكلىرى كۆپ تىرىشقان ۋە ناھايىتى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، بۇ شەرەپ ئوسمانىيلارنىڭ يەتتىنچى سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھقا نېسىپ بولغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئوسمانلىلار سۇلتانلىرى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئارزۇغا يېتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇش خەۋىرىگە نائىل بولۇشنى بەكمۇ ئارمان قىلغان بولسىمۇ، بۇ شەرەپ سۇلتان مۇھەممەد فاتىھقا نېسىپ بولغان.

ئۈمىد قانچىلىك چوڭ بولسا شۇنچىلىك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «ھەرقانداق نەرسە ئىككى قېتىم يارىتىلىدۇ» دېيىلىدۇ. بىرىنچى قېتىم پىكىردە، ئىككىنچى قېتىم ئەمەلىيەتتە. ئەجدادلىرىمىزدىن ئەلىشىر ناۋائىي ۋە ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەينەكتىن ئىلھاملىنىپ، «جاھاننەما ئەينىكى»نى قىياس قىلغان. بۇ ئۇلۇغۋار قىياس مەيدانغا كېلىپ تۆت ـ بەش ئەسىردىن كېيىن، «تېلېۋىزور» دېگەن نەرسە ياسالدى[9]. 1865- يىلى فرانسىيىلىك يازغۇچى گول فېرن «ئايغا سەپەر» ناملىق رومان يازغان بولۇپ، ئارىدىن تولۇق يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1965 – يىلى تۇنجى ئىنسان ئايغا چىقتى. يازغۇچىلاردىن يەنە بىرى، پروبىركا بوۋاقلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ،1932- يىلى «قورقماس يېڭى دۇنيا» ناملىق رومان يازغان. يەنە بىرى غەۋۋاس توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزۈپ، «سۇ ئاستىدا يۈرۈش» ناملىق روماننى يازغان بولۇپ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن، غەۋۋاس ئىجاد قىلىنغان. 1970 – يىلى ئامېرىكىلىق ئارسۇر كلارك سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئېنتېرنېت تورى مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، «قورقۇنچلۇق بالا» دەپ رومان يازغان.

كېلەچەككە ئۈمىد باغلىغان ۋە تەسەۋۋۇرغا باي كىشىلەر كېيىنكىلەرنىڭ ئىزدىنىش يوللىرىنى ئېچىپ بەرگەن، ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلغان يېڭىلىقلار ۋە ئۇتۇقلار مەيدانغا كەلگەن.

 

 



[1] بەقەرە سۈرىسى: 137- ئايەت.
[2] تەۋبە سۈرىسى: 40- ئايەت.
[3] شەرھ سۈرىسى: 5-6- ئايەتلەر.
[4] زۇمەر سۈرىسى: 53- ئايەت.
[5] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[6] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[8] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[9] «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار