ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراشنى بىلەمسىز

ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراشنى بىلەمسىز

خاتالىشىش ئەيىب ئەمەس، كەچۈرۈم سورىماسلىق ئەيىبتۇر

ئىنسان ئۈچۈن ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بىراۋدىن كەچۈرۈم سوراش ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ ئىقرار، چۈشۈپ بېرىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز خاتالىقىنى تونۇغان تۇرۇقلۇق ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، بىراۋنى رەنجىتىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ۋىجدان ئازابى چېكىدۇ-يۇ، كەچۈرۈم سوراپ ۋىجدانىنى راھەتلەندۈرۈشكە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. دېمەك، ئىنسانلاردا «كەچۈرۈڭ!» دېيەلمەسلىك كىرزىسى بەك ئېغىر. ھالبۇكى، ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «ھەرقانداق ئادەم خاتالىشىدۇ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر»[1] دەپ كۆرسەتكەن. ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىنسانلار ھەمىشە توغرا ئىش قىلمايدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا خاتالىشىدۇ، ئۇلار بىلىپ- بىلمەي بىر-بىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. بۇ چاغدا، خاتالاشقۇچىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىشى لازىم. كەچۈرۈم سوراش ھەرگىزمۇ ئۆزىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەرتىۋە قازانغانلىقتۇر.

ھەدىستىكى «خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دېگەن سۆز ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىغان ئادەمنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھەدىستىكى «تەۋبە» دېگەن سۆز قارشى تەرەپتىن ئۆز گۇناھىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر. خاتالىق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-ئەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتۇر. بۇنىڭ تەۋبىسى ئۆز گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش، قايتا سادىر قىلماسلىققا بەل باغلاش ۋە ئۇنى توختىتىش بىلەن بولىدۇ. يەنە بىرى، ئىنسانلارغا قارىتا سادىر قىلىنغان خاتالىق، يامانلىق، ئۇقۇشماسلىق قاتارلىقلارنىڭ تەۋبىسى يۇقىرىقى ئۈچ ئىش بىلەن بىرلىكتە قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراش ۋە ئۇنى رازى قىلىش بىلەن بولىدۇ.

 

ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراش قانداق بولىدۇ؟

پېقىر سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىشلىۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ئافغانىستانلىق بىر خىزمەتدىشىم سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاپپارات باشقۇرغۇچى ياش بىلەن گەپ تالىشىپ قالدى. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ياش ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان گرەجدانلىق كىبرىسى بىلەن خىزمەتدىشىمنى ھاقارەتلىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى. رادىيونىڭ مۇدىرى شۇ كۈنى ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئاۋۋال بىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، ئەمەلىي جەرياننى سورىدى. ئاندىن ھېلىقى ياشنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن «سېنىڭ چەتئەللىك خىزمەتدىشىڭنى ھاقارەتلىگەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالغانلىقىڭ راستمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ «ھەئە» دەپ بېشىنى چايقىدى. مۇدىر ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا: «سەن خىزمەتتىن ھەيدەلدىڭ» دېدى. ياش «ھۆرمەتلىك مۇدىر توختاپ تۇرۇڭ، سۆزۈمنى دېۋالاي» دېدى ۋە مۇدىرنىڭ كۆزىگە قاراپ قول باغلاپ تۇردى. مۇدىر «ئېيتە!» دېدى. ياش «ھۆرمەتلىك مۇدىر! مەن خاتالاشتىم، خىزمەتدىشىمغا ھەقسىزلىق قىلدىم. مەن بۇ ئىشتا ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن، چۈنكى مەن جازاغا ھەقلىق. ئەگەر جازالىسىڭىز بۇ سىزنىڭ ھەققىڭىز، ئەگەر كەچۈرسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئېسىللىكىڭىزدۇر» دېدى. مۇدىر ئويلىنىپ قالدى، ئاندىن «كەچۈرىدىغان ئادەم مەن ئەمەس، بەلكى ئافغان خىزمەتدىشىڭدۇر. ئەگەر ئۇ سېنى كەچۈرسە، مەنمۇ بۇ قېتىم سېنى كەچۈردۈم» دېدى. مۇدىرنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا ئافغانىستانلىق خىزمەتدىشىم ئۆزىنىڭ كەچۈگەنلىكىنى، ئۇ ياشنىڭ خىزمىتىدىن ھەيدەلمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇدىرنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولدى. ئۇلار ئىككىسى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. دېمەك، بۇ ياش كەچۈرۈم سوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ساقلاپ قالالىدى.

پېقىر شۇ كۈنى ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراشنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر مەسلىنى ھەل قىلغۇچى، نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.

 

1995 يىلىنىڭ بىر ئاخشىمى «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزور قانىلىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئېچىنىشلىق بىر خەۋەرنى كۆردۈم. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاھوما ۋىلايىتىدە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 168 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئارىسىدا 16 نەپەر نارەسىدىمۇ بار ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى مۇسۇلمانلارنى ئاساسسىز ھالدا قارىلىغان بولۇپ، ھەممە ئادەم مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەشكە باشلىغان ۋە ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىدى، ھەتتا بەزى رادىكال كۈچلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇشتەك ئاشقۇنلۇقلارنى سادىر قىلغان. بۇ ئەھۋال بىرەر يىلغا يېقىن داۋاملاشتى.

كېيىن يەنە «ئەل جەرىدە» قانىلىدا ئوكلاھوما ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى شۇ چاغدىكى تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ قىلمىشكارى ئاشكارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇرۇن ئىراق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئامېرىلىق ت. ماكفاي ئىسىملىك ئەسكەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇ چاغدا ھاكىم رىئاسەتچىنىڭ: «نېمە ئۈچۈن جىنايەتچى ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرۇپ ھەممىلا ئادەم مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەشكە ئالدىراپ كەتتى؟» دېگەن سوئالىغا: «مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم. لېكىن تەتقىقاتلار پۈتۈن ئامېرىكىلىقلار خاتالاشقاندەك مېنىڭمۇ خاتالاشقانلىقىمنى ئىسپاتلىدى، مۇسۇلمانلارنى بىگۇناھ ئەيىبلەپتىمىز. شۇڭا مەن ئوكلاھوما ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  بارلىق مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ھەقسىزلىق قىلىنمايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىمەن» دېدى. كېيىنكى خەۋەرلەردىن ئىگەللىشىمچە، بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى سەۋەبتىنمۇ بىلمىدىم، كىشىلەرنىڭ زور ھۆرمىتىگە ۋە ئوكلاھومادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق قوللىشىغا ئېرىشكەن.

چۈنكى، ھاكىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىشتەك ئەدەبىي جاسارىتى ھەركىمنى تەسىرلەندۈرگەن. ئۇ ئادەمنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا رادىكال كۈچلەرنىڭ بارلىقى ياكى بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىمىز سەۋەبلىك ئۇلارنى ئالدىراپ قارىلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن» دېگەن ئاساستا بايانات ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇردى. چۈنكى بۇ ئادەم ئاۋۋال ئۆز خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلدى، ئاندىن مۇسۇلمانلاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى، ئاندىن مۇنداق ھەقسىزلىقنى قايتا سادىر قىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

 

ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئەنە شۇنداق دادىل ۋە ئاشكارا بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا بۇزۇلغان ئىشلارنى ئوڭشىغىلى، قالغان كۆڭۈللەرنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بىزدە ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئىنتايىن ئاز. ئېتىراپ قىلغاندىمۇ ئالدىنقىسىدىن كەم بولمىغان خاتالىق بىلەن ئېتىراپ قىلىمىز. چۈنكى، خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما شۇ خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىمىزغا بىرەر سەۋەب ياكى ئۆزرە تېپىشقا ئۇرۇنىمىز. شۇنىڭ بىلەن «كەچۈرۈڭ، ئەمما مېنى شۇنداق قىلىشقا سىز مەجبۇرلىدىڭىز» ياكى «ئەسلىدە پالانى ئىش شۇنداق بولمىغان بولسا مەن خاتالاشمايتتىم» دېگەنگە ئوخشاش گەپنى قوشۇپ قويىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ئېتىراپ ياكى كەچۈرۈم سوراش ئەمەس، پەقەتلا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشتۇر. شۇڭا سەمىمىي بولۇشىمىز كېرەككى، ئۆزىمىزنى، ئاللاھنى ۋە باشقىلارنى ئالداشقا ئۇرۇنماسلىق لازىم.

 

كەچۈرۈم سوراش سىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىغان ئادەم ھەزگىزمۇ ئۆزىنى چۈشۈرگەن بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ھەسسىلەپ كۆتۈرۈلىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، گۇناھىغا تەۋبە قىلغانلىقى يۈزىسىدىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە ۋە مۇھەببىتىگە نائىل بولغان بولسا، ئىبلىس ئۆز گۇناھىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ۋە تەۋبە قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى بولغان.

ئىنسانلارغا قارىتا سادىر قىلغان خاتالىقىنى تونۇپ، كەچۈرۈم سوراش بابىدا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىدۇر. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىر كۈنى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ‹قارا خوتۇننىڭ بالىسى› دەپ ھاقارەتلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلانغان ۋە ئەبۇ زەرگە: ‹ئۇنى ئانىسى سەۋەبلىك ئەيىبلىدىڭمۇ؟ سەن جاھىلىيەتنىڭ قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئادەم ئىكەنسەن› دېگەن. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ زەر قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ‹يا رەسۇلۇللاھ! مەن جاتالىشىپتىمەن. مەن ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەيلا› دەپ ئۆتۈنگەن ۋە دەرھال بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشىنى يەرگە قويۇپ تۇرۇپ، ‹مېنىڭ يۈزۈمگە دەسسىمىسەڭ، بېشىمنى كۆتۈرمەيمەن› دېگەن. بۇ چاغدا بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹مەن ئاللاھقا سەجدە قىلغان يۈزگە ھەرگىز دەسسىمەيمەن. قېرىندىشىم ئورنۇڭدىن تۇر! سېنى كەچۈردۈم› دېگەن ۋە ئىككىسى قۇچاقلىشىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن»[2]. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، كەچۈرۈم سورىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەرتىۋىسى تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق، ئەكسىچە، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ۋە تا قىيامەتكىچە كىشىلەرنىڭ قەلبىدە گۈزەل ئۈلگە بولۇپ قالغان.

 

كەچۈرۈم سوراش خاتالىقنىڭ ھەجىمىگە مۇناسىپ بولۇشى لازىم

تەۋبە پۈتۈن گۇناھلارنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولغاندەك، كەچۈرۈم سوراش يىللارنىڭ خاتالىقىنى بىر ئاندا ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا يېتەرلىكتۇر. كەچۈرۈم سوراش شىجائەتلىك، مەرد، دادىل ئىنسانلارنىڭ خىسلىتىدۇر. كەچۈرۈم سوراش سادىر قىلىنغان خاتالىقنىڭ ھەجىمىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۇرلۈك بولىدۇ:

1.     كىچىك ۋە ئاددىي خاتالىقلار ئۈچۈن «كەچۈرۈڭ» دەپ ئەپۇ سوراش يېتەرلىكتۇر.

2.     خاتالىق چوڭ ياكى كۆپ بولغاندا، كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىللە ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش لازىم. بۇ چاغدا ئۆزى بۇزغانلىرىنى ئوڭشاشقا، ئۇچراتقان زىياننى تۆلەشكە ۋەدە بېرىدۇ. ناۋادا قارشى تەرەپ جورىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىزغا ئوخشاش قىممەتلىك كىشىڭىز بولغاندا، كەچۈرۈم ۋە ئېتىراپ بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدىغانلىڭىزنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرىسىز.

3.             خاتالىق بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن قارشى تەرەپ كەچۈرۈشنى رەت قىلغان چاغدا، ئالدىڭىزدا بىرلا يول قالغان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز خاتالىقىڭىزنى دادىل ئېيتىپ، قارشى تەرەپكە يېلىنىپ كەچۈرۈم سوراشتۇر.

 

بالىلارغا كەچۈرۈم سوراش مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش زۆرۈر

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىمان، ئىسلام ۋە ئەخلاق ئۆگەتكەندەك، خاتالىق سادىر قىلغاندا دادىل ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقنىمۇ ئۆگىتىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى كەلگۈسىدە چوڭ خاتالىقلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن، ھەتتا جىنائىي قىلمشلاردىن قوغداپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆز خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىشنى ۋە كەچۈرۈم سوراشنى ئادەت قىلىۋالغان بالىلارنىڭ خاتالىقلاردىن ساقلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراشتىن ئىككىلەنمەيدىغان بولۇپ چىقىشى ئاتا-ئانىلارغا باغلىقتۇر. چۈنكى ئۇلار ئاتا-ئانىسىدا بارنى ئالىدۇ، يوقنى ئالالمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ بىر-بىرىدىن كەچۈرۈم سوراشنى، كەچۈرۈشنى ۋە ئۆز خاتالىقلىرىنى دادىل ئېتىراپ قىلىشنى ئائىلىنىڭ مۇھىم ئەخلاقلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

قېنى ئەمدى، نۆۋەت سىزدە! ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىزدىن كۆڭلى قالغان بىر دوستىڭىزدىن ياكى بىر يېقىنىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراڭ. ئالدى بىلەن جورىڭىزدىن قايسىبىر ئۆتۈپ كەتكەن خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ. شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى خۇشال قىلىشنىڭ قانچىلىك ئوڭاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز

 

ئىبرەت:

-        ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراشنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا قىلالمايدىغان ئىشىڭىز قالمايدۇ. چۈنكى سىز ئۇ چاغدا قارشى تەرەپنى ئۆزىڭىزگە پۈتۈنلەي قايىل قىلىۋالغان بولىسىز.

-        تولۇق كەچۈرۈم سوراش كەچۈرۈم، ئېتىراپ ۋە ۋەدە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

-        «كەچۈرۈڭ» دېگەن ئىنسانىيەت ئىجاد قىلغان ئەڭ كۈچلۈك سۆز بولۇپ، ئۇنى ئېيتىش بىلەن بىر لەھزە ئىچىدە يىللارنىڭ خاتالىقىنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ.



[1] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[2]  ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار