تەپەككۇرنىڭ قىممىتى مۇھەممەد يۈسۈپ

تەپەككۇرنىڭ قىممىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىسلام دىنىنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ بىر دەلىلى شۇكى، ئۇ ئەقىلغا خىتاب قىلىدىغان، ئەقىلنى ئالاھىدە قەدىرلەيدىغان ۋە ئەقىلنىڭ مەنتىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ئىلمىي دىندۇر.

ئىمان توغرا تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئوقۇش ۋە بىلىشنى پەرز قىلغان بولسا، خۇددى ئۇستاز ئاققاد دېگەندەك: «تەپەككۇر قىلىش ئىسلام پەرزلىرىنىڭ بىرىدۇر».

قۇرئاننىڭ كائىناتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە نەزەر تاشلاپ تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدىغان ئايەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. «ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟» (ئەئراف سۈرىسى 185 ـ ئايەت).

ئىسلام دىنى ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ شەنىنى پەۋقۇلئاددە يوقىرى كۆتۈرگەن ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلغان. «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار تەڭ بولامدۈ؟ پەقەت ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ» (زۇمەر سۈرىسى9ـ ئايەت).

 «ئىبرەت ئېلىڭلار ئەي ئەقىل ئىگىلىرى!» (ھەشر سۈرىسى 2ـ ئايەت).

مۇندىن باشقىمۇ، قۇرئاندا «ئەقىل ئىگىلىرى» دېگەن سۆز 15 قېتىم تەكرارلانغان.

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى نېمە ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىشكە ۋە ئاسمان، زېمىنلەردىكى شەيئىيلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا شۇنچىلىك كۆپ چاقىرىدۇ؟ تەبىئىيكى، ئەقىل تەپەككۇر قىلىش قورالى. تەپەككۇر قىلىش ئىنسانغا خاس بىر ئالاھىدىلىكتۇر. ئاسمان ۋە زېمىنلەردىكى بارلىق شەيئىيلەر ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سەنئەتلىرى ياكى ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلار ھەققىدە توغرا تەپەككۇر قىلغان كىشى چوقۇم رەببىنى تونۇيدۇ. ئەقلىي كۆزى ئوچۇق بولغانلار ئۈچۈن كائىناتتىكى ھەر بىر مەخلۇقات ۋە ھەربىر ئالامەت نۇرغۇنلىغان سىرلارغا ئاچقۇچ ۋە ھېكمەتلەرگە ھامىلداردۇر. شۇڭا پەيلاسوپلاردىن بىرى ”كائىنات لاتاپەتلىك بىر كىتاب، شۇنداقلا بۇ كىتابنى ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن تاۋار“ دېگەن ئىكەن. زامانىمىزغىچە كەلگەن تۈرلۈك كەشىپىياتلار ۋە پەن ـ تېخنىكا ئىجادىيەتلىرىمۇ ئىنسان ئەقلىنىڭ ۋە تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟!

مەلۇمكى، قۇرئان بىرەر پەن ـ تېخنىكا كىتابى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەقىدە، ئەخلاق، ئىبادەت، مۇئامىلات ۋە كىشىلىك ھەم ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ بەختلىك ۋە ئامانلىق ئىچىدە داۋام قىلىشىغا كېپىللىك قىلىدىغان نىزاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىلاھىي دەستۇردۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىنسانلارغا مەلۇم مەۋزۇلاردا يىپ ئۇچى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئومۇمىي قانۇنىيەتلەرنىڭ خۇسۇسىي يىپ ئۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قۇرئان بىزگە ساغلام پىكىر يۈرگۈزۈپ توغرا نەتىجە چىقىرىشنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئىلىم ـ پەنگە يۈرۈش قىلىپ تۈرلۈك كەشىپىياتلارنى ئېچىش ۋە ئىجادىي يېڭىلىقلارنى يارىتىش ئۈچۈن تەييارلايدۇ. قۇرئاننىڭ مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇن سۆزلىگەنلىرىنىڭ زامانىمىزدا ئىسپاتلانغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر بىلەن ئوخشاش چىققانلىقىمۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە دەلىل بولغاننىڭ سىرتىدا، يوقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم ھەرگىزمۇ بىر ـ بىرىگە يات نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە بىلىم ـ سەۋىيىسى  پەرقلىق بولغانلىقتىن، گاھىدا ئۇلارنىڭ دىن ھەققىدە چۈشەنگەنلىرى بىلەن، ئىلمىي نەزەرىيەدىن چۈشەنگەنلىرى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق كۆرۈنۈشى ئېھتىمال. بۇنىڭدىكى يېتەرسىزلىك ياكى خاتالىق ئىسلام دىنىدا ئەمەس، ئىلمىي ھەقىقەتلەردىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ دەل ئۆزىدە!

توغرا دىنىي چۈشەنچە بىلەن، توغرا ئىلمىي نەزەرىيە ھېچ ۋاقىتتا بىر ـ بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى بۇ ئىككىسى بىر ـ بىرىگە تامامەن مۇۋاپىقلىشىدۇ  ۋە بىر ـ بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بىز دىنىمىزغا ئەمەل قىلمىدۇق. قۇرئانغا ۋاپا قىلمىدۇق. بىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلىشىپ قالغاندىن كېيىن، بۇ دىننى ئۆز خاھىشىمىز بويىچە چۈشەندۇق ۋە چۈشەندۈردۇق. ئاللاھ تائالا  بىزگە كائىنات  ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق ـ جانسىز بارلىق شەيئىيلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ تەپەككۇر قىلسۇن، ئەقىل ئىشلەتسۇن، نەتىجىدە رەببىنى تونۇسۇن، ئاندىن شۇ ئەقىل ۋە پاراسەتلەر بىلەن بۇدۇنيالىقىنى تۈرلۈك ئىلىم ـ پەنلەرنى يارىتىش ۋە كەشىپىياتلارنى ئېچىش ئارقىلىق بېيىتسۇن، ئاخىرەتلىكىنىمۇ مۇشۇ دۇنيادا تولۇقلاپ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا بارغاندا نىجاتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ ئاتا قىلغان ئەقىلنى يولىدا قوللانمىدۇق.

بىز قۇرئاننىڭ چاقىرىقىغا ئەگىشىپ كائىنات ئىلىملىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىشنىڭ ئورنىغا، بىزگە ياكى كېلەچەك ئەۋلادلاغا قىلچە پايدىسى بولمايدىغان قۇرۇق جېدەللەرگە چۆكۈپ كەتتۇق بۇرۇنقى مەدرىسە تالىبلىرى مەنتىق (لوگىكا) بىلەن ئىلمى كالام جېدەللىرىنى 15 ـ 20 يىل ئوقۇيدىكەنمىش، ئۆمرى، ياشلىقى بۇ جېدەللەر بىلەن بىھۇدە ئۆتىدىكەنمىش. ئۇلار ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن نېمە قالدۇرالىدى؟ ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوغداپ كەلدىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دىنى پەلسەپە سايىسىدا قوغدىنىشقا مۇھتاجمۇ؟ ئۆتمۈشتىكى ۋەھشى ئەرەبلەرنى ھېچبىر پەلسەپىگە ھاجەت بولماستىن قايىل قىلالىغان قۇرئان قانداقمۇ كېيىنكى ئەسىرلەردە پەلسەپە دەلىللىرىغا ھاجەت بولۇپ قالسۇن؟! روشەنكى، ئىسلام دىنىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى تا قىيامەتكىچە قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. بۇ دىن يەرشارىدىن قەتئىي يوقىلىپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دىنىغا ئايلىنىدۇ. زامانىمىزدىكى ھەرساھە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ بەس ـ بەستە بۇدىنغا كىرىۋاتقانلىقىمۇ ئۇنىڭ پارلاق كېلەچىكىنىڭ بېشارىتىدۇر.

يەنە بىز فىقھىي مەسىلىلەردە چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، مەزھەبىي كۆز قاراشلارغا  شۇ مەزھەبنىڭ چۈشەنچىسى، دەپ مۇئامىلە قىلماستىن، بەلكى دىن مۇشۇ، باشقىلارنىڭ دېگەنلىرى دىن ئەمەس، دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقتىن مەزھەبلەر ئارا زىددىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزھەبلەرنىڭ كۆپ بولۇشى يامان كۆرىلىدىغان ئىش ئەمەس، چۈنكى كىشىلەرنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىس دەلىللىرىنى چۈشىنىشى ئوخشاش بولمىغانلىقى مەزھەبلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. مەزھەب پېشىۋالىرى توغرا يوسۇندا ئىش ئېلىپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلارنىڭ دەلىللىرىدىن چۈشەنگەنلىرىنى ”بۇ بىزنىڭ چۈشەنچىمىز يەنى بىزنىڭ مەزھىبىمىز، توغرا بولغان بولسا ئاللاھتىن، ئەگەر خاتالاشقان بولساق بىزدىن“، دەپ كەمتەرلىك بىلەن كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكى مەزھەب ۋارىسلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. مەزھەبلەر ئارا بىر ـ بىرىگە قارشى كىتابلار يېزىشىش، بىر ـ بىرىنى ئېيبلاش، بىر ـ بىرىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇماسلىق ۋە ئۆز مەزھىبىدىن باشقىسىنى خاتا دېيىش، ھەتتا مۇسۇلمانلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە باشقا تەئەسسۇبلۇقلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆمۈرلىرىنى، ئەقىل ـ پاراسەتلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزگەن. مەدرىسىگە كىرگەن 100 تالىبنىڭ بىرەرسى ئاران ئالىم بولالىغان، باشقىلىرى بولسا بىر ئۆمۈر مەدرىسىنىڭ توپىسىنى يېگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ، ئىچى قۇرۇق مەيدىسىنى كېرىپ يۈرگەن.

بىزنىڭ كېيىنكى جېدەللىرىمىز ئامىننى ئىچىمىزدە دېيىش لازىممۇ ياكى ئۈنلۈك دېيىشمۇ؟ ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟  دېگەن تالاش ـ تارتىشلار،  ئاياللارنىڭ ئىشلىشى ھارام، مەسچىتلەرگە بېرىپ ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلىشى ھارام، ئەرلەرنىڭ چاچ قويۇشى ھارام ۋە ....ھارام، ھارام، ھارام! خۇددى بىز ھالاللارنى ئۆگەنمەستىن، پەقەت ھاراملارنىلا ئۆگەنگەندەك.

بىز يوقىرىقىدەك بىھۇدە جېدەللەر ۋە تالاش ـ تارتىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، كارۋاننىڭ ئىلگىرىلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلمايلا قالدۇق. ئەمدىلىكتە، بېشىمىزنى كۆتىرىپ قارىغىنىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ نەدە قالغانلىقىنى كۆردۇق. كارۋان ئاللىبۇرۇن بىزدىن ئىلگىرىلەپ كەتكەن، كىشىلەر ئايغا چىققانغا يېرىم ئەسىر بولۇپتۇ، دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تۈرلۈك پەن ـ تېخنىكا ۋە كەشىپىياتلارنىڭ ئىگىلىرى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى ئالەملىك ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپتۇ. بىز بولساق، قۇرئاننىڭ ئىزدىنىش، ئىجاد قىلىش ۋە كەشىپ قىلىشقا چاقىرغان ئەمرلىرىگە،  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر نەرسە ئۈستىدە تەسەۋۋۇر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە يارىتىش ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان، مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزغا خىيانەت قىلغان ھالدا، خۇددى ئاتتىن چۈشكەندەكلا ئۇچىنچى ئالەم بولۇپ قاپتىمىز. بىز بۇ ھالدا يا دۇنيالىقىمىزنى ياكى ئاخىرەتلىكىمىزنى شاقاۋەتلەردىن قۇتۇلدۇرالمىدۇق. چۈنكى، بىزدە مۇسۇلمانلىق ئۇنۋانىلا قاپتۇ، ئۇنىڭ روھىنى ۋە مەزمۇنىنى باشقىلار ئەمەلىيلەشتۈرىۋېتىپتۇ.

بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىزمۇ خۇراپاتلار ئارىلاشقان، چەكلىك ئىبادەت سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ھالبۇكى، قۇرئاندىكى كائىناتنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە ئەقىل كۆزى بىلەن نەزەر تاشلاپ تەپەككۇر قىلىشقا، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان بۇ ئەقىل بىلەن يەر يۈزىنى ھەرخىل ئىلىم ـ پەنلەر ئارقىلىق ئاۋات قىلىشقا چاقىرغان ئايەتلەر سان ـ ساناقسىز كۆپ بولۇپ، بۇ ئايەتلەرنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈش ئەڭ كاتتا ئىبادەت ۋە ئىسلام پەرزلىرىدىن بىر پەرزدۇر.

بىز مۇسۇلمانلار دىنىمىزغا خىيانەت قىلدۇق، قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى سۇيئىستېمال قىلدۇق. نەتىجىدە، باشقىلار بىزنى باشقۇرىدىغان، بايلىقلىرىمىزنى خالىغىنىچە تالان ـ تاراچ قىلىدىغان بولدى. ئاللاھ تائالا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى مۇسۇلمانلار ياشايدىغان جايۇلارغا كۆپ ئاتا قىلغان ئىكەن. شۇنداق تۇرمىسمۇ بۇ بايلىقلاردىن مۇسۇلمانلار پايدىلىنالماي كەلمەكتە.

 ئاللاھ تائالا مۇسۇلمالارنى پەن ـ تېخنىكا ئۆگىنىپ بۇ بايلىقلاردىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرى پايدىلانسۇن ۋە رەقىبلىرى ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىسۇن، دېگەن شەپقىتى بىلەن بارلىق نەپىس بايلىقلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىغا بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ تائالا بۇ بايلىقلارنى باشقىلار ئۈچۈن ياراتقان بولسا ئۇلارنىڭ ئۆز دىيارلىرىدا يارىتىپ بېرىشكە قادىر ئەمەسمىدى؟

ئەمدى قولىمىزدىكى تەييار ناننى تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن كىمدىن ئاغرىنىمىز؟ ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىزنى تاشلىۋېتىدۇ؟ ئاللاھ قۇرئاندا مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىمەن دېگەن ئەمەسمۇ؟ دەپ ئاللاھتىن قېيىداشقا ھەققىمىز بارمۇ؟ كەمچىلىك كىمدە؟ ئەلۋەتتە بىزدە! توغرا، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بىزگە ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. بىراق ئاللاھ پۈتۈن ۋەدىلىرىدە «مۆمىن» لىكنى شەرت قىلغان يەنى ۋەدىلىرىنى ھەقىقىي مۆمىنلەر ئۈچۈن خاس قىلغان. «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى (دىننىڭ روھىغا لايىق) ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئۇبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىن ياخشىراق ساۋاپ بېرىمىز.» (نەھل سۈرىسى97ـ)

«مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى» (رۇم سۈرىسى 47 ـ ئايەت)

«ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ.» (ھەج سۈرىسى 38 ـ ئايەت)

«مۇسۇلمان» سۆزى بىلەن «مۆمىن» سۆزى ئوتتۇرىسىدا ئومۇم ۋە خۇسۇسلۇق پەرق بار. ھەرقانداق مۇسۇلمان مۆمىن دېيىلمەيدۇ، ئەمما ھەرقانداق مۆمىن مۇسۇلمان دېيىلىدۇ. مۆمىنلىك مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسى ۋە ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ يەتمەكچى بولغان ئالى مەقامىدۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ۋە كېيىنكى ئالتۇن دەۋرلەردە ئۆتكەن كىشىلەر ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئۆلگىلىرى ئېدى. شۇڭا ئۇلار ھاكىمىيىتىنى ئۈچ قىتئەدە سۈرەلىگەن، بىزمۇ قاچانىكى شۇلارغا ئوخشاش ھەقىقىي مەنىدىكى مۆمىنلەردىن بولالىساق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى ۋە نۇسرەتلىرى بىزنى قورشايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغىمۇ شۇنداق ياردەم قىلغان ۋە نۇسرەت بەرگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىر بىز نەدە، ئۇلار نەدە! (پېقىرنىڭ «غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز» ناملىق كىتابىدىن).


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار