ئاللاھ تائالانىڭ «الرَحْمَنُ» (ئەررەھمان ) دېگەن ئىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!

ئاللاھ تائالانىڭ «الرَحْمَنُ» (ئەررەھمان ) دېگەن ئىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!

 

ئاللاھ تائالانىڭ «الرَحْمَنُ» دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە يەتمىش بەش[1] ئورۇندا كەلگەن. ]الرَّحْمَنُ. عَلَّمَ الْقُرْآَنَ. خَلَقَ الْإِنْسَانَ[[2]، ]الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى[[3] قاتارلىق ئايەتلەر بۇنىڭدىن جۈملىسىدىندۇر.

«الرَحْمَنُ» ئاللاھ تائالانىڭ ناھايىتى كۈيۈمچانلىقىنى، بارچە مەخلۇقاتقا تولىمۇ رەھىم- شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىمدۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ خاس ئىسىملىرىدىن بولۇپ، شۇڭا ئۇئاللاھ تائالادىن باشقا  ھېچكىمگە ئىشلىتىلمەيدۇ.

 

ئاللاھ تائالانىڭ «الرَحْمَنُ» دېگەن ئىسمى «الرَحْمَةُ»دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ،«الرَحْمَةً» (رەھمەت) دېگەن سۆز لۇغەتتە كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق، شەپقەت، رەھىمدىللىك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. رەھمەت سۆزىنى مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم ئابدۇلقاھىر جۇرجانىي: «باشقىلارغا ياخشىلىق يەتكۈزۈش» دەپ تەرىپلىگەن ([4]). ئىسلاھاتچى ئالىم ئىبنى قەييىم جەۋزىي:«جاپا تارتسىمۇ، ھەتتا كۆڭلى خالىمىسىمۇ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» دەپ تەرىپلىگەن ([5]).

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا:﴿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ﴾«بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»([6]) دېگەن. چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل ئالەملەرگە رەھمەت (يەنى ياخشىلىق يەتكۈزگۈچى) قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن رەھمەت بولغاننىڭ سىرتىدا، بارلىق جان ئىگىسى ئۈچۈنمۇ رەھمەتتۇر. ئۇنىڭ رەھمىتى بارلىق مەۋجۇداتقا يېتىپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «فِي كُلِّ ذَاتِ كَبِدٍ رَطْبَةٍ أَجْرٌ» «ھەربىر جان ئىگىسىگە ياخشىلىق قىلىش ساۋابلىقتۇر»([7]) دېگەن كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، پۈتۈن ئىنسانىيەت، ھەتتا كاپىرلارمۇ، ھايۋانلارمۇ، ئۇچارقاناتلارمۇ، تەبىئەتمۇئىسلامنىڭ ياخشىلىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. «الطُّهُورُ شَطْرُ الْإِيمَانِ»«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»([8])  دېگەن بۇ ھەدىس شەخسىي ۋە ئاممىۋى تازىلىققا بۇيرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەبىئەتنى ئاسراشقا ۋە ئۇنى قوغداشقا بۇيرۇيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت رەھمەت پەيغەمبىرىگە ئۈممەت بولغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىدۇ. ئەگەر ئۇ شۇنداق دەپ بىلمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ رەھمەت پەيغەمبىرىگە ئۈممەت بولغىنى ساختا بولۇپ قالىدۇ. دىنىمىز بوغۇزلىماقچى بولغان ھايۋانغىمۇ شەپقەتلىك بولۇشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «إنَّ اللهَ كتَبَ الإحسانَ على كلِّ شيءٍ، فإذا قتَلتُم فأَحْسِنوا القِتْلةَ، وإذا ذبَحتُم فأَحْسِنوا الذَّبْحَ، ولْيُحِدَّ أحَدُكم شَفْرتَه، ولْيُرِحْ ذَبيحتَه»«شەكسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلىشنى جىمى نەرسىلەرگە پۈتۈۋەتكەن. شۇڭا سىلەر بىرەر جانلىقنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار، ئۇنى قىينىماي ئۆلتۈرۈڭلار، بوغۇزلىماقچى بولساڭلار، پىچاقنى ئوبدان بىلەڭلەر ۋە مالنىڭ جېنىنى قىينىماي بوغۇزلاڭلار»[9].

 
ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان
رەھمەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق ۋە دائىمىي سۈپەت. ئەمما غەزەپ بىزنىڭ قىلمىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بولغان بىر سۈپەت. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم _ سۈپەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا﴿الرحمن﴾ يەنى «ناھايىتى شەپقەتلىك» دېگەن سۈپەت كېلىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَى نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ﴾«رەببىڭلار رەھىمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى»([10]) دەيدۇ.

شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا ئىبادەت قىلغان، ئىبادەت قىلمىغان، شۈكۈر قىلغان ۋە ئىنكار قىلغان ھەممە بەندىسىنى ئۆز رەھمىتى بىلەن ياشىتىدۇ، رىزىقلاندۇرىدۇ، پەرۋىش قىلىدۇ، بارلىق جانلىقلارنىمۇ شۇنداق ياشىتىدۇ ۋە رىزقىنى بېرىدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە رەھمىتىنى ئىمان ئېيتقان ۋە شۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلغان بەندىلىرىگە خاس قىلىدۇ.

 

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئۆڭكۈرنى قەسىرگە ئايلاندۇرىدۇ

قۇرئان كەرىم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن بىر قانچە يىگىتنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسىنى قوغداش ۋە بۇددىست قەۋمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش يولىدا كەڭرى دۇنيادىن ۋاز كېچىپ تار بىر ئۆڭكۈردە پاناھلىنىدۇ.

نەتىجىدە، قاراڭغۇ، سوغۇق، قورقۇنچلۇق ۋە تار بىر ئۆڭكۈرھاياتى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن راھەت، تىنچ، ئىللىق ۋە كەڭ بىر قەسىرھاياتىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ رەھمەت سايىسىدا 309 يىل راھەت ئىچىدە تىنچ ئۇخلايدۇ. )وَإِذِ اعْتَزَلْتُمُوهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ فَأْوُوا إِلَى الْكَهْفِ يَنْشُرْ لَكُمْ رَبُّكُمْ مِنْ رَحْمَتِهِ وَيُهَيِّئْ لَكُمْ مِنْ أَمْرِكُمْ مِرفَقًا( «(ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى دېدىكى) «سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۆڭكۈرنى پاناھ جاي قىلىڭلاركى، رەببىڭلار سىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە سىلەرگە (قىيىن) ئىشىڭلاردىن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ»[11].

 

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى قىلىپ: ﴿فَإِنْ كَذَّبُوْكَ فَقُل رَّبُّكُمْ ذُو رَحْمَةٍ وَاسِعَةٍ وَلاَ يُرَدُّ بَأْسُهُ عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِيْنَ﴾«ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا:›رەببىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ› دېگىن»([12]) دەيدۇ.

بۇ ئايەتنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئىكەنلىكىدىن شەكلەنمەيمىز، شۇنداقتىمۇ ئەقلىمىزگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كەڭ رەھمىتى قانچىلىك بولىدىغاندۇ ۋە ئۇنىڭ چېكى بارمىدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ سوئالىمىزغا ئاللاھ تائالا ئۆزى جاۋاب بېرىپ: ﴿وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ﴾«مېنىڭ رەھمىتىم ھەممىگە ئورتاقتۇر»([13]) دەيدۇ. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئىنسان، ھايۋان، ئۇچارقانات، ھاشارەت ۋە ھەرقانداق جانلىققا چەكسىزدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە شەپقىتى ھەممىگە شۇنداق ئورتاقكى، ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان دىنسىز ئىنسانلارمۇ بۇ رەھمەتتىن مەھرۇم قىلىنمىغان. سۇ، ھاۋا ۋە بارچە رىزىق ئاللاھ تائالانىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇنى رەھمىتى يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە خالىغىنىچە تەڭشەپ بېرىدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغان كاپىر ئىنسانلارنىمۇ بۇ رەھمەتتىن مەھرۇم قىلمىغان. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادىكى رەھمىتى پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىغا ئورتاقتۇر. ئەمما ئاخىرەتتىكى رەھمىتى مۇئمىن، مۇسۇلمان بەندىلەرگىلا خاستۇر.

پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن مېھماندوست زات ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ياشىنىپ قالغان بىر ئادەم كىرىپ كېلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئادىتى بويىچە ئۇنى تائاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئوچاققا ئوت ياققاندا، بۇ ئادەم ئوتقا چوقۇنۇشقا باشلايدۇ، بۇنى كۆرگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋرىسى تېشىپ، ئۇنىڭغا: «تۇر! سەن ئوتقا چوقۇنۇۋاتامسەن؟» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تىلى بىلەن: «ئەي ئىبراھىم! مەن ئۇنىڭغا ئاتمىش يىل سەۋر قىلىۋاتىمەن، سەن بىر سائەت سەۋر قىلالمىدىڭمۇ؟» دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىپ، ئۇنى قايتا ئۆيىگە تەكلىپ قىلغىنىدا، ئۇ ئادەم: «يەنە نېمە بولدى؟» دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «رەببىم سېنىڭ يۈزۈڭدىن ماڭا كايىدى» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم: «راستمۇ؟ ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن رەھىم _ شەپقەتلىك ئىلاھ ئىكەن، ئىبادەت قىلىنىشقا تولىمۇ ھەقلىق ئىكەن» دەيدۇ ۋە ئىمان ئېيتىدۇ.

ھەتتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ: ﴿رَبِّ اجْعَلْ هَـَذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُم بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ﴾ «رەببىم! بۇ يەرنى(مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېگەندە، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئىزھار قىلىپ: ﴿وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلاً ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَى عَذَابِ النَّارِ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ﴾ «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنە مۇددەت بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخقا ھەيدەيمەن»([14]) دېگەن.

 

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى سىزنى جەننەتكە ئەكىرىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى: «ھېچكىم ئۆز ئەمەلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېگەندە، ساھابىلەر ‹يا رەسۇلۇللاھ! سىلىچۇ؟› دەپ سورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەنمۇ ئۆز ئەمەلىم بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيمەن، پەقەت ئاللاھنىڭ رەھمىتى مېنى قورشىغاندىلا كىرەلەيمەن»([15]) دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇڭا ئەمەل- ئىبادەتلىرىمىز ۋە قىلىپ قويغان بەزى ياخشى ئىشلىرىمىز بىلەن مەغرۇرلانماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بولمىسا بىزنى ئەمەللىمىز قۇتقۇزالمايدۇ.

 

ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى رەھمەتلىرىدىن بەزىسى
﴿وَمِن رَّحْمَتِهِ جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾«ئاللاھنىڭ سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (تىرىكچىلىك قىلىپ) ئۇنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياراتقانلىقى ئۇنىڭ رەھمىتىدىندۇر»([16]).

ئويلاپ باقايلى! ئەگەر دۇنيا پەقەتلا كېچە ياكى پەقەتلا كۈندۈز بولغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ تولىسى زېرىكىشتىن ھەرخىل پىسخىكىي كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغان ۋە دۇنيانىڭ لەززىتى قالمىغان بولاتتى.

﴿وَهُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ الْغَيْثَ مِن بَعْدِ مَا قَنَطُوا وَيَنشُرُ رَحْمَتَهُ﴾ «ئۇلار (ئۈمىدسىزلىككە پاتقاندىن كېيىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغان ۋە رەھمىتىنى يايىدىغان زات- ئاللاھتۇر»([17]).

﴿فَانْظُرْ إِلَى آثَارِ رَحْمَةِ اللَّهِ كَيْفَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا﴾ «ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ»([18]).

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بولغان يامغۇر بولمايدىغان بولسا ئىدى، ھايات مەنىسىنى يوقاتقان بولاتتى. چۈنكى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان سۇ يامغۇردىن كېلىدۇ، ھاياتلىق سۇدىن كەلگەن. ﴿وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ﴾ «ھەممە جانلىقنى سۇدىن ياراتتۇق»([19]) دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

يامغۇرنى بەرگۈچى ئاللاھ تائالا بولۇپ، ئۇ شاماللارنى ئەۋەتىش بىلەن بۇلۇتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق يامغۇرنى خالىغان جايغا ياغدۇرۇپ بېرىدۇ.

﴿أَفَرَأَيْتُمُ الْمَاءَ الَّذِيْ تَشْرَبُوْنَ. أَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُوْنَ. لَوْ نَشَاءُ جَعَلْنَاهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُوْنَ﴾ «سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ! ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق. نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟»([20]).

 

ئاللاھ تائالانىڭ قەلبلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان رەھمەتلىرىدىن نەمۇنىلەر
﴿وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ﴾«كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى ياراتقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتقانلىقى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار»([21]).

بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر ئائىلە مېھر _ مۇھەببەت ۋە رەھىم _ شەپقەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. پەقەت بەزىلەرنىڭ ئاسىيلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدىن رەھىم _ شەپقەت بىلەن مېھىر _ مۇھەببەت سۇغىرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، جەننەت بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئائىلە دوزاخقا ئايلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، گۇناھكارنى دەرھال جازالىمايدۇ، ئۇنىڭغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتكە قايتىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. گۇناھ _ مەسىيەتلەر ۋە جىنايەتلەرنىڭ پۇرىقى بولسا ئىدى، ئۇنىڭ سېسىقلىقىغا ئىنسان تاقەت قىلالمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا رەھمىتى يۈزىسىدىن گۇناھكارلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ، تۇنجى قېتىمدا ھېچكىمنى رەسۋا قىلمايدۇ.

ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىدا، بىر ئادەم ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قارىلىنىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلگەندە، ھېلىقى ئادەم:«بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق جىنايىتىم ئىدى» دەيدۇ. خەلىپە ئۆمەر ئۇنىڭغا: «يالغان ئېيتتىڭ، ئاللاھ ھېچقانداق بەندىسىنى تۇنجى قېتىم رەسۋا قىلمايدۇ» دەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئىنسانلار ئالدىدا رەسۋا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى يۆگەيدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ، توغرا يولغا قايتىشىنى كۈتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كەڭ پۇرسەت بېرىدۇ. ئەمما بەزى ئىنسانلار گۇناھلارنى داۋاملىق قىلىۋېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ ۋەھشىي جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە زىيان سېلىش دەرىجىسىگە يەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بۇ دۇنيادا پاش قىلىپ، ئۇلارنى جازالاشقا ئۆتىدۇ. شۇڭا ئوغرىنىڭ رەسۋا بولغانلىقى ئۇنىڭ جازاسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتلىرىدىن يەنە بىرى بەندىلىرىگە تەۋبە قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ۋە تەۋبىنى ئاسان قىلىپ بەرگىنىدۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتە خاتالاشقاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشنى ئۆگەتكەن. ﴿فَتَلَقَّى آدَمُ مِن رَّبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ﴾ «ئادەم رەببىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى، رەببى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»([22]).

ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ھەۋۋا ئانىمىز ئاللاھ تائالاغا: ﴿رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنفُسَنَا وَإِن لَّمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾«رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز»([23]) دەپ دۇئا قىلغان ئىدى.

 

قىيامەت ئىشەنچىسىمۇ كاتتا رەھمەتتۇر
ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ چوڭ رەھمىتى قىيامەتنى ياراتقانلىقىدۇر. بۇ سۆزگە ئەجەبلىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر قىيامەتتە ھېساب بېرىشتىن قورقۇپ يامان ئىشلاردىن، زۇلۇمدىن، باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى يېۋېلىشتىن، ئىنسانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن توسۇلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئىنسانلار ناھەقچىلىكلەرگە تولغان بۇ تەڭسىز دۇنيادا ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقام ئالالمىغانلىقى ياكى ھارامخورلاردىن ھەققىنى ئالالمىغانلىقى سەۋەبتىن قايغۇرۇپ، ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆزىنى يوقىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئادالىتىگە تاپشۇرىدۇ - دە، گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ رەھمەت ئەمەسمۇ؟!

قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا بەزى ئىنسانلار خۇددى يولۇچى ئائىلىسىگە قايتقاندەك سېغىنىش ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ھازىر بولىدۇ. يەنە بەزى ئىنسانلار خۇددى تۈرمىدىن قاچقان جىنايەتچى تۇتۇپ كېلىنگەندەك يالاپ ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئالدىنقىسى، ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن ھالدا ھايات كەچۈرگەن ۋە ھېچكىمگە يامانلىق قىلمىغان بەختلىك كىشىلەر بولسا، كېيىنكىسى، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان، ئۇنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغان، ئۇلارنىڭ ھەق _ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان، مال _ مۈلكىنى يېۋالغان بەختسىزلەردۇر.

 

ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىمۇ رەھمەتتۇر

ئازاب قانداق رەھمەت بولىدۇ؟ زالىملارغا ۋە بەزى گۇناھكارلارغا كەلگەن ئازاب ئەلۋەتتە رەھمەتتۇر. چۈنكى، ئۇلارغا كەلگەن تۇنجى ئازاب ئۇلارنى قىلمىشلىرىدىن ۋە يامان پەيلىدىن ياندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ توغرا يولنى تېپىۋالىدۇ، بەزىسى بولسا يەنە بىر ئازاب بىلەن ھالاك بولۇپ، باشقىلارغا ئىبرەت بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇلار ئۈچۈن ۋە باشقىلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر. چۈنكى، زالىمنىڭ ھالاك بولۇشى باشقىلار ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇلارنىڭ توغرا يولغا قايتىشى بولسا ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

قىيامەت كۈنى زالىملارنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئايرىم بىر رەھمەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچراپ زالىملاردىن ئىنتىقامىنى ئالالماي كۆڭلى ئازابلانغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىنى كۆرۈپ راھەتلىنىدۇ.

بەزى ئۆلىمالار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىغا: )يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِنَ الرَّحْمَنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا( «ئى ئاتا! سېنىڭ رەھمان ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن»[24] دېگەن سۆزىدىن ئەجەبلىنىپ، ئايەتتىكى «رەھمان ئاللاھ» (يەنى شەپقەتلىك ئاللاھ) دېگەن سۆز بىلەن «ئازاب» دېگەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىمۇ رەھمەتنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن[25].

ئۇنىڭدىن باشقا، بەندىلەرنىڭ بىر- بىرىنى ئازابلىشى زۇلۇمدۇر. چۈنكى ئۇلارنى بۇنداق بىر ھەققى يوق. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى زالىم ئۈچۈنمۇ، مەزلۇم ئۈچۈنمۇ رەھمەتتۇر. چۈنكى زالىم پەيلىدىن يانىدۇ ياكى ھالاك بولۇپ تېخىمۇ كۆپ زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، مەزلۇم بولسا زالىمدىن ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

 

ئۆلۈممۇ رەھمەتتۇر

قېنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن ھەربىرىگە مىڭ يىل ئۆمۈر بەرگەن بولسا ئۇلار قانچىلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولار ئىدى. ئۇ چاغدا يېمەك- ئىچمەكتىن باشلانغان ھايات مەنبەلىرى ئۇلارغا يېتەرمىدى؟ مەيلى بۇنىغۇ ئاللاھ تائالا تولۇقلاپ بېرىشكە قادىر، چۈنكى ئۇ ھەربىر جانلىقنىڭ رىزقىنى بېرىدۇ دەيلى، ئەمدى، ئۆيىڭىزدە بوۋىڭىز، مومىڭىز، بوۋىڭىزنىڭ بوۋىسى، مومىڭىزنىڭ مومىسى، بوۋىڭىزنىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى، مومىڭىزنىڭ مومىسىنىڭ مومىسى دېگەندەك بىر يۈرۈش بوۋا ۋە مومىلار ياشايدىغان ۋە سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، دورا- دەرمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ ئۇلارنى قانداق بېقىپ بولاتتىڭىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە قانداق ۋاقىت چىقىرالايتتىڭىز؟

شەكسىزكى، دۇنيادا ئۆلۈم دەيدىغان نەرسە بولمىسا ئىدى، ھايات چىدىغۇسىز بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى يوقالغان بولاتتى. ئادەتتە ھەممىلا ئادەم يامان كۆرىدىغان ئاشۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆز رەھمىتىنى يايغان ئۇلۇغ رەببىمىزگە شۈكۈرلەر بولسۇن!

 

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە قاراڭ!

ئاللاھ تائالا بىزنى ئۇنىڭ چەكسىز رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە قاراشقا بۇيرۇيدۇ. )فَانْظُرْ إِلَى آَثَارِ رَحْمَةِ اللَّهِ كَيْفَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا إِنَّ ذَلِكَ لَمُحْيِي الْمَوْتَى وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ( «ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە _ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى چوقۇم (ئاشۇنداق) تىرىلدۈرگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر»[26]. ئەمما كۆپ ھاللاردا تىرىكچىلىكنىڭ ھەلەكچىلىكى ۋە ئالدىراشچىلىقلار بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. شۇڭا بىزغەپلەت ئىچىدە ئۆمۈر سۈرىمىز.

بىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە، ھەممە يەردە ۋە ھەربىر لەھزىدە ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئەمما بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلمايمىز. مەسىلەن: بىر ئاتىنىڭ ياكى ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان بوۋىقىنى چىڭ قۇچاقلاپ، باغرىغا باسقان ھالىتىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ قەلبى خۇشاللىق ۋە مېھىر- مۇھەببەت بىلەن تولغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمىزدا، ياكى قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن بىرىنىڭ ناھايىتى زوق بىلەن ھۇزۇرلانغان ھالدا تاماق يېۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، بىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىنىڭ ئەسىرىنى كۆرگەن بولىمىز.

يەنە كېلىپ، سىزنىڭ شۇ رەھمەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەنلىكىڭىز، ئۇنى ھېس قىلغانلىقىڭىز ۋە بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلغانلىقىڭىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىندۇر.

بىز ناماز ئوقۇغانغا ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا چەكسىز ھۇزۇر ۋە ئارامغا ئېرىشىمىز. بۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدۇر. توساتتىن بىرەر قۇشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭىز ياكى مۇڭلۇق بىر قىرائەتكە قۇلاق سېلىشىڭىز ۋەياكى نەي ئاۋازى دېگەندەك بىرەر چىرايلىق ئاۋازنى ئاڭلاپ قالسىڭىز كۆڭلىڭىز راھەتلىنىدۇ، غەم- قايغۇلىرىڭىز ئۇنتۇلىدۇ. سىز بۇنى تاسادىپىيلىق دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدۇر.

)فَانْظُرْ إِلَى آَثَارِ رَحْمَةِ اللَّهِ(«ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە قاراپ باققىن» دېگەن ئايەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بىز ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلىكى، ھايات بىزگە بەدەلسىز بېرىلدى، چۈنكى بىز ھاياتىمىز بەدىلىگە ھېچقانداق ھەق تۆلىمىدۇق، ئېلىۋاتقان نەپەسلىرىمىز ئۈچۈنمۇ پۇل تۆلىمىدۇق، كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن، يۈرەك، پۇت، قول قاتارلىق ئەزالىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسى ئۈچۈن پۇل تۆلىمىدۇق. بۇلارنى ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆز رەھمىتىدىن بېرىۋەتتى. يۈرىكىمىزنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى، كۆزىمىزنىڭ كۆرۈۋاتقانلىقىنى، قۇلىقىمىزنىڭ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، قولىمىزنىڭ تۇتۇۋاتقانلىقىنى، پۇتىمىزنىڭ مېڭىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەممە ئەزالىرىمىزنىڭ جايىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، بىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھېس قىلغان بولىمىز.

ئەتراپىمىزدا كۆزى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، قولى تۇتمايدىغان، تىلى گەپكە كەلمەيدىغان، پۇتى ماڭمايدىغان، يۈرىكىگە تېرەك سېلىنغان، مەخسۇس ئوكسېگىن بىلەن نەپەس ئېلىۋاتقان، بۆرىكىدىن مەسىلە چىقىپ قاندىن سۈيدۈك تازىلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان، ئەزا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقان ئىنسانلارنى كۆرگىنىمىزدە، بىز ئۆزىمىزدىكى رەھمەتنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرىمىز.

ئەزالىرى ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى دەپ جۆيلۈيدىغان، ئەقلى دۈمبىسىگە ئۆتۈپ قالغان ئاتېئىزمچىلار دۇنيانىڭ ئەڭ دۆت، ئەڭ كالۋا مەخلۇقلىرىدۇر. مەيلى ئۇلار ھەرقايسى پەنلەردە كاتتا دوكتور، پروفېسسور بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار بەرىبىر ئەڭ ئەقىلسىز ۋە رەزىل مەخلۇقلاردۇر. چۈنكى، ئۇلار چۈش ۋاقتىدىكى قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان ھەقىقەت ئاللاھنى تونۇمىغان ۋە ياراتقۇچىسىغا تۇزكورلۇق قىلغان نامەردلەردۇر.

شۇڭا سىز ئەتراپىڭىزغا ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن قاراڭ ۋە رەببىڭىزنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى تاماشا قىلىڭ.

 

مەخسۇس رەھمەتلەر
ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە مەخسۇس رەھمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار مۇئمىنلەرگە خاس رەھمەتلەردۇر. ﴿فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُدْخِلُهُمْ رَبُّهُمْ فِي رَحْمَتِهِ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ﴾ «ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ روشەن ئۇتۇقتۇر»([27]).

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە مەسجىدلەرگە، قۇرئان ئوقۇلغان جايلارغا، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن توپلانغان جايلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتلىرى چۈشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىرەر ئۆيدە قۇرئان ئوقۇش، دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەرگە خاتىرجەملىك ھەمراھ بولىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇلارنى قورشايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا مەغپىرەت تىلەيدۇ»([28]).

 

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ھەممىدىن چوڭدۇر

 ﴿قُلْ بِفَضْلِ اللّهِ وَبِرَحْمَتِهِ فَبِذَلِكَ فَلْيَفْرَحُواْ هُوَ خَيْرٌ مِّمَّا يَجْمَعُونَ﴾ «ئېيتقىنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ توپلىغانلىرىدىن  ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»([29]).

ھەقىقەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ بىزنى قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىمىز ۋە ھېس قىلىشىمىزنىڭ ئۆزى خۇشال بولۇشىمىزغا يېتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئەقىللىك كىشىلەر مال _ دۇنياسىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن، دۇنيانىڭ ھالاۋەتلىرىنى كۆپ تېتىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا رەھىم _ شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ۋە خەلقنىڭ سۆيگۈسىگە مۇيەسسەر بولغان، نام _ نىشانىسى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ خەلقنىڭ تىلىدا داۋام قىلىدىغان، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ توقسان توققۇز رەھمىتىگە مۇيەسسەر بولىدىغان كىشىلەردۇر. مۇنداق كىشىلەر خۇشال بولماي كىم خۇشال بولسۇن؟!

ئەمدى مۇنداق بىر سوئال كېلىشى مۇمكىن، ئاللاھ تائالا بىزگە شۇنچىلىك رەھىم _ شەپقەتلىك بولغان ئىكەن، بىز بۇ ھاياتلىقتا نېمانچە كۆپ جاپالارنى تارتىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خاپىلىقلارغا ئۇچرايمىز؟ بىرىنىڭ بالىسى ئۆلگەن، بىرى ئىش تاپالماستىن قاتراپ يۈرگەن، بىرى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي غەمكىنلىككە چۆمگەن... بۇ جاپالار نېمە ئۈچۈن؟

بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ دەيمىزكى، رەھمەتنىڭ مەنىسى بىراۋغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى، ياكى ئۇنى زىيان _ زەخمەتتىن توسۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن بىز كۆپىنچە ھاللاردا نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. سىزگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىشى گاھىدا سىز يامان كۆرىدىغان شەكىلدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئاچچىق دورىنى ئىچىشنى يامان كۆرگەن بالىغا ئوخشاش بولۇپ، بالىنىڭ ئەقلى يەتمىگەنلىكتىن، بۇ ئاچچىق دورىنىڭ ئۇنىڭ كېسەلدىن ساقىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەمما دادىسى ئۇنى ئىچىشكە زورلايدۇ. بالا دادىسىغا تىكىلىپ مەنىۋى بېقىشلىرىدا «دادا نېمە ئۈچۈن مېنى بۇنچە قىينايسىز؟» دېگۈسى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بالىسىنى قىينىغانلىقمۇ؟!

خۇددى شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھمىتىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاز _ تولا سىناقلارغا ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىدۇ. بۇ خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا بىر ئادەمنى خاتالىق بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبلىك مىسىردىن قېچىپ كېتىپ، مەديەن دېگەن جايدا ئون يىل قوي بېقىشقا مەجبۇر بولغىنىغا، ئاخىردا، بۇ جاپالىرىنىڭ نەتىجىسىدە پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت ئۇلۇغ رەھمەتكە نائىل بولغىنىغا، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلىنىش ۋە مىسىردا قۇل بازىرىدا سېتىلىش، كېيىنچە تۈرمىگە تاشلىنىش قاتارلىق جاپالاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت كاتتا رەھمەتكە ۋە مىسىردا مالىيە ۋەزىرى بولۇشتىن ئىبارەت چوڭ مەنسەپكە ئېرىشكەنلىكىگە ئوخشاش. چۈنكى ھەرقانداق بىر مۇكاپاتنىڭ مەلۇم بىر بەدىلى بولىدۇ، ھەرقانداق بىر مۇكاپات ئۈچۈن ئالدىن تۆلىنىدىغان بەزى بەدەللەر بولۇپ، چوڭ مۇكاپاتنىڭ بەدىلى چوڭ، كىچىك مۇكاپاتنىڭ بەدىلى كىچىك بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ تارتقان جاپالىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئېغىرلىقى ئۇلار ئېرىشكەن نېمەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈنكى، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچە ئالەم، ئاخىرەت مەڭگۈلۈك ئالەم بولغانلىقتىن، بۇ دۇنيادا ترتقان جاپالار ئۇنتۇلىدۇ، ئاخىرەتتىكى مۇكاپات مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. شۇڭا ئاخىرەتلىكنى دۇنيالىقنىڭ ئالدىغا قويغان ئادەم ئەقىللىك ئادەمدۇر.

 

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ھەممە نەرسىدە كۆرەلەيسىز

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئەتراپىمىزدىكى ۋە ئۆزىمىزدىكى ھەر نەرسىدە، بىز ئېلىۋاتقان ھەربىر نەپەستە، بىز كۆرۈۋاتقان ھەربىر گۈزەللىكتە، بىز ئاڭلاۋاتقان ھەربىر شاۋقۇندا ۋە ھەربىر ئاۋازدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۇنىڭ «الرَحْمَنُ» ۋە «الرَحِيمُ» دېگەن ئىككى ئىسىم-سۈپىتى بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. چۈنكى، بىز ھەربىر ئىشىمىزنى ﴿بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ﴾بىلەن باشلايمىز، نامازلىرىمىزنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە ۋە ھەربىر دۇئايىمىزدا، ھەربىر سۈرىنى ئوقۇشقا باشلىغاندا بۇ ئىككىسىنى ئوقۇيمىز. بۇ ئىككىسى قۇرئان كەرىمدە 160 ئايەتتە كەلگەن، ھەتتا «رەھمان سۈرىسى» دەپ ئالاھىدە بىر سۈرە نازىل بولغان.

ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنىڭ يۈز رەھمىتى بار. ئۇنىڭدىن پەقەت بىرنىلا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئىنسان، جىن، ھايۋان، ھاشارەت قاتارلىق جانلىقلار ئۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىگە شەپقەت قىلىشىدۇ، ھېسداشلىق قىلىشىدۇ، ھەتتا ۋەھشى ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنىشىدۇ. ئاللاھ توقسان توققۇز رەھمەتنى ئۆزىدە ئېلىپ قالغان بولۇپ، قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە ئۇنىڭ بىلەن رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ»[30] دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

ئىمام بۇخارى يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ رەھمەتنى ياراتقاندا، ئۇنى يۈز پارچە قىلىپ ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ توقسان توققۇز پارچىسىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ، زېمىنغا پەقەت بىرلا پارچىسىنى چۈشۈرگەن. پۈتۈن مەخلۇقاتلار مۇشۇ بىر پارچە رەھمەت بىلەن بىر _ بىرىگە رەھىم _ شەپقەت قىلىشىدۇ، ھەتتا ئات تايچىقىنى ئېمىتىۋاتقاندا، تايچىقىنىڭ بېشى قىسىلىپ كەتمىسۇن دەپ پۇتىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ»([31])دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

 ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان كۆيۈمچانلىقى، شەپقىتى ۋە ئامراقلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالغان رەھمىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاتا-ئانىلارنىڭ، ھەتتا ھەرقانداق بىر ئانىنىڭ قەلبىدىكى بۇ رەھمەتنى، بۇ ھېسسىياتنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بېرەلمەيدۇ ۋە ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. دۇنيادا ھېچقاندا بىر ئانا دۇنيانىڭ بايلىقىنى ئېلىش بەدىلىگە بوۋىقىنى ئىگىزدىن تاشلاشقا رازى بولمايدۇ، ھېچقاندا ئاتا قارۇننىڭ خەزىنىلىرىگە ئىگە بولۇش بەدىلىگە پەرزەنتىنى تېز كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئېتىشقا رازى بولمايدۇ. مەيلى ئىسان ياكى باشقا جانلىق بولسۇن، ھەرقانداق ئانا بالىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن قەتئىي ئىككىلەنمەيدۇ.

ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتا بۇ خىل مۇھەببىتى ۋە پىداكارلىقى زادى نەدىن كەلدى؟ ئاتا-ئانىلاردىكى ئۇلارنى بۇنداق ھېسسىياتقا كەلتۈرىدىغان ھۇجەيرىنىڭ ئىسمى زادى نېمىدۇ؟ ئاتېئىزمچىلار بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىدىكىن؟ ئادەتتىكى بىر مۈشۈك ئاسلىنىغا ياكى بىر توخۇ چۆجىسىگە خىرىس قىلماقچى بولغان بىرىگە ئېتىلىشتا بىرئاندا ۋەھشى ھايۋانغا  ئۆزگىرىپ قالىدۇ؟ ئۇنىڭدىكى بۇ قاراملىق ۋە بۇ كۈچ نەدىن كەلدى؟ ئاتېئىزمچىلار بۇنى قانداق چۈشەندۈرەركىن؟

ئەمما بىز مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا شۇنداق جاۋاب بېرىمىز ۋە شۇنداق چۈشەندۈرىمىزكى، ئانىلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ چەكسىز مۇھەببەت بىلەن بۇ تەڭداشسىز پىداكارلىق ئاللاھ تائالادىن كەلگەن رەھمەتنىڭ ئىزناسىدۇر. بۇ رەھمەت شۇنداق بىر مەنىۋى كۈچكى، ئۇنى يېڭەلەيدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر. شۇڭا مۇشۇ مەنىۋى كۈچ بىلەن ھەرقانداق ئاجىز ئانىمۇ پەرزەنتىنى قوغداشقا كەلگەندە ئەڭ كۈچلۈك يىرتقۇچلاردەك بولۇپ كېتىدۇ. پۈتۈن جانلىقلاردا ئورتاق بولغان بۇ رەھمەت قول بىلەن تۇتقىلى ياكى شەكلىنى مىكروسكوپ بىلەن كۆرگىلى ياكى ھەجىمىنى تەجرىبىخانىدا ئۆلچىگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، چۈنكى ئۇ مەنىۋى كۈچتۇر. بۇنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟!

 

«رەھمان» دېگەن ئىسمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

ئاللاھ تائالانىڭ «رەھمان» دېگەن ئىسمىدىن ئىنسان، ھايۋان، ئۇچارقانات قاتارلىق بارچە مەخلۇقاتقا شەپقەتلىك بولۇشنى، مۇئمىنلەرگە كۆيۈمچان بولۇشنى، خۇسۇسەن، گۇناھ ۋە خاتالىق سادىر قىلغانلارنى ھېكمەت ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن سىلىق ھالدا توغرىلىققا يېتەكلەشنى ئۆگىنىمىز.

رەھىم _ شەپقەت ھەممىمىز ياخشى بىلىدىغان، قۇلاقلارغا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان بىر سۆز. رەھىم _ شەپقەتنىڭ مەنىسى ھەممىگە شۇنچىلىك ئېنىق تونۇشلۇق بولسىمۇ، رەھىم _ شەپقەت ئارىمىزدا تېپىلىشى ئىنتايىن ئاز بولغان، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن بىر ئەخلاققا ئايلىنىپ قالدى. ئەسلىدە بىزدىن تەلەپ قىلىنغان نەرسە رەھىم _ شەپقەتنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا ياشىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ئىدى.

ھازىرقى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بۇ ئەخلاققا نەقەدەر زور ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. رەھىم _ شەپقەتنىڭ يوقىلىشى بىلەن جىنايەتلەر كۆپەيدى، ئاتوم بومبىلار ئىنسانىيەت ھاياتىنى تەھدىت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان، بىر لەھزە ئىچىدە مىليونلارچە ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ھالغا كەلدى.

پۈتۈن ئىنسانىيەت ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم _ شەپقىتىگە زور ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھەممە ئۇنىڭ رەھىم _ شەپقىتىنى تىلەيدۇ. بىز مۇسۇلمانلارمۇ ھەمىشە، ھەر نامىزىمىزدا ۋە دۇئالىرىمىزدا ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە رەھىم _ شەپقەت قىلىشىنى، گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى سوراپ كېلىۋاتىمىز. ئەھۋال شۇنداق بولغاندىكىن، يەنى بىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم _ شەپقىتىگە موھتاج بولغاندىكىن، نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە رەھىم _ شەپقەت قىلمايمىز؟ «ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن پەقەت رەھىم _ شەپقەتلىك بولغانلىرىغىلا رەھىم قىلىدۇ»([32]) ئەمەسمۇ؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ناھايىتى تولۇق ۋە ھەممە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دەرىجىدە ئىپادىلەپ: «رەھىم _ شەپقەت قىلغانلارغا ئاللاھ رەھىم شەپقىتىنى بېغىشلايدۇ. يەر يۈزىدىكىلەرگە رەھىم _ شەپقەت قىلىڭلار، ئاسماندىكى زات(ئاللاھ) سىلەرگە رەھىم _ شەپقەت قىلىدۇ»([33]) دېگەن.

دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم _ شەپقىتىگە ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا رەھىم _ شەپقەت قىلىشتۇر. بۇ ھەدىستىكى«يەر يۈزىدىكىلەرگە» دېگەن سۆز مۇسۇلمانلارنىلا ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان، ھايۋان، ئۇچارقانات ۋە ھەرقانداق جان ئىگىسىگە رەھىم شەپقەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلمىغانلارغا ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ»([34]) دەپ كۆرسەتكەن.



[1] «النهج الأسمى في شرح أسماء الله الحسنى».
[2] رەھمان سۈرىسى، 1-3- ئايەتلەر.
[3]تاھا سۈرىسى 5- ئايەت.
([4]) تىلشۇناس ئالىم ئابدۇلقاھىر جۇرجانىي__ قەدىمدە ئىران، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ خۇراسان مەملىكىتى بىلەن كاسپى دېڭىزى بويىدىكى تەبەرىستان رايونى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان جۇرجان دېگەن شەھەردە دۇنياغا كېلىپ، ھىجرىيەنىڭ 471- يىلى(1078م) ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ تەپسىرشۇناسلىق ئىلمى، ئەرەب ئەدەبىياتى، شېئىر، مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس، بەدىئىي ئىپادىلەش سەنئەتلىرى بويىچە كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلىرى مەۋجۇت.
([5]) ئىبنى قەييىم جەۋزىي __ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى. ئۇ ھىجرىيىنىڭ 691- يىلى (1292م) دەمەشىقتە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيەدە ئوقۇغان. تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرىدە توشقان ئالىم. ئۇنىڭ فىقھىشۇناسلىقتا قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار. ھىجرىيىنىڭ 751-يىلى(1349م) دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتكەن.
([6])21- سۈرە ئەنبىيا107 - ئايەت
([7]) «صحيح البخاري»3-توم، 132-بەت،2466 –ھەدىس.
([8]) «مسند الإمام أحمد»37- توم، 542-بەت.
[9]«صحيح مسلم»1955 –ھەدىس
([10]) 6- سۈرە ئەنئام54-ئايەت
[11] كەھف سۈرىسى: 16- ئايەت.
([12]) 6- سۈرە ئەنئام147-ئايەت
([13]) 7- سۈرە ئەئراف156-ئايەت
([14]) 2- سۈرە بەقەرە126-ئايەت
([15])ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([16]) 28- سۈرە قەسەس73-ئايەت
([17]) 42- سۈرە شۇرا28-ئايەت
([18]) 30- سۈرە رۇم50-ئايەت
([19])21- سۈرە ئەنبىيا30-ئايەت
([20])56- سۈرە ۋاقىئە68~70-ئايەتلەر
([21]) 30- سۈرە رۇم21-ئايەت
([22]) 2- سۈرە بەقەرە37-ئايەت
([23]) 7- سۈرە ئەئراف23-ئايەت
[24] مەريەم سۈرىسى: 45- ئايەت.
[25] «لأنك الله» 20- بەت.
[26] رۇم سۈرىسى: 50- ئايەت.
([27]) 45- سۈرە جاسىيە 30- ئايەت
([28]) ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى
([29]) 10- سۈرە يۇنۇس 58- ئايەت
 [30]ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى، 4- توم، 2108- ھەدىس.
([31])ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
([32])ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
([33])تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى
([34])ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار