
غەيب ۋە ئۇنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتى
غەيب- سەرگۈ ئەزالار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ۋە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمىغان ئىشلارنىڭ ئىسمىدۇر. غەيب كۆرۈنمىگەنگە ئىشىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىش، كېلەچەكتىن ئۈمىدۋار بولۇش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. غەيبكە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئاساسى. شۇڭا بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا ئۇلارنىڭ غەيبكە ئىشىنىدىغانلىقى كەلگەن. چۈنكى ئىمان شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل خىسلەتلىرىنىڭ ئەڭ بېىشدا ئۇلارنىڭ كۆرمىگىنىگە ئىشىنىدىغانلىقى كەلگەن.
بەزىلەر: «ئىنسان كۆرگىنىگە ئىشىنىدۇ» دەيدىغان ئاتالمىش پەلسەپىنى دەستۇر قىلىۋېلىپ، غەيبكە ــ كۆز بىلە كۆرگىلى بولمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئىنكار قىلماقچى بولۇشىدۇ. ھالبۇكى ئىنسان كۆرگەن نەرسىسىگە خالىسۇن، ياكى خالىمىسۇن ئىشىنىشكە مەجبۇردۇر. ئىنساننىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەن نەرسىلىرىگە ئىشىنىشى نورمال بىر ئەھۋال.
«ئىنسا كۆرگىنىگە ئىشىنىدۇ» دېگەن بۇ جۈملە مۇشۇ مەنىسى بىلەن چۈشىنىلسە، بۇ ئىنكارچىلارنىڭ دەۋاسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا قارشى دەلىل بولىدۇ. ئەگەر بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى «ئىنسان كۆرگىنىگىلا ئىشىنىدۇ. ئەمما كۆرمىگىنىگە ئىشەنمەيدۇ ۋە ئىشەنمەسلىكى كېرەك» دېگەن چۈشەنچىنى ئىپادىلەيدىغان بولسا، بىز بۇ جۈملە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مۇھتاجمىز. بۇ جۈملىنى ئىككىنجى مەنىسى بىلەن ئالساق، بىز ئۇنىڭ تامامەن ئەكسىنى سۆزلەيمىز ۋە دەيمىزكى، ئىنسان كۆرمىگىنىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ كۆرمىگىنىگە ئىشىنىدىغان يېگانە مەۋجۇداتتۇر. ئىشىنىش كۆرۈنگەننىڭ ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمىگەننىڭ ئىسمىدۇر. چۈنكى ئىنسان كۆرگىنىگە بەرىبىر ئىشىنىدۇ. ئۇنى ئىشىنىشكە باغلاشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق.
مەسىلىنى ئەسلىگە قايتۇرساق، ئىشىنىش بىلەن كۆرۈش ئوتتۇرىسىدا بېرەر ئالاقە قۇرۇش ھەرگىزمۇ مەنتىقلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى ئىمان كۆرۈنگەننىڭ ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمىگەننىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش دېمەكتۇر. شۇ ۋاقىتتىلا ئىماننىڭ قىممىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئەلۋەتتە كۆرۈش ئىماننىڭ كۈچلىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغىنىمىز يوق. «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دەيدىغان ھېكمەتمۇ بار. بۇدېگەنلىك، كۆرۈش ئىشىنىشنى كۆچەيتىدۇ دېگەنلىك بەس. ئەمما ئۇ، ئىشىنىش ئۈچۈن شەرت بولالمايدۇ. چۈنكى ئىمان كۆرمەي تۇرۇپ ئىشىنىشكە قويۇلغان ئىسىمدۇر. كۆرۈش ئىشىنىش ئۈچۈن شەرت بولىدىغان بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقىلنى ھەيران قالدۇرغان مۆجىزىلىرىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈن بىردەك ئىمان ئېيتمىغان؟
بىزنىڭ «كۆرۈش ئىشىنىشنى كۈچلەندۈرىدۇ»، دېگەن سۆزىمىزمۇ مۇتلەق ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى نىسبىيدۇر. چۈنكى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمانى بىردەك كۈچلىنىپ كەتكەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە غازاتلاردىن قاچقانلارمۇ ئاز بولمىغان. بۇ ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەسمۇ؟ ئەكسىچە، نە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، نە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ داھىلىرى بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە سابىت داموللاملارنىڭ ئىمانى ئۇلاردىن كۈچلۈك بولغان ئەمەسمۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىمانى تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە ۋە پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىمانى ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلسا، ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىمانى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەنلىكىمۇ، ئىماننىڭ ھەممە كىشىدە ئوخشاش دەرىجىدە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەننىڭ سىرتىدا، كۆرۈشنىڭ ھەممە كىشىنىڭ ئىشىنىشىنى بىردەك كۈچەيتەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىسسىي مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن يالغۇز ئەبۇ بەكرىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەبلەرنىڭ ــ مۇسۇلمان، كاپىر ـ ھەممىسى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئەمەسمۇ؟
كۆرۈش ۋە ئىشىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە ھەرخىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئەقىلدۇر. ئەگەر ئەقىل كۆرمىگىنىگە ئىنكار قىلماقچى بولسا، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىنكار قىلىشتىن باشلىشى كېرەك. چۈنكى ئەقىلنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بەلكى ئەقىلنى ئەقىل ئۆزىمۇ كۆرەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟
غەيبكە (كۆرمىگەنگە) ئىشىنىشنىڭ شۇنچىلىك يوقىرى مەرتىۋىلىرى باركى، كۆرۈش ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. «پەردىلەر ئېچىلىپ، ئىشەنگەنلىرىمنى كۆزۈم بىلەن كۆرسەممۇ ئىمانىمغا ھېچ نەرسە قوشۇلماستىن يەنىلا بىرخىل تۇرىدۇ» دېگەن ئارىپلار ئۆتكەن. بۇ سۆزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئانچە قىيىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.
كۆرۈشنى ئىشىنىشنىڭ شەرتى، دەپ سانايدىغان بولساق، ئالدى بىلەن تارىخنى ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تارىخ ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپ، كىتابلاردىن ئوقۇش ياكى ئاغزاكى ئاڭلاشلار ئارقىلىق ئىشىنىلىدىغان نەرسە. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى مەككىنى ئەرەب بۇددىست كۈچلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازات قىلغانلىقىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن بولساقمۇ، ئۇنىڭغا قىلچە شەك قىلماستىن ئىشىنىمىز. ئەگەر مۇمكىن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا قايتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە جىھادقا قاتناشقان ۋە مەككىنى ىبللە ئازات قىلغان بولساق بۇ ۋەقەلىكنىڭ راستلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز كۈچلىنەمتتى؟ تەبىئىيكى، ياق! چۈنكى كۆزىمىز بىلەن كۆرسەكمۇ شۇ ۋەقەلىكنى كۆرىمىز، كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنسەكمۇ يەنە شۇ ۋەقەلىككە ئىشىنىمىز. كۆرگەننىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇ ۋاقىتتىكى بىردەملىك ھاياجان، بەس.
ئەگەر بىز «كۆرگىنىمگىلا ئىشىنىمەن، كۆرمىگىنىمگە ئىشەنمەيمەن» دېمەكچى بولساق، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ بولغانلىقىنى، ئاپراسياپ، ئوغۇزخان، سۇتۇق بوغراخان، مەھمۇد قەشقىرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە باشقىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىز بۇ ئۇرۇشلارنى ۋە مەزكۇر ئەجدادلىرىمىزنى كۆرمىدۇق، پەقەت تارىخلاردىن ئوقۇپ ئىشەندۇق ھەمدە ھېچقانداق شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە جەزم قىلدۇق.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆرمەستىن ئىشەنگەنلىرىمىز بىلەن كۆرۈپ ئىشەنگەنلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە چوڭ پەرق يوق. مەسىلەن: كۆپلىرىمىز ئاتوم، مىكروب ۋە باكتېرىيەلەرنىڭ ھېچبىرىنى كۆرمىگەن بولساقمۇ، بۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكىدىن ھېچ شەك قىلمايمىز. چۈنكى، بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «كۆردۇق» دېيىشى بىزنىڭ ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
قېنى مېكروسكوب ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بارلىق جىھازلار بىر ئاندىلا يوق بولدى ياكى ئۇلارنىڭ كۆرۈش سىستېمىسى بۇزۇلدى، باشقىسىنى ياساشقىمۇ ئىمكانىيەت بولمىدى، دەپ پەرەز قىلايلى، بۇۋاقىتتا، ئاتوم، مىكروب ۋە باكتېرىيەلەرنى كۆرەلمىگىنىمىز ئۈچۈن بۇلارنىڭ مۇشۇ دۇنيادا مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلالامدۇق؟!
ئۆتمۈشلەردە مېكروسكوب بولمىغاچقا مىكروب، باكتېرىيەلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇلار شۇ دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ سىرتىدا ئېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مىكروب ۋە باكتېرىيەلەر يوقمىدى؟ ئۆتمۈشتىكىلەر بۇلارنى كۆرۈش بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزنىڭ سىرتىدا ئېدى دېيەلىسىمۇ، بۇلارنى ھەقىقىي مەنىدە يوق ئىدى دېيەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇلار كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، مىكروب ۋە باكتېرىيەلەر ئىنسانلار يارىتىلىشتىن بېرى بار ئېدى.
كۆرۈشنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ۋە كۆزنىڭ كۆپ ھاللاردا خاتالىشىدىغانلىقىنىمۇ ئونۇتماسلىق كېرەك. بۇمەسىلىنى ئىزاھلاشقىمۇ ھاجەت يوق. ئەقلىڭىز باشقا جايدا بولغان ۋاقىتتا ئالدىڭىزدا تۇرغان ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ تونۇشلۇق ئادىمىنىمۇ كۆرمەي قېلىشىڭىز، گاھىدا ئۇنى باشقىسىغا ئوخشىتىپ قويىشىڭىز ياكى تونۇماي قېلىشىڭىز، سەرابنى سۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز كۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىدىن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، «مۇناپىق كۆزگە، مۇئمىن سۆزگە ئىشىنىدۇ» دېيىلىدۇ.
بۇ ئورۇندا، كۆزگىلا ئىشىنىشنىڭ ئىنسانلارنى چوڭ خاتالىقلار ۋە ئىمانسىزلىقلارغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى خالايمىز. بىز ھەمىشە قۇياشنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە يەرشارىنىڭ جىم تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر كۆز ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولىدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ يەرشارىنىڭ ئۆز ئورنىدا جىم تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە قۇياشنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشىمىز تەبىئىي ھەققىمىز بولغان بولاتتى. ئەمما ھەقىقەت بۇنداق ئەمەس. كۆزىمىز بىزنى ئالدايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلانغىنى يەرشارى، ئۆز ئوقىدىكى ھەرىكىتى بىلەن تۇرغىنى قۇياشتۇر! ئادەمنى ھەمىشە ئالدايدىغان ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى چەكلىك بولغان، ھەتتا تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىكىنى ۋە قاراڭغۇدىكىنى كۆرمەيدىغان كۆزگە ئىشىنەمدۇق ياكى ئەقىلنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ ئىلمىي ھەقىقەتكىمۇ؟!

