
مۇسىبەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ!
كۆڭۈلسىزلىك، خۇشاللىق، پايدا، زىيان ھەممىسى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالادىندۇر. بەزىدە زىيانلىق كۆرۈنگەن ئىشلار پايدىلىق بولۇپ چىقىدۇ، بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر خۇشاللىقنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالىدۇ. ئىجابىي بولۇش ۋە ئىشلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ھەرقانداق مۇسىبەتنى نېمەتكە، كۆڭۈلسىزلىكنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇش مۇمكىندۇر.
1884- يىلى گوللاندىيەلىك بىر باي جەنۇبىي ئافرىقىدا پۇل تېپىش پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى ئاڭلاپ، پۇلغا يارايدىغان نەرسىلىرىنى ساتىدۇ ۋە جەنۇبىي ئافرىقىغا يېڭىدىن ئىش باشلاشقا كېلىدۇ. ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانى قورۇش ئۈچۈن بار پۇلىغا كاتتا بىر زېمىننى سېتىۋالىدۇ. ئەمما ئۇرۇنغا قالماي بۇ يەرنىڭ تېرىم ئىشلىرىغا يارىمايدىغان ۋە يىلان، چايانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ، بۇ زېمىننى ئالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ، ئەمدى نېمە قىلىش ھەققىدە كۆپ ئويلىنىدۇ. ئاخىر بۇ جايدىكى يىلان، چايانلاردىن پايدىلىنىپ، زەھەر قايتۇرىدىغان ئانتىتېئوسىن ئىشلەپچىرىدىغان زاۋۇت سېلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ زاۋۇتى دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر ئانتىتېئوسىن ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.
1850- يىلى كالىفورنىيەدە ئالتۇن كانلىرى بايقالغاندىن كېيىن، ئۇ جايغا يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن نۇرغۇن ئادەم ئېقىن قىلىشقا باشلايدۇ ۋە ھەممىسى ئالتۇن چىقىرىش ئۈچۈن كانلارنىڭ يېنىغا چېدىرلارنى تىكلەپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار كولىغان كانلاردىن ئالتۇن چىقمايدۇ. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوسكار ئىسىملىك ئىنگىلىز ھەممىدىن بەك زىيان تارتقانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاچلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چېدىرلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇنىڭدىن قېلىن ئىشتانلارنى تىكىدۇ. چېدىرنىڭ رەختى كۆك رەڭلىك ۋە قاتتىق رەخت بولۇپ، ئۇنىڭ تىككەن ئىشتانلىرى ئوبدان بازار تېپىپ قالىدۇ، چۈنكى ئەتراپتىكى كان ئىشچىلىرى بۇ ئىشتانلارنى قىزىقىپ سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ. ئاندىن ئوسكار بۇ ئىشتانلارغا «ستراۋس جىنز» دەپ ماركا قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۆك رەڭلىك قېلىن جىنز ئىشتان دۇنيادا تونۇلۇشقا، كۆپ جايلاردا مودا بولۇشقا باشلايدۇ. ھازىر ئۇنىڭ ماركىسى دۇنياغا مەشھۇر، ئۆزىمۇ دۇنيا بويىچە ساناقلىق بايلاردىن بىرى بولۇپ قالغان.
سىزمۇ ئۆتكەنگە ھەسرەتلىنىشنىڭ ۋە تارتقان زىيان سەۋەبلىك غەمكىن بولۇشنىڭ ئورنىغا مۇسىبەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ، يىرتىلىپ كەتكەن چېدىرىڭىزنى ئالتۇن كانلىرىغا ئايلاندۇرۇڭ، سىزگە زىيانلىق بولغان يىلان، چايانلارنى ئۆزىڭىزنىڭ پايدىسىغا ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىڭ.
ئىبرەت:
- ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.
- سەۋەب قىلساق ئاچچىق لىموندىن تاتلىق شاراپ ياسىغىلى بولىدۇ.
- ھەرقانداق بىر قاراڭغۇنىڭ يوچۇقى بولىدۇ، بەزىدە ئاشۇ يوچۇق بىرنىڭ چىقىش پۇرسىتىمىز بولۇپ قالىدۇ.

