
يېڭى يىل ۋە بىز
يېڭى يىلدىكى خۇشاللىق
نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىل كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشاللىنىدۇ، خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشىدۇ، بەزىسى بايرام قىلىشىدۇ.ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا خۇشال بولۇش ھەربىر ئىنساننىڭ ھەققى. ئەمما يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش دەل ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئۆمۈر بېرىپ، تېنىمىزنى ساق قىلىپ، بىزنى مۇشۇ يېڭى يىلغا يەتكۈزگەنلىكىدۇر. بۇنىڭغا خۇشال بولۇش بىزنىڭ ھەققىمىز بولغاندەك ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر. چۈنكى، ئۆمۈرنى ۋە خۇشاللىقنى ئاتا قىلغان زات ئاللاھ تائالادۇر.
يېڭى يىلدا قىلىدىغان ئىشلار
يېڭى يىلدا ھەربىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىشىدۇر. چۈنكى ئەسلىدە يېڭى يىلنىڭ كىرگەنلىكى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ساق – سالامەت مۇشۇ كۈنگىچە ياشىغانلىقىمىزغا خۇشال بولۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك ۋە ئۆزىمىزنى خۇشال قىلغۇدەك قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇق، بۇ يىل ئىچىدە قانداق يامان ئىشلارنى قىلدۇق ۋە قانداق كەمچىلىكلەرنى سادىر قىلدۇق؟ بۇلارنى ئەقلىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياخشى قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن خۇشاللىنىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشىمىز، يامان قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى يېڭى يىل كىردى دېگەنلىك ئۆمرىمىزدىن بىر يىل قىسقاردى، ئەجىلىمىز بىر يىل يېقىنلاشتى دېگەنلىكتۇر.
- يېڭى يىل بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى غەمكىنلىك، ئۆزىنى سىلكىش، غەپلەتتىن ئويغىنىش پەيتىدۇر.
- يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللارنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللارنى مەنىلىك ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەل باغلاش پەيتىدۇ.
- يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك، ئىنسانلارنى مەمنۇن قىلغۇدەك، ۋىجدانىمىزنى راھەتلەندۈرگۈدەك ياخشى ئىشلارنى قىلالمىغان بولسا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۇن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ۋەدە بېرىش پەيتىدۇر.
- يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ۋە ئۇلارغا ئۇنتۇلماس خۇشاللىقلارنى تەقدىم قىلالمىغان بولسا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن نىيەت قىلىش پەيتىدۇر.
- يېڭى يىل ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئالىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە باھا بېرىدىغان ۋاقىتتۇر. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئېلىپ، كەمچىل تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلاپ، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ تۇرساق، بىزنىڭ يۈكىمىز يەڭگىللىشىپ قالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشىمىزمۇ ئوڭايلىشىدۇ.
ئۆمۈر ئاتقان ئوقتۇر
ئەجدادلىرىمىز ۋاقىتنىڭ ۋە ئۆمۈرنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنتايىن قىسقىلىقىنى بىلگەنلىكتىن، «ئۆمۈر ئاتقان ئوقتۇر» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان ئىكەن. دېمىسىمۇ، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ، ئۆمۈرنىڭ قەدرىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ھېچبىر سائىتىنىڭ مەنىسىز، ساۋابلىق ئەمەلسىز ئۆتۈپ كېتىشىگە قەتئىي رازى بولمايتتى. بۇرۇنقى ئۈلگىلىك زاتلاردىن ھەسەن بەسرى «بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئالتۇن –كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك بىلىدۇ» دېگەن
يېڭى يىل بايرىمىنڭ كېلىپ چىقىشى
يېڭى يىل بايرىمى ئىيسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن خىرىستىيانلار يولغا قويغان دىنىي بايرام. ئۇنىڭ پائالىيىتى خىرىستىيانلارنىڭ بىر- بىرىگە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىش، يېشىل دەرەخنى تىكلەش، ئائىلە بويىچە خوشاللىق تەنتەنىسى قىلىش، نوۋېل پاپانىڭ تەقلىدىنى ياساش بىلەن بولىدۇ. بۇ بايرام كرېسماس دەپ ئاتىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خىرىستىيانلارنىڭ ياۋروپادىكى پرۇستانت مەزھىبى بىلەن كاتۇلىك مەزھىبى 25 دېكابىرنى قارارلاشتۇرغان بولسا، شەرقتىكى ئورتۇدوكس مەزھىبى يانۋارنىڭ 7- كۈنىنى قارارلاشتۇرغان.
مىلادىيىنىڭ 220- يىلىغا كەلگۈچىلىك خىرىستىيانلاردا بۇ ئادەت يوق ئىدى. شۇ يىلى خىرىستىيان ئالىملىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيىنىڭ 29- يىلى 25 مارت كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارارلاشتۇرغان، كېيىنكى خىرىستىيان ئالىملىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيە 33- يىلى 3- ئاپرىل كۈنى دارغا ئېسىلغان دەپ قارارلاشتۇرغان. تارىختا تۇنجى قېتىم 14 – ئەسىردە كونستانتىن ئىمپېراتورىنىڭ زامانىدا، ئىمپېراتورلۇق 25- دېكابىرنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بايرىمى دەپ بېكىتكەن. چۈنكى رىملىقلار خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھەر يىلى 25- دېكابىر كۈنىدە «قۇياش ئىلاھى» سانىلىدىغان «بول ئىنفىكتوس» نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيتتى. ئۇلار خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئادەتنى خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزگەن، ئاندىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئادەت خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
يېڭى يىل بايرىمى بىزنىڭ ئەمەس
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئادەتلىرىنى دوراشتىن توسۇپ: «مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار»دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دورىماڭلار، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلماڭلار، ئۇلارغا ئۆزۈڭلارنى ئوخشاتماڭلار دېگەنلىك بولۇپ، مۇشرىكلارغىلا خاس ئەمەس. ھەدىستە «مۇشرىك» سۆزىنىڭلا تىلغا ئېلىنغانلىقى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار ئەسلىدە مۇشرىكلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى، مۇشرىكلىك مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپرەك مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقى سەۋەبتىن بولسا كېرەك.

