
مۇرتەدلىك ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
مۇھەممەد يۈسۈپ
سوئال: مۇرتەد دېگەن كىم؟
جاۋاب: مۇرتەد سۆزى لۇغەتتە يېنىۋالغۇچى دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ، كاپىرلىققا قايتقۇچى دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. مۇرتەد بولغۇچىلارنىڭ بۇرۇن قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كتىدۇ ۋە بارىدىغان جايى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازاپقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كېتىپ، كاپىر بولغان پېتى ئۆلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دۇزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾( ).
مۇرتەد بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار
سوئال: مۇرتەد بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
جاۋاب: كىشىنى مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:
1. گەپ - سۆز. مەسىلەن: ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن يېنىۋالغانلىقىنى ئوچۇق سۆزلەش، ئاللاھنى ياكى پەيغەمبەرلەردىن بىرەرسىنى ياكى قۇرئان كەرىمنى سۆكۈش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت تىلەش، ئىسلام قانۇنلىرىنى ھازىرقى ئەسىرگە يارىمايدۇ، دەپ ئوچۇق سۆزلەش ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى كەمسىتكەنگە ئوخشاش.
2. ئىش – ھەرىكەت. مەسىلەن: سېھىرگەرلىك قىلىش، بۇتلارغا ۋە ھەرقانداق بىر مەخلۇقاتقا چوقۇنغانغا ئوخشاش.
3. ئېتىقاد. مەسىلەن: ئاللاھنى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى، قۇرئان كەرىمنى ۋە ياكى دىنىمىزدا ئىمان كەلتۈرۈش زۆپىرۈر بولغان مەسىلىلەردىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلىش.
4. شەك. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە شەك قىلغانغا ئوخشاش.
سوئال: مۇرتەد بولغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: مۇرتەد بولغانلارغا تۆۋەندىكىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ:
1. مۇسۇلمان قىزلار ھېچبىر ھالەتتە مۇرتەدلەرگە ياتلىق قىلىنمايدۇ. ئەرنىڭ مۇرتەدلىكىنى بىلمەستىن ياتلىق بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دەرھال ئايرىۋېتىش لازىم كېلىدۇ. مۇرتەد بولغان ئايالنىمۇ مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئېلىشى ھالال بولمايدۇ.
2. ئەر-ئاياللاردىن قايسىبىرى مۇرتەد بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ بۇزۇلغان بولىدۇ. بالىلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن بالىلىرى مۇرتەد بولمىغىنىنىڭ يېنىدا قالىدۇ.
3. مۇرتەد بولغانلار مۇسۇلمانلار جامائىتى تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرىلىدۇ. بۇ باشقىلارغا ئىبرەت بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭ ئىغۋاسىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈندۇر.
4. مۇرتەد بولغانلار ئۆلگەندە، يۇيۇپ تارىماستىن، نامىزى ئوقۇلماستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىدىن باشقا قەبرىستانلىقلارغا دەپنە قىلىنىدۇ»( ). ( پېقىرنىڭ «دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب» ناملىق ئەسىرىدىن).

