
قانداق قىلغاندا قورقۇنچنى يەڭگىلى بولىدۇ؟
مۇھەممەد يۈسۈپ
الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ» يەنى «مۇئمىنلەر (شۇنداق زاتلاركى، بىر قىسىم) كىشىلەر ئۇلارغا: «شەك _ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېگەندە، بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: "بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!" دېدى» .
خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. خاتىرجەملىك بولغاندىلا ئەمەل – ئىبادەتلەرنى كۆڭۈللۈك قىلغىلى، ۋەتەننىڭ ۋە مىللەتنىڭ غېمىنى يېگىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ نېمەتنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېگەن : « لِإِيلَافِ قُرَيْشٍ . إِيلَافِهِمْ رِحْلَةَ الشِّتَاءِ وَالصَّيْفِ . فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَذَا الْبَيْتِ . الَّذِي أَطْعَمَهُمْ مِنْ جُوعٍ وَآَمَنَهُمْ مِنْ خَوْفٍ« يەنى «قۇرەيشلەر قوغدالغانلىقى _ قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقى (غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش) ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى ئاچلىقتىن تويغۇزغان، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆي (كەئبە)نىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن!» .
قورقۇش ئىنساندىكى تەبىئىي ھالەت بولۇپ، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان قورقۇنچ تۈرلىرى بار. مەسىلەن: ئىنسانلار بىرەر ئىشقا بەل باغلاشتىن قورقىدۇ، ئۆلۈمدىن قورقىدۇ، قانۇننىڭ جازاسىدىن قورقىدۇ، مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، ئاغرىق- سىلاقتىن قورقىدۇ، ئوغرى - يالغاندىن قورقىدۇ، يۈز-ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە ياكى پەرزەنتلىرىگە زىيان-زەخمەت يېتىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، بىراۋنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقىدۇ، بىرەر باشلىقنىڭ ياكى جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىسىنى رەنجىتىپ قويۇپ، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.
قورقۇنچ بىلەن سائادەت بىرلەشمەيدۇ
ئىنساننىڭ سائادەتنى ھېس قىلىشى ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قورقۇنچلاردىن ۋە غەم-قايغۇلاردىن خاتىرجەم بولۇشىغا باغلىقتۇر. قورقۇنچتىن خالاس بولۇشنىڭ يولى قورقۇنچنى يېڭىشتۇر. قورقۇنچنى يېڭىشنىڭ يولى شىجائەت ۋە جۈرئەتتۇر.
بىر كۈنى بىر ئىت ئۇسساپ كەتكەنلىكتىن، دەريا بويىغا بېرىىپ سۇ ئىچەي دېگەندە، سۇدا ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە قورقۇپ كېتىپ ئىككىلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ئىت قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بولغاچقا يەنە بىر قېتىم سىناپ باقماقچى بولىدۇ-يۇ، يەنىلا قورقۇپ ئىككىلىنىپ قاىلىدۇ. ناھايەت قورقۇنچىسىنى يېڭىشقا بەل باغلاپ جۈئەت قىلىدۇ ۋە دەرياغا سەكرەيدۇ، سۇ ئۈستىدە ئۆزىنى قورقۇتقان سۈرىتى بولسا كۆزىدىن غايىپ بولىدۇ.
ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى خىيالىي نەرسىلەرنىڭ قورقۇنچىسى ئاستىغا قويۇۋالىدۇ، ھاياتىنى يوق بىر قورقۇنچلارغا ۋە شۈبھىلەرگە باغلىۋالىدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىق چېغىدا قوبۇل قىلىۋالغان سەلبىي قانائەت بويىچە قورقۇنچ ۋە ئەنسىرەش ئىچىدە ياشايدۇ.
سىز بىرەر ئىشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى ئوبدان ئويلىنىڭ، ئۆزىڭىز ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىلىرىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ، ئىستىخارە قىلىڭ. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشقا بەل باغلىغان ئىكەنسىز ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ، ئىچىڭىزدىن كېلىدىغان قورقۇنچ ئاۋازلىرىغا قۇلاق سالماڭ، ئارقىغا قارىماڭ، بەل باغلىغان ئىشقا باتۇرلارچە يۈزلىنىڭ.
قورقۇنچلارنى يېڭىش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدىكى ئىشتۇر. قورقۇنچنى يېڭەي دېسىڭىز، كۆڭلىڭىزدە قورقۇنچلارغا قەتئىي ئورۇن بەرمەڭ، شىجائەت بىلەن ئالدىڭىزغا ئىلگىرىلەڭ. قورقۇنچلىرىڭىزنى قۇملارنىڭ ئۈستىگە يېزىپ قويۇڭكى، دولقۇنلارنى ئۇنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتسۇن. سىزنى قورقتىدىغانلاردىن ۋە يولىڭىزغا شەك-شۈبھىنىڭ تاشلىرىنى ئاتىدىغانلاردىن يىراق تۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇزۇنغا قالمايلا، سىز قورقۇنچ دەپ ئويلىغان نەرسىلەرنىڭ پەقەتلا ۋەھىمە ۋە خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز. ئۇنتۇماڭكى، پارلاق كېلەچەك ئىشەنچ ۋە جۈرئەت بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرغانلارغا خاستۇر.

