
ئىسلامشۇناس ئالىم بىلەن سۆھبەت (2)
«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى، 2024- يىلى 25- ئىيۇل، 8197- سان.
يېقىندا ئالمۇتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ يۇرت-جاماەتچىلىكى ئىسمى كۆپچىلىككە ناھايىتى ياخشى تونۇشلۇق بولغان دىنىي ئۆلىما ۋە ئىسلامشۇناس ئالىم مۇھەممەت يۈسۈپ قارىھاجىم بىلەن ئۇچراشتى. ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان قېرىندىشىمىز بىلەن دىدارلىشىشنى خالىغان يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
– يېتۈك ئالىم ۋە يۇقىرى دىنىي بىلىمگە ئىگە مۇھەممەت يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ ئىسمى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم، – دەپ سۆزىنى باشلىدى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ يىگىتبېشى ئازاد ئىبراھىموۋ.
– مۇھەممەت يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ «ئىسلام ئەقىدىلىرى»، «ناماز ۋە ئۇنىڭ قاىدە-تەرتىپلىرى»، «دىن ۋە ھايات ( 2000 سوئالغا جاۋاب)» ناملىق كۆلەملىك كىتابلىرى خەلقىمىز ئارىسىدا ئاممىباب ئەسەرلەرگە ئايلاندى. خەلقىمىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيدىغان بولدى. قازاقىستان تەۋەسىدە چىققان ئۇيغۇرچە دىنىي ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى مۇھەممەت يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدۇر. يېقىندا ئۇ ئالمۇتىغا كەلگەن ئىكەن. بىز بۇ پۇرسەتنى قولدىن چىقارماي، ئۇنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. مۇھەممەت يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىغا توختالساق، ئۇ 1968-يىلى تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە مەرىپەتچىلەر ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. يۇرتىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەدرىسىدە ئەرەب تىلىنى ئۆگەندى ۋە قۇرئاننى تولۇق يادقا ئالدى. 1986-يىلى مەككە مۇكەررەمەگە ھەج پائالىيىتىگە ئاتلىنىپ، ئۇ يەردىن بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە مىسىرغا بېرىپ، «ئەل ئەزھەر» ئىسلام بىلىمگاھىنىڭ ئوتتۇرا بىلىم بېرىش بۆلۈمىدە تەھسىل كۆردى. شۇنىڭدىن كېيىن «ئەل ئەزھەر» ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىدا بىلىم ئالدى. 1993-1995-يىللىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى مەدرىسىلەرنىڭ بىرىدە مۇدەررىسلىك قىلدى. 1995-2001- يىللىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «قازاق-تۈرك مەكتىۋى»دە ئەرەب تىلىنىڭ مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىدى. 2001-يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەپستان دۆلەت رادىوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇچرىشىشتا سۆز نۆۋىتىنى ئالغان مېھمانلار دىلمۇرات كۇزىېۋ، ئازتېكىن ئىبراھىموۋ، سادىقجان يۇنۇسوۋ، كارلىن مەخپىروۋ، پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوۋ، پېشقەدەم مەتبەئەچى زېرىپ مولوتوۋ ۋە باشقىلار مۇھەممەت يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ دىنىمىز ئىسلامنى تەرغىب قىلىپ، ئۇنى ئىلمىي جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. سۆز قىلغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى پائالىيىتىگە يۇقىرى باھاسىنى بېرىپ، ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.
ئۇچرىشىشقا يىغىلغان كۆپچىلىكنى مۇھەممەت يۈسۈپ قارىھاجىم ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى يېڭىلىقلاردىن ۋە قىزىقارلىق مەلۇماتلاردىن خەۋەردار قىلدى. ئاخىردا ئۇ يىغىن ئەھلىنى قىزىقتۇرغان كۆپلىگەن سوئاللارغا ئېنىق مىساللار ئارقىلىق جاۋاب بەردى.
ژۇرنالسىت: يۇلتۇزاي سېمەتوۋا
ئالمۇتا شەھىرى

