دىن ۋە سىياسەت

دىن ۋە سىياسەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

نۇرغۇن كىشىلەر سىياسەت سۆزىدىن ئۆكۈنىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭدىن سەسكىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار سىياسەتنىڭ رەزىللىكىنىلا بىلىپ، ئۇنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەخلاق ۋە پىرىنسىپى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار مۇتلەق كۆپ ساندىكى  سىياسىيلارنىڭ مەككارلىقىنى، ئەدەب-ئەخلاقتىن يىراقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلار سىياسەت دېگەن ۋە سىياسىي دېگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەنلىكتىن شۇنداق قارىشى مۇمكىن.

ئەسلىدە سىياسەت سەسكىنىشلىك نەرسە ئەمەس، پەقەت بەزى كىشىلەرنىڭ سىياسەتنى ئەخلاققا زىت ھالدا قوللۇنۇشى ۋە ئۇنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشى ئۇنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئاتاغلىق پەيلاسوپ ۋە دىنىي ئۆلىما ئىبنى رۇشدى دىن ۋە سىياسەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن ئىكەن: «پەلسەپە بىلەن دىن ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپى بار. ئەمما ئۇلار بەزى مەسىلىلەردە بىرلىشىپ قالىدۇ. ئەسلىدە پەلسەپە دىنغا زىت نەرسە ئەمەس. بەلكى دىننى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ، دىنمۇ پەلسەپىنى ئىنكار قىلمايدۇ» .

ئەمەلىيەتتە، ئىبنى رۇشدىنىڭ ھاياتى بۇ سوئالغا يېتەرلىك جاۋاب بولالايتتى. چۈنكى ئۇ پەيلاسوپ، ھەكىم، فەقىھ ۋە قازى ئىدى. ئۇ پەلسەپە بىلەن تېبابەتتە ئالىم بولغاندەك، فىقھ ۋە سىياسەتتىمۇ ئالىم ئىدى. كۆپلىگەن ئۆلىمالار شەرىئەتنى تېبابەتكە ئوخشىتىدۇ.

ھازىرقى زامان ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن دوكتور ئەھمەد رىسۇنىي مۇنداق دەيدۇ: «دىننىڭ سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دوختۇرنىڭ ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇ پەقەت داۋالاش ۋە ساقيتىش مۇناسىۋىتىدۇر. پەيغەمبەرلەر ئەڭ پەزىلەتلىك سىياسىيلار ئىدى. ئۇلارغا چۈشكەن شەرىئەتلەرمۇ  ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ مۇكەممەل سىياسەتلەر ئىدى. ھەتتا قەدىمقى ئۆلىمالاردىن ئەبۇ بەكرى شاشى «شەرىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرى»ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، شەرىئەتنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ  پەزىلەتلىك سىياسەت مەيدانىغا كىرىدىغانلىقى ۋە ساغلام ئەقىل بىلەن ماسلىشپ كېتىدىغانلىقىدۇر»  دېگەن.

ھۆججەتۇلئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىي «خەلقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتىكى سىياسەت تۆت مەرتىبىلىك بولۇپ، بىرىنچى مەرتىبە پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىدۇر»   دېگەن.

پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىنى تەربىيىۋى ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت دېسەك ئەڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەتنى ئىمان ۋە ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەش ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن زاتلاردۇر. ھازىرقى ئەسىردە سىياسەتنىڭ ساھەلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن. مەسىلەن: دۆلەت سىياسىتى، تەلىم-تەبىيە سىياسىتى، تەشۋىقات سىياسىتى، ئىجتىمائىي ئىشلار سىياسىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.

«دۆلەتلەرنىڭ خەلقنى باشقۇرۇش سىياسەتلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىدىن تاشقىرى ئەمەس. ئەمما پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتى  ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىش بولسا، ھازىرقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى خەلقنى ئىدارە قىلىشتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت يولىدا دۇچ كېلىدىغان چوڭ مۈشكىلىسى قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى كاتتىباشلار ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەر ئىدى. «سىياسىي مەسىلە»نى تەرىپلىمەكچى بولساق، شۇنداق دەيمىزكى، ئىچىدە كاتتىباشلار بىلەن سىياسىيلار ئورۇن ئالغان ھەر قانداق مەسىلە سىياسىي مەسىلىدۇر. قەدىمدە يۇرت كاتتىلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىققانلىقى ئوپئوچۇق سىياسى مۈشكىلىدۇر. مەسىلەن: پىرئەۋن بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشكىلىسى ئەينەن سىياسىي مۈشكىلە ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن تەرىپىدىن چوڭ بىر سىياسىي قارشىلىققا ئۇچرىغان، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن سىياسى قارشىلىققا ئۇچرىغان. (چۈنكى بۇلارنىڭ ھەربىرى يەنە بىرىنىڭ يولىنى توسقان. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋننى ئىسرائىل ئەۋلادىغا زۇلۇم قىلىشتىن توسقان بولسا، پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دىننى تەبلىغ قىلىشتىن توسقان). قۇرئان كەرىمدە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كەلگەن قىسسىلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پىرئەۋن ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەمنى گويا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت پىرئەۋن ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەندەك ئويغا سېلىپ قويىدۇ. ھەممە پەيغەمبەرنىڭ ئىشى سىياسەت ئىدى. ھەتتا سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ چوڭ سىياسىي ۋە دۆلەت ئادىمى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىياسەتنى ئەڭ مۇكەممەل مەنىسى بىلەن قوللانغان زات ئىدى. دەۋەت ۋە تەربىيە سىياسىتىدىن ئۇيۇشتۇرۇش سىياسىتىگىچە، پىلان تۈزۈش ۋە چېنىقتۇرۇش سىياسىتىدىن ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتىگىچە ۋە ئاخىرى تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى بەرپا قىلغىچە بولغان سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئەڭ مۇكەممەل سىياسەتلەر ئىدى» .

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىز مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن سىياسەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن سىياسەتنى دىنىمىز ئۈچۈن قوللانمايمىز؟ مەيداننى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىپ چەتتە تۇرۇۋالساق ئەھۋالىمىز نېمە بولماقچى؟

ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر بىلەن قانداق ئۆتۈش كېرەك؟

ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن  بېرى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە قارىتا ئىككى خىل قاراشتا  بولۇپ كەلگەن. بەزىلەر ھاكىمىيەتكە يېقىنلىشىپ، سىياسەتكە ئارىلىشىپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ۋە يول كۆرسىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياخشىلىقنى كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت دىنىي پىرىنسىپ ھاكىمىيەت ئۈستىكىلەرگە يېقىنلىشىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلاردىن يىراق تۇرۇۋېلىش بىلەن بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى قاراشتىكىلەر سىياسەتتىن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق دىننى ساغلام تۇتقىلى بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى سىياسەتتىن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەردىن قاچۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە يېقىن بولۇش ۋە مەنسەپ تۇتۇش ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويىدۇ، ھەقىقەتنى دادىل سۆزلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

ئىمام شاتىبى بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۆلىما ۋە ياخشى ئادەملەر ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنسا، ئۇنى رەت قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى لازىم. بۇنىڭغا بىنائەن، ئالىمنىڭ رىياكارلىق قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ كىشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يالغۇزلۇقنى تاللىۋېلىشى، ئادالەتنى بەرپا قىلالايدىغان پادىشاھ ياكى ھاكىم تەكلىپ قىلغان ۋەزىپىدىن يۈز ئۆرۈشى قاتارلىق ئىشلار ناۋادا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، ئومۇمنىڭ مەنبپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ ئىش كۆرۈش كېرەك. چۈنكى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلار بۇنىڭ بىلەن بولىدۇ» .

 ئۆلىمالار ئىمام شاتىبىنىڭ يۇقىرى سۆزلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىرەر ۋەزىپىگە ياكى مەنسەپكە تەكلىپ قىلىنغان ئۆلىما مۇنداق شارائىتتا پايدا-زىياننى مۇۋازىنەت قىلىپ ئىش كۆرۈشى لازىم. ئۇنىڭ مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇتمىغىنىدىن ياخشىراق بولسا، بۇ مەنسەپنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭ  مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىغاندەك كۆرۈنسە، ئۇنىڭ  بۇ مەنسەپ تۇتمىغىنى ياخشىدۇر».

 ئۆلىمالار ئىمام شاتىبىنىڭ يۇقىرى سۆزلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىرەر ۋەزىپىگە ياكى مەنسەپكە تەكلىپ قىلىنغان ئۆلىما مۇنداق شارائىتتا پايدا-زىياننى مۇۋازىنەت قىلىپ ئىش كۆرۈشى لازىم. ئۇنىڭ مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇتمىغىنىدىن ياخشىراق بولسا، بۇ مەنسەپنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭ  مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىغاندەك كۆرۈنسە، ئۇنىڭ  بۇ مەنسەپ تۇتمىغىنى ياخشىدۇر».ىياسەت سۆزىدىن ئۆكۈنىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭدىن سەسكىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار سىياسەتنىڭ رەزىللىكىنىلا بىلىپ، ئۇنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەخلاق ۋە پىرىنسىپى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار مۇتلەق كۆپ ساندىكى  سىياسىيلارنىڭ مەككارلىقىنى، ئەدەب-ئەخلاقتىن يىراقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلار سىياسەت دېگەن ۋە سىياسىي دېگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەنلىكتىن شۇنداق قارىشى مۇمكىن.

ئەسلىدە سىياسەت سەسكىنىشلىك نەرسە ئەمەس، پەقەت بەزى كىشىلەرنىڭ سىياسەتنى ئەخلاققا زىت ھالدا قوللۇنۇشى ۋە ئۇنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشى ئۇنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئاتاغلىق پەيلاسوپ ۋە دىنىي ئۆلىما ئىبنى رۇشدى دىن ۋە سىياسەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن ئىكەن: «پەلسەپە بىلەن دىن ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپى بار. ئەمما ئۇلار بەزى مەسىلىلەردە بىرلىشىپ قالىدۇ. ئەسلىدە پەلسەپە دىنغا زىت نەرسە ئەمەس. بەلكى دىننى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ، دىنمۇ پەلسەپىنى ئىنكار قىلمايدۇ» .

ئەمەلىيەتتە، ئىبنى رۇشدىنىڭ ھاياتى بۇ سوئالغا يېتەرلىك جاۋاب بولالايتتى. چۈنكى ئۇ پەيلاسوپ، ھەكىم، فەقىھ ۋە قازى ئىدى. ئۇ پەلسەپە بىلەن تېبابەتتە ئالىم بولغاندەك، فىقھ ۋە سىياسەتتىمۇ ئالىم ئىدى. كۆپلىگەن ئۆلىمالار شەرىئەتنى تېبابەتكە ئوخشىتىدۇ.

ھازىرقى زامان ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن دوكتور ئەھمەد رىسۇنىي مۇنداق دەيدۇ: «دىننىڭ سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دوختۇرنىڭ ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇ پەقەت داۋالاش ۋە ساقيتىش مۇناسىۋىتىدۇر. پەيغەمبەرلەر ئەڭ پەزىلەتلىك سىياسىيلار ئىدى. ئۇلارغا چۈشكەن شەرىئەتلەرمۇ  ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ مۇكەممەل سىياسەتلەر ئىدى. ھەتتا قەدىمقى ئۆلىمالاردىن ئەبۇ بەكرى شاشى «شەرىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرى»ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، شەرىئەتنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ  پەزىلەتلىك سىياسەت مەيدانىغا كىرىدىغانلىقى ۋە ساغلام ئەقىل بىلەن ماسلىشپ كېتىدىغانلىقىدۇر»  دېگەن.

ھۆججەتۇلئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىي «خەلقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتىكى سىياسەت تۆت مەرتىبىلىك بولۇپ، بىرىنچى مەرتىبە پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىدۇر»   دېگەن.

پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىنى تەربىيىۋى ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت دېسەك ئەڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەتنى ئىمان ۋە ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەش ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن زاتلاردۇر. ھازىرقى ئەسىردە سىياسەتنىڭ ساھەلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن. مەسىلەن: دۆلەت سىياسىتى، تەلىم-تەبىيە سىياسىتى، تەشۋىقات سىياسىتى، ئىجتىمائىي ئىشلار سىياسىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.

«دۆلەتلەرنىڭ خەلقنى باشقۇرۇش سىياسەتلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىدىن تاشقىرى ئەمەس. ئەمما پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتى  ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىش بولسا، ھازىرقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى خەلقنى ئىدارە قىلىشتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت يولىدا دۇچ كېلىدىغان چوڭ مۈشكىلىسى قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى كاتتىباشلار ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەر ئىدى. «سىياسىي مەسىلە»نى تەرىپلىمەكچى بولساق، شۇنداق دەيمىزكى، ئىچىدە كاتتىباشلار بىلەن سىياسىيلار ئورۇن ئالغان ھەر قانداق مەسىلە سىياسىي مەسىلىدۇر. قەدىمدە يۇرت كاتتىلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىققانلىقى ئوپئوچۇق سىياسى مۈشكىلىدۇر. مەسىلەن: پىرئەۋن بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشكىلىسى ئەينەن سىياسىي مۈشكىلە ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن تەرىپىدىن چوڭ بىر سىياسىي قارشىلىققا ئۇچرىغان، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن سىياسى قارشىلىققا ئۇچرىغان. (چۈنكى بۇلارنىڭ ھەربىرى يەنە بىرىنىڭ يولىنى توسقان. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋننى ئىسرائىل ئەۋلادىغا زۇلۇم قىلىشتىن توسقان بولسا، پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دىننى تەبلىغ قىلىشتىن توسقان). قۇرئان كەرىمدە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كەلگەن قىسسىلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پىرئەۋن ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەمنى گويا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت پىرئەۋن ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەندەك ئويغا سېلىپ قويىدۇ. ھەممە پەيغەمبەرنىڭ ئىشى سىياسەت ئىدى. ھەتتا سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ چوڭ سىياسىي ۋە دۆلەت ئادىمى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىياسەتنى ئەڭ مۇكەممەل مەنىسى بىلەن قوللانغان زات ئىدى. دەۋەت ۋە تەربىيە سىياسىتىدىن ئۇيۇشتۇرۇش سىياسىتىگىچە، پىلان تۈزۈش ۋە چېنىقتۇرۇش سىياسىتىدىن ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتىگىچە ۋە ئاخىرى تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى بەرپا قىلغىچە بولغان سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئەڭ مۇكەممەل سىياسەتلەر ئىدى» .

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىز مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن سىياسەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن سىياسەتنى دىنىمىز ئۈچۈن قوللانمايمىز؟ مەيداننى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىپ چەتتە تۇرۇۋالساق ئەھۋالىمىز نېمە بولماقچى؟

ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر بىلەن قانداق ئۆتۈش كېرەك؟

ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن  بېرى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە قارىتا ئىككى خىل قاراشتا  بولۇپ كەلگەن. بەزىلەر ھاكىمىيەتكە يېقىنلىشىپ، سىياسەتكە ئارىلىشىپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ۋە يول كۆرسىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياخشىلىقنى كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت دىنىي پىرىنسىپ ھاكىمىيەت ئۈستىكىلەرگە يېقىنلىشىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلاردىن يىراق تۇرۇۋېلىش بىلەن بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى قاراشتىكىلەر سىياسەتتىن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق دىننى ساغلام تۇتقىلى بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى سىياسەتتىن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەردىن قاچۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە يېقىن بولۇش ۋە مەنسەپ تۇتۇش ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويىدۇ، ھەقىقەتنى دادىل سۆزلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

ئىمام شاتىبى بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۆلىما ۋە ياخشى ئادەملەر ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنسا، ئۇنى رەت قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى لازىم. بۇنىڭغا بىنائەن، ئالىمنىڭ رىياكارلىق قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ كىشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يالغۇزلۇقنى تاللىۋېلىشى، ئادالەتنى بەرپا قىلالايدىغان پادىشاھ ياكى ھاكىم تەكلىپ قىلغان ۋەزىپىدىن يۈز ئۆرۈشى قاتارلىق ئىشلار ناۋادا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، ئومۇمنىڭ مەنبپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ ئىش كۆرۈش كېرەك. چۈنكى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلار بۇنىڭ بىلەن بولىدۇ» .

 ئۆلىمالار ئىمام شاتىبىنىڭ يۇقىرى سۆزلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىرەر ۋەزىپىگە ياكى مەنسەپكە تەكلىپ قىلىنغان ئۆلىما مۇنداق شارائىتتا پايدا-زىياننى مۇۋازىنەت قىلىپ ئىش كۆرۈشى لازىم. ئۇنىڭ مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇتمىغىنىدىن ياخشىراق بولسا، بۇ مەنسەپنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭ  مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىغاندەك كۆرۈنسە، ئۇنىڭ  بۇ مەنسەپ تۇتمىغىنى ياخشىدۇر».

ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار