ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈنلۈكتۇر

ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈنلۈكتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

پېقىرنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

ئىنسان تەنتەربىيە ئارقىلىق جىسمانىي ساغلاملىققا ئېرىشسە، ئىبادەت ئارقىلىق روھىي گۈزەللىككە ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئېرىشىدۇ. بەزى كىشىلەر مەسجىدتە ناھايىتى ئەخلاقلىق بولسىمۇ، ئەمما مەسجىدنىڭ سىرتىدا، جەمئىيەتتە، ئائىلىسىدە، ئىش ئورنىدا، ئۇ باشقا بىر ئىنسان...

ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق چوڭ ئايرىلىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىدا، مۇنداق ئىككى خىل ئىنسانلار مەۋجۇت:

بىرى، ئەخلاقى ناچار، ئەمما ئىبادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇندايدىغانلار،

يەنە بىرى، ئەخلاقى ياخشى، ئەمما ئىبادەتلەرنى ياخشى ئورۇندىمايدىغانلار، ياكى پەقەت ئورۇندىمايدىغانلار.

جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار مۇئامىلە ئىشلىرىدا ناھايىتى راستچىل، دۇرۇس ۋە ئىشەنچلىك، ئەمما ناماز ئوقۇمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئىبادەتلەرگە ناھايىتى ھېرىسمەن بولسىمۇ، ئەخلاقى ناچار بولغانلىقتىن بىراۋنى ئالدايدۇ، يەنە بىرىگە ئازار قىلىدۇ.

بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ھېچقايسىسى ئىسلامدىن ئەمەس!

سۇ بىلەن ئوت بىرلىشەلمىگەندەك، تەلەپكە لايىق ئورۇندالغان ئىبادەت بىلەن ناچار ئەخلاق بىرلىشەلمەيدۇ.

«قۇرئان كەرىم» بەختكە ئېرىشىدىغان ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان جىمى ئايەتلەردە، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئىبادىتىنى ماختىغان. مەسىلەن: مۇئمىنۇن سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:

﴿قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ﴾ يەنى ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۇئمىنلەركى) نامازلىرىدا (ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن) ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئەخلاق.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر﴾. بۇ ئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَامَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاءَ ذَلِكَ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْعَادُوْنَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن (يەنى ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. ئۆز ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن جىنسىي يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئەخلاق.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئەخلاق.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ﴾ يەنى ﴿نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەلەپكە لايىق) ئادا قىلغۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئىبادەت.

«قۇرئان كەرىم» يەنە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ياخشى بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئىبادىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن بىرگە بايان قىلغان. مەسىلەن: فۇرقان سۈرىسىدە مۇنداق كەلگەن:

﴿وَعِبَادُ الرَّحْمَنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا﴾ يەنى ﴿ رەھمان تائالانىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى، زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (نالايىق) سۆز قىلسا، ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (ۋە ئوز يولىغا داۋام قىلىدۇ)﴾. بۇ ئەخلاق.

﴿وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا﴾ يەنى ﴿ئۇلار كېچىلەرنى رەببىگە سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ﴾. بۇ ئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا اصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا إِنَّهَا سَاءتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا﴾ يەنى ﴿ئۇلار: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى يىراق قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئازابى (كاپىرلاردىن) ئايرىلمايدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر» دەيدۇ﴾. بۇ ئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ إِذَا أَنفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَلِكَ قَوَامًا﴾ يەنى ﴿ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئىككىسىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرھال يول تۇتىدۇ﴾. مانا بۇ ئەخلاق.

دېمەك، دىنىمىزنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ ھەر ئىككىسىدۇر.

ئىبادەتتىن ئەخلاقىي نېسىۋە ئالالمىغانلار قىيامەتتە قۇرۇق قول قالىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر» دېگەن.

ھەدىستە كۆرگىنىمىزدەك، ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولماسلىقىنىڭ ۋە ئاخىرەتتە ئەسقاتماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ناچار ئەخلاقلاردۇر!

روھىي دۇنياسى گۈزەل بولغانلارنىڭ ئىش _ ھەرىكەتلىرىمۇ گۈزەل بولىدۇ

ئىنسان روھىي دۇنياسىنى گۈزەل ئەدەپ _ ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش _ ھەرىكىتى گۈزەل، سۆز – ئىپادىسى گۈزەل، مۇھىتى گۈزەل بولالايدۇ. ئىپپەت _ ھايالىق، گۈزەل غايىلىك، قايتماس ئىرادىلىك، چىدام _ غەيرەتلىك، سەۋر _ تاقەتلىك، تىرىشچان، سەمىمىي _ ساداقەتلىك، كەمتەر، ئىشچان، ئەپۇچان، مۇلايىم، ئېغىر _ بېسىق، روھىي دۇنياسى مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ. ئەكسىچە، ئەدەپ _ ئەخلاق تەربىيەسىگە سەل قارالسا گۈزەللىك سەتلىككە، ياخشىلىق يامانلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم يامان ئىش، يامان خۇي، يامان ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. مۇنداقلار ئىش _ ھەرىكىتى ئەسكى، سۆزلىرى قوپال، بىھايا، پەسكەش، نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، رەھىمسىز، ساختىپەز، ۋاپاسىز، يالغانچى، ئالدامچى، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، مەنمەنچى، چېقىمچى، بېخىل، جېدەلخور... قاتارلىق يامان قىلىقلارغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارچە دىنلار ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. ئىسلام دىنىدا بولسا، گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ كامالىتى ھەم ئەڭ چوڭ ئىبادەت سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي تەھەججۇد ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ»( دەپ كۆرسەتكەن.

ئەخلاقى گۈزەل كىشى ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر

ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئادەم ئەڭ ئەخلاقلىق ئادەمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا  كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمىكى ئۇنىڭدىن: قانداق ئادەمنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەڭ ئەخلاقلىق بولغان ئادەمنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ»( دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈنمۇ ئەڭ يېقىملىق ئادەم ئەڭ ئەخلاقلىق ئادەمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ئىچىڭلاردىن مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئەڭ ئەخلاقلىق بولغانلىرىڭلار مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك ھېسابلىنىلەر».

گۈزەل ئەخلاق جەننەتنىڭ يولىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن ياخشى ئەخلاقتۇر»( دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ گۈزەل ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىپ: «مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت قىلالايمەن»( دەپ كۆرسەتكەن.

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەززالى «مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويغىنى بىلەن مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: ‹يا رەسۇلۇللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن› دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ› دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: ‹يەنە بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن، قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن› دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ›  دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: ‹گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ›( دەپ كۆرسىتىلگەن».

گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ كامىللىقىغا دەلىلدۇر

گۈزەل ئەخلاق ئىماننى تاكامۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىلدۇر. دەرىجە جەھەتتە ئەخلاق بىلەن ئىمان بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ: «ئىمانى ئەڭ كامىل مۇئمىن ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىدۇر»([1]) دەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنداق ئادەم مۇئمىن بولالمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان، بۇ ۋاقىتتا ساھابىلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن: يارەسۇلۇللاھ! ئۇ قانداق ئادەم؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قوشنىسى ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادەم»([2]) دەپ جاۋاب بەرگەن.

قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ! بالكونىغا يايغان كىرنىڭ سۈيىنى ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىلىرىغا ياكى يولغا ئېقىتىپ، كىشىلەرگە ئازار قىلىدىغانلار بىلەن ماشىنىسىنى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختىتىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلىدىغان، ياكى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يۇندا ياكى ئەخلەتلەرنى تۆكىدىغان، ئۆيىگە كىرىپ _ چىقىش جەريانىدا قوشنىلىرىنى بىئارام قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنى ئىمانىمىز كامىل دەپ ئېيتالامدۇ؟ ئەگەر «ھەئە» دېسە، ئۇلار يالغانچىلاردۇر!

ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلىشىپ، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن _ دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. [3]



([1]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
([2]) ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[3] پېقىرنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار