مۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ

مۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ

  مۇھەممەد يۈسۈپ

ھېسسىيات دۈشمەنلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى مەغلۇبىيەتچى، يالغانچى، گەپ توشۇغۇچى، سوغۇتقۇچى، تەنقىدچى، ھەسەتخور، ھورۇن كىشىلەردىنمۇ يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

مەغلۇبىيەتچىدىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، مەغلۇبىيەتچى يەنە مەغلۇب بولۇشقا مەھكۇمدۇر.

گەپ توشۇغۇچىدىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنىمۇ توشۇيدۇ.

يالغانچىدىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇ سىزگىمۇ يالغان ئېيتىدۇ.

سوغۇتقۇچىدىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ سىزنى ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭىزدىن سوغۇتىدۇ.

تەنقىدچىدىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇ سىزدە ئەيىبلىرىڭىزدىن باشقىسىنى كۆرمەيدۇ.

ھەسەتخوردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇ سىزدىكىلەرنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ھورۇن كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇلار سىزگ سىزگە پاسسىپلىقنى يۇقتۇرىدۇ.

بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى يۇقىرىقىدەك تۇرسا، بىز ھەممىلا ئادەمدىن قانداق يىراق تۇرالايمىز؟

جاۋاب شۇكى، گەرچە ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقىدا يۇقىرىقى ئىللەتلەر بولسىمۇ، يەنىلا ئارىلىشىشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل كىشىلەر ئاز ئەمەس. شۇنداق كىشىلەر بىلەن ھەمسۆبەت بولۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلار ھەقىقەتەن تەلەيلىك كىشىلەردۇر. شۇڭا ئىنسانلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەجدادلىرىمىز «قازاننىڭ قېشىغا بارساڭ قارىسى يۇقار» دەيدىغان ھېكمەتنى قالدۇرغان. ئاللاھ تائالا بىزگە يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» دەپ ئەمر قىلغان.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، ئىتالىيەنىڭ مەشھۇر ئەمەلدارلىرىدىن بىرى شەھەر مەركىزىگە پەرىشتە بىلەن شەيتاننى تەسۋىرلىگەن ئىككى چوڭ رەسىم سىزدۇرۇش نىيىتىگە كېلىپ، ئۇستا رەسساملارنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئەمەلدار شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيەنىڭ داڭلىق رەسساملىرىدىن بىرىگە ئىنتايىن كۆپ مىقداردا ھەق تۆلەش بەدىلىگە شۇنداق ئىككى چوڭ رەسىم سىزىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنىدۇ. رەسسام بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋۋا پەرىشتىنىڭ رەسىمىنى سىزماقچى بولۇپ، ناھايىتى پاك، چىرايلىق بىر سەبىي بالىنى تېپىپ، سۇ بالىغا قاراپ تۇرۇپ سىزىشنى پىلانلايدۇ. رەسسام شەھەر ۋە يېزىلارنى ئارىلاپ يۈرۈش جەريانىدا، ناھايىتى كېلىشكەن، چىرايىدىن سائادەت ۋە پاكلىق چىقىپ تۇرىدىغان بىر بالىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. بالا بىلەن سۆزلىشىپ، ئاخىرى ئۇ بالىنىڭ ئائىلىسىگە بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئوغلىنىڭ رەسىمىنى سىزىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ. ئاندىن مەزكۇر ئائىلىگە ھەق تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇۋاپىق كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بالىنىڭ رەسىمىنى ناھايىتى چىرايلىق ۋە كۆركەم قىلىپ سىزىپ چىقىدۇ. بارچە رەسساملار بۇ رەسىمنىڭ گۈزەللىكىگە قايىل بولىدۇ.

رەسسام ئەمدى شەيتاننىڭ رەسىمىنى سىزىش ئۈچۈن، شەيتانغا ئوخشاتقىلى بولىدىغان بىرەر ئادەمنى ئىزدەپ كۆپ جاپا تارتىدۇ، ئەمما تاپالمايدۇ. ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمەلدار ناۋادا بۇ رەسسام شەيتاننىڭ رەسىمىنى سىزالماي ئۆلۈپ كەتسە ئىشىمىز يېرىم يولدا قالارمۇ دەپ ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدار رەسسامنى قىستاشقا باشلايدۇ ۋە تەلەپ قىلغان ئىش ھەققىدىنمۇ كۆپ مىقداردا ھەق بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ، ئۇنى ئالدىرىتىدۇ. رەسسام كۆپ باش قاتۇرىدۇ ۋە ئىزدەيدۇ، تۈرمىلەرنى، قىمار ئوينىلىدىغان، ھارا ئىچىلىدىغان مەينەت جايلارنى ۋە پىسخىكا كېسەللىرىدىن بىرەرسى ياراپ قالارمۇ دەپ بەزى دوختۇرخانىلارنى كېزىپ چىقىدۇ، ئەمما شەيتانغا ئوخشايدىغان بىرىنى تاپالمايدۇ. بىر كۈنى ئاخشىمى بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دۆۋە ئەخلەتنىڭ يېنىدا ھاراق شېشىسىنى غاجاۋاتقان، بەكمۇ كۆرۈمسىز، ئۈستى- بېشى ئىنتايىن مەينەت، كىيىملىرى پاسكىنا بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. رەسسام ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىش نىيىتى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئادەم تېزلا مۇۋاپىق كېلىدۇ. رەسسام ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىشقا باشلايدۇ، ئادەم ئىنتايىن پاسكىنا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ سېسىق ھىدى رەسسامنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. لېكىن رەسسام سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. رەسسام رەسىم سىزىۋېتىپ ئادەمگە قارىسا، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش ئېقىۋاتقان بولۇپ، يۈزىنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ. رەسسام ھەيران قېلىپ، ئادەمدىن «نېمە بولدىڭىز؟ تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ قالدىمۇ ياكى ھارام ئىچكىڭىز بارمىدى؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم يىغىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالغان ھالدا رەسسامغا قاراپ: «رەسسام ئەپەندىم! بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى سىز مېنىڭ بالىلىق رەسىمىمنى سىزغان ئىدىڭىز. ئۇ چاغدا مەن شۇنداق پاك ۋە چىرايلىق بالا ئىدىم. شۇڭا سىز مېنى پەرىشتىگە ئوخشاتقان ئىدىڭىز. مانا ئەمدى مەن شەيتانغا ئوخشاپ قالدىم. ئەسلىدە مەن ئاشۇ چىرايلىق، پاك بالا ئىدىم» ديدۇ ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ. رەسسام ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ، ئىككىسى بىرلىكتە بىرەر سائەتكە يېقىن يىغلاپ ئولتۇرىدۇ.

 ھەممە ئادەم پەرىشتىدەك تۇغۇلىدۇ

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى پەرىشتىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتقان، لېكىن بىز بەزىدە ئۆزىمىزنى شەيتانلارغا ئوخشىتىۋالىمىز. ئانىمىزدىن تۇغۇلغاندا تولىمۇ پاك ۋە سۆيۈملۈك بىر بوۋاق بولۇپ دۇنيا كېلىمىز، ئەمما بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشتا كۆپلىرىمىز  ئۆزىمىزنىڭ پەرىشتىلىك ھالىتىمىزنى ساقلاپ قالالماي، شەيتانلارغا ئوزگىرىپ كېتىمىز. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا بىزنى تۇغۇلغان ۋاقتىمىزدىكى پاك فىترىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئۇنى ئۆزگەرتمەسلىككە بۇيرۇيدۇ. (فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ) يەنى«(ئى پەيغەمبەر!) سەن توغرا دىنغا _ ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ«.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بالا ئىسلام فىترىتىگە تۇغۇلىدۇ، ئەمما ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان ۋەياكى مەجۇسى قىلىۋېتىدۇ«.

ئىبرەت

—   سەلبىي ئىنسانلار تاماكىغا ۋە ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرىدىغان كېسەلگە ئوخشاش بولۇپ، ھاياتىڭىزنى ئۆمۈر بويى زەھەرلەيدۇ.

—   سەلبىي ئىنسانلار قاتلدىنمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئىنسانلاردىكى روھنى ئۆلتۈرىدۇ.

—  ھەممە ئادەم پەرىشتە بولۇپ تۇغۇلىدۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەم پەرىشتە ھالىتىدە ئۆلمەيدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار