
ئاللاھ تائالانىڭ «الغَفُوْرُ» دېگەن ئىسمى ھەققىدە
مۇھەممەد يۈسۈپ
گۇناھلىرىڭىز ۋە خاتالىقلىرىڭىز روھىڭىزنىڭ سۈزۈكلۈكىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويدىمۇ؟ ھۇزۇرىڭىزنى بۇزۇپ قويدىمۇ؟ ۋىجدانىڭىزنى ئازابلىدىمۇ؟ گۇناھلىرىڭىز سەۋەبلىك ئىبادەتلىرىڭىزدىن، دۇئالىرىڭزدىن ۋە نامىزىڭىزدىن ھۇزۇر – ھالاۋەت ئالالمايۋاتامسىز؟
سىز راستتىنلا ئۈستىڭىزدىكى بۇ ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلۇشنى خالامسىز؟ ۋىجدانىڭىزنى راھەتلىتىشنى، روھىڭىزنى سۈزۈك قىلىشنى ئىستەمسىز؟
ئۇنداقتا، سىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەلغەفۇر» دېگەن مۇبارەك ئىسمىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە، ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە بولغان ھاجىتىڭىزنى بىلىشكە موھتاج.
روھىڭىزنىڭ گۇناھ بىلەن ئازابلىنىشى جىسمىڭىزنىڭ كېسەل بىلەن ئازابلىنىشىدىن ئېغىر بولىدۇ. سىز گۇناھ بىلەن ھۇزۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا روھىڭىز بىلەن ۋىجدانىڭىز ئازابلانغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھلىرىڭىز روھىڭىزنى زىندانغا ئوخشاش بىر تارچىلىققا مەھبۇس قىلىپ قويىدۇ. سىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەلغەفۇر»، «ئەلەففار»، «غافىر» دېگەن مۇبارەك ئىسىملىرىنىڭ مەنىلىرىنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا، بىردىنلا كەڭرىچىلىككە چىقىپ قالغاندەك، دەردىڭىزگە داۋا تاپقاندەك بولۇپ قالىسىز.
ئەلغەفۇر — گۇناھنى يۆگىگۈچى ۋە ئەپۇ قىلغۇچى، ئەلغەففار — گۇناھلارنى ناھايىتى بەك مەغپىرەت قىلغۇچى، غافىر — مەغپىرەت قىلغۇچى دېگەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممە گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ مۇبارەك سۈپەتلىرىنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق تەجەللىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدىلا ئوپئوچۇق كۆرىمىز. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن ئىسلام دىنىغا ئەڭ قاتتىق ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان شەخس ئىدى. ئۇ مۇسرىكلاردىن قورقۇپ خۇپيانە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى قاتتىق ئازابلايتتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر دېدىكىنى ئىمان ئېيتقانلىقى سەۋەبلىك شۇنداق قاتتىق قامچىلىغانكى، «ئۇرۇشتىن ھېرىپ قالمىغان بولسام، سېنى ئۇرۇشنى توختاتمايتتىم» دېگەن. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز ئىدى، ھەتتا بەزىلەر «ئۆمەرنىڭ ئېشىكى ئىمان ئېيتسا ئېيتار، ئەمما ئۆمەر ئىمان ئېيتمايدۇ» دېيىشكەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىۋىدى، ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقى بىلەن «فارۇق» (ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى) دېگەن كاتتا ئۇنۋانغا سازاۋەر بولدى.
خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇشرىك قوشۇنلىرىنىڭ داڭلىق قوماندىنى ئىدى. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا تاغدا ئىستىھكامدا تۇرغان ئىسلام قوشۇنىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەير قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ شېھىت بولۇشىغا ۋە ئىسلام قوشۇنىنىڭ مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەب بولغان، ئەڭ يامان بولغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك بېشىنىڭ يارىلىنىشىغا، چىشلىرىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. خالىدنىڭ ئىمان ئېيتىشى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق قىلمىشلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلدى، ئۇ بولسا «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن كاتتا ئۇنۋانغا سازاۋەر بولدى.
ئاللاھ تائالا تەۋبە بىلەن ھەرقانداق گۇناھنى مەغپىرەت قىلىدۇ
بىر ئادەم گۇناھلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان ھالدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: «بارچە گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان، گۇناھ ئىشلاردىن بىرەرسىنىمۇ تەرك ئەتمىگەن بىر ئادەم ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا پۇرسەت بارمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئىمان ئېيتتىڭمۇ؟» دەپ سورىدى، ئادەم: «ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى يوقلۇقىغا ۋە سېنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە (يەنى ساڭا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بار)، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغىن، گۇناھ ئىشلارنى تەرك ئەتكىن، شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ گۇناھلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئەمەللەرگە ئايلاندۇرىدۇ» دېدى. ئادەم: «خىيانەتلىرىمنىمۇ ۋە گۇناھلىرىمنىمۇ مەغپىرەت قىلامدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «خىيانەتلىرىڭنىمۇ ۋە گۇناھلىرىڭنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ» دېدى.
تەۋبە قىلسىڭىز ئاللاھ تائالا سىزنى ياخشى كۆرىدۇ
إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ «ئاللاھ كۆپلەپ تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ، پاكلانغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ» . بىر كۈنى ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا بىر ئايال ئۆزىنىڭ كىچىك بالىسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇنى ئاخىر تاپىدۇ ۋە تولۇپ تاشقان سۆيگۈسى بىلەن ئۇنى كۆكسىگە چىڭ بېسىپ قانغۇچە سۆيىدۇ. ساھابىلەرنى بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ چاغدا ئۇلارغا: «ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىغا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىسىنى تاپقانلىقىغا خۇشال بولغاندىنمۇ بەك خۇشال بولىدۇ» دەيدۇ. ئەمدى، سىز نېمىگە كۈتۈپ تۇرىسىز؟ دەرھال تەۋبە قىلىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولۇڭ.
«أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ» (ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن) دەڭ. بۇنى تىلىڭىزنىڭ ئۇچىدىلا ئەمەس، بەلكى چىن قەلبىڭىز، روھىڭىز، بارچە ھېسسىياتىڭىز ۋە ئەقلىڭىز بىلەن دەڭ. ناۋادا سىز گۇناھلىرىڭىزغا راستتىنلا پۇشايمان قىلىپ، چىن يۈرىكىڭىزدىن «أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ» دېسىڭىز، سىزنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھلىرىڭىز بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا تەۋبە بىلەن بارلىق گۇناھلارنى، ھەتتا مۇشرىكلىك گۇناھىنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ. ئەبۇ سۇفيان، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە، ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھل، ئەمر ئىبنى ئاس قاتارلىقلارنىڭ تاغدەك ئېغىر گۇناھلىرىنىمۇ مەغپىرەت قىلغان رەھىم-شەپقەتلىك ئاللاھ سىزنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭىزنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ. يۇقىرىقى كىشىلەر ئاللاھ تائالاغا بۇتلارنى شېرىك كەلتۈرۈش، ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش قىلىش، ساھابىلەرنى ئولتۈرۈش قاتارلىق ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى ۋە سەمىمىي تەۋبە قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى پۈتۈنلە يۇيۇلدى، ئۇلار بولسا ئۈلگىلىك ساھابىلەردىن بولۇپ قالدى.
ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن مەغپىرەت قىلىدۇ. تەۋبە بىلەن مەغپىرەت قىلىدۇ. بەندىنىڭ أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ الْعَظِيمَ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ، وَأَتُوبُ إِلَيْهِ «ئۆزىدىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ بولمىغان، ھەمىشە ھايات تۇرىدىغان ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن» دەپ، سەمىمىي تەۋبە قىلىشى ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
ئاللاھ تائالا بەزى گۇناھلارنى ياخشى ئەمەللەر سايىسىدا مەغپىرەت قىلىدۇ. إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ «شەكسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ» .
ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا-قازا بىلەنمۇ ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. «مۇئمىن ئادەمنىڭ ئۆزىگە، پەرزەنتلىرىگە، پۇل-مېلىغا كەلگەن بالا-قازا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ» .
كېچە-كۈندۈز ئەڭ كۆپ تەكرارلاشقا تېگىشلىك سۆز قايسى بىلەمسىز؟ شەكسىزكى، ئۇ «أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ»دۇر. قىيامەت كۈنى نامە ئەمەل دەپتىرىڭىزدە تەۋبە-ئىستىغپارنىڭ كۆپ تېپىلىشى سىزنى سائادەتلەردىن قىلىشقا يېتەرلىكتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامە ئەمەلىدە ئىستىغپار كۆپ تېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!» دېگەن.
ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىدىن ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ
ھەرقانداق چوڭ ۋە كۆپ گۇناھلىرىڭىز بولسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، سەمىمىي تەۋبە قىلسىڭىز ۋە توغرا يولغا كىرسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭىزنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ. شۇڭا سىز ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ ۋە تەۋبە قىلىشنى تاشلىماڭ. قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ «(ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» .
تەۋبە –ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پايدىلىرى كۆپ
تەۋبە — قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىش ۋە دۇرۇسلۇققا قايتىش دېگەنلىكتۇر.
ئىستىغپار— گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش دېگەنلىكتۇر.
بىرىنچىسى: ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرىدىغان ئادەم دۇنيادا جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ھەرگىز ئازاب چەكمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ وَأَنْتَ فِيهِمْ وَمَا كَانَ اللَّهُ مُعَذِّبَهُمْ وَهُمْ يَسْتَغْفِرُونَ «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مۇددەت ئىچىدە ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ» . دېمەك، ئىستىغپار ئىنساننى جىسمانىي، مەنىۋى، پىكرىي، ئىجتىمائىي ئازابلاردىن، شۇنداقلا بارلىق ئازابلاردىن ئازاد قىلىدۇ.
دېمەك، يەر يۈزىدە ئىككى ئامانلىق بولۇپ، بىرى كېتىپ قالغان، يەنە بىرى قالغان. كېتىپ قالغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر. قېلىپ قالغىنى ئىستىغپاردۇر.
ئىككىنچىسى: ئىستىغپار ئىنسانغا بارلىق ياخشىلىق تۈرلىرىنى ئاچىدۇ. بۇ ماۋزۇدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا. يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا . وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، ىلەرنىڭ مال _ مۈلكۈڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ» . دېگەن سۆزىنى ئەسكە ئېلىش يېتەرلىكتۇر.
ئۈچىنچىسى: ئىستىغپار مۇسۇلمان ئادەمگە ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە كۈچ _ قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئېيتقان سۆزىنى قىسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَيَا قَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إ ِلَى قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا مُجْرِمِينَ «ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار (شۇنداق قىلساڭلار)، ئۇ سىلەرگە كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ _ قۇۋۋەت بېرىدۇ. سىلەر گۇناھقا پاتقان ھالدا (ئاللاھتىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار» .
تۆتىنچىسى: ئىستىغپار ئىنسانغا بەخت _ سائادەتلىك ھايات بېغىشلايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى قىسسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى يەنى «سىلەر رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجىلىڭلار توشقۇچە ئوبدان ياشىتىدۇ» .

